نىكاھ ئوقۇپ يۈرسە بولغىدەك
*
( بىر مىللەت كىشلىرى شۇ مىللەتنىڭ ئەخلاقىدىن چەتنەپلا كېتدىكەن تەبئىتىنى يوقۇتۇپ قويىدۇ )
*
(بۇ ئەسرىمنى مۇھەببەتلىشىش مەۋقەسى ئېنىق بولمىغان قىسمەنلەرگە بېغىشلايمەن )
*
ئاپتۇرى : قەلەمىي
*
ئويلاپ قالدىم ئالىي مەكتەپتە ،
نىكاھ ئوقۇپ يۈرسە بولغىدەك .
نىكاھسىز قول بەدەن چاپلىشىپ ،
قەلبى گۇناھ بىلەن تولغىدەك .
*
يۈرگەن دىگەن شۇنداقمىكىن دەپ ،
سۆيگەن دىگەن مۇنداقمىكىن دەپ ،
بىر تەن بولۇپ زىنا قىلغاندىن ،
نىكاھ ئوقۇپ يۈرسە بولغىدەك .
*
تەگمەي تۇرۇپ ئىرىم دىگەندىن .
ئالماي تۇرۇپ خوتۇن دىگەندىن .
پىنھانلاردا پوقنى يىگەندىن ...
نىكاھ ئوقۇپ يۈرسە بولغىدەك .
*
ئادەم بارمۇ- يوقمۇ -دىمەستىن ،
نىمە دەپ قالار دەپ غەم يىمەستىن .
چاپلاشقىچە گەپكە كىرمەستىن ...
نىكاھ ئوقۇپ يۈرسە بولغىدەك .
*
غېرىب -سەنەم تاھىر- زۆھرەدەك ،
لەيلى مەجنۇن ۋامۇق -ئۇزرادەك .
ئىپپەت ساقلاپ يۈرەلمىگەندىن ،
نىكاھ ئوقۇپ يۈرسە بولغىدەك .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kalamiy تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-11-25 12:58 PM