|
|
|
|
ئىلاۋە: كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ ئۆزى بىر جەڭگاھ، مانا مۇشۇ جەڭگاھتا ئۆز ئەجىر مېھنىتى ئارقىلىق ئەل قەلبىگە مېھىر ئۇرۇقى چاچالىغانلار، باشقىلارنىڭ روھى دۇنياسىغا مەنىۋى ئوزۇق بېرەلىگەن كىشىلەرلا باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە نائىل بولالايدۇ. مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ ئاكتىپ ئەزاسى ۋە مېھنەتكەش باشقۇرغۇچىسى سائادەت ساتتار ئايتۇغ ئەدەبىيات سېپىمىزدە ئەنە شۇنداق ئۆزىنىڭ ئىلھام چاچمىلىرى ئارقىلىق خەلقىمىزگە مەنىۋى ئوزۇق بېرىپ كېلىۋاتقان، يېتىشىۋاتقان تالانتىلىق، ياش شائىرە يازغۇچىلىرىمىزنىڭ بىرى. بىز بۈگۈن تورداشلارغا يېتىلىۋاتقان ياش يازغۇچى، شائىرەمىزنى تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە ئۇنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، تۇرمۇشىغا بەخت، ئىجادىيەت سەپىرىگە زور ئۇتۇقلارنى تىلەيمىز.
ئادەم بولساڭ بولغىن شەمشەر قېلىچتەك،
بولما ھەرگىز ئىچى كاۋاك قۇمۇشتەك!
_ سائادەت ساتتار ئايتۇغ
سائادەت ساتتار ئايتۇغ 1975-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ توقسۇ ناھىيەسىدە سەنئەت سۆيەر دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ دادىسى ساتتار مىجىت ئاكا ۋە ئانىسى دىلەيسەم روزى ئانا ئەدەبىيات-سەنئەتكە ھېرىسمەن كىشىلەردىن ئىدى. دادىسى ئۆزى يازغان شېئىرلارنى ئاھاڭغا سېلىپ، دۇتتار تەمبۈر مۇزىكىلىرىغا سىڭدۈرۈپ چالاتتى. ئۇلارنىڭ ئەدەبىيات –سەنئەتكە بولغان ھېرىسمەنلىكى سائادەتنىڭ كىچىكىدىنلا يۈرىكىگە ئەدەبىيات ئىشتىياقى سالغان. ئۇنىڭ تۇنجى شېئىرى‹‹كىتاب›› 1987-يىلى ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتىدە ئېلان قىلىنغاندىن باشلاپ ھازىرغا قەدەر 230پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى، بەش پارچە ھېكايە، 5پارچە ماقالە، 3پارچە پوۋىستى، ‹‹تۇرپان گېزىتى››،‹‹تۇرپان ژورنىلى››، ‹‹شىنجاڭ گېزىتى››، ‹‹ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى››، ‹‹شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى››، ‹‹ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى››، ‹‹كىروران››ژورنىلى، ‹‹جوڭگومىللەتلىرى››ژورنىلى، ‹‹شىنجاڭ ئاياللىرى››ژورنىلى، ‹‹كۈسەن مەدەنىيىتى››ژورنىلى، ‹‹‹شىنجاڭ سەنئىتى›› ژورنىلى‹‹ئاقسۇ ئەدەبىياتى››ژورنىلى،‹‹يەكەن ئەدەبىياتى››ژورنىلى،‹‹شايار››ژورنىلى....قاتارلىق گېزىت-ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان. قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان ‹‹تىۋىشىسز كېچە››ناملىق ھېكايىلەر توپلىمىغا 3پارچە ھېكايىسى تاللانغان. ‹‹ گۇناھ قورغىنى›› ناملىق شېئىرلار توپلىمىنى مەركىزى مىللەتلەر نەشرىياتىغا‹‹شەپەقتىكى ئوت›› ناملىق ھېكايە-پوۋىستلار توپلىمىنى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى نەشرىياتىغا تاپشۇردى.
ئۇ ئۇيغۇر تور ئەدەبىياتىدىمۇ بەلگىلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولۇپ ‹‹شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى›› دا ئېلان قىلىنىۋاتقان بىر تۈركۈم شېئىر-قوشاقلىرى كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇشى ۋە ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن. ئۇيغۇر تور مۇنبەرلىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن‹‹بىلقۇت لوڭقىسى ئەدەبىي ئىجادىيەت مۇكاپاتى››،‹‹ باس-باس تورى ئەدەبىي ئىجادىيەت مۇكاپاتى››،‹‹مىسرانىم-مەشرەپ ئەدەبىي ئىجادىيەت مۇكاپاتى››....قاتارلىق ئىجادىيەت مۇسابىقىلىرىدە 1-ۋە 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.
ئۇ شىنجاڭ ‹‹ھۆرىيەت كىنو-تىلىۋېزىيە شىركىتى››گە خىزمەتكە چۈشكەندىن بېرى قەلبىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەتكە بولغان ئىشتىياقىنىڭ تۈرتكىسىدە ئەدەبىي ئىجادىيەت ۋە سەھنە-ئېكران سەنئىتى ئىجادىيىتىگە ئاز بولمىغان يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ كەلمەكتە.
ئۇ ھازىر ‹‹ ھۆرىيەت كىنو-تېلېۋىزىيە شىركىتى›› ئەدەبىي ئىجادىيەت بۆلۈمىنىڭ ئىشخانا مەسئۇلى بولۇپ، شىركەت ئىشلىگەن كۆپلىگەن ئېكران ئېلانلىرىنىڭ سىنارىيەسى،ئېلان سۆزى، ئېلان لايىھەلىرىنى يازغان. ئۇ يەنە ‹‹شىنجاڭ ھۆرىيەت كىنو-تېلېۋىزىيە چەكلىك شىركىتى››دە يېقىندا ئىشلىنىۋاتقان كۆپ قىسىملىق تېلىۋىزىيە تىياتىرى‹‹مىليون گۈل››فىلىمىنىڭ مەيدان خاتىرىلىگۈچىسى ۋە مەزكۈر تېلېۋىزىيە فىلىمىنىڭ ئاساسلىق سىنارىستلىرىنىڭ بىرى .ئۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
تۆۋەندە سائادەت ساتتارنىڭ بىر قىسىم ئىجادىيەتلىرىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.
توقايلىق ۋە بالىلىق
سائادەت ساتتار ئايتۇغ
كۆز ئالدىمدا بىز چوڭ بولغان توقايلىق،
ئۇندا بىر چاغ پادىلارنى باقاتتۇق.
بەستلىشەتتۇق،سەكرىشەتتۇق ئېقىنغا،
چۆمۈلەتتۇق، سۇ بىلەن تەڭ ئاقاتتۇق.
چۇرقىرىشىپ سۇ چېچىشىپ ئۆز ئارا،
سۇ چۆمۈلگەچ بېلىقلارنى تۇتاتتۇق.
كىرىپ كەتسە قويلار بەزەن ئېتىزغا،
دېھقانلاردىن دەشنام ئىشتىپ تۇراتتۇق.
شوخلۇق قىلىپ بەزى كەپسىز ئوغۇللار،
ئوغرىلايتى كۆكتاتلىقتىن تەرخەمەك.
مەززە قىلىپ بۆلۈشۈپ تەڭ يىگەندە،
بىلىنەتتى تەمى خۇددى ھەسەلدەك.
زىمىستاننىڭ ئاچچىق سوغۇق كۈنلىرى،
ئوتۇن تېرىپ گۈلخانلارنى ياقاتتۇق.
ۋاللەي ئويناپ ئېڭىزلىقتا ھارغۇچە،
بالچۇق تىگىپ قاڭشارلارنى ياراتتۇق.
ئىزدەپ كەلدىم بۈگۈن مانا بۇ يەرگە،
ئاشۇ تەنتەك شوخلۇقۇمنى سېغىنىپ.
كۆڭلۈم يېرىم قاراپ قالدىم ئەتراپقا،
باغرىم گويا تىلىنغاندەك بىلىنىپ.
قارىساممۇ ئەتراپىمغا دەممۇ دەم،
تاپالمىدىم بالىلىقىم ئىزىنى.
دېدىم: ئىزلار يېڭىلىنار ۋە لېكىن،
ئۇنتۇپ قالماس مەندەك سەھرا قىزىنى.
قايتتىم، قالدى توقايلىقتا بالىلىق،
بالىلىقتا قالغان كەبى توقايلىق.
ئاق كۆينەك (ئاۋازلىق ئەسەر) بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Aytugh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-22 10:46 PM
|
|
|
|
|
|