مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 7514|ئىنكاس: 78

تاڭسىڭ شاگىرتلىرى بىلەن ئاقسۇدا   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئىسمىم مەھمۇد ئۇيغۇرمەن ئۇيغۇر

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 42289
يازما سانى: 794
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8821
تۆھپە نۇمۇرى: 688
توردا: 1195 سائەت
تىزىم: 2011-5-27
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-24 11:34:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     بېيجىڭدىن چىققان تاڭ xxئۆزىنى مەن تاڭسىڭنىڭ 11-ئەۋلاد نەۋرىسى دەپ جاكارلاپ، ئۆزىچە بوۋىسى ماڭغان يولدا قايتا بىر مېڭىپ بېقىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، شاگىرىت توپلاپ ھىندىستانغا سەپەر قىلماقچى بولغان.
گەرچە ھازىر جاھان تېچ، يوللار راۋان، قاتناش شۇنچىلىك قولاي بولسىمۇ، ئەمما تاڭسىڭ ئىرادە چېنىقتۇرۇش مەقسىتىدە، نەسىردىن ئەپەندىمنىڭكىگە ئوخشاش ئېشەكتىن بىرنى ئۆزىگە قاتناش قورالى قىلۋالدى.
   شاگىرىت تاللاش مەسىلىسدە ئۇ جېق ئويلىنىشلار ئارقىلىق ئۆز جىيەننى تۇنجى شاگىرىتلىققا ئالدى، گۇمپىسى بار دەپ  چېڭلۇڭنى 2-شاگىرىتلىققا،  زېرىكىپ قالماسلىقى ئۈچۈن روسىيەنىڭ داڭلىق يۇقىرى ئاۋازلىق ناخشىسىچىسى ۋېتاسنى 3-شاگىرىتلىققا ئېلىپ، ئارتۇق داۋراڭ سالمايلا، سېپىل بويلاپ كېچىلەپ يولغا چىقتى.   تاڭ سىڭ ئۈچ شاگىرىتلىرى بىلەن سېپىل بويلاپ شۇنچىلىك ماڭدىكى ئۆزىنىڭ ھارغىنىنىمۇ ھېس قىلمىدى، بىراق كۈنلەرنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ يول ئازابى، ئۇسۇزلۇق، ئاچلىق ئۇنى قىيناپ ئارام بەرمىدى.  شۇنداق چاغلاردا ئۇ تۇرۇپلا ئۆزىنىڭ تولىمۇ يېنىكلىك قىلىپ قويغىنىدىن پۇشايمانمۇ قىلىپ قالاتتى. ئۆز ئۇستازىدىكى بۇنداق بىنۇرمال كەيپىياتنى كۆرگەن شاگىرىتلار  ئۇستازىنىڭ كۆڭلىنى كۆتۈرۈش مەقسىتىدە ئۆز كارامەتلىرنى كۆرسىتەتتى، چېڭلوڭ ئۆزىنىڭ چاققان ھەركەتلىرنى كۆرسەتكەندە تاڭ سىڭ ھاياجىنىنى باسالماي ئېشەك ئۈستىدىن سەكرەپ چۈشۈپ چېڭلوڭنىڭ گۇمپىسىنى دوراپ قۇياتتى، ۋېتاسنىڭ يۇقىرى ئاۋازلىق ناخشىلىرنى ئاڭلىغىنىدا بولسا روھلىنىپ تەڭ ۋارقىراپ كېتەتتى. جىيەنى بولسا ئۆز ۋاقتىدا بېيجىڭدا داڭقى چىققان ئۇستا موزدوز ۋە تۆمۈرچى بۇلۇپ ئونىڭ ۋەزىپىسى، مەخسۇس ئېشەك تاقىلاش ۋە ئۇستاز شاقىرىتلارنىڭ كىيىم- كېچەكلىرنى ياماش ئىدى. ئادەتتە تولىسى ئېشەك يىتلەيتى.
      ھازىر گەرچە تاڭ سىڭنىڭ گۈشىنى يەيدىغان ئالۋاستىلار بولمىسىمۇ، بىراق ئونىڭغا  ئورمانلىقلاردىكى ياۋايى ھايۋانلاردىن خەۋىپ كېلەتتى. بىر قېتىم ئۇلار ئورمانلىقتا كېتىۋاتقاندا قورسىقى ئېچىپ كەتكەن تاڭ سىڭ چېڭلوڭنى يېمەكلىك تېپىپ كېلىشكە بۇيرۇيدۇ. چېڭلوڭ كېتىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇلارنىڭ .ئالدىغا بىر ئېيىق پەيدا بولۇپ قالىدۇ.  ئىككى شاگىرىت ئۇستازىنى قوغداش تۈگۈل ئۆزلىرىقۇيرۇقىنى خادا قىلىپ  تىكۋىتىدۇ، ئاڭغىچە چېڭلوڭمۇ قىقاس چوقانلارنى ئاڭلاپ، دەرھال يىتىپ كېلىدۇ، دە ئۆز كارامەتلرنى ئىشقا سېلىپ، ئېيىقنى قاچۇرۋىتىدۇ.  بۇنى كۆرگەن تاڭ سىڭ بەكمۇ تەسىرلىنىپ كېتىپ كۆز يېشى قىلىپ چېڭلوڭنى  ئۆز قولى بىلەن بىر موما بىرىپ مۇكاپاتلايدۇ. قېچىپ كەتكەن ئىككى شاگىرىتنى ئېشەك باققىلى قويۇپ ئۆزى چېڭلوڭ بىلەن دەرەخ ئاستىدا گازىر چېقىپ سايىدايدۇ.
     بىر كۈنى ئۇلار خواڭخې دەرياسىنىڭ مەلۇم بىر بۆلىكىدە ئۆتەلمەي بەكمۇ قىيلىنىدۇ، ئاخىرى ئۈزۈپ ئۆتۈش نىيىتىگە كېلىدۇ، بىراق سۇغا كىرىشىگە تىمساق ۋە لەھەڭلەر  ئۇلارغا ھەيۋە سالغىلى تۇرىدۇ.  ئۇلار قورقۇپ سۇدىن يېنىپ چىقىدۇ، جىيەنى ئۈن سېلىپ يىغلاپ كېتىدۇ، تاڭ سىڭ ئۈمۈدسىزلىنىپ ئاسمانغا قارايدۇ. بۇ چادا ۋېتاس چاققان چىقىپ  بار كۈچى بىلەن يوقىرى ئاۋازدا ئالۋاستى كۈيىگە توۋلايدۇ، سۇدىكى تېمساق لەھەڭلەر بۇ غەلىتە ئاۋازدىن ئۈركۈپ قېچىپ كېتىدۇ، ئۇلار بىخەتەر ھالدا دەريادىن ئۆتىۋالىدۇ.
     جىيەنىنى ھە دېرسىلا يارىماس قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان لەقۋا دەپ تىللايدىغان تاڭ سىڭ ئۇنىڭمۇ پايدىسىنى كۆرىدۇ،  بىر قېتىم ئۇلار  قاتتىق يامغۇردا قېلىپ دالدىلانغۇدەك پاناھ جاي تاپالماي ئۈششۈك تەگەكەن مايسىدەك سولىشىپ قالىغاندا  تاڭ سىڭنىڭ جىيەنى  ئانچە-مۇنچە ياغاچچىلىقتىنمۇ خەۋىرى بولغاچ ، ئەسقېتىپ قالا دەپ ئېلۋالغان كەكىسىنى چىقىرىپ،دەرھال بىر يەرلەردىن ئوتۇن تېپىپ كېلىپ ئۇلارنى ئوت قالاپ ئىسسىتىدۇ.    شۇ چاغدىلا تاڭ سىڭ ئۇنىڭ يارىماس ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىپ يېتىدۇ.

     خوش ئەمدى ئۇلار شۇندا مېڭىۋېرىپ ساق بىر يىل ئۈچ ئاي بولغاندا، گەنسۇ-شىنجاڭ چىگرىسىغا يېقىنلىشىدۇ، ئۇلار قۇملۇقتا ھېرىپ، ئېچىپ بىر-بىرىگىمۇ گەپ قىلىشقا رايى باقمىغان ھالدا كېتىپ بارغىنىدا. ئۇلارنىڭ ئالدىغا شىنجاڭ سەنئەت ئۆمەكنىڭ ئارتىسلىرى ئۇچىراپ قالىدۇ، بۇرۇندىنلا تېلىۋزوردا كۆرۈپ كۆرگەچ داڭقىنى ئاڭلىغان  ئابدۇكېرەنم ئابلىزنى كۆرۈپ تاڭ سىڭ ئېشىكىدىن سەكرەپ چۈشۈپ ئادبۇكېرم ئابلىزغا ئېسىلىپ يىغلاپ كېتىدۇ، ۋە ئۇنى ئۆزىگە شاگىرىت بولۇپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىدۇ.  ئامالسىز قالغان ئابدۇكېرەم ئابلىز ماقۇل بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن تاڭ سىڭ ئابدۇكېرىم ئابلىزنى 4-شاقىرىتلىققا،  تاشمۇھەممەد باتۇرنى 5-شاگىرىتلىققا، ئەكىرەم سېتىۋالدىنى 6-شاگىرىتلىققا سەپىرىنى داۋام ئېتىدۇ.
     ئەكىرەم سېتىۋالدىنىڭ قىززىق گەپلىرنى، يۇمۇر چاقچاقلىرنى  ئاڭلاپ كۈلۈپ توختىمىغان تاڭ سىڭ ھاياجانلانغىنىدىن خاۋ  خاۋ دەپ كېتىدۇ،  ئارام ئالغان چاغلىرىدا بولسا ئابدۇكېرىم ئابلىز ئېتوت ئويناپ ئۇستازىنىڭ ھېرىپ چارچىشىنى تۈگىتىدۇ، شۇنچىلىك كۈلگىنىگە تويمىغان تاڭ سىڭ ئاخىرىدا تاشمۇھەممەت باتۇرنى ناخشا ئېيتىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىدۇ،  تاشمۇھەممەت باتۇر شۇنچىلىك ھاياجان بىلەن ناخشا ئوقۇيدۇكى، تاڭ سىڭنىڭ باياتىنقى كۈلكىلىرى نەلەرگىدۇر سەرسان بولۇپ، غەمگە پېتىپ يىراقتىكى ئۇرۇق- تۇغقانلىرى كاللىسىغا كىرۋالىدۇ، ئەجەپ سېغىندىم نېمىشقىمۇ ئايالىمنى بىرگە ئېلۋالمىغاندىمەن دەپ ئۇھ تارتىدۇ، دە دەرھاللا ئۆزىگە قايتىپ كېلىپ،ئۆزىنىڭ راھىپ ئىكەنلىكى ئېسىگە كېلىپ، بۇتقا تاۋاپ قىلىپ كەچۈرۈم سورايدۇ.
    ئۇلار تېز-تېچ مېڭىپ ھەش-پەش دېگۈچە كورلالىغا كېلىپ قالىدۇ ۋە كورلىدا ئارام ئالغاچ بىر نەچچە كۈن سەيلى-ساياھەت قىلىشىدۇ،   تاڭ سىڭ كورلا قىزلىرنى كۆرۈپ ئۆزىچە ئۇيغۇر قىزلىرى نېمە دېگەن گۈزەل دەپ شۆلگىيىنى يالايدۇ، ئۇيغۇرلانىڭ يەرلىك تاماملىرى ئاغىزىغا تېتىغاچ داۋاملىق جەنۇپقا قاراپ يول ئالىدۇ، شۇ مەقسەتتە يەنە بىر قانچە شاگىرىت ئېلىشنىمۇ كۆڭلىگە پۈكىدۇ.
      تاڭ سىڭ ئاقسۇغا كەلگۈدەك دېگەن خەۋەر چاقماق تىزلىكىدە، بىزنىڭ ئونسۇ دىيارىغا يېتىپ كېلىدۇ، مەنا مەنمۇ موشۇ تاپتا دەرىس كاللامغا چۈشمەي، كېچىلىرى ئويقۇ يوق، ئاخىر مەكتەپ تاشلاپ ئۇنىڭ ئالدىغا قاراپ ماڭدىم، كۇچا ئەتىراپىدا تاڭ سىڭ بىلەن ئۇچۇرشۇپ ئۇنىڭغا ئۆز تەكلىپىمنى ئېيتىپ، ئۆزۈمنىڭ تولىمۇ سەمىمىي ئىكەنلىكىمنى ئېيتىپ مېنى شاگىرىتلىققا ئېلۋېلىشنى ئۆتۈندۈم، ئۇ مېنىڭ سەمىميىتىمدىن تەسىرلىنىپ،مېنى ئېلىپ قالىدۇ.    تاڭ سىڭغا شاگىرىت بولغانلىقىمدىن يەنە كېلىپ ئابدۇكېرىم ئابلىز، تاشمۇھەممەت باتۇردەك ئەل سۆيگەن سەنئەتكارلىرىمىزنىڭ بارلىقى مېنى تېخىمۇ سۆيۈندۈردى، شۇڭلاشقىمىكىن مەن بەك خوشال ئىدىم.
    سەپىرىمىزدە ۋېتاسقا رۇس ناخشىلىردىن ئۆگىتىپ قوي دېسەم پەقەت ۋارقىراشنىلا ئۆگىتىپ، كانىيىم ئاغىرىيدىغان ھەتتا تاماق يېسەممۇ قىيلىنىپ كېتىدىغان بولۇپ قالدىم،  ئەكىرەمكامدىن ھېسامنى دوراشنى ئۈگىنىمەن دەپ ئاغىزىمنىڭ مايماق بولۇپ قالغىنىنىمۇ سەزمەي قاپتىمەن.   توۋا دەيمەن ئابدۇكېرىمكاملارنىڭ ئېتوتلىرى ئاندىن قىززىق مېنى ئۈچۈيلىرىم ئۈزۈلۈپ كەتكۈچە كۈلدۈرۈپ ھالىمنى قويمىدى. مەنمۇ ئېتوتقا ئامراق بولۇپ قالدىم ، بەزىدە ھەتتا چۈشلۈرۈمدىمۇ ئېتوت ئويناپ كېتىمەن.  
     مانا نومنىمۇ ئېلىپ بولدۇق. بىزگە تۆھپىمىزگە چۇشلۇق ئەمەل -مەنسەپ بېرىلگەن ئىدى، ھەمممىز ئالماي يۇرتىمىزغا قايتىمىز دېيىشتۇق، ئارىدا مەن ئۇستازىمغا ناھىيىمىنزنىڭ داڭلىق ساياھەت مەنزىرگاھى قىرمىش ئاتا مازىرىنى ئايلاندۇرۇپ كېلەي دەپ باشلاپ كەلسەم، ئۇستازىم بۇ يەردىكى ئورمانلارنىڭ بەكمۇ ئىپتىدائى ھەيۋەتلىكىنى كۆرۈپ ،ئېسىگە ئەينى يىللىرى ئاياللار دۆلىتىدە بولۇنغان ئىشلار ئېسىگە كەپ قالدىمۇ بىلمىدىم، كېتىمەن دەپ تۇرۋالدى.ئاتا-ئانام ناھىمىزنىڭ يەرلىك گۈرۈچلىردىن يوللۇق تۇتتى. بىز سەپىرىمىزدىن دوكىلات بېرىش مەقسىتىدە بېيجىڭغا قاراپ يول ئالدۇق...
   مەن چېڭلوڭنىڭ گۇمپىسىنى دورايمەن دەپ سەدىچىن سېپىلىدىن يىقىلىپ چۈشۈپ پۇتۇمنى سۇندۇرۋالغاچ مانا ھەپتە بولدى بېيجىڭدا كېسەل كارۋىتىدا ياتقىلى، ئاتا-ئانام كېلىمەن دەپتى ئۇستازىم مەن ئۆزەم يولغا سېلىپ قۇيىمەن دەپ كەلگىلى قويمىدى ۋە مېنى ئۆزى بىر قوللۇق كۈتۈپ سەل ياخشىلانغاندىن كېيىن ھېلىقى ئېشىكى بىلەن يولغا سېلىپ قويدى. مەكتەپتىن ئايرىلغىلى تۆت ئايچە بولغاچ مەكتەپ مېنى قايتا ئالغىلى ئۇنمىدى، شۇنداقتىمۇ ئابدۇكېرىمكاملاردىن ئۆگىنىۋالغان ماھارەتلەرنى ئىشقا سېلىپ جان باقارمەن دېسەم، ھەي! ھەممىسىنى چالا ئۆگىنىپ قالغاچقا ئۇمۇ ئاقمىدى. مانا ھازىر ھېچ ئىشنى باشقا ئىپ چىقالماي مەھەللىمىزنىڭ دوقمۇشىدىكى ئەسكى تام يېنىدا ئېشەك تاقىلاپ يۈرمەكتىمەن...


2012-يىل 11-ئاينىڭ 24-كۈنى تارىم
بىزكم تاقا-تۇققۇلىرى


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bzkm تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-11-24 11:57 PM  


ھازىرغىچە 4 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
ھەمراھى + 100 تەپەككۇرى كۈچلۈك
xohsarsan + 50
musilina + 100 ماختاشقا تېگىشلىك
XERHAN + 55 قىززىق

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 305   باھا خاتىرىسى

تۇغۇلغانتى مىڭ يىل بۇرۇن كاشىغەردە مەھمۇت ئاتلىق،
ياشاپ ئۆتتى بۇ دىياردا يېزىپ ئىسىل گۆھەرلەرنى.
پەخىرلىنىپ ئەسلەپ كەلدۇق، ئۇلۇغلىدۇق ئەزىز نامىنى،
ئاڭلا جاھان ئىسمى ئۇيغۇر، جىسمى ئۇيغۇر، تىلى ئۇيغۇر.

ھەمىمىز ئۇلۇغ ال

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43241
يازما سانى: 2388
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18228
تۆھپە نۇمۇرى: 1533
توردا: 5945 سائەت
تىزىم: 2011-6-5
ئاخىرقى: 2013-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-25 09:24:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Merter007 يوللىغان ۋاقتى  2012-11-25 07:25 AM
قاملاشمىغان!.... قاراپ تۇرۇپ بىزنىڭ بىر ئوبدان ئارتىسلى ...

مەنمۇ شۇ قاراشتا

ساھىبجامال مەلىكە،

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31508
يازما سانى: 1714
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9581
تۆھپە نۇمۇرى: 495
توردا: 4052 سائەت
تىزىم: 2011-2-23
ئاخىرقى: 2013-6-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-25 09:56:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن تىخى راس ئىش ئوخشايدۇ دەپ قاپتىمەن،بەك قىززىق چىقىپتۇ تېما ئىگىسىگە كوپ رەھمەت.!

  بىلىم ھەرقانداق ئادەمگە لازىم مەن بىلىمگە تەشنا بىلىم ئىلىش مىنىڭ ئارزۇيۇم

ساھىبجامال مەلىكە،

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31508
يازما سانى: 1714
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9581
تۆھپە نۇمۇرى: 495
توردا: 4052 سائەت
تىزىم: 2011-2-23
ئاخىرقى: 2013-6-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-25 09:56:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن تىخى راس ئىش ئوخشايدۇ دەپ قاپتىمەن،بەك قىززىق چىقىپتۇ تېما ئىگىسىگە كوپ رەھمەت.!

  بىلىم ھەرقانداق ئادەمگە لازىم مەن بىلىمگە تەشنا بىلىم ئىلىش مىنىڭ ئارزۇيۇم

يەزر=ئۇيۇش=ئۇيغۇر!

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36940
يازما سانى: 1709
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4445
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1666 سائەت
تىزىم: 2011-4-8
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-25 10:42:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ  تېما 150  يىلدىن كىيىن  مەلۇم  قەۋرىدىن   قېزىۋېلىنسا .....................دىمىسىمەممۇ باللا سىلە  بىلىسىلە ھەقىچان ..............

ئۈلپىتىڭ قاغا بولسا يىيىشىڭ پوق !

مەسئولىيەتچان بۇلايلى

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14907
يازما سانى: 3066
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17473
تۆھپە نۇمۇرى: 484
توردا: 6240 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-25 10:43:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك قىزىق چىقىپتۇ،ئەمما بەزى كىچىك تورداشلىرىمىز خاتا چۈشىنىپ قالمىسۇن يەنە،بىزمۇ نوم ئەكەلسەك بولغۇدەك دەپ....ھاھاھاھا...........بۇ نومچىلار ئاشتاق ھەممىگە ئېسىلىپ مېڭىۋېرىدۇ،ھەممىمىنى قىلىدۇ......
ئەمما بىز ھەق بىر يولدا ماڭساق ،پەقەت شۇنىڭ ئۈچۈنلا ماڭىمىز...شۇلا بىزنى قۇتۇلدۇرايلايدۇ....ئاللاھەممىمىزنى ھىدايىتىگە ئالسۇن....ھەرگىز ئازغانلار يولىغا مېڭىپ قالمايلى.
تەپەككۇرىڭىز ھەريەرلەردە قانات قاقىدىكەن.....بولسا كىشىلىرىمىزنى ئۈمۈدكە تولدۇرىدىغان،ئىناقلىققا باشلايدىغان،ئېسىل ئەسەرلەرنى يېزىپ ،بىزگە سۇنىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن.رەھمەت.

مۇھەببەتىڭنى  بىرگە  بەر  ،  مىھرىڭنى مىڭغا  بەر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36675
يازما سانى: 992
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8419
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2409 سائەت
تىزىم: 2011-4-6
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-25 10:45:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تاڭ سېڭ دىگەن بۇددا راھىبى تۇرسا نەدىن كەلگەن 11-ئەۋلادىكەن ئۇ؟  يەنە كىلىپ بىزنىڭ مۇسۇلمان چولپانلارنى بۇنداق تېمىلارغا قىتىپ قويغىنىڭىز تازا ياخشى بولمەپتۇ.   بىراق ئومومىي جەھەتتىن ھەجىۋىي كۈلكىلىك چىقىپتۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87105
يازما سانى: 164
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 668
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 125 سائەت
تىزىم: 2012-11-11
ئاخىرقى: 2013-6-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-25 10:55:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قوشقىلى ئادەم چىقمىغاندەك ئۆزىڭىزنىمۇ ، باشقا مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىڭىزنىمۇ بۇددىسىت قىلىپ كۆرسىتىپسىز ، ئۆزىڭىزغۇ رازى بولغانسىز ، خەق ھەق دىندىن يېنىپ بۇددىسىت بولامۇ ھە ، بۇ يازمىڭىز گەرچە چاقچاق بولسىمۇ ، ئىنتايىن تېتىقسىز ، قاملاشمىغان چاقچاق بوپتۇ . بۇتلارغا ئازراق تاۋاپ قىلىپ ، ھەق دىننى ئۆگىنىپ قويۇڭ ، بولمىسا كېيىن راسلا نوم ئالغىلى بېرىپ ئىككىنچى تاڭسېڭ سىز بوپ قامماڭ يەنە .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49551
يازما سانى: 330
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3383
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1706 سائەت
تىزىم: 2011-7-29
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-25 11:27:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     ھەر ھالدا ئىشەك تاقلاشنى بولسىمۇ ئۇنتۇپ قالماپسىز.
بۇرۇن بىر يىگىت ، دائىملا ئۆزىنىڭ يول ماڭغان ھالىتىدىن رازى ئەمەسكەن.باشقىلاردىن مەلۇم بىر شەھەردىكى كىشلەرنىڭ شۈنداق چىرايلىق ماڭىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ ،شۇ يەرگە بېرىپ ئۇگىنىپ كەلمەكچى بوپ سەپەرگە چىقىپتۇ.مەنزىلگە كەلگەندىن كېيىن ،كىشلەرنىڭ مېڭىشى بىر_بىرىدىن چىرايلىق كۆرنىپتۇ. كۆڭلىدە ئۇلاردىنمۇ ئېشىپ چۈشمەكچى بوپتۇ_دە بىرنىڭ كەينىدە مېڭىپ ئۇنى دوراپ مېڭىپتۇ.شۈنداق كىتىۋاتسا يەنە بىرىنىڭ ئۇنىڭدىن چىرايلىق مېڭىشلىرى،ئۇنىڭ كەينىدىن ئۇنىمۇ دوراپ مېڭىپتۇ. كۈن ئۆتۈپ ،ئاي ئۆتۈپ  ،كۆزىگە كىمنىڭ مېڭىشى چىرايلىق كۆرەنسە شۇنى دوراپ مېڭىۋېرىپتۇ.ئاخىردا ھىچقايسىنىڭ مېڭىشىنى ئۈگىنەلمەي يەنىلا ئۆزەمنىڭ مېڭىشى ياخشىكەن دەپ  يۇرتىغا قايتماقچى بوپتىكەن مېڭىشنى ئۇنتۇپ قالغاچقا مىڭ پۇشايماندا ئومىلەپ قايتىپ كەپتۇ.
  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19555
يازما سانى: 1283
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1003
تۆھپە نۇمۇرى: 319
توردا: 622 سائەت
تىزىم: 2010-11-29
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-25 11:29:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا مەن راس ئوخشايدۇ دەپتىمەن؛ھى ھى ھى قىزىقارلىقكەن؛

ھىجاب ئەۋۋەل قەلىبكە ئورنىماي باشقا ئورنىغاندىكىن شۇنداق كىچىككىنە شامال چىقسا ئۇچۇپ كىتىدىغان گەپكەن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش