ئوقوغۇچۇمنىڭ ئانسىنىڭ تويى
ئىشتىن چۈشۈش تەييارلىقى قىلىۋاتاتتىم ،تۇيۇقسىز ئىشىك تۈۋىدە سىنىپىمدىكى ئەڭ نازۇك ،سەبىي قىز دىدار تارتىنىپقىنا تۇرۇپ رۇخسەت سورايدىغانلىقىننى ئىيتتى ، مەن سىنىپ مۇدىرى بولغان بۇ ئىككى يىرىم ئايدىن بۇيان ئۇ تۇنجى قىتىم رۇخسەت بەرسىلە دەپ ئالدىمغا كەلگەنىدى ، مەن نىمە ئىش بولغانلىقىنى ئۇنىڭدىن سورىدىم ،ئۇ ناھايىتى خىجىللىق بىلەن ماڭا :
"ئەتە ئاپامنىڭ تويى بولماقچىكەن " دىدى -دە ،سىرتقا قارىۋالدى . مەنمۇ ئۇنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ تۇرۇپلا قالدىم ،ھەم ئۇنىڭغا رۇخسەت بىرىدىغانلىقىمنى ئىيتىپ ،توكسىكىلىتىم بىلەن ئۇنى ماشىنا بىكىتىگىچە ئالغاچ باردىم . باشقا چاغدا سىنىپقا كىرسەم ئۇنى بۇنى سوراپ توختىمايدىغان قىزىمنىڭ ئۈن -تىنسىز مىڭىشى مىنى بىئارام قىلاتتى . ماشىنا كەلگەندىن كىيىن مەن ئۇنى ماشىنغا سىلىپ قويۇپ ئۆيگە قايتتىم .
يولدا كىتىۋاتىمەن ، ئەس -يادىم دىدار ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدە ئىدى ، ئۇنىڭ ئاشۇ چىرايى يۈرىكىمنى ئۆرتىمەكتە ئىدى ،ئارخىرى ئەتە چوقۇم ئۇنىڭ ئاپىسىنىڭ تويىغا بارىمەن دىگەننى نىيەت بىلەن ئۇخلاپ قاپتىمەن .
ئەتىسى چۈشتىن بۇرۇنقى دەرسلىرىم ئۆتۈپ بولۇپ ئىلمىي مۇدىردىن رۇخسەت سوراپ دىدارنىڭ ئۆيىگە قاراپ ماڭدىم . ئائىلە سۆھپىتىگە كۆپرەك بارىدىغىنىم ئۈچۈن ھايال بولمايلا توي بولغان ئۆيگە يىتىپ كەلدىم . ساھىپخان بىلەن كۆرۈشۈپ مىنىڭ كەلگەنلىكىمنى ھەمدە مىنى "جۇۋان " نىڭ قىشىغا باشلىشىنى ئىيىتتىم ،دىدار مىنى كۆرۈپ نىمە قىلىشىنى بىلەلمەيلا قالدى ،مەن ئۇنىڭغا كۆز قىسىپ قويۇپ ئاپىسى بىلەن كۆرۈشتۈم . تۇنجى كۆرۈشۈشۈمدە مىھرى ئىسسق تەسىر بەرگەن ئانا،"توي قىزچاق " بۈگۈن تىخىمۇ چىرايلىق بولۇپ كەتكەنىدى ،ئۇمۇ مىنى كۆرۈپ بەك ھەيران قالدى ،ھەم ئۆزىنىڭ تويىغا مىنى چاقىرغۇسى بارلىقىنى ،يەنە قىزىنى ئويلاپ خىجىل بولۇپ چاقىرالمىغانلىقىنى ئىيىتتى ، بىز ئۆيدە قورۇما ،پولۇلارنى يىيىشكەندىن كىيىن بىر دەم كۈلكە -چاقچاق قىلىشتۇق .بىر ھازادىن كىيىن ئانا تاراملاپ تۆكۈلۈشكە باشلىدى ،مەن نىمە قىلارىمنى بىلەلمەي قالدىم ،ئۇنىڭغا تەسەللى بىرىشنى ئويلىغان بولساممۇ لىكىن ئۇنىڭ شۇ تاپتىكى ئانىلىق ھىسياتىغا ،قىيالماسلىق يىغىسىغا توسقۇنلۇق قىلغۇم كەلمىدى .
ئانا بىر ئاز يىغلىۋالغاندىن كىيىن ماڭا مۇنۇلارنى دىدى :
_خانىم ،مەن قىزىم ئالتە ئايلىق ۋاقتىدا دادىسىدىن ئاجرىشىپ كەتكەن ،مەن ئاتا- ئانامغا پەقەت بىرلا پەرزەنت ئىدىم ،ئۇلار مىنىڭ بەختىمنى كۆرۈشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتى ،ئەپسۇس تۇنجى تويۇم مىنىڭ ئۆمۈرلۈك بەختىم بولالمىدى ،شۇندىن بىرى مەن ئۇلارنىڭ ھالىدىن ئاداققىچە خەۋەر ئىلىشنى نىيەت قىلغان ،لىكىن ئۇلار مەندىن يەنىلا خاتىرجەم بولالماي ئىش مۇشۇنداق بولۇپ قالدى ،مەن قىزىمنى ئاتا- ئانامغا ھەمرا قىلىپ قويۇپ كەتمەكچى ،سىلىدىن ئۆتۈنىدىنىم قىزىم ھەر كۈنى قايتىپ كىلىپ ئاتا- ئانامغا ھەمرا بولسىكەن ،:- دىدى .
( مەكتىپىمىز يىزا مەكتىپى بولغاچقا ھەم پۈتۈن يىزىدا بىر ئوتتۇرا مەكتەپ بولغاچقا ياتاقلىق تۈزۈم بار ئىدى )
مەن ئانىغا ماقۇل بولدۇم ،ھەر كۈنى قىزىنى ئەكىلىپ قويۇشقا ،ئۇنىڭ خاتىرجەم يىڭى ئائىلىسىنى تۇتۇشىنى ئىيتتىم ، ئۇ قولۇمنى چىڭ سىقىمداپ تۇرۇپ :
" مەن سىلىدەك بىر ئوقۇتقۇچىنى تۇنجى قىتىم كۆرۈشۈم ، سىلىنىڭ بىزنى چوڭ كۆرۈپ مىنىڭ تويۇمغا كىلىشلىرىنى ئويلاپمۇ باقمىغانكەنمەن ،قىزىمنىڭ سىلىدەك بىر ئۇستازىنىڭ بولغىنىدىن مەن ئىككى دۇنيالىق رازى " دەپ يىغلاپ كەتتى .
چۈشتىن كىيىن يەنە دەرسىم بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار بىلەن خوشلۇشۇپ قايتىپ چىقتىم ، بۈگۈن باشقىچە يىنىكلەپ قالغانلىقمنى ھىس قىلىۋاتاتتىم .....
مەنبە : ئۆزۈم ،ھەقىقىي بولغان كەچۈرمىش 2012-يىلى 10-ئاي