مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 997|ئىنكاس: 17

چۈش~فىرەس [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16919
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7269
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 182 سائەت
تىزىم: 2010-11-9
ئاخىرقى: 2013-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-24 09:45:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


      ئۇ كىچىكىدىن ئاتا-ئانىسىنىڭ ئارزۇلىشى ئاستىدا چوڭ بولدى. بىرلا ئارزۇلۇق بالا بولغانلىقتىن ئاتا-ئانىسى گەرچە بايلاردىن بولىمىسمۇ ئۇ نىمە قىلىمەن دىسە دىگىنىنى قىلىپ بىرىپ، ئېلىپ بېرىپ چوڭ قىلدى. شۇنداق قىلىپ ئۇ ھىچكىمنى ئۈزىگە تەڭ قىلمايدىغان مەمەردان، بەگزادە سۈپەت چوڭ بولدى. باشقىلارنى زادىلا كۆزگە ئىلمايتى تۇتقان ئاغىنىلىرىمۇ ساپلا جەمىيەتتە لاغايلاپ يۈردىغان، ئاسمانغا پىچاق ئېتىپ يۈرۈيدىغان بىكارچىلار بولدى. مەكتەپتىمۇ ياخشى ئوقۇمىدى.كىيىن ئاتا-ئانىسى پۇل خەجلەپ يۈرۈپ ھەل قىلغان خىزمەتنىمۇ تولا بارماي، كىچىكىپ بېرىپ دىگەندەك ئاخىرى خىزمەتتىنمۇ ھەيدەلدى. شۇنداق قىلىپ ئۇ ئۇيۇن دىگەنگە بېشىچىلاپ كىرىپ كەتتى. كەچلىرى قاۋاقخانىلاردا، دىسكۇخانىلاردا كۈننى كەچ قىلاتتى. بۇرۇن كىچىدىن تارتىپلا ھەددىن زىيادە ئارزۇلاش سەۋەبىدىن كاردىن چىققان بۇ ئوغۇلنى ئەمدىلىكتە ئاتا- ئانىسىمۇ باشقۇرالماي قالدى. شۇنداقتىمۇ پۇل دەپ قەغىشلىك قىلسا بېرىۋەردى. ئۇنىڭ كۈنلىرى مانا مۇشۇنداك كەيىپ-ساپا،ئەيىش-ئشرەتتە ئۈتۋاتاتتى. كۈنلەرنىڭ بىرىدە دادىسى باشقۇرىمەن دىسە تۇسۇپ ئېتەك ئاستىغا ئالغان ئانا كىسەل سەۋەبىدىن بۇ دۇنيادىن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى. بىراق ئانىسى تۈگەپ كىتىپ بىر ھەپتدىن كىينلا يەنە ئەسلى تۇرمۇشىنى تېپۋالدى.دادىسىنىڭ چىرايلىق نەسىھەتلىرى ، قاتتىق قوللۇقلىرى قاتارلىق ھەر خىل ۋاستلەر ئارقىلىق ئۇنى ياخشى يولغا باشلاش ئۈچۈن قىلغان ھەركەتلىرى بىكارغا كەتتى.
ئۇ چوپچوي يىگىت بولغان بىلەن قاراڭغۇدىن، تار كوچىلاردا مېڭىشتىن قورقاتتى. شۇ سەۋەپتىنمىكىن ئۇنىڭ تەلىۋى بۇيىچە ئۈيىدىكى ئەڭ چوڭ مىېھمانخانا قىلىمىز دەپ سالغان ئۆي ئۇنىڭ ھۇجىرىسى قىلىندى. بىر كۈنى كەچتە ئۇ دوسلىرى بىلەن سۇرۇندىن قايتىپ ئۆيگە كەلدى. ئىشىكىنى ئېچىپ ئۆيگە كىرىشىگە ئالدىغا كۆزلىرىدىن ئەنسىرەش ئالامەتلىرى چىقىپ تۇرغان دادىسى ئۇچىرىدى. ئۇ بۈگۈن ئازراق ئىچۋالغان بۇلۇپ ھاراق پۇراپ تۇراتتى. ئۇ دادىسىنىڭ يەنە ئەيىپلىشىدىن قورقۇپ دادىسى گەپ قىلاي دەپ ئېغىزىنى ئۆمەللەپ تۇرۇشىغا غىپلا قىلىپ ھۇجىرىسغا كىرۋالدىدە ئىشىكنى ياپتى. ئۇ ئىشىككە يۆلىنىپ بىردەم تۇرۋالغاندىن كىيىن ئاۋال مايكىسىنى سېلىپ ئۇدۇلغا چۆرۈپ تاشلىدى ،ئاندىن ئىشتىننى سېلىپ جايىغىلا تاشلىدە ئالدىدىكى قوش كىشلىك لۆم-لۆم كارۋاتقا ئۈزىنى تاشلاپ ئۇيقۇغا كەتتى.
ئۇ چۈش كۆردى. چۈشىدە ئادەتتىكىدەك دوسلىرى بىلەن قاۋاقخانىدا نازىنىن قىزلارنى ئۈزىگە ھەمرا قىلىپ ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرۈشكە چۈشكەنىدى. كېچە سائەت ئىككىلەر بولغاندا سۇرۇن ئاياغلىشىپ ھەممە ئۆيگە قايتىشتى. ئۇ دەلدەڭلىگىنىچە بېرىپ ماشىنسىنىڭ ئىشىكىنى ئاچتىدە ماشىنىسىنى ئوت ئالدۇرۇپ يولغا چىقتى. مەس بولغاچقا ئۇنىڭ كاللىسى دەلدەڭىشىپ قالغان بۇلۇپ كۆزلىرىمۇ كەيىپ ھەم ئۇيقۇلۇقتىن يۇمۇلۇپلا قالغان ئىدى. ئۇ ماشىنىنى ئوڭ -تەتۈر ھەيدەپ كىتۋېتپ تۇيقسىزلا كۈزىگە ئۈزىگە 10 نەچچە مىتىر يىراقلىقتا تۇرغان ئاق كىيملىك بىرسىنى كۆرگەندەك بولدىدە بىرەر گۈزەل قىز بۇلۇ قالمىسۇن يەنە دىگەنلەرنى ئويلاپ كۈزىنى يوغان ئېچىپ قاراپ بولغۇچە ئۇدۇل بېرىپلا يول بۇيىدىكى سىتولبىغا سۇقۇلدى.
ئۇ كۈزىنى ئېچىپ قاراپ باقماقچى، ئۈزىگە نىمە ئىش بولغانلىقىنى بىلىپ باقماقچى ئىدى . بىراق ھەر قانچە قىلىپمۇ كۆزىنى ئاچالمىدى. شۇ ئەسنادا قۇلىقىغا ناھايتى يىراقتىن بىر ئاۋاز ئاڭلانغاندەك بولدى. ئاڭلىماققا بۇ ئاۋاز تۇلىمۇ تۇنۇشتەك قىلاتتى، بىراق ئۇ زادى كىمنىڭ ئاۋازى ئىكەنلىكىنى زادىلا ئەسلىيەلمىدى. توغرا، توغرا «مەن ماشىنا ھادىسىسگە يۇلۇقتۇم» ئۇ ئۆز-ئۈزىگە شۇنداق دېىدى. بىراق ئۇ ھىچقانداق ئاغىرىق ھىس قىلمىغان ئىدى. ئۇ شۇنداقتىمۇ ئەسلەپ بېقىشىقا تىرىشتى.بارلىق ھىس-تۇيغۇلىرىنى قۇلىقىغا مۇجەسسەملەپ ئاڭلاپ بېقشقا تىرىشتى. يېنىدا كىمدۇر بىرى ئېچىنىشلىق يىغلاۋاتاتتى. بىر چاغلاردا ئۇ دوسلىرىنىڭ ئۈزىگە قاراپ تۇرغانلىقىنى، ئىچلىرىدە بىر نىمىەرنى دىيىشىپ كۇسۇرلىشۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى. تۇيۇقسىز بىر نەچچە ئاغىنىسى كېلىپ ئۇنى ئۈلۈكنى سالدىغا تاۋۇتقا سېلىشتى. ئۇ ئالاقزادىلىككە چۈچۈپ ۋارقىرماقچى بولدى، بىراق ئاۋازى چىقمايۋاتاتتى.كۈزىنى ئاچالمىسمۇ بىراق ئەتراپىدە نىمە ئىش بۇلۋاتقانلىقىنى بىلەي دەپ شۇنچە زورۇقۇپ باقتىيۇ ئامال بولمىدى ئۇنىڭچە ئۇ ياتقۇزۇلغان تاۋۇت ئۈستىگە ئاق رەخىت يېپىلدى. تار يولدا مېىڭىشتىن قورقىدىغان ئۇ مانا ئەمدى تار تاۋۇت ئىچىگە كىرگەن، قاراڭغۇلۇقتىن قورقۇدىغان ئۇنىڭ ئۈستىگە مانا ئەمدى ئاق رەخىت يېپىلغان ئىدى. توغرا ،ئۇ ئۆلگەن ئىدى. ئۇ ئاۋاز چىقىرىپ يىغلىماقچى، بار كۈچىنى يىغىپ توۋلىماقچى بولدى بىراق ئامال بولمىدى. ئەتراپىدىكى كىشلەرنىڭ ئاۋازلىرى كۈچىيىشكە باشلىغان ئىدى
_ئىسىت بىچارە بالا، ئون گۈلىنىڭ بىرسى ئېچىلماي تۇرۇپ ئۈلۈپ كەتتى. قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلىرىنى قىلالماي كىتىپ قالدى. ئاللا ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلغاي.
دىمىسمۇ ئۇنىڭ نۇرغۇن ئىشلىرى قالغان ئىدى. دادىسىنى ھازىرغىچە قاخشىتىپ كەلگەن، ئوغۇللۇق مەجبۇرىيىتنى بىر قېتىممۇ ئادا قىلىپ باقمىغان. يەنە تېخى دادىسىدىن يۇشۇرۇن باشقىلاردىن ئالغان قەرىزلەرنى قايتۇرالمىغان، توي قىلىپ بالىلىق بولمىغان.......... ئۇ مۇشۇلارنى خىيال قىلۋاتقاندا تاۋۇتنىڭ سىىلكىنىشدىن ئۇ خىياللىرىنى يىغدى. ئۇلار مەسچتكە قاراپ كېتۋاتقاندەك قىلاتتى. توغرا مەسچىت، ئۇنىڭ خىيالغا بىردىنلا ئۈيىگە ناھايتى يېقىنلا يەردىكى خان مەسچىتى كەلدى. ئۇنىڭ ئۈيى مەسچتكە شۇنچە يېقىن بولسىمۇ ئۇ كىچىكىدە دادىسىغا ئەگىشپ كىرگەنلىرىنى ھېساپقا ئالمىغاندا ئاساسەن كىرىپ باقمىغان، مەسچتىنىڭ ئىچىنىڭ قانداق بىرەلگەنلىنى بىلمەيتى. بەشۋاق نامازنىڭ ھەممىسىدە ئەرزان ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇرسىمۇ ئۇ بۇ چاغلاردا يا ئۇخلاۋاتقان، ياكى بولمىسا ئۇيۇن-تاماشا بىلن خۇدىنى يوقاتقان مەس-ئەلەس ۋاقىتلىرى ئىدى. بىراق ھەمىشە ئويناپ ھارغاندا چۇقۇم نامىزىنى باشلاپ ياخشى ئادەم بۇلىمەن دەيتى، ئەگەر ۋەقەگە ئۇچراپ ئۈلۈپ كەتمىگەن بولسام بۇندىن كىيىن ياخشى ئادەم بولغان بۇلاتتىم، دادامنى قاخشاتمىغان بۇلاتتىم دەپ دىگەنلەرنى ئويلاۋاتاتتى. تۇيۇقسىز ئۇنىڭ قۇلىقىغا يەنە بىر ئاۋاز كىردى. ئاخۇنۇمنىڭ ئاۋازىدىن بىلدىكى ئۇنىڭغا مېيىت نامىزى ئۇقۇلۋاتاتتى. ئۇنى ئىچ-ئىچىدىن يىغا قاپلىدى، بىراق ھەر قانچە قىلىپۇ كۈزىدىن بىر تامچىمۇ ياش چىقىرالمىدى. چۈنكى ئەمدى ئۇنىڭغا يىغلاش پۇرسىتىمۇ يوق ئىدى.
تاۋۇت يەنە ئورنىدىن قوزغىلىپ تۆت ئادەمنىڭ ھىمايىسىدە كۆتۈرۈلۈپ ئېلىپ مېڭىلدى. شۇ ئەسنادا تاۋۇت ئۇ ئاخشىمى دىگۈدەك قاترايدىغان قاۋاقخانا ئالدىدىن ئۆتتى ۋە قىمارخانا ئالدىدا خۇشال پاراڭلىىشىپ ئولتۇرغان سۇرۇنداش ئاغىنىلىرىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدى. ئۇ ئۈزىچە ئاغىنىلىرىم مىنىڭ ئۈلۈم خەۋرىمنى ئاڭلىمىغان بولسا كېرەك دەپ خىيال قىلۋاتقىنىدا قايسىدۇر بىر ئاغىنىسىنىڭ ئاۋازى قۇلقىغا كىردى. بۇ ئاۋازنى پەقەت ئۇلا ئاڭلىيالايتى.
_خوپ بولدى، ھاياتلىقىدا بىزگە نەپ بەرمىگەن گۈي ئىدى، جايىنى تېپىپتۇ
-شۇنداق، ئاتا-ئانىسى باي تۇرۇپ ھەر قىېتىم ئوينىغاندا بىزنىمۇ چىقىمدار قىىدۇ. ئەمدى پۇلىسىنى ئەرۋاھلارغا خەجلەپ بىرەر. ئۇنىڭ گەپلەرنى ئاڭلاپ چىشلىرى ئاچچىقتن كىرىشىپ كەتتى ۋە ئورنىدىن تۇرۇپلا بېرىپ ئۇلارنى دەسسەپ چەيلىۋەتكۈسى كەلدى. بىراق ھەر قانچە قىلىپمۇ مىدىر-سىدىر قىلالمىدى. چنكى ئەمدى ئۇنىڭغا ئاچچىقلىنىش پۇرسىتىمۇ قالمىغان ئىدى. شۇنداقتىمۇ ئۇ تۇنجى قېتىم ئۇلارنى گۇلارنىمۇ ئاغىنە دەپ تۇتۇپ يۈرگەنلىرىگە ئاتا-ئانىسى جاپادا تاپقان پۇللارنى ئۇلار ئۈچۈن خەجلەپ بەرگەنلىرىگە ئۆكۈندى. تۇنجى قېتىم دادىسىنىڭ نەسىھەتلىرى قۇلاق تۈۋىدە قايتا ئاڭلانغاندەك بولدى.
كىشلەر تاۋۇتنى كۆتۈرۈپ كېتۋاتاتتى.تاۋۇت ئۇ دائىم ھەر قېتىم باشقىچە قىزلارنى ئېلىپ باردىغان كىنوخانا ئالدىدىن ئۈتۋاتاتتى. كىنوخانا ئالدىدا توزدەك ياسانغان ئۈچ قىز قىزغىن پاراڭغا چۈشكەن ئىدى« دىلارە » دىدى ئۇ ئۈچ قىز ئىچىدىكى ھەممىدىن چىرايلىق بىر قىزنى كۈرۈپ. ئۇ چۇقۇم مىنىڭ ئۈلۈپ كەتكەنلىكىمنى بىلمىگەن گەپ بولمىسا مەن ئۈچۈن قايغۇرۇپ قارلىق تۇتاتتى، ئۇ مىنىڭ شۇنداق ياخشى كۈردىغان تۇسا...... شۇ ئەسنادا دىلارەنىڭ يېنىدىكى قالغان ئىككى قىزغا جىنازىنى كۆرسىتىپ قىلغان گېپى قۇلىقىغا كىرىپ قالدى.
_ قاراڭلار ئاۋۇ ئۈلۈپ كەتكەن ئادەم ئىسكەندەر دىگەن گۇي شۇ.. ئىسكەندەر، بىلىسلەرغۇ بىر مەزگىل مەن ئوۋلاپ يۈرگەن. پۇلنى ئايىماي خەجلەيتىدە ئۇ كاساپەت. مىنى دەپ ھەتتا ئۈچ يىل ئەقىدە قىلىپ يۈرگەن سۆيگىنىنمۇ تاشلىۋەتكەن. ئاۋۇ كەينىدىكى يىغلامسىراپ كىتىپ بارغا بىچارە قىزنى كۆردۈڭلارمۇ، بۇ ئەخمەق قىز ئۈزىنى ياشلىۋەتكەن بۇ ۋاپاسىزغا قارلىق تۇتۋېتىپتۇ.
ئۇ دىلارەنىڭ دەسلەپكى گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئاچچىقتىن ئۈزىنى يوقىتىپ قۇيايلا دىگەن بولسا ئۇنىڭ كىينكى گەپلىرىدىن چۈچۈپ كەتتى ۋە ئارقىسىدىن كىچىكىدىن بىر مەھەلىدە چىۋىقىلارنى بللە ئات قىلىپ چوڭ بۇلۇشقان سۆيگىنى رەيھاننىڭ چوڭقۇر ئازاپ ئىلكىد ەئېغىر قەدەملەر بىلەن ئەگىشىپ كلۋاتقانقانلىقىنى كۆردى. كۆردىيۇ يۈرىكى ئاچچىق پۇشايمان ۋە ئەلەمدىن قىسىلىپ كەتتى. ئۇ يىقىلىپ قالايلا دەپ قالغان رەيھاننى يۆلەپ كەك يەلكىرىلىرى ئارقىلىق ئۇنىغا كۈچ ئاتا قىلغۇسى كەلدى، بىراق يەنىلا قىمىر قىلالمىدى. چۈنكى ئەمدى ئۇنىڭغا ۋاپاسىزلىقنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش، چىن مۇھاببىتىنى قەدىرلەش پۇرسىتى قالمىغان ئىدى. بىردىنلا ئۇنىڭ قۇلاق تۈۋىدە ئەينى چاغدا رەيھان بىلەن سەۋەپسىزلا ئايرىلىپ كەتكەندە دىگەن« ماڭا ۋاپاسىزلىق قىلساڭ، ئەقىدەم نى خارلىساڭ قىسساسىغا قالىسەن » دىگەن گېپى ئاڭلاغاندەك بولدى.
تاۋۇت بازاردىن چىقىپ توپىلىق يولغا، زاراتكارلىققا قاراپ ئەگىلگەندە بىردىنلا قاتتىق قاتتىق گۈلدۈرماما گۈلدۈرلەپ. چاقماق چېقىپ يامغۇر شارقىراپ قۇيۋەتتى. تاۋۇت ئۈستىگە يېپىلغان ئاق رەخىت بىردەمدىلا يۆل بۇلۇپ كەتتى، مىنۇت ئۆتمەيلا يامغۇر تامچىلىرى ئۇنىڭ بەدىنىگە ساقىپ چۈشۈشكە باشلىدى، كىپەنلىكى يۆل بولدى. ئۇنىڭ قۇلىغا شارقىراپ چۈشۋاتقان يامغۇر ئاۋازلىرى ئىچىدىن تۇلىمۇ تۆۋەن لىكىن ئىنتاين ئېنىق بىر ئاۋاز ئاڭلاندى.
_ ھايات ۋاقتىدا قىلغان يامان ئىشلىرى تۈپەيلىدىن بۈگۈنكىدەك مۇسىبەتلىك كۈندىمۇ يامغۇرغا چىلىشىپ كەتتۇق.
-توغرا ، ئاكامنى قاخشىتىپ ھىچ ھالىنى قويمىغان مانا ئەمدى ئۆلگەن كۈنى بىزنىمۇ يامغۇردا قويدى. يەنە بىرى گەپ قىستۇردى
_ پىشانىسىنىڭ تەتۈرلىكى ئۆلگەن كۈنىدىن باشلاپلا مەلۇم بولدى مانا.
ئۇ بۇ گەپلەرگە چىداپ بۇلالمىدى. تاۋۇتتىن چىقىپلا ئۇلارنىڭ ئېغىزىنى يىرتىپ قۇلىقىغا ئەكىلىپ قويماقچى بولدى. بىراق ھەر قانچە قىلىپمۇ ئورنىدىن تۇرالمىدى. خۇددى روھى قانداقتۇر بىر قەپەز ئىچىگە سولىنىپ قالغاندەك بۇرۇقتۇم بۇلۇپ كىتۋاتاتتى. ئەمدى ئۇنىڭغا ئاچچىقىنى چىقىرىش پۇرسىتى يوق ئىدى.«غەيۋەتچى خۇتۇنلار» دىدى ئۇ ئىچىدە.
تاۋۇت كۆتۈرگەنلەر بارغانىسرى قەدىمىنى ئاسىتىلىتىۋاتاتتى، قارىماققا زاراتكارلىققا كىلىپ قالغاندەك قىلاتتى. شۇ ئەسنادا تاۋۇتنىڭ بىر تەرىپى تۇيۇقسىز قىيسىيپ ئۇ تاۋۇتنىڭ قىيسايغان تەرىپىگە بىلىنەر بىلىنمەس سىرىلىپ كەتتى. ئۇ نىمە ئىشلىقىنى ئاڭقىرىپ بولغۇچە ئەتراپدىكى كىشلەر چۇرقىىراشقىنىچە ئۇنىڭ دادىسىنىڭ ئىسمىنى چاقىرۋاتاتتى. تاۋۇتنى كۆتۈرۈپ ماڭغان دادىسى ھالسىراپ قالغان، ھىچقاچان پۈكۈلمىگەن قەددى پۈكۈلگەن ئىدى. تاۋۇتنىڭ ئېغىرلىقىدىن ئەمەس، بەلكى يۈرەك پارىسىنى ئۈزىدىن بۇرۇن ئۇزۇتۇپ قۇيۇشقا،دەپبە قىلىشقا چىدىمىغان دادىنىڭ قەلبى، يۈرىكى پۈكۈلۈپ ماجالى قالمىغان ئىدى. ئۇ تۇنجى قېتىم دادىسىغا سەپسالدى، چېكىلىرىگە ئاق سانجىغا، كۆزلىرىنىڭ ئەتراپىغا خېلى كۆپ قورۇق چۈشكەن دادىسى ئۇنىڭغا نەچچە ئون ياش قېرىپ كەتكەندەك كۈرۈنۈپ يۈرەكلىرى ئەلەمدىن، ئازاپتىن ئېچىشىپ كەتتى. ئۈزى تۇنۇيدىغان چاچلرى قۇندۇزدەك قاپقارا، كۆزلىرى ئۆتكۈر ، قاچانلا قارىسا سىياقىدىن ئىشەنچ، جاسارەت ئۇرغۇپ تۇردىغان دادىسىدىن ئەسەر قالمىغان ئىدى. ھازىر كۆز ئالدىدا تورغىنى ئايالىدىن ئەمدىلىكتە يۈرەك پارىسى بولغان ئوغلىدىن ئايرىلىش ئازابىدا تاغدەك قەددى پۈكلىنىپ قالغا چاچلىرىغا ئاق سانجىغان بىر بوۋاي ئىدى. ئۇ يغىلىيالمىدى، ھىچنىما قىلالمىدى. « ئەي ئاللاھ ماڭا يەنە بىر پۇرسەت بەرگىن، دادامغا ياخشى بالا بۇلۋالاي، سەن خالىغاندەك بەندە بۇلاي» دەپ ئاللاھقا نىدا قىلدى ئۇ. بىراق ئامال يوق ئىدى. چۈنكى ئەمدى ئۇنىڭا پۇشايمان قىلىش، قايتىدىن ئادەم بۇلۇش پۇرسىتى يوق ئىدى. چۈنكى ئۇنىڭ بۇ دۇنيادىكى سەپىرى شۇنچىلىك ئىدى. ھاياتلىق دەستۇرخىنى مۇشۇ يەردە يىغىلغان ئىدى.
تاۋۇت ئاستا يەردە قۇيۇلدى. ئۇ ئەمدى ئۈزىنى قانداق ئىشنىڭ كۈتۈپ تۇردىغانلىقىنى خىيال قىلىپ ياتقىنىدا ئىككى ئادەم كىلىپ ئۇنىڭ تاۋۇتتىن چىقاردى ۋە ئاستا-ئاستا ئالدىن تەييارلاپ قۇيۇلغان گۆرلۈك ئىچىگە ئېلىپ كىردى. ئۇ گۆرلۈك ئىچىگە ئېلىپ كىرىلگەنسىرى كۈزىگە قاراڭغۇلۇق تىقىلىپ كىتۋاتاتتى. ئۇ ئاخىرى رەت بۇ دۇنيانىڭ يۇرۇقلىقىنى كۈرۋالماقچى بۇلۇپ بولغاندەك بارغانىسىرى يوقۇلۇپ قىتۋاتقان يۇرۇقلۇققا قارىدى. يۇرۇقلۇق ئارسىدىن ئەڭ ئاۋال دادىسىنىڭ ئازاپ ئىلكىدىكى سۇلغۇن چىرايى كۈرۈندى. ئاندىن كىين باشقىلار.... ئاخرىدا ئۇنىڭغا تۇلىمۇ تۇنۇش نەرسىلەر كۈرۈنۈشكە باشلىدى ئاۋال ئۇ ئىچىپ كەيىپ بولغان ھاراق قۇتىسى ئۇنىڭ مەسخىرە قىلغاندەك ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىن ئۆتتى ، ئاندىن قىممار سۇرۇنى، قاۋاقخانا، نازىنى قىزلار....... بۇلارنى ھەممىسى ئۇنىڭ بۇ دۇنيالىقتىكى ھەمرايى ئىدى. ھەممىسى ئۇنىڭغا مەسىخرە، ئېچىنىش ئىچىدە قارىماقتا، كۈلمەكتە ئىدى. قارىماققا ئۇلار ئۇنىڭ بۇ دۇنيددىكى ئىشلىرى ئۈچۈن گۇۋھلىققا كلگەندەك ، بۇ يەرگىمۇ ھەمرا بولغىلى بىللە كەلگەندەك قىلاتتى. ئۇنىڭ خىيالىغا بىردىنلا كىچىك ۋاقتىدا دادىسى تەربىيە قىلغاندا دادىسسى قۇرئانى كەرىمىدىن ئۇقۇپ دەپ بەرگەن« ئىنسان بۇ دۇنيادا قانداق ئادەم، قانداق نەرسە بىلەن چۆپقەتلەشلەن، دوست بولغان بولسا ئاخىرەتتە شۇ شۇلار بىلەن بىللە تۇرىدۇ » دىگەن سۈزى يادىغا كىلىپ تەنلىرى شۈركىنىپ كەتتى. ئۇ چەكسىز پۇشايمانلار ئىلكىدە كىملەردىن، قانداقتۇر بىر خاسىيەتلىك كۈچتىن مەدەت تىلىمەكچى بولدق، بىراق ئېغىزى گەپكە كەلمەيۋاتاتتى. بەلكىم ئېغىزىمۇ ئۇنىڭ قىلغان گۇناھلىرى ئۈچۈن ئەمدى ئۈزىنى ئاقلاپ يۈرۈشىگە ياردە بەرگۈسى كەلمىگەن بولسا كىرەك. ئۇ قاتتىق قورقۇنىچ ھەم ئالاقزادىلىك ئىچىدە تۇرغاندا «گۈپ» قىلغان ئاۋاز بىلەن يەرلىك ئېغىزىغا توپا تاشلىنىپ پۈتۈنلەي قاراڭغۇلۇق ئىچىدە قالدى ۋە قورقۇنۇچتىن قاتتىق ۋارقىرۋەتتى.
ئۇ ۋارقىرىغىنىچە چۈچۈپ ئويغىنىپ كەتتى. پۈتۈن ئەزايى قارا تەرگە چۈمۈلۈپ ئىچ كىيمى تەردىن ھۆل بۇلۇپ كەتكەن ئىدى. ئۇ يۈگىرەپ دىگۈدەك بېرىپ توكنى ياندۇردى ۋە ئاستا كارۋاتقا كىلىپ ئولتۇردى. ھېلىمۇ بايا كۆرگەنلىرىنىڭ چۈش بۇلۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن كۆڭلىدە ئاللاھقا مىڭلاپ رەھمەتلەرنى ئېيىتتى. بۇرۇندىن قىلىپ كەلگەن يامان ئىشلىرىنى بىر باشتىن ئويلاپ چىقىپ ئازاپلاندى، گۇناھلىرىنى تىلىدى. ئۇ كىيىملىرىنى كىيىپ بولغاندىن كىين ئاستا تىۋىش چىقارماي مېڭىپ دادىسى ياتقان ھۇجىرىغا كىردى. دادىسى قانداقتۇر ئەنسىرەش، قايغۇ ئالامەتلىرىنى چىرايىغا مۇجەسسەملىگەن ھالدا ئۇيقۇغا كەتكەنىدى. ئۇ دادىسىغا مېھرى بىلەن ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا قارىۋەتكەندىن كىيىن ئاستا ئېڭىشىپ دادىسىنىڭ پىشانىسىگە سۈيۈپ قويدى ۋە ئاستا دادىسىنىڭ ھۇجىرسىدىن ئايرىلىدى. ئۇ دادىسىنىڭ قېشىدىن چىقىپ مۇنچىدا ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا يۇيۇندى، ساقال-بۇرۇتلىرىنى چىرايلىق قىلىپ ياسىدى ئاندىن تاھارەت ئالدى. ئاندىن ياتىقىغا كىرىپ پاكىز كىيىملىرىنى تاللاپ كىيگەندىن كىين خۇشال ھالدا ئىشىكتىن چىقتى. سىرىتتا بامداتقا توۋلانغان مۇڭلۇق ئەرزان ئاۋازى بارغانسىرى ئاقىرۋاتقان ئۇپۇققا ئەگىشىپ ئەتراپقا،ئاللاھنىڭ بارلىق مۆمىنى بەندىلىرنىڭ قۇلىقىغا ياق يۈرىكىگىچە تارقاپ كىرىپ ئۇلارنى نامازغا چاقىرۋاتاتتى.


ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ
_ئاسمان يېرىلغان چاغدا، يۇلتۇزلار تۈكۈلگەن چاغدا، دېڭىزلار بىر-بىرىگە قۇشۇلغان چاغدا، قەبىرلەر ئاستى-ئۈستى قىلىنغان چاغدا ھەر ئادەم ئىلگىرى قىلغان گۇناھلىرىنىڭ ھەممىسنى بىلىدۇ_
(ئىنفىتار سۈرىسى1-5- ئايەتلەر)

پەيغەمبىرىمىز مۇنداق دەيدۇ
_قانداق ياشىساڭلار شۇنداق ئۈلىسىلەر، قانداق ئۆلسەڭلار شۇنداق تىرىلىپ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا كىلىسىلەر_
(فەيزۇل-قادىر. ، 5-جىلىت،663)

پەيغەمبىرىمىز مۇنداق دەيدۇ
_ ئەقىللىق كىشى ئۈلۈمدىن ئىلگىرى ئۈزىنى ھېساپقا تارتىقان ۋە ئۈلۈمدىن كىين ھاياتقا تەييارلىق قىلغان كىشىدۇر_
(تىرمىزى:«قىيامەت».2)

ئاپتۇرى:فىرقەت
فىرەس قەلىمى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   frise تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-11-24 09:47 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
suzuk-ay + 100 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 100   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85889
يازما سانى: 728
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 3801
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 247 سائەت
تىزىم: 2012-10-9
ئاخىرقى: 2013-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-24 10:32:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسىل.................

شەرىتسىز قەدەمنى ئالىمىز چوقۇم،
توسالماس بىزلەرنى مۇرەسسە سۈلھى.
غايىمىز نۇر چىچېپ چاقنىغان چاغدا،
نۇر بىلەن قوينىغا ئالىدۇ سۈبھى.
                                                 _(كۆك ھىلال)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86721
يازما سانى: 138
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 331
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 59 سائەت
تىزىم: 2012-11-2
ئاخىرقى: 2013-1-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-24 10:39:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹ھەسەننىڭ چۈشى› ئېسىمگە كېلىپ قالدى ....
تېما ئىگىسىگە رەھمەت ....
ئاللاھ كۆڭلىمىزگە ئىنساپ بەرسۇن...
دۇنيانىڭ پىتنە-پاساتلىردىن،دوۋزاق ئازابلىرىدىن پاناھ تىلەيمىز ....

بۈگۈن قۇرۇپ قالغان گۈلنىڭ بەرگىگە ئەتىكى يېڭى ھاياتنىڭ ئۇرقى يوشۇرۇنغان...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87646
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2012-11-24
ئاخىرقى: 2012-11-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-24 10:44:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قولىگىزگا دەت كەلمىسۇب

www.arkinbokis.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85766
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 107
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 21 سائەت
تىزىم: 2012-10-6
ئاخىرقى: 2013-2-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-24 10:54:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى تەسىرلىك ئىكەن بۇرادەرلەر.... ئۆزمىزگە بىر تەقلىد قىلىپ باقساق بولغىدەك. بولسا ‹‹ھەسەننىڭ چۈشى ›› دىگەن كىنو نى بىر كۆرسەك.

تـاتلىــقـىـم،دېـگــىنـە!

پائالىيەتچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 118
يازما سانى: 3842
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 29159
تۆھپە نۇمۇرى: 2206
توردا: 1910 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-24 11:22:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
فىرقەتجان ئوخشىمامدۇ بۇ.تونۇش ھىد باشلاپ كېردى جىمۇ مېنى.

زەھـــەردىـــن شـــىـــپــا كــــــۈتــمــــە،تــىـــگــى پـــەســـتىــن ۋاپـــــا...

تـاتلىــقـىـم،دېـگــىنـە!

پائالىيەتچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 118
يازما سانى: 3842
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 29159
تۆھپە نۇمۇرى: 2206
توردا: 1910 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-24 11:23:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
فىرقەتجان ئوخشىمامدۇ بۇ.تونۇش ھىد باشلاپ كېردى جىمۇ مېنى.

زەھـــەردىـــن شـــىـــپــا كــــــۈتــمــــە،تــىـــگــى پـــەســـتىــن ۋاپـــــا...

مەسئولىيەتچان بۇلايلى

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14907
يازما سانى: 3049
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18735
تۆھپە نۇمۇرى: 484
توردا: 6109 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2013-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-24 11:26:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەھمىيەتلىك تېما ئىكەن قېرىندىشىم ،قەبرىدىن كەلگەن خەت دىگەن بىر تېما بارئىدى ،شۇنىڭغا سەل ئوخشاپ كېتىدىكەن.ئاللا ئۇنىڭغا ئىنساپ،ئىمان ئاتا قىلىپتۇ،ئاللاھىم تېخىمۇ كۆپ كىشىلىرىمىزگە مۇشۇنداق ھىدايەت ئاتا قىلسۇن.دىلىغا ئىمان نۇرى ئاتا قىلسۇن.بۇ تېمىڭىز ئارقىلىق ئازغانلارئەسلىنى تېپىۋالسا ئەجەپ ئەمەس.مېنىڭچە ياخشى تەسىرى كۆپرەك بۇلىدۇ....ئاللا رەھمەت قىلسۇن.

مۇھەببەتىڭنى  بىرگە  بەر  ،  مىھرىڭنى مىڭغا  بەر

بىلەتتىم ئۆزگىگە تەۋەلىكىڭنى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85965
يازما سانى: 138
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 500
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 35 سائەت
تىزىم: 2012-10-11
ئاخىرقى: 2013-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-25 12:13:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمىلا بولمىسۇن كىچىپرەك بولسىمۇ ئەقلىنى تېپىپتۇ

[[b]color=Red]بىر كۆز بىر كۆزگە نىمىلەرنى چۈشەندۈرەلەيدۇ بىلمەيمەن ،ئەمما بىر سۆز بىر كۆزنى يىللارچە يىغلىتالايدۇ .بىركۆڭۈلنى يىللارچە ساقلىتالايدۇ...![/color][/b]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87376
يازما سانى: 652
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 856
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 35 سائەت
تىزىم: 2012-11-18
ئاخىرقى: 2013-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-25 12:41:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېما ئىگىسىگە رەھمەت ....

مۇنبەردە قالايمىقان پۈچەك ئىنكاس يازماڭ !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش