مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1850|ئىنكاس: 28

كۈلگەنلەر كۈلىۋەرمەيدۇ ئەڭ ئاخىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78185
يازما سانى: 485
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3948
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 109 سائەت
تىزىم: 2012-3-31
ئاخىرقى: 2013-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-24 09:26:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كۈلگەنلەر كۈلىۋەرمەيدۇ   ئەڭ ئاخىرى

(ھىكايە)

چۈنكى ئۇنىڭ بۇ ھەپتە پىلانلىغان خىزمەتلىرى شۇ پىتىچە قالغانىدى.نىمە كويدا يۈرۈپ ۋاقىتنى شۇنچە بوش ئۆتكۈزىۋەتكىنىنى ئۆزىمۇ بىلمەيىتتى.پەقەت ئەتە دەم ئىلىش كۈنى ئىكەنلىكىنى بىلگەندىلا ئۇ ئۇيقۇدىن ئويغانغان ئادەمدەك بىشىنى سىلكىدى.ئەمما ۋاقىت قولدىن ئۇنى قايتۇرۇپ كىلىش ئۆمەرجاننىڭ ئىرادىسى بويىچە بولىدىغان ئىش ئەمەس.ئۇ ئىشخانىدىن روھى چۈشكەن ھالەتتە قايتىپ چىقتى.ئەمدى ئەتە ئىشنى قوشۇپ ئىشلىمىسە دۈشەنبە كۈنى باشلىقى ئالدىدا چۇكۇلدايدىغان گەپ.خزمەتنى ئاقسىتىپ قويۇپ باھانە كۆرسىتىش ئۇنىڭ خىزمەت پىرىنسىپىغا ئۇيغۇن كەلمەيىتتى.شۇڭا ئەتە بىر كۈن جىددىي ئىشلەپ،چالا قالغان خىزمەتنى پۇتتۇرىۋىتىشنى كۆڭلىگە پۈكتى.

سەراتان ئىسسىقى باشلاندى،كۈن،ھەسسىۋا نەپسىنى زىمىن يۈزىگە ئايىماي چىچىپ،تاش-تۇپراقنى چوغقا كۆمگەندەك قىزدۇرىۋەتكەنىدى.ئەتراپتا چاڭ كەلتۈرۈپ سايرىشىغان جاۋۇلداق قۇشلارمۇ نەگىدۇر كىتىشكەنىدى.

تومۇز ياز كۈنلىرىنىڭ بىرىدە ئابلىمىت ئانارگۈلنى مەكتەپ گۈللىكىگە ئۇچىرىشىشقا چاقىردى.ئانارگۈل بۈگۈن كۈتۈپخانىدا ئۆگىنىىش قىلىۋاتقانىدى.ئابلىمىت دوسىتلىرى ئارقىلىق ئانارگۈلگە خەت يەتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن،خەت ئانارگۈلگە تىگىپ بولغىچە  ئانار گۈلنى ساقلاشقا توغرا كەلدى.ياش يىگىتلەر ئۈچۈن ۋەدىلەشكەن قىزنى ساقلاشمۇ كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان ئىشلار قاتارىغا كىرىدۇ.رەڭدار كىپىنەكلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلغان،ھۈپپىدە ئىچىلىپ كەتكەن گۈللۈكلەر قىز يىگىتلەرنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئۇچرىشىش سورۇنى بولالايدۇ.بۇنداق چىرايلىق يەرنى تاپقان قىز يىگىتلەر دۇنيانىڭ بۇنداق گۈزەل يارىتىلغىنىدىن بەختكە چۆمىدۇ. ئۇلارنىڭ تىنىقى ئاشۇ خۇشبۇي گۈللەرنىڭ ھىدىغا سىڭىپ كەتكىنىدە،ئۇلار دۇنيانىڭ گۈزەللىكىنىمۇ،گۈللەرنىڭ دۇنيانىڭ زىننتى ئۈچۈن يارىتىلغىنىنىمۇ ئۇنتۇپ قالىدۇ.

ئانارگۈل كەلدى،بۇ بىرجۈپلەر مەكتەپنى ئايلانغاچ كەلگۈسى توغرىلىق سۆزلەرنى قىلىشتى،بىر-بىرىدىن ئايرىلماسقا ۋەدىلەر بېرىشتى.ئۇلار بۇ گەپلەرنى قىلىشقاندا ئانارگۈلنىڭ يۈزى بەئەينى دالىدا ئېچىلغان قىزىل چوغلۇقتەك قىىزىرىپ كەتتى.

مۇھەببەت-ئىككى ئىككى ساپ قەلبنىڭ قوشۇلىشىدۇر.بۇنداق مۇھەببەت مەجبۇرىيەت،ئەخلاق ۋەئەقىدىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.دىمەك،مۇھەببەت ساپ ۋە ئالىيجاناپ نەرسە،ئۇ قۇۋلۇق،شۇملۇق،مەككارلىق،ساختىلىقنى ھەرگىز كۆتۈرمەيدۇ.

مۇھەببەت ۋىسالىغا يىتىش ئۈچۈن ساپ سەمىمىي قەلب كېرەك.بۇ خىسلەتلەر كەم بولىدىكەن،مۇھەببەت ۋىسالىغا يەتكىلى بولمايدۇ،يەتكەن تەقدىردىمۇ مەڭگۈلۈك بولمايدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن مۇھەببەتنى ياۋاھىي ھەۋەسنى بېسىش،يەنى كۆڭۈل خۇمارىنى چىقىرىش دەپ چۈشەنمەستىن،ئۇلۇغ مەقسەت يولىدا بىر-بىرىگە سادىق بولۇپ ئۆتۈش دەپ چۈشىنىشىڭىز كېرەك.مانا بۇ مۇھەببەتنىڭ چىن مەنىسىنى چۈشەنگەنلىك بولىدۇ.مۇھەببەتنىڭ چىن مەنىسىنى چۈشەنگەن كىشى مۇھەببەتنىڭ شېرىن شەربىتىدىن لەززەتلىنەلەيدۇ ۋە يولۇققان توسقۇنلۇقلارنى يىڭىپ،مۇھەببەتنىڭ گۈلىنى ئۈزەلەيدۇ.شۇنداق،مۇھەببەت ئويناپ ئويناپ تاشلىۋەتسە بولىدىغان ئويۇنچۇق ئەمەس.شۇڭا سىزدە چىن مۇھەببەت قارىشى بولسۇن،ئۆزىڭىزنى چىن دىلىدىن سۆيىدىغاننى تېپىڭ.مۇھەببەت -ھەر بىر ئىنسان بېشىدىن كەچۈرىدىغان شېرىن تۇيغۇدۇر.تارىختا مۇھەببەت ئۈچۈن بارلىقىدىن كەچكەن،ئۆزىنى قۇربان قىلغان،ئەقىل-ھوشىدىن ئايرىلغان،ئىنسان چىدىغۇسىز جاپالارنى تارىتقان،ئەمما غورۇرى،ۋىجدانى بىلەن ياشىغان تالاي-تالاي ئاشىقلار ئۆتكەن.ئۇلارنىڭ مۇھەببەت يولىدىكى سەرگۈزەشتىلىرى ئېغىزدىن ئېغىزغا كۆچۈپ،قىسسەلەرگە ئايلانغان.دىمەك مۇھەببەت ئۆزىنىڭ ئەنە شۇنداق بۈيۈكلىكى،سېھرىي كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكى بىلەن ئىنسان ۋۇجۇدىنى ئىللىتىپ،ئۇنىڭغا كۈچ قۇۋۋەت بېغىشلاپ،بۇ دۇنيانى تېخىمۇ گۈزەللىككە،رەڭدارلىققا ئىگە قىلغان ۋە ئىنسانىيەتنىڭ مۇھىم تەركىبىگە ئايلانغان.شۇنداق،مۇھەببەت ھايا بىلەن مۇھەببەتتۇر،ئەگەر ئىككى ياشنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە ھايا بولمىسا،ئۇ مۇھەببەت ئەمەس،ھايۋانىي قىلىقتۇر.

~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~

مەن بۈگۈن ئۆمەرجان بىلەن كۆرۈشتۈم،ئۇنىڭ چۈشكۈنلىككە تولغان روھىي كەيپىياتى كىشىنى ئىچىندۇراتتى،نىمىلا بولمىسۇن ئانارگۈلنى بىر يىلدىن ئارتۇق سۆيدى،بىر يىلدىن ئارتۇق سۆيگەن قىزنى ئۇنتۇش ئۆمەرجانغا قىيىن.

-ئاداش،ئىشخاناڭغا كەلسەم ئوچۇق چىراي ئاچمايسەنغۇ؟

-ھە،سىنى كەلدى دەپ 32چىشىمنى چىقىرىپ،يالغان ھىجاراپ تۇرسام بولامتى؟دىدى-ئۆمەرجان.

-گەپكە بەك ئۇستا ھە سەن؟مەن ئالدىرايمەن،ئالدىڭغا بىر ئىش بىلەن كەلگەن،شۇ سەن قوشۇلامسەن يوق،بۇنى بىلمىدىم.

-قىنى دىگىنە،نىمە ئىشتى؟

-ھىلىقى ئانارگۈلنىڭ ياتىقىدىكى مارالبىشىلىق قىزنىڭ ئىسمى نىمىتى؟ئابىدەمۇ،سابىدەمۇ ئىشقىلىپ بىر قىز باكەنغۇ؟

-ھە ئابىدە،نىمە بوپتۇ ئۇ قىزغا؟دىدى-ئۆمەرجان ماڭا سوئال نەزىرىدە قاراپ.

-ئۇ قىزغا ھېچنىمە بولماپتۇ،شۇ ئاشۇ ئابىدەنىڭ چ چ نومۇرى بارما ئاداش؟

-بار،نىمىش قىلاي دىگەنتىڭ؟

-قاچىلاپ پاراڭلىشاي دىگەن شۇ.

-يا خۇدايىم،ما خەققە قەشقەلىقنىڭ جىنى چاپلاشتىمۇ نىمە؟قاندا بولا دەپ بەسەم،ھە بوپتۇ،قاچىلىغىنە ،مانا نومۇرى.دىدى-ئۆمەرجان،ئىكرانى كۆرسىتىپ.

-رەھمەت ئاداش،ئاۋارە قىلدىم.مەن ماڭاي،يوقاپ كەتمەي تېلىفون قىل،اللە غا ئامانەت!

ئۆمەرجاننىڭ ئىشخانىسىدىن چىقتىم،ئۇنىڭ مەيۈس چىرايىغا قاراپ ئىچىم سېيرىلدى،ئابلىمىت دىگەن گۇيغا غەزىپىم كەلدى،نىمە ئامال،ئانارگۈل ئاشۇ "قاشقالىق"نى تاللاپتۇ.خۇدايىم،ئۆمەرجاننىڭ قىسمىتىنى بەندىگە كۆرسەتمىگەي،سۆيدى،بارلىقىنى ئاتىدى،ئاخىرىدا نىمە بولدى؟يالغۇز قالدى.........

ئۆيگگ كىلىپ يانفونۇم ئارقىلىق ئابىدەنى چ چ رىمغا قاچىلىدىم،"تۇمان"تور نامى بۈگۈندىن باشلاپ كۈندە مۇڭدىشىدىغان ئادىمىمگە ئايلاندى.بۇ ئىشتا ئۆمەرجانغا ئىچ ئىچىمدىن رەھمەت ئيىتقۇم كىلەتتى،چۈنكى ئۇ ئابىدەنى ماڭا تونۇشتۇردى،ئابىدە ئىسىملىك بىر مۇڭداشقۇ دوسىتىنى ماڭا تېپىپ تېپىپ بەردى.مەن ھەر كۈنى ئابىدە بىلەن كۈندە چ چ دا پاراڭلىشىشتىن،تېلىفونداپاراڭلىشىشقا چۈشتۈم.ئابىدە ئىككىمىز بۈگۈن ئۆز غايىلىرىمىز توغرىسىدا پراڭلاشساق،ئەتىسى ئوقۇش،خزمەتتىكى قىزىق ئىشلارنى،ئۆگۈنى ئانارگۈل بىلەن ئۆمەرجان توغرىسىدا پاراڭلىشاتتۇق.شۇنداق تۈگىمەس پاراڭلىشىشلار ئارقىلىق كۈندە تېلىفوندا پاراڭلاشمىساق چىداشمايدىغان بوپ قالدۇق.بەزىدە تورخانىغا كىرىپ بىر-بىرىمىزنى كۆرۈپ تۇرۇپ پاراڭلىشاتتۇق.بەك سەتكەنسىز،قوزىدەك ئوماقكەنسىز،كالىغا ئوخشايدىكەنسىز......... دەپ چاقچاقمۇ قىلىشىپ قوياتتۇق.ئىشقىلىپ مىنىڭ كۈنلىرىم،ئابىدە بولغاچقا ئىنتايىن مەنىلىك ئۆتىۋاتاتتى.ئۆمەرجان ئىنتايىن غەمكىن،ئۆمەرجاننڭ ياخشى كۆرىشىگە ئەرزىمەيدىغان بىر قىز ئۇنى مۇشۇ كۈنگە قويغانىدى.ئۇ ئاشۇ ياخشى كۆرىشىگە ئەرزىمەيدىغان قىز ئۈچۈن ئازابلىنىۋاتاتتى.ئۇنىڭ مۇشۇ كۈنلەردىكى تەسەللىچىسى مەن،پەقەت مەنلا ئۇنىڭ كۆڭلىگە كىچىككنە بولسىمۇ دورا بولالايمەن.مىنىڭ نەسىھەتلىرىم،قىزىق گەپلىرىم ئۇنىڭ روھىي كەيپىياتىنى كۆتىرەتتى.دوستۇم ئۈچۈن قىلغان ئازغىنە ياردىمىمگە خۇش بولۇپ كىتەتتىم.

بۈگۈن جۈمە،ئىككىمىز ھەر قىتىم جۈمەگە بىللە كىرەتتۇق،بىللە چىقاتتۇق،ئۆمەرجان جۈمە نامىزىدىن قايىتقاچ ماڭا ئابىدە توغرىسىدا سۆز ئىچىپ قالدى،

-ھە بالاڭزا،ئابىدە بىلەن شام بولۇپ كەتتىڭمۇ؟لايمۇ؟

-ۋاي ئاداش،بەك ياخشى ئۆتىۋاتىمىز،گاھ ئايدا كۆرەشسەك،گاھ چايدا كۆرىشىمىز دىگىنە.ھى ھى ھى

-ئوخخو ئاداش،چايدا كۆرۈشۈپ قىززىق چايلار گىلىڭدىن ئۆتۈپ كىتىپ قالمىسۇن،"پا" ھە  "پا".ھە راس ئاداش،سىلەر كۆرۈشمىگەن قۇياش قاپتۇ،قۇياشقىمۇ چىقىپ كۆرۈشۈپ باقامسىلە يا؟دىدى ئۆمەرجان كۈلكە ئارىلاش.

-خاتىرجەم بول،قىززىق چاينى سوۋۇتۇپ گالدىن ئۆتكۈزىمىزغۇ.....

-ھە بولدى،ئىشقىلىپ پاراڭلىشىپ،دوسىت بولساڭ مەيلى،يۈرۈپ قالىدىغان ئىشنى ھەرگىز قىلما.

مەن ئۇنىڭ نىمە ئۈچۈن بۇنداق دەيدىغانلىقىنى ئاڭقىرالماي ماقۇل دەپ بىشىمنى لىڭشىتتىم.ئىككىمىز مىنىڭ ئىش ئورنۇمنىڭ ئالدىغا كەلگەندە خوشلاشتۇق.ئۆمەرجان بىلەن بولغان پاراڭلار ھازىرغىچە قۇلاق تۈۋىمدە.ئۇمۇ بىرە ئىشنى ئويلاپ شۇنداق دىگەندۇ،ئۇ دانا دوستۇمنىڭ قايسى گىپى خاتا چىقىپ باققان؟مىنىڭ ئابىدە بىلەن يۈرۈش خىيالىممۇ بولمىسا يە.....

~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~

يازلىق تەتىلگگ ئاز قالغانىدى،ئىمتىھانلار يامغۇردىن ئاۋۋالقى بۇلۇتلاردەك يوپۇرۇلۇپ كەلمەكتە،ۋاقىت بارغانسىرى قىستاپ بارغانسىرى ئانارگۈلنىڭ ياتىقىدىكىلەر جىددىيلەشمەكتە.

ئانارگۈل تۈگىمەس ئۇچرىشىشلار بىلەن بەنىت،ئابلىمىت ئىمتىھاندىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈش ئەمەس،قاچان تەتىل توشۇپ ئانارگۈل بىلەن كۈندە بىللە بولۇش غىمى بار.  

چۈنكى ئۇ ئاناگۈلنى ياخشى كۆرىدۇ.

ئانارگۈل يەنىلا يۇرتىنى سېغىندى،ياتاقتىكى قىزلارمۇ ئۆزيۇرتىنىڭ گىپىنى جىق قىلىدىغان بوپ قالدى،ئۇلارمۇ يۇرتىنى سېغىنىدۇ دە.ئىمتىھان باشلاندى،مەكتەپ جىمجىت،دەرەخ شاخلىرىنىڭ شىلدىرلىغان ئاېازىدىن باشقا ئاۋاز يوق.ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھان بەرمەكتە.ئابلىمىتنىڭ ئانارگۈلدىن ۋاقىتلىق ئايرىلدىغان كۈنى يىتىپ كەلدى،ئانارگۈل ئەمدى ئۆيىگە قايتىدۇ،دىمەك،ئابلىمىت بىلەن 2 ئاي كۆرىشەلمەيدۇ،بۇ بىر جۈپلەر بىر-بىرىنىڭ دىدارىنى كۆرەلمەيدۇ،ئاۋازىنى ئاڭلىيالمايدۇ.ئابلىمىت ئانارگۈلنى سېغىنىپ كەتسە قانداقمۇ قىلار؟سېغىنىش يامان،ئۆمەرجان سېغىنىشنىڭ دەردىنى تارتىۋاتقىلى بىر يېرىم يىلدىن ئاشتى،مەنمۇ ئابىدە بىلەن چ چ ئارقىلىقلا پاراڭلىشالايمەن.ئابىدە ئۆيىدىكىلەرنىڭ ئالدىدا تېلىفوندا پاراڭلىشالمايدۇ.ئەمدى قانداق قىلارمەن؟راستىنى دىسەم مەن ئابىدەگە كۆنۈپ قاپتىمەن. كۆنگەننىڭ يامانلىقىنى بىر تەتىل رەسمىي ئىسپاتلايدىغان بولدۇم.ئۇ ئىمتىھاننى قانداقراق بەرگەندۇ؟ئابىدەنى ئويلاپ ئۆيۈمگە كەپ قالغىنىمنىمۇ سەزمەپتىمەن.تۇيۇقسىز تېلىفونۇم سايرىدى،ئەقىچان ئابىدە.

-ئەسسالۇم ئۇستام!

-ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام خىنىم!

-قانداق ئەھۋالىڭىز؟نىمىش قىلىۋاتىسىز؟

-ھازىر ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە كەلدىم،سىزچۇ؟ئىمتىھاننى قانداق بەردىڭىز؟تاماق يىدىڭىز مۇ؟

-ھەئە ياخشى بەدىم.ھازىر ئانارگۈل بىلەن سىرىتقا چىقىپ تاماق يەپ كىردۇق،ئەتە ئۆيگە ماڭىمەن.ياتاقتا مىڭىشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىۋاتىمەن.ئۆمەرجان ياخشى تۇرۇپتىمۇ؟

-ئەتە ماڭامسىز؟بۇ تەتىل قاچان توشا ئەمدى؟ھە ئۆمەرجان ياخشى........

بۈگۈن كەچ پەقەتلا ئۇيقۇم كەلمىدى،كۆز ئالدىمدا ئابىدەنىڭ ئوماق چىرايى،يوغان قارا كۆزى تەبەسسۇم بىلەن ماڭا قارايىتتى.ئىتتىكرەك ئۇخلاپ چۈشۈمدە ئۇنى كۆرۈشنى ئارزۇ قىلاتتىم.ئۇنىڭ تاتلىق كۈلۈمسىرەشلىرىنى تولا ئويلاپ،قاچان ئۇخلاپ قالغىنىمنى بىلمەپتىمەن،ئاپام مىنى ئويغاتتى،چىيىمنى ئىچىپ ئىشقا ماڭدىم.

ئابلىمىت بۈگۈن ئىنتايىن خاپا،ئۇ ئانارگۈلگگ تېلىفون قىلىپ ئالالمايۋاتاتتى.ئانارگۈل ماڭغىلىۋاتقاندا ئانارگۈل بىلەن ئۇرۇشمىسا بولاتتى.كۈنلەش،ھەرقانداق ئاشىق-مەشۇقتا بولىدىغان تەبئىي پىسخىكا،ئەمما ئاشۇرىۋىتىشكە بولمايدىغان،ئىشىپ كەتسە پاجىئەگە ئايلىنىدىغان كۆڭۈل ئاغرىقى،ياخشى كۆرۈش مەناسى.ئابلىمىت،ئانارگۈل ۋە 7پەرىزات بۈگۈن ئۆيلىرىگە مىڭىشتى،مەكتەپ ئىچى جىمجىت،ياتاقتىكى كۈلكىلەر،توختىماي تېلىفون پاراڭلىشىشلار،يىگىتلىرى بىلەن توختىماي قىلىنغان چاقچاقلار....ئەمدى 2 ئاي ئاڭلانمايدۇ.

ئانارگۈلنىڭ ئۆيىدىىكىلار بۈگۈن ماچاڭخو دىگەن بىر شىخو شەھىرىگە قاراشلىق بازاردا،ئۇلارنىڭ ماچاڭخودىمۇ ئۆيى بار.ئۇلار يازدا كۆپىنچە مۇشۇ يەردە تۇرىدۇ.ئانارگۈلنىڭ دادىسى قوي باقىدۇ،ئاكىلىرى يەر تېرىيدۇ،باش باھاردىن كەچ كۈزگىچە ئۇلارغا ئارام يوق.ئانارگۈلمۇ يازلىق تەتىلدە ماچاڭخودا ئاكىلىرىغا ياردەملىشىدۇ.

ئاتا-ئانىسى ،ئاكا-ھەدىلىرى تۆت كۆز بىلەن كۈتكەن ئانارگۈل بۈگۈن شىخوغا كەلدى،شىخوغا يەنە قايتىپ كەلگەن ئانارگۈل ھاياجاندىن كۆزلىرىگە ياش ئالدى.ئۇ يۇرتىنى ھەقىقەتەن سېغىنغانىدى،ئەمدى يۇرتىغا كەلدى،ئابلىمىتنى سېغىنارمۇ؟

ئانارگۈل ئىشىكتىن كىرىشىگىلا ئۆينىڭ ئىچى يورۇپ كەتكەندەك تۇيۇلدى،كۈندىن كۈنگە ئۇز بولۇپ كەتكەن ئانارگۈلنى ھەرقانداق بىر يىگىت بىر كۆرۈپلا ياخشى كۆرۈپ قالاتتى.

ئانارگۈلگە ھاردۇق يەتتىمىكىن،بۈگۈن بالدۇرلا ئۇخلىدى.ئەتىسى ئەتىگەن ئۇزۇندىن بېرى قىنىپ ئۇخلىمىغان ئانارگۈل،قوپۇپلا سىرىتقا چىقتى.پاھ،نىمىدىگەن ساپ ھاۋا بۇ؟سەھرانىڭ ھاۋاسى بىلەن شەھەرنىڭ ھاۋاسى ئاسمان زىمىن پەرىق،بۇ يەردە خوتەندىكىدەك ئىككى كۈندە بىر توپا ياغمايدۇ.كۈنگەي يانتۇلۇققا جايلاشقان بۇ بازار(يېزا،قىشلاق)نىڭ ئۈستى بىنەم،ئاستى سۇلۇق يەر.بۇغداي مايسىلىرى تاختا بولۇپ يەلپۈنۈشكە باشلىغان چاغلاردا تۆپىلىكتە تۇرۇپ قارىسىڭىز،بۇ بازار دولقۇنلاپ تۇرغان دىڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى كىچىك بىر ئارالغا ئوخىششپ قالىدۇ.بۇ ئارالغا ئالما،نەشپۈت،شاپتۇل دەمسىز،ئالۇچا دەمسىز،ئىشقىلىپ توخۇنىڭ سۈتىدىن باشقا ھەممىسى تېپىلىدۇ.شۇڭا  ئانارگۈلنىڭ ھەر تەتىلدە بۇ ئۆيىدىن كەتكۈسى كەلمەيدۇ.ئەينى چاغدا ئۆمەرجان ئانارگۈلنى ئىزدەپ بۇ يەرگە كەلگەن.بۇ يەرنىڭ گۈزەللىكىنى،ئۆمەرجان ئۆزھىسسىياتىنى مۇنۇ شېئېر بىلەن ئىپادىلەنگەنىدى.

باھاردا كىلىپ كۆر ماچاڭخونى،

1.   تۆت "خو"نىڭ ئەڭ گۈزىلىنى.

خۇش پۇراق چاچار ھەر چاغ،

ھىدى ئالار پۈتۈن شىخونى.

~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~

ئۆمەرجان بۈگۈن ئىشتىن بالدۇر چۈشتى،ئۇنىڭ بۈگۈن مەن بىلەن كۆرۈشكىسى بار ئىدى،ئىككىمىز بىر ئاشخانىدا تاماق يىگەچ كۆرۈشتۇق.

-ھە ئاداش،نىمە تاماققا كۆڭلۈڭ تارتىدۇ؟

-مەن سۈيقاش ئىچەي،دىدى-ئۆمەرجان.

-ھوي مەنتاڭ قورساق،كۈندە سۈيقاش ئىچىۋېرەمسە؟دىدىم مەن ئۆمەرجانغا چاقچاق قىلىپ.

توۋا،بۇ دوستۇم سۈيقاشنى نىمانچە ئىچىدىغاندۇ؟تۆنۈگۈنمۇ تېلىفوندا نىمە يىدىڭ دىسەم سۈيقاش ئىچتىم دىگەنتى.ھە بوپتۇلا،نىمە يىگۈسى كەلسە شۇنى يىسۇن.

-كۈتكۈچى،بىزگە بىر تەخسە لەغمەن،بىر چىنە سۈيقاش.

ئىككىمىز بىر-بىرىمىز بىلەن يەنىلا شۇ ئانارگۈل توغرىسىدا پاراڭلاشتۇق،ئەلۋەتتە،تاماقتىن كىيىن ئازراقتىن ھاراقمۇ ئىچىپ قويغانىدۇق.ئۇ ئانارگۈلنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيىتتى.دىمەك،ئۇ ئانارگۈلنى ئۇنتىيالمىدى.

-ئاداش،دىدىم-مەن.ئۇنىڭ خىيالىنى بۆلۈپ،ئابىدە ياخشى قىزكەن،ئۇ قىز بىلەن تونۇشۇپ پاراڭلىشىۋاتقىنىمۇ بىر نەچچە ئاي بوپ قالدى.ئۆمەرجان،ئۆزۈڭمۇ بىلىسەن،بىر قىز بالا بىلەن پاراڭلاشقاندىن كىيىن ھەر خىل تېمىدا پاراڭلاشقۇڭ كىلىدىكەن،ئۇ قىز بىلەن مۇھەببەت،تۇرمۇش،كەلگۈسى توغرىسىدا پاراڭلاشتىم.ئۇ قىز مىنى ياقتۇرۇپ قالغاندەك قىلىدۇ،مەنمۇ ئابىدەنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم.ساڭا دىمەي بولمىدى ئاداش.

-ئىشقى سەۋدانى اللە ئىگەم ئۆزى سالىدۇ ئاداش،دىدى ئۇ،قولىدىكى رومكىنى كۆتۈرىۋەتكەچ،بەخىتلىك بولىدىغان ئىش بولسا يۈرۈپ كۆرۈپ باق.ئەمما ئۇ قىزنى ئالدايدىغان،ئۆزۈڭنىڭ،شىخولۇق غورۇرى بار يىگىتلىرىمىزنىڭ يۈزىنى چۈشۈرىدىغان ئىشنى قىلساڭ بولمايدۇ جۇمۇ.

-ماقۇل ئاداش،ئەمىسە ئەتىلا...........

-ھە،نىمىش قىلماقچى؟دىدى-ئۆمەرجان.

- خا   خا  خا   ئاداش،ھې ئابىدە دىگەن قەشقەلىق،سىنى سۆيىمە دىمەمدىم.

-شۇنىڭ بىلەن ئابىدە "ھې شىخولۇق،مەن سىنى ياخشى كۆرمەيمە "دىسە سەن بىچارە ئۆلىۋالىسەن دىگىنە ھە،دىدى-ئۆمەرجان،كۈلكە ئارىلاش.

ئىككىمىز ئاشخانىدىن چىقىپ،يولدا ماڭغاچ ئابىدە توغرىسىدا پاراڭلىشىپ ئۆيلرىمىزگە قايتىشتۇق.مەن ئەتە ئابىدەگە تەلەپ قويىمەن،ئۇ تېلىفوننى ئالالارمۇ؟ئەتە چۈشتىن كىيىن تېلىفون قىلاي.

~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~

ئابلىمىت ئانارگۈلنىڭ نومۇرىنى ئاخىرى تاپتى،بۈگۈن رامىزاننىڭ ھارپىسى ئىدى،ئۇ ھېيىتكاھ جامىئەسىدىن تەراۋىھ نامىزىدىن چىقىپلا ئانارگۈلگە تېلىفون قىلدى.ھەمدە ئانارگۈل بىلەن ئۇزاق پاراڭلاشتى.

بۈگۈن ئابلىمىت ئىنتايىن خۇشال،چۈنكى ئۇ ئانارگۈلنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدى.بۇ يىل قەشقەردە يامغۇر يىلدىكىدىن كۆپ ياغدى.ئۇ بۇ يامغۇرلۇق كىچىدە ئانارگۈل بىلەن تېلىفوندا پاراڭلاشتى،ئەپسۇس،ئانارگۈل ئۇنىڭ يىنىدا بوپ قالغان بولسا........

رامازاننىڭ بىرىنچى كۈنى ماڭا خۇشاللىق ئەپ كەلدى،2012-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى،ئابىدە ئىككىمىزنىڭ مەڭگۈلۈك ئابىدە كۈنى.بۈگۈن ئابىدە ئىككىمىز ھۇھەببەت قولۋىقىغا ئولتۇردۇق.مەن ئۇ قىزنى نەقەدەر ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى ھازىردىن باشلاپ تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلماقتىمەن.مەن ئابىدەگە ۋە ئۆمەرجانغا شۇنداق ۋەدە بېرىمەنكى،ئابىدەنى مەڭگۈ سۆيىمەن،مەيلى قەيەردە بولماي،ئۇنى چوقۇم ئالىمەن.ئابىدەنى مەڭگۈ قەدىرلەيمەن.

~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~

بۇ پىژغىرىم ئىسسىقتا روزا تۇتۇپ ئېتىز ئىشى قىلماق ئۇنداق ئوڭاي ئەمەس ئىدى،ئانارگۈل بۈگۈن چارچىدى،ئۇسساپ چاڭقىدى،رامازان ئېيى ئىسسق كۈنلەرگە توغرا كەلگەچكە ۋە بىرىنچى كۈنى بولغاچقا شۇنداق بولىۋاتقان گەپ.ئۇ شىخوغا ھېيىتتا كىرىدۇ،ھېيىتنىڭ 5-كۈنى خوتەنگە ماڭىدۇ،ئۇ شۇ كۈننى كۈتتى.چۈنكى ئانارگۈلمۇ ئابلىمىتنى سېغىنغان ئىدى..........................

چەكسىز سېغىنىشلار ئىچىدە كۈتكەن روزا ھېيىت يىتىپ كەلدى،ئابلىمىت ئۈچۈن بۇ تەتىل بەكلا ئاستا ئۆتتى.ئاز قالدى،بىر ھەپتە قالماي ئانارگۈلنى كۆرەلەيدۇ.ئانارگۈل ھېيىتنى شىخودا ئۆتكۈزدى.ھېيىت،يازنىڭ ئاخرقى كۈنلىرىگە توغرا كەلدى،مانا بۇ ۋاقىتتا ماچاڭخو ئۆزگىچە تۈس ئالاتتى.چۈجە خورازلارنىڭ ھورۇن مەزىننىڭ ئاۋازىدەك خىرىلداشلىرى،قاغىلارنىڭ تېرەك شاخلىرىنى ئىگىپ،تىپىرلاپ چۇرۇقلاشلىرى ۋە كالىلارنىڭ مۆرەشلىرى،مەسىت بۇقىنىڭ يەر تىلغاپ ھۆركىرەپ-ئازناشلىرى،بازاردىكى ھەممە ئاۋاز،ئەممە كۆرۈنۈش خۇددى پارىژ تىياتىرخانىسىنىڭ سەھنىلىرىدىكى مۇزىكا ئاۋازلىرىدەك،بىتخوۋېن،چايكوۋىسكىي،موزارىت،باكلارنىڭ گۈزەل سىمفونىيە،مۇزىكىلىرىدەك يىقىملىق،سىرلىق بىلىندى.بۇغدايلىرى ئورۇۋىلىنغان ساپسېرىق،كۈن نۇرىدا ئالتۇن يالىتىلغاندەك كۆرۈنىدىغان چەكسىز ئېڭىزلىقلار رىپىننىڭ دۇنياغا داڭلىق رەسىملىرىدىمۇ ئىپادىلەنمىگەنىدى.

ھېيىتمۇ ئۆتتى،خوتەنگە يول ئالغان ئانارگۈل ئاتا-ئانىسى،قېرىنداشلىرىغا چىدىماي كۆز يىشى قىلىپ خوشلاشتى.يەنە بىر تەرەپتىن ئابلىمىتنى كۆرەلەيدىغانلىقى ئۈچۈن ئىچى-ئىچىدىن خۇشال ئىدى.مانا بۇ مۇھەببەتنىڭ سېھرىي كۈچى.

قاتناش نىمىدىگەن راۋان ھە؟ ئانارگۇل بىر كۇندىلا خۇتەنگە كەپ بولدى،ھەمدە ياتاقتىكىلەر بىلەن،سىنىپتىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى.مانا بۇ ساۋاقداشلار كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بىر يىللىق ئوقۇشنى تاماملىدى.

ئانارگۈل كەلگەن كۈنى كەچ،پۈتۈن ياتاقتىكىلەر تۈن يېرىمغىچە پاراڭلىشىپ ئۇخلاشمىدى،ئۇلار تەتىلدە ئۆز يۇرىتلىرىدا بوپ ئۆتكەن قىزىق ئىشلارنى،ھېيىتنى قانداق ئۆتكۈزگەنلىكىنى توختىماي سۆزلەشتى،كىيىن بىر-بىرلەپ ئاۋازى بېسىقتى.2 ئاي جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرگەن ياتاق،بىردىنلا قەپەستىن ئازاد بولغان قۇشتەك ۋىچىرلاپ كەتتى.

ئەتىسى ئابلىمىت ئانارگۈلنى كونا جايغا،يەنى مەكتەپ كۈتۈپخانىسىنىڭ ئالدىدىكى گۈللۈكتە ساقلىدى،بۇ ئۇلارنىڭ 2 ئاينىڭ ياقى تۇنجى كۆرۈشىشى ئىدى.ئابلىمىت ئانارگۈلىنى ساقلىغاچ ئانچە مۇنچە غىڭشىپ قويدى.

ئەي يارەنلەر،قەدىردانلار،

نە بولدى يارىم كەلمىدى.

ئىشقى ئوتىدا كۆيدى جانلار،

نە بولدى يارىم كەلمىدى.

ئانارگۈلنىڭ سىماسى يىراقتىن ئابلىمىتقا كۆرۈندى،سۈتتەك ئاق يۈزى،قاپقارا كۆزلىرىنى تېخىمۇ كۆركەملەشتۈرىدىغان تال-تال،ئۇزۇن،قويۇق كىرپىكلىرى،كىشىنى ئىختىيارسىز ئۆزىگە تولىمۇ ياراشقان لەۋلىرىنىڭ كۈلۈمسىرەشلىرى،كۈلۈمسىرەش بىلەن پەيدا بولىدىغان كۆزلىرىنىڭ خۇمالىشىشى،مەڭزىدىكى زىناقلىرى،سەدەپتەك چىشلىرى...............

ئانارگۈل ئابلىمىتقا ئىتىلىشقا تەييار ئىدى،ئەمما ماكان ئۇنىڭغا تار.................

ئابلىمىت ئانارگۈلنى ئۆز باغرىغا بىسىشقا تەمشەلدى،ئەمما زامان ئۇنىڭغا زىت.............

بۇ ئىككىيلەن مەكتەپ ئىچىنى ئايلانغاچ تەتىلدە بولغان ئىشلارنى،بىر-بىرىنىڭ قانچىلىك سېغىنىشقانلىقىنى توختىماي سۆزلەشتى.

مەن بۈگۈن ئابىدەگە تېلىفون قىلدىم،ئابىدە بىلەن پاراڭلاشتىىم.مەن ئۆمەرجاننىڭ نىمىشقا ئانارگۈلگە بۇنچىلىك قىلىپ كىتىدىغانلىقىنى ئەمدى چۈشىنىپ يىتىۋاتىمەن.مىنىڭ ئابىدەنىڭ يىنىغا قۇش بولۇپ ئۇچۇپ بارغۇم كىلەتتى.ئابىدە ئۈچۈن جاندىن كىچىشكىمۇ تەييار ئىدىم.

ئابلىمىت ئانارگۈل بىلەن كۈندە بىللە،مەن ئابىدە بىلەن كۈندە تېلىفوندا پاراڭلىشىپ تۇرىمەن.ئۆمەرجان بولسا ھاراقبىلەن بىللە.ئۇنىڭغا كۆپ نەسىھەت قىلدىم.ئۇھازىر مىنى تاشلاپ ھاراقنى دوسىت تۇتىۋالدى.

كۈنلەر بىر بىرىنى قوغلىشىپ،كەچ كۈزمۇ يىتىپ كەلدى،ئابىدە بىلەن يۈرىۋاتقىنىمغىمۇ 4 ئاي بوپ قاپتۇ.بۇ جەرياندا ئابىدە ئىككىمىز تالاي قىتىم سوقۇشۇپ،تالاي قىتىم ئەپلەشتۇق.تالاي كىچىلەرنى شېرىن سۆزلەرنى قىلىش بىلەن ئۇخلىماي تاڭ ئاتقۇزدۇق.مەن ئۇنى مەڭگۈ سۆيىمەن،مەڭگۈ قوغدايمەن.ئۆمەرجان دوستۇمنى بولسا ھاراقتىن تەلتۆكۈس قول ئۈزگۈزىمەن.بىچارە دوستۇم،يەنە شۇ ھاراقنى ئىچىپ،ئازابلار ئىچىدە يۈرىكىنى تۇتۇپ ئولتىرامدىغاندۇ؟

شىخو شەھىرىنىڭ كۈز كىچىلىرى پەسىل قايغۇسىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى نامايەن قىلماقتا.ئېرىقلار سېرىق يوپۇرماقلار بىلەن تولغان،يازىچە توختىماي يالتىراپ ئېرغاڭلاپ،چۇرۇقلىتىپ ھاياتنى كۈيلىگەن ياپراقلار ھازىر دەسسەلمەكتە،سۈپۈرۈلمەكتە.كوچىلارغا چىچىلىپ شەھەر چىتىگە ماي بولۇشقان ئېرىق سۇلىرىمۇ قارايغان،غەمكىن،بۈگۈن ھىلىقى تولۇن ئايمۇ يامانلاپ قالغان،ھاۋا تۇتۇلغان،سىمىلداپ يامغۇر ياغماقتا،كوچىلار جىمجىت.ئۆمەرجان ئىشتىن چۈشۈپ قاۋاقخانىدا مەسىت بولدى،ئۇ ھازىر ئەممىنى ئۇنتۇغان ھالەتتە خۇدىنى بىلمەي كىتىۋاتماقتا.ئۇنىڭ يۈرىكى ئانارگۈل .........ئانارگۈل........ئانارگۈل......دەپ سوقماقتا........

خۇش مۇرادىغا يىتىش نىسىپ بولمىغان بىچارە دوستۇم،سىنى ۋىسالىڭغا يەتكۈزۈش،قەلبىڭدىكى ھىجران ئوتىنى ئۆچۈرۈش بۇ ئالەمدە ماڭا نىسىپ بولمىدى،مەن بۇنىڭغا ئامالسىزمەن!


ئىزاھات:

1.تۆت خو____شىخو،جاۋاڭخو،ماچاڭخو،باسىخونى كۆرسىتىدۇ.باسىخو دىگەن شىخونىڭ يېزىسى.جاۋاڭخو،ماچاڭخو........قاتارلىقلار باسىخو يېزىسىغا قاراشلىق بازارلار.

تۈگىدى!



پەخىردىن تۇرسۇن ئوتياشى


2012-يىل17-نويابىر


ماناس،شىخو



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   pakzat0992 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-11-24 09:27 PM  


ئىسىل ياشا،ياشلىق ئەمەسمۇ......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85889
يازما سانى: 728
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 3801
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 247 سائەت
تىزىم: 2012-10-9
ئاخىرقى: 2013-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-24 10:32:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پاھ بۇ قىسىملىق ھىكايە ئىكەنغۇ باشتىن كۆرەي

شەرىتسىز قەدەمنى ئالىمىز چوقۇم،
توسالماس بىزلەرنى مۇرەسسە سۈلھى.
غايىمىز نۇر چىچېپ چاقنىغان چاغدا،
نۇر بىلەن قوينىغا ئالىدۇ سۈبھى.
                                                 _(كۆك ھىلال)

ساھىبجامال مەلىكە،

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31508
يازما سانى: 1722
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9568
تۆھپە نۇمۇرى: 495
توردا: 4052 سائەت
تىزىم: 2011-2-23
ئاخىرقى: 2013-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-24 10:54:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنكاسىم بىلەن ساقلىۋىلىپ كۆرەي.

  بىلىم ھەرقانداق ئادەمگە لازىم مەن بىلىمگە تەشنا بىلىم ئىلىش مىنىڭ ئارزۇيۇم

ساھىبجامال مەلىكە،

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31508
يازما سانى: 1722
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9568
تۆھپە نۇمۇرى: 495
توردا: 4052 سائەت
تىزىم: 2011-2-23
ئاخىرقى: 2013-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-24 10:55:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن.

  بىلىم ھەرقانداق ئادەمگە لازىم مەن بىلىمگە تەشنا بىلىم ئىلىش مىنىڭ ئارزۇيۇم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1745
يازما سانى: 87
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9503
تۆھپە نۇمۇرى: 352
توردا: 321 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2013-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-24 11:18:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھىكايىڭىزنى زور قىزىقىش بىلەن تولۇق كۆرۇپ چىقتىم ، ئەسەردە ئانا يۇرتىمىزنى كۆپ قېتىم تىلغا ئېلىپ تەسۋېرلەپسىز ، بۇ ئەسىرىڭىزنىڭ كۇچىنى تېخىمۇ ئاشۇرغۇسى !
ئەمما ھېكايىدىن بەكەرەك كۇندىلىك خاتىرىگە ئۆخشاپ قاپتۇ.   

سىر بېرىپ، سىر سورىغانغا سۆزلىگەن ئەخمەق ئېرۇر ،
رەقىبىڭ قەستى سىرىڭنى سىنچىلاپ ئۇخماق ئېرۇر.
شۇ ئەيىبتىن يەتتى باشقا كۆپ نادامەتلەر بۈگۈن،
ئەمدى بىلدىم ؛ياخشى خىسلەت -دىلنى سىر تۇتماق ئىرۇر .

دەتمەن ئۇيغۇر

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38669
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3502
تۆھپە نۇمۇرى: 141
توردا: 1195 سائەت
تىزىم: 2011-4-25
ئاخىرقى: 2013-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-24 11:27:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجەپ يېزىپسىز  جۇما

دەتمەن ئۇيغۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 2066
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17841
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 1750 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2013-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-24 11:32:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
natik + 10 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

كەاسسىد ەدااسھسققددھ  

بىلەتتىم ئۆزگىگە تەۋەلىكىڭنى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85965
يازما سانى: 138
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 500
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 35 سائەت
تىزىم: 2012-10-11
ئاخىرقى: 2013-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-25 12:31:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۈگەپتۇدە ..مەن قارىسام داۋاملىق كۈلۈپ يىغلىغانلار داۋاملىق  يىغلاپ قالغاندەكقۇ

[[b]color=Red]بىر كۆز بىر كۆزگە نىمىلەرنى چۈشەندۈرەلەيدۇ بىلمەيمەن ،ئەمما بىر سۆز بىر كۆزنى يىللارچە يىغلىتالايدۇ .بىركۆڭۈلنى يىللارچە ساقلىتالايدۇ...![/color][/b]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86756
يازما سانى: 265
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 554
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 157 سائەت
تىزىم: 2012-11-3
ئاخىرقى: 2013-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-25 01:26:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھېكايىغۇ بەك ياخشى يېزىلىپتۇ. بىراق پىرسۇناجلار بەك تاغدىن_باغدىن بۇلۇپ قاپتۇ...بۇنداق ھېكايىگە ئەسلى ياكى ئۆزىڭىزنىڭ تۇرمۇشىنىلا ياكى بولمىسا ئۆزىڭىزنى يازمىغان بولسىڭىز بوپتىكەن.... بىردەم ئۆزىڭىزنىڭ دوستىڭىز بىلەن بولغان سۆھپىتىڭىزنى بىردەم شىخۇغا كەتكەن ئانارگۈلنىڭ شىخۇدىكى تۇرمۇشىنى ياناكىلىپ ئابلىمىتنىڭ ئىچكى ھېسىياتىنى ئەينەن تەسۋىرلەپسىز‹.....  بۇنداق قىلىۋاتاتتى،ئىتىۋاتاتتى ،ئويلاۋاتاتتى دىگەندەك‹تاتتى›دىگەندەك ھېكايىگە پېرسۇناجلار مۇقۇم بۇلۇشى كېرەك. ھازىر بۇ ھېكايىدىكى ئاساسلىق پېرسۇناج كىم؟  كەچۈرۈڭ كۆپ سۆزلەپ قويدۇم ......تېخىمۇ تىرىشىڭ‹‹‹‹

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62099
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3187
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 17 سائەت
تىزىم: 2011-10-25
ئاخىرقى: 2013-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-25 04:54:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۈمەرجاننىڭ رولىنى ئېلىپ ئۈتكەن شۇ كۇنلىرىمگىمۇ 3يىل بۇلۇپ قاپتۇ ..   ئۇنتۇدۇم   ... باشقا ئامال يۇقكەن  .   بۇ ھېكايىڭىزنى ئېسىمگە كېلىپ قالدى  .  ئېي!   

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش