مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1280|ئىنكاس: 19

غۇلجا شەھەرلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپتە لوتپۇللا مۇتەللىپ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67017
يازما سانى: 89
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4359
تۆھپە نۇمۇرى: 540
توردا: 578 سائەت
تىزىم: 2011-11-26
ئاخىرقى: 2013-1-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-24 08:23:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
غۇلجا شەھەرلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپتە لوتپۇللا مۇتەللىپ
رەسىم:

غۇلجا شەھەرلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپتە لوتپۇللا مۇتەللىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ90 يىللىقىنى خاتىرلەش ئەدەبىيات-سەنئەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

     غۇلجا شەھەرلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپ قوش تىللىق 2-يىللىق 13-سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ئابدۇرېشىت ئوسمان مۇئەللىمنىڭ تەشكىللىشى ۋە يىتەكلىشىدە 2012-يىل11-ئاينىڭ 21-كۈنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ۋەتەنپەرۋەر شائىر،قەيسەر ئىنقلاپچى لوتپۇللا مۇتەللىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ90 يىللىقىنى خاتىرلەش ئەدەبىيات-سەنئەت پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.
    بۇ پائالىيەتكە<<ئىلى دەرياسى>>،<<ئىلى كەچلىك گىزىتى>>قاتارلىق گېزىت-ژۇرناللارنىڭ بىر قىسىم مۇھەررىر،مۇخبىرلىرى ۋەئىلى پېداگۇگىگا ئىنستېتۇتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ بىر قىسىم  ئوقۇغۇچىلىرى بولۇپ،200 نەپەر كىشى قاتناشتى.بۇ پائالىيەت بىر ئوقۇغۇچى ئېيتقان<<سالام لوتپۇللا>> ناملىق ناخشا بىلەن باشلاندى.بۇ پائالىىيەتكە ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان<<ئىلى دەرياسى>> ژۇرنىلىنىڭ پېشقەدەم مۇھەررىرى،لوتپۇللا مۇتەللىپ ھەققىدە<<شاۋقۇن>> ناملىق رومان يازغان يازغۇچى مۆمىن مۇھەممىدى ئاكا لوتپۇللا مۇتەللىپ ھەققىدە ئەسلىمە سۆزلەپ ،شائىرنى چوڭقۇر ياد ئەتتى.ئوقۇغۇچىلار يەككە ۋە كوللىكتىپ ھالدا شائىرنىڭ<< يىللارغا جاۋاب>>،<< خىيالچان تىلەك>>،<< ياشلىق ئۆگەن>> قاتارلىق شېئىرلىرىنى جانلىق، ئۆزگىچە ماھارەت بىلەن دېكلاماتسىيە قىلىپ،سورۇن ئەھلىنى كۈچلۈك ھاياجانغا سالدى.ئوقۇغۇچىلار يەنە شائىرنىڭ ئۆمۈر مەنزىلى ۋە ئەدەبىي ئىجادىيىتىگە ئائىت گىزىت-ژۇرناللاردا ئىلان قىلىنغان<<لوتپۇللا مۇتەللىپ  تەرجىمىھالى>>،<<لوتپۇللا مۇتەللىپ  قوللانغان تەخەللۇسلار>>، <<قارا تۈندە چاقنىغان چاقماق>>،<< ئالەم ئاسمىنىدا چاقنىغان چولپان ئىدىڭ>> قاتارلىق ماقالە-ئەسەرلەرنى ئوقۇپ شائىرنىڭ كەچمىشلەرگە باي،شانلىق ئۆمۈر مەنزىلى ۋە ئەدەبىي ئىجادىيەت ئەھۋالىنى سۆرۇن ئەھلىگە تونۇشتۇردى.تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ئابدۇرېشىت ئوسمان  بىزگە ئۇنتۇلماس سيما، نۇرلۇق ئابىدە،قىممەتلىك يالداما بولۇپ قالغان شائىرنىڭ  سۈرەتلىرىنى بىر-بىرلەپ ئىكرانغا چىقىرىپ ئىزاھلىدى ۋە پائالىيەتتىن قىسقىچە خۇلاسە چىقاردى. پائالىيەت ئاخىرىدا ئوقۇتقۇچى،ئوقۇغۇچىلار تەكلىپ قىلىنغان مۇھەررىر، مۇخبىرلار بىلەن كۆللىكتىپ خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى  

مەنبە: ئىلى كەچلىك گېزىتى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82350
يازما سانى: 422
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3239
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 283 سائەت
تىزىم: 2012-7-1
ئاخىرقى: 2013-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-24 08:46:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
لوتپۇللا مۇتەللىپ مەن ئەڭ ياخشى كۆردىغان شائىر.23يىللىق قىسقىغىنە ھاياتىدا شۇنداق جۇشقۇن شىئىرلارنى يازغان.ئەگەر ئاقسۇغا بارغىلى پۇرسەت بولسا قەبرىسنى بىر يوقلىغىم بار.

ئۆمىد بىلەن ياشايمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16454
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7314
تۆھپە نۇمۇرى: 454
توردا: 2181 سائەت
تىزىم: 2010-11-5
ئاخىرقى: 2012-12-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-24 08:52:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ئەھمىيەتلىك پائالىيەت بوپتۇ..

بۇگۇن  يا تارىخنى يازىمىز ياكى تارىخ بولىمىز ..

جاھان كۆزى ئەركەكتە

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 1528
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7566
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 206 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2013-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-24 08:54:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ئەركەك بولماي ئايال يوق
قىز بولماي ئەر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81862
يازما سانى: 139
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3408
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 82 سائەت
تىزىم: 2012-6-20
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-24 09:03:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەھمىيەتلىك  بىر  ئىش  بوپتۇ

مەن بىكار ئۆتكۈزىۋەتكەن بۈگۈننى تۈنۈگۈن قۇربان بولغانلار زارىقىپ كۈتكەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80054
يازما سانى: 605
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2902
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 326 سائەت
تىزىم: 2012-5-12
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-24 09:12:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شائىرىمىزنى چوڭقۇر سىغىنىش ئىلكىدە  ئەسلەيمىز .

دوستىڭىزنى توغرا تاللاڭ،بىر ئۆمۈر خوشال ئۆتىسىز.جۆرىڭىزنى توغرا تاللاڭ،بىر ئۆمۈر بەخىتلىك ئۆتىسىز.كەسپىڭىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85889
يازما سانى: 730
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 3769
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 235 سائەت
تىزىم: 2012-10-9
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-24 09:13:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەندىن بالدۇر چىقىپ كىتىپسىزدە.يامان كەنسىز جۇمۇ.بۇ يغىنغا مەنمۇ قاتناشقان .تىما يوللاي دەپ ماتىريالمۇ يىققان ئىدىم.
رەسىمدىكى شاۋقۇننىڭ ئاپتورىنىڭ سۆزلىگەن سۆزىنىڭ سىن لىنتىسىنىمۇ يوللاپ قويغان بولسىڭىز بوپتىكەن.

شەرىتسىز قەدەمنى ئالىمىز چوقۇم،
توسالماس بىزلەرنى مۇرەسسە سۈلھى.
غايىمىز نۇر چىچېپ چاقنىغان چاغدا،
نۇر بىلەن قوينىغا ئالىدۇ سۈبھى.
                                                 _(كۆك ھىلال)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 912
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6519
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 177 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2013-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-24 09:22:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئابدۇرېشىت ئوسمان مۇئەللىمگە بارىكاللا ، بەك ئەھمىيەتلىك پائالىيەت بوپتۇ . بۇ مۇئەللىمنىڭ ئۇلۇغ يازغۇچىمىز زوردۇن سابىر ھەققىدىكى ماقالىلىرىمۇ شۇنداق ياخشى چىققان . يازغۇچىنىڭ تەرجىماھالىدىكى خاتالىقلارنى ئېنىقلاپ تۈزۈتۈپ چىققانلىقىنى ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە . مەن بىر ئوقۇرمەن بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ مۇئەللىمگە ئالىي سالام ، چۇڭقۇر تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرىمەن .

سىز 365 كۈن ياشىدى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45730
يازما سانى: 662
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3478
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 1713 سائەت
تىزىم: 2011-6-26
ئاخىرقى: 2013-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-24 09:32:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پۇرسەت بولغان بولسا بىرىپ ئاڭلاركەنمەن.
ئوقۇلغان ياخشى ماقالىلەر بولسا يوللاپ قويۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلمەن.

سىز 365 كۈن ياشىدىڭىزمۇ ياكى بىر كۈن ياشاپ ئۇنى 365 قېتىم تەكرارلىدىڭىزمۇ؟ ئۆيۈڭگە ئوت كەتسە ، ئۆزۈڭنىڭ چىرىغىدىن كۆر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79331
يازما سانى: 405
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3794
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 63 سائەت
تىزىم: 2012-4-25
ئاخىرقى: 2013-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-24 10:07:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەھمىيەتلىك  بىر  ئىش  بوپتۇ

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش