مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 927|ئىنكاس: 9

مەشھۇر ئەدىبلىرىمىزنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى ( 1 ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83018
يازما سانى: 255
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5473
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 402 سائەت
تىزىم: 2012-7-26
ئاخىرقى: 2014-1-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-24 02:15:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                             تېيىپجان ئېلىيوف ( 1930 - 1989 )

         ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى ، بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ داڭلىق ۋەكىلى ، مەملىكەت ئىچى - سىرتىغا تونۇلغان شائىر ۋە ئەدەبىيات - سەنئەت تەشكىلاتچىسى تېيىپجان ئېلىيوف ئىلى ۋىلايىتىنىڭ قورغاس ناھىيەسىدە مەرىپەتپەرۋەر دىنىي ئائىلىدە تۇغۇلغان . ئۇنىڭ << شەرق ناخشىسى >> ، << تىنىچلىق ناخشىسى >> ، << تۈگىمەس ناخشا >> ، << ۋەتىنىمنى كۈيلەيمەن >> ، << زەپمۇ چىرايلىق كەلدى باھار >> ، << باھار ئىلھامى >> ،<< تاللانغان شېئىرلار >> ، << يانتاق >> قاتارلىق شېئىرلار توپلاملىرى ، << تۆھمەت قۇربانى >> ناملىق داستانلار توپلىمى بار . ئۇنىڭ ماقالىلىرى ، خەت- چەكلىرى ، ئەسلىمىلىرى توپلىنىپ << تېيىپجان ئېلىيوف ئەسەرلىرى >> ناملىق كىتاب بولۇپ نەشر قىلىندى . يەنە << تېيىپجان ئېلىيوف شېئىرلىرى >> ناملىق توپلام نەشىر قىلىندى .

                              ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر  ( 1923 - 1995 )

          ئاتاقلىق تىلشۇناس ، ئالىم ، تالانتلىق شائىر ھەم يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر 1923 - يىلى قومۇلدا بىر سودىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان . 1995 - يىلى 10 - ئاينىڭ 5 - كۈنى كېسەل سەۋەبىدىن 72 يېشىدا ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولغان . ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ << ياخشى >> ، << ئىز >> ، << مەن ئاق بايراق ئەمەس >> قاتارلىق شېئىرلىرى ؛ << ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك >> ، << قەشقەر كېچىسى >> قاتارلىق داستانلىرى شېئىرىيىتىمىزدە ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ . ئۇ يەنە << دېڭىزدىن سادا >> ، << باش ئەگىم >> ، << شېئىر ۋە شائىر >> ،<< قاشتېشىغا مەدھىيە >> قاتارلىق ئېسىل نەسىرلەرنى يازغان .

                             ئابدۇكېرەم خوجا ( 1928 - 1988 )

         ئاتاقلىق شائىر ، ئەدەبىي تەرجىمان ، ژۇرنالىست ئابدۇكېرەم خوجا 1928 - يىلى 11 - ئايدا قومۇل ۋىلايىتىنىڭ ئالتۇنلۇقۇم يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان . 1988 - يىلى 3 - ئاينىڭ 7 - كۈنى 60 يېشىدا كېسەل سەۋەبى بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن . ئۇ 1953 - يىلىدىن تارتىپ دەسلەپ خەنزۇ تىلىدا ، كېيىنچە ئۇيغۇر تىلىدا كۆپلىگەن شېئىرلارنى ئېلان قىلىپ ، داڭلىق شائىرلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان . ئۇنىڭ << 10 باھار >> ، << باھار ناخشىسى >> ، << تۇپراق ، باھار ۋە مەن >> ، << باھار بىلەن كەلگەن شېئىرلار >> ،<< باھار يامغۇرى >>  قاتارلىق شېئىرلار توپلاملىرى نەشر قىلىنغان .

                             زوردۇن سابىر ( 1937 - 1998 )

           بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى تەسىرى ئەك زور ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا سازاۋەر بولغان تالانتلىق يازغۇچى زوردۇن سابىر غۇلجا ناھىيەسىدە تۇغۇلغان . ئۇنىڭ << شەبنەم >> ، << ساداقەت >> ، << جىگدىلەر پىچىرلايدۇ >> ناملىق ھېكايىلەر توپلاملىرى ، << ئۇنتۇمايمەن ، گۈلسارە >> ، << باش - ئاخىرى يوق خەتلەر >> ناملىق ھېكايە - پوۋېستلار توپلىمى ، << ئارچا ياپرىقى >> ، << گۈلەمخان >> قاتارلىق پوۋېستلار توپلىمى ، << ئاۋرال شاماللىرى >> ،<< ئىزدىنىش >> ( ئىككى قىسىم ) ، << ئاتا >> ، << ئانا يۇرت >> ( ئۈچ قىسىم ) قاتارلىق رومانلىرى بار .

                            بوغدا ئابدۇللا

           شائىر بوغدا ئابدۇللا 1941 - يىلى 11 - ئايدا گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ لەنجۇ شەھىرىدە سودىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان . ئۇ ھازىر شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى . بوغدا ئابدۇللانىڭ شېئىرلىرى تەسەۋۋۇرغا ، پەلسەپەۋى پىكىرلەرگە باي بولۇپ ، ئاساسەن چاچما شېئىر شەكلىدە يېزىلغان . ئۇنىڭ << باھار غۇنچىلىرى >> ، << يەلكەن >> ، << چۈش كۆرىدۇ بىر تۈپ ئانارگۈل >> ، << قىز قەلئەسى >> ، << كومزەك كۆتۈرگەن قىز >> ناملىق شېئىرلار توپلاملىرى بار . ئۇ يەنە يېزىقچىلىق ساھەسىدىمۇ ئىزدىنىپ بەزى ماقالىلەرنى ، جۈملىدىن << يېزىقچىلىق بىلىمى ئاساسلىرى >> ، << شېئىر مەڭگۈ ئاخىرلاشمايدۇ >> ، << شېئىرىيەتتىكى بوشلۇق >> قاتارلىق ئەسەرلەرنى يېزىپ نەشر قىلدۇردى .  

داۋامى بار .


              مەنبە : ئەدەبىيەتتىكى زۆرۈر بىلىملەر كىتابىدىن ئېلىندى

ئەسكەرتىش : ئىملا خاتالىقى بولسا تورداشلارنىڭ تۈزۈتۈپ ئوقۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qiqak1219 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-11-24 02:16 AM  


ھاياتىڭىزدا كىشىلەر دېڭىز دولقىنىغا ئوخشاش كېلىپ - كېتىپ تۇرىدۇ . لېكىن ناھايىتى ئاز كىشىلەر قەلبىڭىزدە ئۆچمەيدىغان ئىزلارنى قالدۇرىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83960
يازما سانى: 658
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4465
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 675 سائەت
تىزىم: 2012-8-15
ئاخىرقى: 2015-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-24 12:29:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شائىرلىرىمىزنىڭ ئىش -ئىزلىرىنى تونۇشتۇرغىنىڭىزغا كوپ تەشەككۇر !!!!   

باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85446
يازما سانى: 107
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 659
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 45 سائەت
تىزىم: 2012-9-26
ئاخىرقى: 2012-12-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-24 01:19:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79252
يازما سانى: 392
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4936
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 369 سائەت
تىزىم: 2012-4-23
ئاخىرقى: 2013-7-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-24 01:58:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت ، جاپا چېكىپسىز...

ئۇيغۇرغا بىلىمدىن باشقا يول يوق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83018
يازما سانى: 255
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5473
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 402 سائەت
تىزىم: 2012-7-26
ئاخىرقى: 2014-1-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-24 02:04:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
lebronjames يوللىغان ۋاقتى  2012-11-24 01:19 PM
مۇشۇنداق ئازمۇ بىزنڭ ئەدىپلىرىمىز .،....ئابدۇخالق ئۇيغۇ ...

ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن مۇشۇنچىلىك يوللىغان ، داۋامى بار . ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنى چوقۇم يوللايمەن .

ھاياتىڭىزدا كىشىلەر دېڭىز دولقىنىغا ئوخشاش كېلىپ - كېتىپ تۇرىدۇ . لېكىن ناھايىتى ئاز كىشىلەر قەلبىڭىزدە ئۆچمەيدىغان ئىزلارنى قالدۇرىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84508
يازما سانى: 358
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2967
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 680 سائەت
تىزىم: 2012-8-30
ئاخىرقى: 2014-12-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-24 04:29:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى چوقۇم يوللغايسىز،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80054
يازما سانى: 973
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2231
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 569 سائەت
تىزىم: 2012-5-12
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-24 06:04:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مانا ئەمدى ياخشى بوپتۇ ، ئالدىنقى تىمىلادا تورداشلار ئەدىبلىرىمىزنىڭ رەسىمىنىلا يوللىغان ئىدى ، سىز ئەدىبلىرىمىزنىڭ قىسسقىچە تەرجىمىھالىنى يوللاپ ياخشى قىلىپسىز . داۋاملىق ئۈزۈلدۈرمەي يوللىشىڭىزغا تىلەكداشمەن .

دوستىڭىزنى توغرا تاللاڭ،بىر ئۆمۈر خوشال ئۆتىسىز.جۆرىڭىزنى توغرا تاللاڭ،بىر ئۆمۈر بەخىتلىك ئۆتىسىز.كەسپىڭىز

سىز 365 كۈن ياشىدى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45730
يازما سانى: 677
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3381
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 1721 سائەت
تىزىم: 2011-6-26
ئاخىرقى: 2014-8-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-24 06:56:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھارمىغايسىز ،
ئاخىرىنى كۈتىمەن.

سىز 365 كۈن ياشىدىڭىزمۇ ياكى بىر كۈن ياشاپ ئۇنى 365 قېتىم تەكرارلىدىڭىزمۇ؟ ئۆيۈڭگە ئوت كەتسە ، ئۆزۈڭنىڭ چىرىغىدىن كۆر

ئەخلاق - ئادەم زى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32164
يازما سانى: 208
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8100
تۆھپە نۇمۇرى: 1392
توردا: 1466 سائەت
تىزىم: 2011-2-28
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-24 08:06:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ بەك ئاددىي قىسقارتتىلمىسىمۇ .

مۇھەببەت دىڭىزدىنمۇ كەڭ ، شۇنداقلا دىڭىزدىنمۇ چوڭقۇر بولغان سەمىمىي ساپ ھىسسياتتۇر .

ۋىجدان-دەسمايھ...

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2196
يازما سانى: 399
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9842
تۆھپە نۇمۇرى: 389
توردا: 120 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2014-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-24 08:18:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شائىرلىرىمىزنىڭ ئىش -ئىزلىرىنى تونۇشتۇرغىنىڭىزغا كوپ تەشەككۇر !!!!

تىرىشقىن ئۇيغۇر................
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش