مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3226|ئىنكاس: 27

بۇ ئىشلار سىزنىمۇ ئويلاندۇردىمۇ ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25700
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5292
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 943 سائەت
تىزىم: 2011-1-10
ئاخىرقى: 2015-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-24 12:11:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئىشلار سىزنىمۇ ئويلاندۇردىمۇ ؟

مەن يىراق سەھرادا تۇغۇلۇپ ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە چىققىلىمۇ 20يىلغا يىقىن بولۇپ قاپتۇ.يىشىممۇ 40ياشتىن ھالقىپتۇ، باشلانغۇچ مەكتەپتىن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكىچە ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسىدىكى يېڭى يىزىق بىلەن ساۋادىمنى چىقاردىم،تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەش ئىنتانىدا يەنى 1985-يىلى كونا يىزىقتا ئىمتاھان بەرمىگەنلەر ئۆتەلمەيدۇ دىگەن مىش مىش گەپ پەيدا بولدى،شۇنىڭ بىلەن ئىمتاھانغا ئاز قالغاندا دادامنىڭ تەربىيىسى ئوقۇتقۇچى ئۇستازلىرىمنىڭ ياردىمى بىلەن كونا يىزىقىمىزنىڭ ئېلىپبەسى بىلەن تونۇشۇپلا ئىمتاھان بىرىپ تولۇق ئوتتۇرىغا ئاران تەستە ئۆتتۈم،بۇنىڭغا سەل قارىغان نۇرغۇنلىغان قابىليەتلىك قىرىداشلىرىم   رېسقىمىز شۇنداق ئوخشايدۇ دەپ نۇرغۇنلىغان بىلىم ئىلىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالدى.]ئالى مەكتەپكە ئىمتاھان بەرگەندە خەت ئىملالىرىمنىڭ سەتلىگىدىن تاس قالدىم ئىمتاھاندىن ئۆتەلمىگىلى.ئالى مەكتەپكە بارغاندا بىر يىل تەييارلىق مەزگىلىدە خەنزۇ تىلىنى ئازراق ئۈگۈنۈپ ئالى مەكتەپنى پۈتتۈردۈم.خىزمەتكە چىققان ئورنۇم ئۆز قېرىنداشلىرىم توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان تەكلىماكان قۇملىقىنىڭ بىر چېتىگە جايلاشقان سەھرا يىرى بولغاچقا تولۇق ئوتتۇرىدا ئۈگۈنىۋالغان مېنىڭ كونا يىزىقىم ئۆز جامائىتىم ئارىسىدا راسا ئەس قاتتى.لېكىن ئەمىلى خىزمەت جەريانىدا يولۇققان قىيىنچىلىقىممۇ ئاز ئەمەس.مەن يولۇققان بۇ قىيىنچىلىقلارغا بەلكىم قىرىنداشلىرىممۇ دۇچ كەلگەن ھەم بىشىنى ئاغرىتقان بولىشى مۈمكىن.قىنى مەن بۇ قىيىنچىلىقلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقاي ، جانجىگەر قىرىنداشلىرىم ھەم تورداشلار مەن يولۇققان بۇ ‹قىيىنچىلىققا› قانداق قارايدىكىن؟ بۇ توغرىدا مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ چىقساق كىيىنكىلەر ئۈچۈن ئازراق بولسىمۇ پايدىسى بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.ئەستايىدىل مۇامىلە قىلىشىڭلارنى ،بۇ مەسلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ياخشى مەسلىھەتىڭلارنى ئايىماسلىقىڭلارنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈت قىلىمەن.
      1.مەن ئۆز يۇرتۇم ۋە جەمەتىم ئىچىدەئۆزۈمگە چۇشلۇق ھۆرمەتكە ئىگە ئالى مەلۇماتلىق ئۇقۇمۇشلۇق زىيالى ھىساپلىنىمەن،شۇنداق بولغاچمىكىن قىرىنداشلىرىمنىڭ پەرزەنتلىرى ۋە باشقا تىلدا سۆزلىشىدىغان دوسلىرىم  مەندىن ئۇيغۇر تىلى ئىلىپبەسىنى ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئومۇملاشقان  تەلەپپۇزدا  توغرا ئوقۇشنى  ئۈگۈتۈپ قويسىڭىز دەپ سورىغاندا بىشىم قاتتى،باشقىلار بۇ ماتىريالنى تەرجىمە قىلىپ بىرىڭ، ئەمىلى قوللۇنۇلىدىغان تەخنىكا بىلىملىرىنى ئۇقالمىدۇق دىگەندە توغرا تەرجىمە قىلىپ بىرەلمەي كۆپ قىتىم خىجالەتچىلىكتە قالدىم.مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىشىمنىڭ ئىچىمۇ تىشىمۇ قاتقان مەزگىلدە مەن كۆپ ئويلاندىم.مەن قىسقىغىنا 10نەچچە يىللىق ئوقۇش ھاياتىمدا ئۈچ قىتىم يىزىق ئۆزگۈرۈپتۇ.مەن يا ئۆز يىزىقىمنى تولۇق بىلەلمەپتىمەن،ياكى باشقا تىلدا ئۇتۇپ چىقالماي ئارىلىقتا قاپتىمەن.نەتىجىدە چالا ساۋات بولۇپ قاپتىمەن.
       2 .مەن خىزمەتكە چىققاندىن كىيىن ئۆز كۈچۈمگە تايىنىپ كومپىيۇتىردا ئۇيغۇر تىلىدا خەت ئۇرالىغۇدەك سەۋىيىگە يىتىپ،ئۆزۈمنىڭ ماتىرياللىرىنى شۇ ۋاقىتتىكى ئۇيغۇرچە خەت كىرگۈزۈش سىستىمىسىنى ئىشلىتىپ كومپىيۇتىردا ساقلاپ ئىشلىتەلىگەنلىگىمدىن كۆپ خۇرسەن بولغان ئىدىم . يىقىنقى مەزگىلگە كەلگەندە يازغان ماتىرياللىرىمنى باشقا دوسلىرىمنىڭ كومپىيۇتۇرىغا يوللاپ بەرسەم تېلفون قىلىپ قايسى خەت نۇسقىسىدا يازغان! دەپ سورايدىغانلار كۆپۈيىپ بىشىمنى ئاغرىتتى،بۇنىڭدىن بۇرۇن مەن تىلىمىزمۇ دىلىمىزمۇ بىر بولغاندىكىن خەت كىرگۈزۈش ئۇسۇلىمۇ بىر خىلدۇ دەپ ئويلاپتىكەنمەن،ئەمىليەتتە بىرقانچە خىل  خەت كىرگۈزۈش ئۇسۇلى بار ئىكەن،مەن خىزمەتكە چىققان 20يىلغا يىقىن ۋاقىتتىن بۇيان يىزىپ ئارخىپلاشتۇرغان ماتىرياللارنىڭ بەزىلىرىنى سىستىما سەۋەپلىك كۆرەلمىدىم ،تا ھازىرغىچە بىرەر ئورۇن كومپىيۇتىردا  ۋە ئىجتىمائى ئالاقىدە قايسى خىل خەت كىرگۈزۈش ئۇسۇلىنى ئىشلىتىش توغرىسىدا بىرلىككە كەلگەن چاقىرىقنىڭ بار يوقلىقىنى بىلەلمىدىم،بولسىمۇ مەن كۆرمىگەن بولىشىم مۈمكىن.  مىنىڭچە بۇنداق قىيىنچىلىققا يولۇققانلار يالغۇز مەنلا بىر ئادەم بولمىسام كىرەك.بەزى مەتبۇئات ئورۇنلىرى ماقالە ۋە ئەسەر ئىۋەرتسەڭلار پالانى خەت نۇسقىسىدا يىزىڭ دەپ ئەسكەرتىدىكەن،ئۇلارمۇ خېلى كۆپ ئاۋارىچىلىككە ۋە قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەندەك تۇرىدۇ.   
      3.خەت كىرگۈزۈش يۇمشاق دىتالىنى ئىجات قىلىش مەندەك چالاساۋات ئادەمنىڭ قولىدىن ئەلۋەتتە كەلمەيدۇ،بۇ يۇمشاق دىتالنى ئىجات قىلغان ئىجاتكارلار بىز ھەقىقى پەخىرلىنىشكە تىگىشلىك ھۆرمەتكە سازاۋەر  ئالىملىرىمىز ھىساپلىنىدۇ. باشقا مىللەتلەرنىڭ ئىجات قىلغان خەت كىرگۈزۈش يۇمشاق دىتالىنىڭ بىر-بىرىنى يەكلىمەيدىغان ھەم پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئورتاق تىلدا سۆزلىشىدىغان ۋە ئورتاق يىزىقتا ئىشلىتىدىغان سىستىما ئىجات قىلالىغانلىقىغا قاراپ ئالىملىرىمىزدىن: ----ھۆرمەتلىك تەتقىقاتچى ئالىملىرىمىز سىلەرمۇ ماڭا ئوخشاش چالا ساۋاتمۇ؟،سىلەر نىمىشقا تەخنىكا جەھەتتە ئۆز-ئارا ھەمكارلىشالمايسىلەر؟،يەنە قانچە خىل خەت كىرگۈزۈش ئۇسۇلىنى ئىجات قىلىپ ئۇيغۇرچە خەت كىرگۈزۈش ئۇسۇلىدا دۇنيا جىنىس رىكورتىنى يارىتىپ ،كومپىيۇتىردا  ئۇيغۇرچە خەت كىرگۈزۈش سىسىتىمى ئىشلىتىۋاتقانلار ئارىسىدا يەنە قانداق زىددىيەتلەرنى پەيدا قىلىشنى ئويلىشىۋاتىسىلەر؟ ھەر دەرىجىلىك تىل يىزىق كومتىتلىرى ۋە ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتچىلىرى ،ئوقۇتقۇچى ئۇستازلار،قىرىداشلار  ئۇيغۇرچە خەت كىرگۈزۈش ،ئۇيغۇرچە سۆزلىشىش،ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىلىكتىرونلۇق ئۇچۇر ئالاقە ئىشلىرىدا يەنە قاچانغىچە سەن نەلىك مەن نەلىك دەپ ئۆتەرمىز؟ خەلقىمىز ۋە  كىيىنكى ئەۋلاتلارنى تەربىيەلەشتە ھەممىزنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتمىز يوقمۇ؟،بىرلىككە كەلگەن ئۇيغۇر ئورتاق تىلى ۋە يىزىقىنى ئىشلىتىش توغرىسىدا ئومۇملۇققا ئىگە بولغان روھى چاقىرىقنى ھازىرغىچە ئوتتۇرىغا چىقىرالماي يەنە قاچانغىچە تەمتىرەپ تۇرىمىز؟بۇنىڭدا بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز يوقمۇ؟.................دىگەن سۇئاللاردىن  قايسى سۇئالنى سورىسام مۇۋاپىق بولار؟بۇ سۇئاللارنى سورىسام ئۇلار رەنجىپ قالارمۇ؟ ياكى مىنى بۇ بىر قارا قوساق سەھرالىقكەن دەپ كەمسىتىپ بارىلىق تورداشلار مىنى تىللاپ كىتەرمۇ دىگەنگە ئوخشاش قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلدىم.            
      4 .بالىلارنى تەربىلەشتە قايسى ئۇسۇلدا  نەدە قانداق تەربىيەلەش  توغرىسىدا بىشىم قاتتى.   مۇنبەرگە قارايدىغان بولساق ئۆز زۇۋانلارمۇ ياكى باشقا زۇۋانلارمۇ بىلمىدىم،باشقا تىلدا تەربىيەلىنىۋاتقان بالىلىرىمىزنى ئىزا تارتماي قانغۇچە تىللىدۇق،ئويلاپ باقسام ئۆزىمىزنىڭ پەرزەنتىنى تىللاپتۇق،ۋە مەسخىرە قىپتۇق،بۇلارنى تىللىغانلار ساپلا ئۆز مىللىتىمىزنىڭ ئادەملىرى ئىكەن،ئازغانلارنى تەربىلەشتە،ياخشى يولغا باشلاشتا ھەممىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى ئۇنتۇپ كەتكەن ئوخشايمىز .دەرۋەقە جەمىيەتتە خىلمۇ خىل ئىشلار ۋە ئادەملەر بار،ئۇلار ئومۇملۇققا ۋەكىللىك قىلالامدۇ يوق بۇنى ئويلاشماپتىمىز. مىللى مۇئارىپىمىزنى تەرەققى قىلدۇرۇشتىكى يىقىنقى تارىخنى ئەسلەپ ئۆتسەك ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونىمىز قۇرۇلۇپ يەنى 1950.يىلىدىن 1980.يىلغىچە توپتوغرا 30 يىل يىڭى يىزىقنى قوللىنىپتىمىز،1980.يىلدىن2000.يىلغىچە كونا يىزىقىمىزدا تەربىيەلىنىپتىمىز،ئالدىنقى 30يىلدا تەربىيەلەنگەنلەر  كونا يىزىقتا تەربىيەلەشكە قايتىش دەۋرىگە كەلگەندە ماڭا ئوخشاش چالا ساۋات بولۇپ قالدى ، كىيىن ھەممە مىلەتنى ئورتاق تەرەققى قىلدۇرۇش بويىچە ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان قوش تىل بىلەن تەربىيەلەش يولغا قويۇلغاندا يۇقۇرىدا تىلغا ئىلىنغان چالا ساۋاتلار رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادى ئىجتىمائى قۇرلىشىنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا راسا كۈچ چىقىرىدىغان مەزگىلدە ئىھتىياجدىن چىقالماي ئىختىساسلىقلار يىتىشمىدى.مىنىڭچە ئۆز مۇئارىپىغا كۆڭۈل بۆلمىگەن مىللەت ھامان زاۋاللىققا يۈزلىنىدۇ،بۇنى ھەممە بىلىدۇ.ئۆز تىلىمىزنى پۇختا ئىگەللەپ دۇنيا ئەللىرى قىزقىۋاتقان تىللارنى ئۈگۈنۈپ دۇنيادىكى ئىلغار پەن تەتقىقات ئورۇنلىرىدا ئىشلەپ كىلىۋاتقان مىللىتىمىزنىڭ داۋان ئاشقان ئوغۇل قىزلىرى بىزگە ئۈلگە بولالماسمۇ؟ رەسۇللانىڭ بىلم نەدە بولسا شۇ يەردىن ئۈگەنگىن  دىگەن سۆزى ئېسىمىزدىن چىقىپ كەتكەنمىدۇ؟ بىز پەرزەنتىمىزنى ئۆز تىلىمىزدا ياكى باشقا تىلدا تەربىيەلەيلى ئۇلار ھامان بىر كۈنى خەلقىمىز ۋە جەميىتىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلماسمۇ؟ ..... كەلسە كەلمەس بەس مۇنازىرىنى ئازراق قىلىپ ھەممە ئۇيغۇر ئائىلىسىنى ئەڭ ئاز دىگەندە بىر نەپەردىن ئالى مەلۇماتلىق ئىختىساسلىق خادىم تەربىلەشكە چاقىرىق قىلىپ ئىلىم مەرىپەتكە ھۆرمەت قىلىش قىزغىنلىقىنى ئەڭ يۇقۇرى باسقۇچقا  كۆتۈرۈش ئۈچۈن  ھەممە ئورتاق كۆڭۈل بۆلسەك بولماسمىدى دەپ بىشىم قاتتى.شۇنىڭ بىلەن بالىلارنى قايسى ئۇسۇلدا  نەدە قانداق تەربىيەلەش  توغرىسىدا قىيىن سۇئالغا دۇچ كەلدىم.               
            5 .سەن مەندەك بولالامسەن؟دىگەن سۇئالغا جاۋاپ بىرەلمەي بىشىم قاتتى.   بىزدە ھازىر پۇل مال بىلەن بىر-بىرىمىزنى ياراتمايدىغان،بىر-بىرىمىزگە كۆز كۆز قىلىدىغان، ‹ئاخۇنۇمغا مەسە ئوبدان،ھەممە ئادەمگە بەسە ئوبدان›دىگەن ئىددىيەدە ياشايدىغان، قارا كۈچ جەھەتتە سىنىشىدىغان،ئاجىزلارنى تەپ تارتماي بوزەك قىلىدىغان،قاراپ تۇرۇپ ئۆز ئەيىبىمىزنى ئاچىدىغان،ئۆز-ئۆزىمىزنى ئۆزلەرگە خىجىل بولماي چاقىدىغان يامان قىلمىشلار كۆپۈيۈپ قالدى.مىنىڭچە ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا بىلىم جەھەتتە سەن مەن بىلەن چىلىشالامسەن؟سەن مەندەك سالامەتمۇ؟ سەنمۇ داداڭدەك ئەلگە ياراملىق بىر بىلىم ئەھلىنى تەربىيەلەپ  قاتارغا قوشالىدىڭمۇ؟ سەن خەلقىمگە نىمە ئىش قىلىپ بىرەلىگەنلىكىڭ ئۈچۈن ئۆزۈڭدىن پەخىرلىنىسەن؟سىنىڭ تۇرمۇشۇڭ كۆڭۈللۈك ھەم  بەخىتلىكمۇ؟.....دىگەنگە ئوخشاش قارا كۈچ جەھەتتىن ئەمەس،بەلكى ئەقلى ئىختىدار، ئۈلگۈلۈك خاراكتىرگە ئىگە ئەمىلى ئىش ھەركىتى بىلەن سىنىشالايدىغان ‹سەن مەندەك بولالامسەن›دىگەن سۇئالغا قانداق جاۋاپ بىرىش جەھەتتە بىشىم قاتتى.   
  ئەسكەرتىش :بۇ مىنىڭ ئۆزۇمنىڭ شەخسى كۆز قارىشم، گەپ سۆزۈم ۋە خەت ئىملاسىدا خاتا كەتكەن جايلىرى بولسا تورداشلارنىڭ ئەپۇ قىلىشىنى چىن دىلىمدىن سەمىمى ئۈمىت قىلىمەن.      
                مەنبەسى: ئۆزۈم        
           2012.يىلى11.ئاينىڭ 23.كۈنى(جۈمە كۈنى)         

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87376
يازما سانى: 605
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 854
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 35 سائەت
تىزىم: 2012-11-18
ئاخىرقى: 2013-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-24 12:54:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت
ئىسىل تىما يوللاپسىز
5.سەن مەندەك بولالامسەن؟دىگەن سۇئالغا
مىنىڭ مۈ بېشىم قاتتى



مۇنبەردە قالايمىقان پۈچەك ئىنكاس يازماڭ !

ئۆتكەن ھەر بىردە

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 154
يازما سانى: 3484
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 3948
تۆھپە نۇمۇرى: 2936
توردا: 10832 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-24 01:06:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قوش تىللىق بۇلۇش ياخشى ،ئەمما  ساپ ئۇيغۇر تىلىنى  ئۇقۇغاندەك ياخشى ئەمەسكەن.بالىلارنىڭ ساۋادى چالا ساۋاتتەكلا ،خېتىنىڭ سەتلىكى يەنە كىلىپ ھە دىسىلا بەزى ئاتالغۇلارنى خەنزۇچە  ئاتىشى ماڭا پەقەت ياقمايدۇ.بالامغا بۇ جەھەتتە قاتتىق تەلەپ قويغان بولساممۇ،يەنە دىققەت قىلمىسام خەنزۇچە دەيدۇ.
5-كەلسەك ھازىرقى زاماندا كىشىلەر  پۇلى، يۈز ئابرويى بارلارغا قاراپ مۇئامىلە قىلدىغان بۇپ كەتتى.ھەر ئادەمنىڭ كۆز قارشى ئوخشىمايدۇ.

ھاياتتىكى ئەگرى تۇقايلىقلاردىن قورقۇپ قالماي قەيسەرلىك بىلەن ياشايمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82554
يازما سانى: 1986
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7404
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1172 سائەت
تىزىم: 2012-7-6
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-24 01:20:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭ ھەممە سۇئالىڭىزغا بېشىم قاتتى چۈنكى بۇلارنىڭ ھەممىسى بىز ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86084
يازما سانى: 355
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1838
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 232 سائەت
تىزىم: 2012-10-15
ئاخىرقى: 2014-7-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-24 01:21:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي سىلەردەك زىيالىلارغىمۇ،ئاسان ئەمەس.ھازىر  كىشىلەرنىڭ،ماددى ۋە مەنىۋى ئېھتىياجى كۈندىن-كۈنگە ئىشىپ بىرىۋاتىدۇ.بۇ جەمئىيەتتە شاللاش ۋە شاللىنىش بارغانچە كۈچىيۋاتىدۇ.شۇڭا سىلەردەك زىيالىلار،ساپايىڭلارنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ.يولۇققان مەسىلىلەرگە ئاكتىپ،پوزىتسىيەدە بولۇپ.بىشىڭلارنى قاتۇرغان قىيىن  مەسىلىلەرنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشىڭلار كېرەك.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84232
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 65
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 11 سائەت
تىزىم: 2012-8-22
ئاخىرقى: 2013-11-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-24 01:23:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىمىكەن !   مەنمۇ ئالىي مەكتەپنى ئەلا نەتىجە پۈتتۈرگەن بولساممۇ ،خىزمەتكە چىقىپ ئۈزەمنى چالا ساۋاتتەك ھىس قىپ قالدىم.........«سەن مەندەك بولالامسەن»دىگەن سۇئال مىنى ئويلاندۇردى.

بەخت ئىرىشەلمىگەنلىكىڭدە ئەمەس،ھىس قىلالماسلىقىڭدا.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84232
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 65
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 11 سائەت
تىزىم: 2012-8-22
ئاخىرقى: 2013-11-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-24 01:24:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىمىكەن !   مەنمۇ ئالىي مەكتەپنى ئەلا نەتىجە پۈتتۈرگەن بولساممۇ ،خىزمەتكە چىقىپ ئۈزەمنى چالا ساۋاتتەك ھىس قىپ قالدىم.........«سەن مەندەك بولالامسەن»دىگەن سۇئال مىنى ئويلاندۇردى.

بەخت ئىرىشەلمىگەنلىكىڭدە ئەمەس،ھىس قىلالماسلىقىڭدا.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79331
يازما سانى: 375
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3795
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 63 سائەت
تىزىم: 2012-4-25
ئاخىرقى: 2013-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-24 01:40:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىمىكەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87105
يازما سانى: 203
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 810
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 158 سائەت
تىزىم: 2012-11-11
ئاخىرقى: 2015-1-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-24 01:45:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
1.سى تىل يېزىققا مۇناسىۋەتلىك ئىكەن ، بۇنىڭغا جاۋاپ بېرىشكە مەندىمۇ جىق قابىلىيەت يوق
2. سىگە كەلسەك ، ھازىر كومپىيۇتېرىمىزدىكى بۇندىن كېيىنكى توربەتلەر ئارا ، ئىشخانىلار ئارا يېزىلىدىغان ھەرقانداق خەت يېزىقلار ئۆلچەملىك بوپ بولدى دېسەك خاتا كەتمەيدۇ (ئىشلەتكۈچىلەر ئۆلچەملىك كىرگۈزگۈچنى ئىشلەتكەن بولسىلا ) . ئۆلچەملىك كىرگۈزگۈچكە كەلسەك ، ھازىرمۇ بىر قىسىم ئۆلچەمسىز كىرگۈزگۈچلەر مەۋجۈت مەسلەن ، خىيال ، يۇلغۇن ۋە باشقىلار دېگەندەك ، لېكىن بۇ دېتاللارنىڭ ئىشلىنىشى ھەرگىزمۇ ئىشخانىلار ئارا خەت ئالاقىدە ئەمەس بەلكى لايھەلەش ، فىلىمچىلىك ۋە گۈزەل سەنئەت ئىشلىرىدا ئىشلىتىلىۋاتىدۇ .
ھازىرقى كەڭ تۈردىكى ئىشلىتىۋاتقان ئۆلچەملىك كىرگۈزگۈچلەرنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيەتتە ئوخشاش يۇنىكود نى ئۆلچەم قىلىپ ئىشلىنىدۇ ۋە خاتالىق كۆرۈلمەيدۇ (ئەگەر ياسىلىدۇ دېيشكە توغرا كەلسە بۇ خەت نۇسخىسى ياسىغۇچىنىڭ خاتالىقىدۇر ) . بۇرۇنقى يازغان ماتىريالىڭىزنىڭ ھەممىسىنى يەنە شۇ بۇرۇنقى ئىشلەتكەن كىرگۈزگۈچىڭىز ۋە خەت نۇسخىڭىزغا بېرىپ تاقىلىدۇ ، ئەگەر نورمال كۆرىمەن دەپ قالسىڭىز شۇلارنى كومپىيۇتېرىڭىزغا قاچىلىسڭىز بولىدۇ . ئۆلچەملىك كىرگۈزگۈچ يەنىلا ئۆزىمىزنىڭ قولىدىن چىققان ئۇيغۇرسوفىت ئەلكاتىپ كىرگۈزگۈچلىرىنىڭ 5.0 دىن يۇقىرى نۇسخىلىرىدۇر .
3. ئەلۋەتتە بىر يېزىق كىرگۈزگۈچنى ياساش ھەممە ئادەمنىڭ قولىدىن كېلىۋەرمەيدۇ ، بۇنىڭ مەسئۇلىيىتىمۇ ئەلۋەتتە ئىنتايىن ئېغىر ، ئىلگىرىكى ياسىغان كىرگۈزلەرگە قارىتا ھېچقانداق ئۆلچەم بولمىغاچقا شۇنداق بىرقىسىم مەسلىلەر ساقلانغان ، يۇنىكود ئۆلچىمى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ، ئۇيغۇر تىلىمىزغا شۇ ئۆلچەمدىن ئورۇن بېرىلگەندىن كېيىن بۇ مەسلىلەرمۇ تۈپتىن ھەل بولدى ، ھازىرغىچە نەچچە يىل بوپتۇ ماڭىمۇ ئۆلچەمسىز خەت يېزىقلار ئۇچراپ باقمىغىلى .
4.بالىلارنى تەربىيلەش ئۇسۇلىغا كەلسەك ، سىز ماڭا ئاكا يوللۇق ئادەم ئىكەنسىز ، مەنمۇ تېخى ئەمدى بالىلىق بۇلۇشقا ئۈلگۈردۈم ، توغرىسى ئاللاھ ماڭا ئەمدى بىر پەرزەنت ئاتا قىلدى . بالا تەربىيلەش ئۇسۇلىدا ھەرقايسى يۇرت ، دۆلەت ۋە ماكانلادا ئۆزىگە خاس بولغان ھەرخىل تەربىيلەش ئۇسۇلى بار ، مېنىڭچە بىزنىڭ بۇرۇنقى ئەجداتلىرىمىزنىڭ بالا تەربىيلەش ئۇسۇلىنى ھەممىدىن ياخشى دەپ كەتكىلى بولمىسىمۇ لېكىن يەنىلا ئۆگىنىشكە ، راۋاجلاندۇرۇشقا تېگىشلىك نۇرغۇن جايلىرى بار ، ئۇنى خەلقئارادىكى ئىلغار تەربىيلەش ئۇسۇللىرى بىلەن يۇغۇرۇپ كەلسە ، بالا تەربىيلەش جەھەتتە ئىنتايىن ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيمىز .
خەلقىمىز ، شۇنداقلا ئېلىمىز جۇڭگو قۇرۇلۇپ ئەمدى تېخى 60 نەچچە يىللىق مۇساپىنى باستى . دېمەك چوڭلىرىمىزنىڭ ، ئاتىلىرىمىزنىڭ يېشى 60 قا يەتكەن بولسا ، مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىكى كېيىنكىلىرىمىز بالىلىق بولدۇق ، ئۇلارنى تەربىيلىدۇق 3 - ئەۋلادلىرىمىز بولسا ئۇلارغا قارىغاندا نەچچە ھەسسە بىلىملىك بولغان بولساقمۇ ، لېكىن ئادىمىيلىك جەھەتتىن ئېيتقاندا ئۇلارغا تېخى يېتەلمىدۇق ، بەلكىم بۇمۇ تەرەققىياتنىڭ ، ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ نەتىجىسىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولماس ، مۇشۇ تەرەققىيات جەريانىدا نۇرغۇن قېتىم يېزىق ئالماشتۇرۇپ ، نۇرغۇنلىرىمىز ساۋاتسىز قالدۇق . خۇددى سىز ئېيتقاندەك ئەمدى بىر يېزىقنى ئۆزىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇپ تۇرساق ، يەنە يېزىق ئالمىشىۋاتقان . بۇ ئەھۋال ئەمدىلىكتە يەنە تەكرارلانماقتا . خېلى ئۇزۇندىن بېرى مۇقىم كونا يېزىقىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۋېدۇق ، ھۆكۈمىتىمىز قوش تىل مائارىپىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ ، يېزىقىمىزنى يەنە چەتكە چىقىرىپ قويدى . بۇ ئەھۋال ئېغىرلاشسا يەنە نۇرغۇنلىرىمىز ساۋاتسىز قالىمىز ئۇنىسى ناگۇمان .
ئەلۋەتتە يەنە نۇرغۇن ئىشلاردا ھۆكۈمەتتىن ئاغرىنىشقىمۇ بولمايدۇ ، يېزىق ئالماشتۇرۇش جەھەتتە ئۆزىمىزنىڭ تۆھپىسىنىمۇ ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ . چۈنكى يېقىندىن بۇيان شىددەت بىلەن كۆپىيىۋاتقان ئانا تىل گاچىلىرى بۇنىڭ دەلىل ئىسپاتى . يات تىلنى ئۆگىنىش شۇ تىلدىكى مەدەنىيەتنى ئۆگىنىشكە باراۋەر ، تىل ئۆگۈنۈش جەريانىدا ئۆزىمىز بىلىپ بىلمەي خەقنىڭ مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىۋالماي قالمايمىز . ئىلگىرى خەنزۇچە تىل قوشۇمچە بولغان بولسا ، ھازىر ئانا تىل قوشۇمچىلىققا ئۆتتى . كېيىن قانداق بولىدۇ ئۇنى يەنىلا بىزنىڭ ئىددىيىمىز بەلگىلەيدۇ . ئىلگىرى ئانا تىلنى قوغداش ئويىمىز يوق بولغاچقا ، بۇنداق چوڭ ئاقىۋەت كېلىشىنى ئويلاپ يەتمىگەن بولساق ، ھازىر زېھنى ئۆتكۈر ، دىلى ئويغاق قېرىنداشلىرىمىز ئاقىۋەتنى ئويلاشقاندىن كېيىن ئانا تىلنى ، يېزىقنى قوغدىمىسا بولمايدىغانلىقىنى تۇنۇپ يەتتى . يېقىنقى مەزگىللەردە تورلاردا ، تېلۋىزورلاردا تەكىتلىنىۋاتقان ئانا تىلنى قوغداش ھەققىدىكى تەشۋىقاتلار بۇنىڭ دەلىلى .
جەمىيىتىمىزگە يەنە قاراپ باقىدىغان بولساق ، كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ئىشلىتىلىۋاتقان يات سۆزلەرنىڭ جىقلىقى ، شۇنداقلا بۇزۇپ ئېيتىلىشى ، خەت ئالاقىدە يات تىلنى ئىشلىتىش مەسلىلىرىگە دائىم ئۇچراپ تۇرىمىز . شۇڭا ئانا تىلنى قوغداش ھەممىمىزنىڭ مەجبۇرىيىتى . يات تىلنى ئۆگىنىشتىكى ئەڭ مۇھىم ئىش يات تىلدىكىلەر بىلەن ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشتىن ، بىلىم ئىگەللەشتىن ئىبارەت ، ئۇندىن باشقا ئىشلاردا يات تىلنىڭ لازىمى يوق . مەسلەن ئۇرۇق تۇققانلار ئارا سۆزلىشىش ، بىر ئائىلىدىكىلەر ئارا سۆزلىشىشتىمۇ يات تىلدا سۆزلەش شۇ كىشىنىڭ شۇ مىللەتكە قىلغان ئاسىيلىقى ، تېنىشى بوپ ھېسابلىنىدۇ ، ئۇنداق كىشى ئەڭ ياخشىسى مىللىتىنى شۇ مىللەتكە يۆتكىۋالغىنى تۈزۈك ، گەرچە ئۇلار ئۇنى ئارىغا ئالمىسىمۇ .

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
zumrettash + 100 تەپەككۈرىڭىز كۈچلۈكك.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 100   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5565
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32172
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3370 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-24 03:50:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىل مەسىلىسى ئىنسانىيەتكە،مىللەتكە نىسبىتەن ئىنتايىن موھىم.ئىنسانلار تىل ۋاستىسى ئارقىلىق ئۆز-ئارا ئالاقىلىشىپ پىكىر ئالماشتۇرىدۇ.
تىل-ئىنسانلارنىڭ ئالاقىلىشىش قۇرالى،
       تەپەككۇر قىلىش قۇرالى،
       پىكىر قىلىش قۇرالى،
        تەرەققى قىلىش قۇرالىدۇر.
     ھەر بىر مىللەت ئۆز تىلىنى توغرا ۋە پۇختا بىلەلىگەندىلا ئاندىن ئالاقە ئىشلىرىنى راۋانلاشتۇرالايدۇ.شۇڭا بۇ مەسىلىگە
ھەممىمىز كۆڭۈل بۆلمىسەك بلمايدۇ. مەن مەخسۇس ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنى ئوتتۇز يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ يەنە بەزى سۆلەرنىڭ مەنىسىنى لوغەتكە قارىمسىام چۈشۈنەلمەيمەن.
   شۇڭا تىل ئۈگۈنىكە ھەممە ساھە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرسەك بولاتتى.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش