مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6603|ئىنكاس: 74

ئايالىڭىزنىڭ كىيىنىشى قانداق؟ ‹ئەرلەر چوقۇم كۆرۈڭ›   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84829
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 859
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2012-9-7
ئاخىرقى: 2012-11-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-23 07:59:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار!

تېمامنى باشلاشتىن بۇرۇن ئاۋال سىزدىن  بىرقانچە سۇئال سوراي؟

سىز ئانىڭىزنىڭ قانداق كىيىنىشىنى ئويلايسىز؟ كىشىلىك مۇناسىۋەتتە، ئىجتىمائىي ئالاقە،يۈرۈش-تۇرۇش قاتارلىقلاردا باشقىلار بىلەن قانداق مۇئامىلىدە بولۇشۇنى ئارزۇ قىلىسىز؟

بۇندىن بۇرۇن ئويلىنىپ باقمىغان بولسىڭىز ئەمدى ئويلىنىپ بېقىڭ.

بىرىنچى خىل تورداشنىڭ جاۋابىنى كۆرۈپ باقايلى:

جاۋاپ:

مەن ئانامنىڭ زامانغا لايىق مودا يۈرىشىنى ئارزۇ قىلمەن! كىشىلەر قارىسا قارىغىسى كېلىدىغان، چاچلىرىنى بۈدرە قىلدۇرۇپ،ماڭسا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتتە نازۇ-كېرەشمىلىك بىر ئايال بولىسىكەن دەپ ئارزۇ قىلىمەن.

بۇ تورداشنىڭ جاۋابىنى كۆرۈپ  بەزى تورداشلارنىڭ ناھايىتى ئاچچىقى كەلدىغۇ دەيمەن.

ئۇنداقتا ئىككىنچى خىل تورداشنىڭ جاۋابىنى كۆرۈپ باقايلى:

جاۋاب:

  مەن ئارزۇ قىلىمەن، مىنى پۈتۈن ئۆمرىدە ئۇچراپ باقمىغان ئاغرىق ئازابى بولغان شۇ ئاچچىق تولغاق ئازابى بىلەن بۇ دۇنياغا ئاپرىدە بولۇشۇمغا سەۋەبچى بولغان سېسىق پوق،سۈيدۇكلۈرۈمنى كۈندە نەچچە ۋاق، تازلاپ،زىرىكمىگەن ، ۋۇجۇدىدىكى ئاپئاق سۈت بىلەن، چاڭقىغان قەلبىمگە ھارارەت بەرگەن،ئادەمنى بېزار قىلىدىغان دېسكو مۇزىكىللىرىدىنمۇ يېقىمسىز شۇ كېچىدىكى يىغا ئاۋازىم بىلەن تەڭ ئويغىنىپ، پەپىلەپ باققان شۇ ئەزىز ئانامنىڭ كەڭرى كىيىملەر بىلەن تۇلۇق يۆگىلىشىنى، چوڭ-چوڭ ياغلىقلىرى بىلەن بېشىنى كۆكرەكلىرىنى يېپىپ،يىللاردىن بۇيان جاپ-مۇشاقەت خەنجەرلىرىنىڭ يۈزلىرىگە سالغان شۇ قورۇق ئىزلىرى بىلەن تولغان، ئاق كۆڭۈللۈك مېھرىبانلىقنىڭ شاھىدى بولغان شۇ ئەزىزچىراي بىلەن پۈتكۈل دۇنيادىكى  بالىلارغا ،باللىرىم! دەپ خۇش تەبەسسۇم بىلەن

بېقىشىنى ئارزۇ قىلىمەن.

پاسىبان ئەپەندىم ! تېمىنى ئاياللارنىڭ كىنىشى توغۇرلۇق يېزىپ ئانىلار توغۇرلۇق سۇئال-سوراققا چۈشتىڭىزغۇ؟

ياق تورداش.بۇ مەزمۇنلار باش تېمامنىڭ يىلتىزى!

مەن ئىشىنمەن دىيارىمىزدا ئۆزىنى ‹‹ئۇيغۇر›› دەپ ئېتراپ قىلىدىغان ھەرقانداق پەرزەنت ئانىسىنىڭ ئىككىنچى خىل جاۋاپتىكىدەك ئانىلاردىن بولىشىنى ئازۇ قىلىدۇ.

بىرىنچى خىل ئادەمنىڭ جاۋابىنى قوللايدىغانلار،ياكى سۈكۈتتە تۇردىغانلار بۇ تېمىنى كۆرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ! چۈنكى تېمىنىڭ ماۋزۇسىدا‹‹ئەرلەر چۇقۇم كۆرۈڭ››،دەپ بار.

خوششششش" ئۇنداقتا سىز ئايالىڭىزنىڭ قانداق كىيىنىشىنى ئارزۇ قىلىسىز؟ جاۋاپ بېرىشتىن ئىلگىرى ئويلاڭ- ئايالىڭىزمۇ، سىزنىڭ ئانىڭىزغا ئوخشاش، باللىرىڭىزنىڭ ئانىسى، مىنىڭچە باللىرىڭىزنىڭمۇ سىز ئويلىغاندەك ئويلىشىنى، سىز بىلەن بىر پىكىردە بولىشىنى ،سىزدىن ياراملىق ئادەم بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدىغانسىز.

يەنە بىر سۇئال" قىزىڭىزنىڭ قانداق كىيىنىشىنى ئارزۇ قىلىسىز؟

ئوخشاشلا جاۋاپ بېرىشتىن بۇرۇن ئويلىنىڭ قىزىڭىزمۇ ،كەلگۈسىدىكى نەۋرىڭىزنىڭ ئانىسى.

پاسىبان ئەپەندىم! سۇئالنى كۆپ سوراپ ئوقۇرمەنلەرنى زېرىكتۈرۈپ قويماڭ؟

مانا باشلاندى.

قەلبىمنى قاتتىق ئۈمۈدسىزلىك، بىئاراملىق چىرمىۋالدى! كوچىغا چىقىپ تۆت ئەتراپىمغا قارسام،مودا خېنىملار، لەمپۇڭدەك لىغىلداپ تۇرغان كۆكسى بىلەن قازان كاۋىسىدەك كاسىسى،تۈكىنى چۈشۈرۋەتكەن ئىشەكنىڭ ئارقا پاقالچىقىدەك يالڭاچ پاقالچاقلار......

مودا ئېقىملىرى بىلەن تەڭ گۇناھ ئېكىنلىرىدە ئۆسىۋاتقان سەبىي پەرزەنتلەر.

بۇلارنى ئويلىسام بىئارامچىلىقتا ئىچىم ھەرە كۆنەڭگىسىدەك بولۇپ كېتىدۇ! دېڭىزدىن شۇڭغۇپ چىققان ئاق پالاقلىق دېلىفىندەك تېزلىكتە شۇ مۇدا ئاياللارنىڭ ئەرلىرىنىڭ،ئاتىللىرىنىڭ كاللىسىغا بىرنى سېلىپ سەگىتىپ قويغۇم كىلىدۇ.

قېنى ئۇلاردىكى ئەرلىك غورۇر!

سزنىڭ ئايالىڭىز شۇنداق ھالەتتە تۇرسا بازارلاردا مەنمەنچىلىك بىلەن شۇ ئىپلاس چىرايىڭىزنى كۆتىرىپ قانداق يۈرىۋاتقانسىز؟ ئەجبا سىزباشقىلار ئالدىدىكى ئىناۋەت،ئابرويىڭىزنى ئايالىڭىزنىڭ يېرىم يالڭاچ بەدىنىگە چاپلاپ قويدىڭىزمۇ ؟ سىزنىڭ ئايالىڭىز ھۆسۈن تۈزەش دۇكانلىرىدىكى يالاڭ-پاچاڭ خېنىملارنىڭ زاۋۇتىدىن چىقمىسا سىزگە يارىمامدۇ. ئىسىڭىزدە بولسۇن ئۇ دىگەن خوتۇن سىزنىڭ ئۆمۈرلۈك ھەمراھىڭىز ؟ ئەڭ يېقىن سىردىشىڭىز، ياردەمچىڭىز، باللىرىڭىزنىڭ ئانىسى !ئۇلار بىزئەركەكلەرنىڭ كۆيىنىشىگە، ئاسىرشىمىزغا، قانات ئاستىمىزغا ئېلىشىمىزغا مۇھتاج،ھەرگىزمۇ ئەركەكلەرنىڭ شەھۋىتىنى قوزغايدىغان، دېقىتىنى بۇرايدىغان، ئىنسانلىق قىممىتىنى يوقاتقان  كېرەكسىزلەرچە ئۇيۇنچۇقلاشقان، قەپەستىكى چىشى مايمۇن ئەمەس.

ياكى سىزمۇ ئاياللارنىڭ يۆگىنىپ يۈرىشىنى مەتۇ ساناپ، ياۋرۇپاچە يېرىم بەدەن كىيىنىشىنى   ئىلغارلىق دەپ قارامسىز؟ مۇشۇنداق ئويلاپ تەرەققىي قىلىۋەرسىڭىز ياۋرۇپالىقنىڭ ھويلىسىدىكى ئىشتانسىز لالمائىشتقا ئوخشاپ قالىسىز. ھاماقەتلىك قىلماڭ، مەدەنىيەت كىيىم بىلەن ئەمەس بىلىم بىلەن ئۆلچىنىدۇ.

تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى كۆرۈپ قىزدوستىڭىز، ئايالىڭىز ھەدە-سىڭىللىرىڭىز ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.

ئۇزاق مۇددەت كۈزىتىش ئارقىللىق ئاياللارنىڭ مودا قوغلىشىپ يۈرىشىدىكى سەۋەپ تۆۋەندىكىلەرگە يىغىنچاقلاندى.

بەدەننىڭ مەركەزلىك جايلىرىنى ئىپادىلەيدىغان تار،مۇدا  كىيىملەرنى كىيىش، باشقىلارنىڭ بۇلۇپمۇ ئەرلەرنىڭ نەزىرىدىكى ‹مەن› نىڭ ئوبرازىنى جەزبىدار، چىرايلىق كۆرسىتىپ يات جىنىستىكىلەرنى ئۆزىگە قارىتىشنى  ئاساسلىق مەخسەت قىلىدۇ،ئىشەنمىسىڭىز شۇلاردىن خالىغىنىڭىزدىن سوراپ كۆرسىڭىز جاۋابىغا ئېرىشىسىز.

بىچچارە ئاياللارنىڭ شۇنچىۋالا تىرىشچانلىق ئارقىلىق ئىرىشىدىغىنى پەقەت شەھۋەت ئۇچقۇنلىرى چاچراپ تۇردىغان كۆزلەرنىڭ تىكىلىشى بولدى.ھەرگىزمۇ پاك يۈرەكنىڭ ئىنتىلىشى بولمىدى.دىققەت قىلىڭ ئايالىڭىز مۇدا بولسا شۇلارنىڭ قاتارىدىن. ئەسلى ئايالىڭىز سىز ئۈچۈن ئەمەس باشقىلار ئۈچۈن ياسىنىدىكەن، ئەمدى بىلۋالغانسىز.ئايالىڭىزنىڭ يەنە مودا كىيىنىشىگە، كوچىلاردا كاسىسىنى تولغاپ مېڭىشىغا سۈكۈتتە تۇرامسىز ، ۋۇ لاتا.

شۇنىڭ بىلەن شۇ تىكىلگەن جۇپ كۆزلەر بىلەن تەڭ، شۇ ئايال  گۇناھقا يېزىلدى، ئايالىنى باشقۇرمىغانلىق سەۋەبى بىلەن ئېرىمۇ تەڭ گۇناھقا يېزىلدى. نەچچە سائەت كوچا ئايلىنىش ئارقىلىق ئۆزىگە ۋە ئېرىگە ساناقسىز گۇناھلارنى يۈكلىدى.شۇلارنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇلارنى شۇ گۇناھلىق يوللاردىن توسۇشقا دەۋەت قىلماي سۈكۈتتە تۇرغان مۇسۇلمانلار خارلىقتا قالدى،

ئەمدى ئاياللارنىڭ مۇشۇ ئىپلاس مەقسەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن كەتكەن چىقىملىرىنى ئويلاپ كۆرەيلى!

ئەينەكنىڭ ئالدىدا، شەيتاننىڭ زاۋۇتىدا، بازاردا، كىيىم-كېچەك دۇكانلىرىدا، ئۆزىنىڭ جەزبىدارلىقىنى نامايان قىلىدىغان ھەرخىل سورۇنلاردا، ،خىراجەت، بېسىم، ۋاقىت ئىسراپچىلىقى، تاركىيىملەر تۈپەيلى ئىلگىركىلەردە كۆرۈلمىگەن كۈنسايىن كۆپىيۋاتقان،ھەرخىل ئاياللار كېسەللىكلىرى.

مودا قوغلىشىش يولىدا مەقسەتلىك مېڭىۋاتقان شۇ ئاياللىرىمىزنىڭ نەتىنجىسىدە، شۇلارنىڭ ئىزىنى بويلاپ ماڭىدىغان مەقسەتسىز مودىللار بارلىققا كەلدى.ئۇلار ئېيتتى:

جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجى، مۇشۇنداق كىيىنمىسەم ئوغۇلۇلارقانداق ماڭا قارايدۇ،ھازىر ھەممە قىزلار شۇنداق كىيىندىغان تۇرسا،باشقا قىزلارنىڭ كەينىدە قالسام قانداق بولىدۇ.مەن بىر ئالىي مەلۇماتلىق سىتودىنىت، ئەلۋەتتە تەرەققىياتنىڭ ئالدىدا مېڭىشىم كېرەك. ئۇلار مۇشۇنداق سەۋەپ، كۆز قاراشلار نەتىنجىسىدە كۈنسايىن كۆپىيىپ، جەمئىيىتىمىزدىكى شاپبۇرۇتلىرىمىزنىڭ بۇرتىغا چاڭگا تىزىيدىغان، بۇرتى يوقالارنىڭ بوينىغا سرتماق سالىدىغان، ھەتتا ساقاللىقلىرىمىزغا قاش ئاتىدىغان بولۇپ كەتتى.

بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ سەۋەبى،يەنە ئەرلىرىمىزنىڭ ئۈستىگە يۈكلەندى.

باش تىمىدا دىيىلگەندەك:

ئانىڭىزنىڭ قانداق كىيىنىشى، ئايالىڭىزنىڭ قانداق كىيىنىشى ، قىزىڭىزنىڭ قانداق كىيىنىشى ، سىڭلىڭىزنىڭ قانداق كىيىنىشى بىلەن كارىڭىز بولماي، پەرۋاسىزلارچە مۇئامىلىدە بولۇپ دۇنياغا دۈم چۈشكەنلىكىڭىزدىن بولدى.

ئائىلىدە جىدەل ماجرا بېسىقمىدى، سىڭلىڭىز، قىزىڭىز ئىتائىتىڭىزدىن چىقىپ، كوچىغا چىقتى، جەمئىيەتتىكى بەخىتسىز ئائىلىلەرنىڭ كۆپىيىشىگە ھەسسە قوشتىڭىز،.

ئەڭ قورقۇنۇچلۇقى سىز ئاللىبۇرۇن دەيۈزلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدىڭىز.

ھەدىسى

ئەممار ئىبنى ياسىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: ئۈچ تۈرلۈك كىشى مەڭگۈ جەننەتكە كىرەلمەيدۇ، 1- خوتۇن – قىزلىرىنى، ئاچا – سىڭىللىرىنى كۈنلىمەيدىغان، كۈندەشلىك قىلمايدىغان، دەيۈز كىشى، 2- ھەر جەھەتتىن ئەرلەرگە ئوخشىۋالغۇچى ئايال كىشى، 3- ھاراقنى دائىم ئىچكۈچى زاباي كىشى، تەبرانى توپلىغان، سەھىھ، بۇ سەھىھ ھەدىسدىن ۋە باشقا ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا، ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە ئوخشىۋېلىشىدىن توسقان، لەنەت قىلغان ھەدىسلەردىن ئەر، جنسى ئەزاسىنى ئايالغا ئۆزگەرتسە، ئايال ئەرگە ئۆزگەرتسە، قەتئىي ھارامدۇر.

3655 – [ 22 ]
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: ئۈچ كىشىگە ئاللاھتئالا جەننەتنى جەزمەن ھارام قىلدى، دائىم ھاراق ئىچكۈچى زاباي كىشىگە، ئاتا – ئانىسىغا ۋارقىراپ، گەردەن قاققۇچىغا، ئەھلىگە نىجىس كىشىنى، پاھىشىنى ئورۇنلاشتۇرغان، خوتۇن قىزلىرىدىن كۈندەشلىك قىلمايدىغان، دەيۈزگە جەننەتنى ھارام قىلدى. ئەھمەد،نەسەئى توپلىغان، سەھىھ.

بەخىتسىز، مەنىسىز ھاياتتىڭىزنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،چۈشكۈنلۈكتىن غەپلەتتىن قۇتۇلۇشنى ئويلاپ باقمىدىڭىزمۇ؟

تۇرمۇشۇڭىزنى قانداق قېلىپقا سېلىپ ياشىسىڭىز ئەڭ ئۆلچەملىك،ئەك بەخىتلىك،ئەڭ مەنىلىك،كۆتۈرەڭگۈ روھ، ئۈمىدسىزلىكتىن يىراق ھالەتتە ئۆتىسىز؟

ئويلىشىپ كۆردىڭىزمۇ؟

ئويلىشىۋاتامسىز؟

ئويلىنپ بولدىڭىزمۇ؟ھېلىھەم كېچىكمەيسىز ئائىلىلەرنىڭ بېشىنى قاتۇرۋاتقان بۇ مەسىلىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ توغرا جاۋابىنى بىلگۈڭىز بارمۇ؟

بۇلارنىڭ جاۋابىنى بۇندىن 1400 يىل بۇرۇن ياشاپ ئۆتكەن بىر ئىنسان. پۈتكۈل دۇنيادىكى ئىنسانلارغا مىراس قالدۇرغان، ھەمدە ياشاش جەريانىدا ئەمەلىي ھەركەتلىرى بىلەن ئىسپاتلاپ، ئۆزىنىڭ تۇتقان يۇلىنى بېسىپ ماڭغۇچىلارنى ھەرقانداق زامان، ھەرقانداق ماكانلاردا بەخىتكە ئېرىشكۈچىلەرنىڭ نىشانىسى قىلغان.

ئۇ كىم؟

ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئىنسان

ئامېركىلىق ئالىم مىخائىل خارت تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، دۇنيانىڭ ؛ئەڭ ئۇلۇغ ۋە ئەڭ مەشھۇر كىشىسىنى تېپىپ چىقىشنى كۆڭلىگە پۈكىدۇ.

ئۇ مەشھۇر كىشىلەرنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى، قابىليەتلىرىنى، ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرىنى ۋە مۇۋاپىقىيەتلىرىنى كومپيۇتېرغا كىرگۈزۈپ، ئۇلارنى بىردىن يۈزگىچە رەتكە تىزىماقچى بولىدۇ.

مىخائىل خارت مۇشۇ مەقسەت بىلەن بىر نەچچە ئاي جاپالىق ئىزدىنىدۇ ۋە ئۆزى توپلاپ كىرگەن مەلۇماتلار ئارقىلىق كومپيۇتېردىن كىشىلەرنى ئاپتوماتىك ھالدا تاللاش ئۈچۈن بۇيرۇق بېرىدۇ.

نەتىنجىدە كومپيۇتېر مۇھەممەد سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ئەڭ مەشھۇر ئىنسان دەپ تاللايدۇ.

بۇ ئەھۋال بولۇپمۇ خىرىستىئان ئەللىرىدە ناھايىتى چوڭ غۇلغۇلا قوزقىغان بولسىمۇ، مىخائىل خارت ئۆزىنىڭ بۇ نەتىنجىگە كومپيۇتېر ئارقىلىق ئېرىشكەنلىكىنى ۋە ئۆزىنىڭ بىتەرەپ ئورۇندا تۇرغانلىقىنى ھەردائىم تەكىتلەپ تۇرغان.بۇ نەتىنجىنى ئېلان قىلغان فرانسۇس ژورنىلى‹‹لې پوينت››1979-يىلى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ‹‹ ئەڭ مەشھۇر شەخىس››دەپ تاللىدى. 1979-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى، نەشىر قىلىنغان گېزىتلەردە مۇنداق دەپ يېزىلغان ئىدى: ‹‹ھەزرىتى مۇھەممەد مىلادى 571-يىلدىن 632- يىلغىچە ياشاپ ئۆتكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ دۇنياۋى تەسىرى كۈندىن – كۈنگە شىددەت بىلەن كېڭىيۋاتىدۇ، ۋە مىليونلارچە ئىنسان ئۇ كۆرسەتكەن يولدىن مېڭىۋاتىدۇ،››

بىر ئىنساننىڭ‹‹ۋاپاتىدىن مىڭ نەچچە يۈز يىل كېيىن›› غەرىبلىك ۋە غەيرى مۇسۇلمان بىر مەملىكەتتە، غەيرى مۇسۇلمان بىر ئالىم تەرپىدىن‹‹ئەڭ مەشھۇر شەخىس››بولۇپ تاللىنىشى ئۇنىڭ دەۋاسىنىڭ ئىنسانلار ئۈچۈن نەقەدەر مۇھىم ئىكەنلىكىنى تۇلۇق  ئىسپاتلاپ بەرمەكتە.

شۇنداق ئۇنىڭ دەۋاسى ھەق ۋە ھەقلىق،شۇنداقلا مەخلۇقاتلارنىڭ ئىككى دۇنيالىق بەخىت- سائادىتى ئۈچۈن شۇنداق مۇھىم ، ئەھمىيەتلىك ئىدى.

‹‹مۇھەممەد ئەلەيىسسالامنىڭ ھاياتى›› دىگەن كىتابتىن ئېلىندى.

ئۇ ئۇلۇغ ئىنسان ۋاپات بولۇش ئالدىدا ئېيتتى:

مەندىن كىيىنكىلەرگە مەن ئىككى نەرسىنى مىراس قالدۇردۇم. سىلەر مۇشۇ ئىككى نەرسىنى چىڭ تۇتساڭلار ھەرقانداق-زامان،ماكاندا ئېزىپ كەتمەيسىلەر. ئۇ بولسىمۇ ئاللاھنىڭ كىتابى قۇرئان كەرىم، ۋە مىنىڭ سۈننەتلىرىم‹ھەدىس›.

ئەزىز مىللەتداشلىرىم... قەددىڭىزنى رۇسلاڭ، دەيۈزلەر قاتارىدىن سانىلىپ، دەۋزەخ ئەھلىدىن بۇلۇپ قېلىشتىن يىراق تۇرۇڭ، ئانىلىرىمزنى، ئاياللىرىمىزنى، قىزلىرىمىزنى ، ھەدە سىڭىللىرىمىزنى، قوغدايلى، ئۇلارنى باشقۇرايلى،ئۇلارنىڭ ئىلىم ئۆگىنىشى ئۈچۈن پۇرسەت،شارائىت يارىتىپ بېرەيلى، ئۇلارغا كۆيۈنەيلى، بىز مىللىتىمزنى ئوڭشاش ئۈچۈن ئاياللىرىمىزنى ئوڭشىشىمىز كېرەك ئۇلار، باشقىلارنىڭ قىزلىرى، باشقىلارنىڭ سىڭلىسى ئەمەس ھەممىسى مىللىتىمىزنىڭ مەزلۇملىرى.

مەڭگۈلۈك بەخىتكە ئېرىشىشىمىز ئۈچۈن، مەڭگۈلۈك ئازابتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن. ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ،دۇنيا مەنپەئەتلىرى، نەپىسى، پۇل- ماللاردىن مۇھىم بىلەيلى!

تۇرمۇشىڭىزنى قايتىدىن تەرتىپكە سېلىڭ، يەنى ئەڭ توغرا يول بولغان مۇھەممەد سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يولى بويىچە مېڭىپ، مېھرىبان ئاللاھنىڭ رەھمەت مەغپىرىتىگە تەلپۈنۈڭ.

ئاخىردا ئۇلۇغ ئاللاھتىن ھەممىمىزگە مەغفىرەت،ھىدايەت، توغرا يول ئاتا قىلىشىنى تىلەيمەن. ئامىن!

2012-يىل 11-ئاينىڭ 22-كۈنى

توقسۇ

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   attirgul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-11-23 10:54 PM  


ھازىرغىچە 6 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
armi + 50 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى
bayhenim + 150 ئاللاھنىڭ رەھمىتى سىز.
katran + 101 دەلىللەر يېتەرلىك
پەلۋان + 300 ئادەمدەك ياشا ئۇيغۇرۇ.
zumrettash + 100 كۆڭلۈم نۇرغا تولدى.ئا.
sabaat + 50 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 751   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83992
يازما سانى: 113
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3928
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1793 سائەت
تىزىم: 2012-8-16
ئاخىرقى: 2014-11-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-23 11:11:10 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
اللەھ ئىگەم ئەجرىڭىزنى بەرسۇن، مۇشۇنداق ياخشى تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن.

ئالدىڭغا شۇنداق بىر ئېغىر سىناقلار كەلسە، سەن ھەرگىز بوشىشىپ قالمىغىن. چۈنكى بۇ سىناق سەن ئۈچۈن پىلسىرات كۆۋرىكىنىڭ يول خېتىدۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45827
يازما سانى: 919
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6667
تۆھپە نۇمۇرى: 538
توردا: 1935 سائەت
تىزىم: 2011-6-27
ئاخىرقى: 2015-1-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-23 11:24:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ئەھمىيەتلىك تىما ئىكەن،ئاللاھ ئەجىر بەرسۇن

كىيىشىمىز ئەرەپچە،ئوينىشىمىز غەرىپچە،يىيىشىمىز...چە،بىز ئۇيغۇرما،گۈمان !

نېمىلەرنى ئويلا

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12654
يازما سانى: 3011
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15429
تۆھپە نۇمۇرى: 341
توردا: 3323 سائەت
تىزىم: 2010-10-4
ئاخىرقى: 2015-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-23 11:28:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەھمىيەتلىك يازمىڭىز ئۈچۈن اللە كۆپ ئەجىرلەر ئاتا قىلسۇن ، امىن !

ئىنسان ئىمان بىلەن  بەخىتلىكتۇر .

نېمىلەرنى ئويلا

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12654
يازما سانى: 3011
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15429
تۆھپە نۇمۇرى: 341
توردا: 3323 سائەت
تىزىم: 2010-10-4
ئاخىرقى: 2015-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-23 11:29:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىككىنچى جاۋابنى تاللىغۇچىلارغا اللەنىڭ رەھمىتى بولسۇن ، ئامىن !

ئىنسان ئىمان بىلەن  بەخىتلىكتۇر .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22914
يازما سانى: 244
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6467
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 92 سائەت
تىزىم: 2010-12-19
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-23 11:40:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ئەھمىيەتلىك تىما ئىكەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15527
يازما سانى: 1240
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13434
تۆھپە نۇمۇرى: 353
توردا: 5933 سائەت
تىزىم: 2010-10-28
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-24 12:01:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىمىسىمۇ راسلا ئاياللىرىمىزنىڭ كىيىنىشىگە كۆڭۇل بۆلۇشكە تىگىشلىك مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى.
تەربىيە ئەھمىيىتى بار ياخشى تىما يوللىغىنىڭىزغا رەھمەت! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ramu تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-11-24 12:02 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84308
يازما سانى: 176
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 28
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 492 سائەت
تىزىم: 2012-8-25
ئاخىرقى: 2015-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-24 12:20:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىما ئىكەن.               ماشىائاللاھ سز گە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87105
يازما سانى: 203
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 810
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 158 سائەت
تىزىم: 2012-11-11
ئاخىرقى: 2015-1-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-24 12:22:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئالدى بىلەن ئەركەكلىرىمىز ئوقۇپ ، ھەقىقىي چۈشىنىپ يەتسە بولغۇدەك ، نۇرغۇن ئەرلىرىمىز بار ئۆزلىرىنىڭ قىز - ئاياللىرى بىلەن كارى بولمايدىغان . بۈگۈن ئايالىم بىلەن بازارغا ئايلىنىۋاتقان ئىدىم . يولدا كېتىۋاتساق ، ئىككى ئايال كىشى يالاڭ باش ياسىنىپ كېتىۋېتىپتۇ ، ئارقىدىن ئىككى ياش بالا ئۇلارغا قاراپ توۋلاپ ئىسقىرتىپ قويدى ، لېكىن ھېلىقى ئايال كىشىلەر بولسا بۇنىڭدىن خۇش بوپ كېتىشتى . چۈنكى ئۇلار شۇنداق ياسىنىپ ، شۇنداق مېڭىشى بايامقى نەتىجىگە ئېرىشىش ئۈچۈن بولغان دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە ، دېمەك ئۇلار مەقسىتىگە يەتكەن ئىدى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87376
يازما سانى: 605
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 854
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 35 سائەت
تىزىم: 2012-11-18
ئاخىرقى: 2013-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-24 12:45:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۈشۈنداق ياخشى تىمىلارنى ئۈزۈپ قويمىغاي سىز

مۇنبەردە قالايمىقان پۈچەك ئىنكاس يازماڭ !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش