|
|
|
|
ھىندونېزىيەدىكى ئەما بالىلار ئۈچۈن ئالاھىدە قۇرئان كەرىم تەربىيلەش سىنىپى بايا توردىن بۇ رەسىملەرنى كۆرۈپ ئازراق خىجىل بولدۇم ،قاراڭ بۇ ئەما قېرىنداشلىرىمىزنىڭ گەرچە كۆزى كۆرمىسىمۇ ،قۇرئان كەرىمنى ئۆگىنىشكە ،ئۇقۇشقا شۇنچە ئىشتىياق باغلاپتۇ.بىزلەرچۇ ؟!بەش ئەزايىمىز بىجىرىم ،تېنىمىز ساغلام ،ئەمما ئاللاھ تائالانىڭ كىتابىغا شۇلارچىلىك ھېرىسمەن بولدۇقمۇ؟! ئاللاھ ئاشۇ قېرىنداشلىرىمىزغا كۆپلەپ ئەجىر ،رەھمەت ئاتا قىلسۇن!!!
ئەمالار يېزىقى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە:ئەمالار يېزىقى يەنە چىكىتلىك يېزىق ،كۆپتۈرمە يېزىق دىگەندەك ناملارغا ئىگە بۇلۇپ ،مەخسۇس ئەمالار ئۈچۈن لايىھەلەنگەن ،ئەمالار ئۆزىنىڭ سىلاش سېزىمىگە ئاساسەن ئۇقۇيدۇ.چىكىتىلىك تاختا ياكى چىكىتلىك پىرىنتىر قاتارلىق ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىق قەغەز يۈزىدە ئوخشىمىغان كۆپتۈرمە چىكىت گۇرۇپىسىنى ھاسىل قىلىدۇ،ئادەتتە ھەر بىر كاتەكچە ئالتە چىكىتتىن تۈزۈلىدۇ.ئەمالار يېزىقى 1842-يىلى فىرانسىيەلىك ئەما كىشى لۇيىس بىرەلى تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغان ،خەلىقئارادا ئەمالار يېزىقىنى "بىرەلى "دەپ ئاتايدۇ.
رەسىم مەنبەسى :http://www.2muslim.com/forum.php?mod=viewthread&tid=422588
|
|
|
|
|
|