android بەيدۇ كىرگۈچىدە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ئۇسۇلى
مىسرانىم مۇنبىرى قارلىق يازمىسى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار ياخشىمۇسىلەر ،بۈگۈن سىلەرگە android بەيدۇ كىرگۈچىدە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچىمەن .
بىرىنچى قەدەمدە android بەيدۇ كىرگۈچىنى چۈشۈرۈپ يانفۇنىمىزغا قاچىلايمىز .بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ.ياكى 360يانفۇن ياردەمچىسى ئارقىلىق چۈشۈرسىڭىزمۇ بولىدۇ .
بەيدۇ كىرگۈچىنى يانفۇنىمىزغا چۈشۈرۈپ قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن ، يانفۇن تەڭشىكىدىن ئەسلىدىكى كىرگۈزگۈچنىڭ ئورنىغا بەيدۇ كىرگۈزگۈچىنى ئالماشتۇرۇڭ
[]
[
ئىككىنچى قەدەمدە ، قىسقا ئۇچۇريېزىش رايونىنى ئېچىڭ ، ھەمدە تۆۋەندىكى رەسىمدىكى قارا كاتەكچە ئىچىگە ئېلىنغان يەرنى بېسىڭ
قارا كاتەكچە ئىچىگە ئېلىنغان بەيدۇنىڭ بەلگىسىنى باسسىڭىز تۆۋەندىكىدەك چىقىدۇ بۇ يەردىن ئاۋۇ (超级皮肤)دېگەن خەتنى بېسىڭ :
(超级皮肤)دېگننى باسسىڭىز بىرمۇنچە نەپىس تېرىلەر چىقىدۇ ،بۇ يەردىن ئەڭ ئاستىدىكى (点击进入皮肤布局商店)دېگەن خەتنى بېسىڭ :
(点击进入皮肤布局商店)دېگەن خەتنى باسسىڭىز تېخىمۇ كۆپلىگەن نەپىس تېرىلەر چىقىدۇ ،كۆزىڭىزنى يوغان ئېچىپ سەل ئاستىغا چۈشۈرسىڭىز (新疆维吾尔语默认布局) دېگەن تېرە بار تاپقانسىز ؟دەرھال شۇنى تاللاڭ ئەمسە :
مۇشۇ تېرىنى تاللاپ ئېچىڭ ھەمدە چۈشۈرۈڭ ،قارىسام چۈشۈرلۈش قېتىم سانى 8632قېتىمغا يىتىپتۇ ،قارىغاندا جىق ئادەم ئىشلەتكەن ئوخشايدۇ .
چۈشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن (应用)دېگەننى تاللاپ بۇنى ئورنىتىڭ .
ئورنىتىپ بولغاندىن كېيىن ،بايانتىنقىدەك قىسقا ئۇچۇرنى ئېچىڭ ،ھەم بىرسىگە خەت يازماقچى بولۇپ قارىسىڭىز يەنىلا خەنزۇچە كىرگۈزگۈچ پەيدا بوپ قالىدۇ ،بىراق ئەنسىرمەڭ ئەتراپىغا قارىسىز ئۇيغۇرچە خەتلەرمۇ بار ،مۇنداق:
ئەمدى ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈشنى باشلايلى ،قېنى يۇقۇرىدىكى رەسىمدىكى يەردىن ئاۋۇ (拼音) دېگەننى تاللاپ ئۇنىڭ ئىچىدىن (五笔)دېگەننى تاللاڭ :
نەتىجىسى قانداق بولدى ؟ئۇيغۇرچە ھەرپتاختا ئېچىلدىمۇ؟ئەگەر ئېچىلغان بولسا ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈشنى باشلاڭ :
مانا شۇنىڭ بىلەن android بەيدۇ كىرگۈچىدە ئۇيغۇرچە كىرگۈزەلىدۇق ئەمما شۇنى بىلىپ قېلىڭلاركى "ئا "قاتارلىق سوزۇق تاۋۇشلارنى كىرگۈزگەندە ئاشۇ سوزۇق تەۋۇشنى بېسىپ تۇرسىڭىز ئۇنى ،مەسىلەن ئاياق ئا ،ئۇلانما ئا قاتارلىق بۆلەكلىرى چىقىدۇ ،شۇنى بېسىپ كىرگۈزۈڭ بولمىسا نورمال ئۇلانمايدۇ تۆۋەندىكىدەك :
شۇنىڭ بىلەن ئىش تامام ۋەسسالام . لىكىن مەن قارىسام 26ھەرپ تۇرىدۇ ،قالغان 8ھەرپ كۆرۈنمەيدىغۇ ھېچ ،ئەمما بىزمۇ بەيدۇ شىركىتىگە كۆپرەك تەكلىپ بەرسەك ،مەزكۇر كىرگۈزگۈچنى قوللىساق ،بۇ ئەھۋالمۇ ئۆزگىرىشى مۇمكىن .
دوستانە ئەسكەرتىش :مەزكۇر تىمىنى كەمىنە پەقىر قارلىق بىر سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت سەرپ قىلىپ ،بىردىن بىر سىناپ،يوللىدىم ،شۇڭا باشقا مۇنبەر،تورلارغا كۆچۈرگەندە چوقۇم مىسرانىم مۇنبىرى قارلىق يازمىسى دېگەن گەپنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ .
يەنە بىر گەپ يانفۇنىڭىزنىڭ روت ھوقۇقىنى ئېلىشنى ئۇنۇتماڭ بولمىسا خەتلەر ئۇلاشماي چىقىۋېلىشى مۇمكىن .
مەنبە:مىسرانىم مۇنبىرى ئەزاسى كەمىنە قارلىق .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا karlik تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-11-23 09:36 PM