ئانىلار ئايىغى ئاستىدىدۇر، گۈل- گۈلىستان جەننەت بېغى. جەننەت بېغى ئىستەر بولساڭ، بول ئاناڭ ئايىغىنىڭ تۇپرىقى. -ئەلىشىر نەۋائى
سىڭلىڭنى يەلكەڭدە كۆتەرسەڭ، ئاناڭنى بېشىڭدا كۆتەر. - ئۇيغۇر يوق بىرگە ئانىدەك مىھرىبان، كۆكرەككە قالقان، باشقا سايىبان. - ھەمزە ھەكىمزادە نىيازىي
ئانىلار ئەمەس ئۇ قىممەت زات، ئۇلۇغ، ئۇنىڭ مەرتىۋىسى بۇندىنمۇ ئارتۇق. ئىشىم راۋاجىنى شۇنىڭدىن كۆردۈم، بۇ بەختىم تاجىنى شۇنىڭدىن كۆردۈم. -ئابدىراخمان جامى
ئانا نەسىھىتىنى ئەستە چىڭ ساقلا، دۇنيادا يامانلىق ئىزدىمە ئەسلا. سەن بولدۇڭ باغرىدا جاندىن ئەزىزى، جىنىڭدەك ئەزىزلە كېچە- كۈندىزى. -ئۇبۇلقاسىم فىردەۋسى
ئانا ئورنىنى ئاتا ئالالماس ئوغۇلغا، مۇمكىندۇر ئوغۇل بولماق ئاتىسىز. مەسىھ بىلەن مەريەمدىن قىياس قىل، كى ئىمكان يوقتۇر بولماق ئانىسىز. - ئەلىشىر نەۋائى
بېشىڭنى قىل پىدا ئاتا بېشىغا، جىسمىڭنى قىل سەدىقە ئانا قېىشىغا. تۈن- كۈنىڭنى ئەيلىگىل يورۇق جاھان، بىرىنى ئاي دەپ بىل، بىرىنى قۇياش. - ئەلىشىر نەۋائى
ئاناڭ نەسىھىتىگە سەن قىل ئەمەل، يۈرۈيسەن بەختىيار بولۇپ ھەر مەھەل. ئاناڭنى، ئاتاڭنى سۆيۈندۈر تامام، بۇ خىزمەت يەتكۈزگەي تىلەككە ھەردەم. - يۈسۈپ خاس ھاجىپ
مەنبە:<<ئاياللار ھەققىدە ھىكمەت>> دىن تاللانمىلار بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nuriman30 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-11-23 05:32 PM
|