شەبنەمنامە
ئابدۇقادىر مۇھەممەتئىمىن
مۇقەددىمە
تاڭ سەھەر ، يەنە شۇ گۈللۈك .
نىمىشقا بۇ يەرگە كېلپ ئولتۇرغۇنۇمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن . بەلكىم بۇ جاي ساڭا يازغان شۇ «ئاشىقنامە »نىڭ ئىلھام بۇلىقى بولغانلىقى ، ساڭا بولغان سېغىنىشلىرىمنىڭ شاھىدى بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ ؟ يا بەلكى مۇشۇ يەردىكى گۈللەرنىڭ خۇشپۇراق ھىدى مىنىڭ ھىجراندىن ئۆرتەنگەن يۈرۈگۈمگە مەلھەم بولالايدۇ دەپ ئويلىدۇممۇ ؟ بۇنىسى نامەلۇم ئىشقىلىپ ھەپتىدە ئاران بىر كىلىدىغان شەنبىدە شىرىن ئۇيقۇمدىن كىچىپ بۇ كونا جايغا كەلدىم .
شۇنداق ئەينى ۋاقىتتا دەل مۇشۇ جايدا «ئاشىقنامە »نىڭ ھىسسىياتلىق قۇرلۇرىنى خاتىرىلەپ ساڭا ئاتىغان ، ساڭا بولغان مۇھەببىتىمنى دەل مۇشۇ جايدا ئاشىقنامىنىڭ قۇرلىرىغا پۈتكەن ئىدىم .
شۇ چاغلاردا بۇ گۈللۈك ماڭا خۇددى چۆچەكلەردىكى شاھلارنىڭ ھەرەمبېغىغا شاھزادە مەلىكىلەرنىڭ كۆرۈشىدىغان ،شىرىن –تاتلىق ۋەدىلەرنى بىرىشىدىغان خىيالىي جەننىتىدەكلا بىلىنەتتى .
مانا ئەمدى ھىجرانلارنى يۈدۈپ بۇ يەردە ئولتۇرماقتىمەن . ساڭا ئاتاپ يازغان شۇ ئاشىقنامەمنى كۆرۈش ساڭا نىسىپ بولمىغاندەك ، بۇ يەردە ئولتۇرۇپ ئىككىمىزنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە شىرىن خىياللارنى قىلىش ئەمدى ماڭىمۇ نىسىپ بولمايدۇ .
ئامال قانچە ؟ مۇھەببەتنىڭ شىرىن قىسمىنى تېتىپ بولۇپ ئەمدى ئازابىنى تارتىش نۆۋىتى كەلگەن ئوخشايدۇ .
بۇمۇ بىر خىل ھوزۇر .....
راست گەپنى قىلسام كاللام قۇپقۇرۇق ، نىمىنى ئويلاپ ، نىمىنى دىيىشنى بىلمەي، ئالدىمدىكى بىر تۈپ گۈلگە قاراپ ئولتۇرغىنىم ئولتۇرغان .
مانا ئۇنىڭ بەرگىدىكى شەبنەم . گۈل بەرگىدە دومىلاۋېتىپتۇ . يەنە نىمىلەرنىدۇ پىچىرلاۋېتىپتۇ .
نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ھېچنىمىنى ئويلاشنى خالىمىغان توختۇلۇپ كەتكەن ھىسلىرىمنىڭ تۇيۇقسىزلا شەبنەمنىڭ سۆزلىرىنى قەلەمگە ئېلىپ قويغۇسى ، شۇ ئارقىلىق گۈل ۋە شەبنەمنىڭ مۇھەببىتىنى كۈيلۈگىسى ، شۇ ئارقىلىق ھىجران ئازابىدا گاڭگىراپ قالغان ئۆزۈمگە نىمىلەرنىدۇر خىتاپ قىلغۇسى كەلدى .
شۇنداق قىلاي . گاڭگىراشنى ئەمەس تەپەككۇر دەرياسىدا ئىزدىنىشنى ، ھېچ بولمىسا ئويلىنىشنى ئۆزۈمگە ھەمراھ قىلاي . يۇرتتا سەندىن باشقا يەنە نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ مىنى چوڭقۇر مۇھەببەت ، ئارزۇ ئۈمىد بىلەن ياد ئىتىۋاتقانلىقىنى ، ئۆزۈمنىڭ تېخى مەۋجۇت ئىكەنلىكىمنى ئۇنتۇپ قالماي ، ھەم بولمايدۇ .
ئەگەر پۇرسەت بولۇپ قېلىپ بۇ نامەمنى كۆرۈپ قالساڭ شۇنى ئۇنۇتمىغىنكى بۇ ھەرگىزمۇ ئۇيقۇچىلىقتا سۆزلىگەن تاققا – تۇققۇلىرىم ئەمەس ، يولدا كىتىۋېتىپ قىلنغان چاقچاق تېخىمۇ ئەمەس ، ئەكسىچە يەنە بىر قېتىم چۈشكۈنلۈك پاتقىقىغا پېتىپ قالماسلقىم ئۈچۈن ئۆز –ئۆزۈمگە بىرىلگەن مەدەتلەر ،شۇنداقلا مۇشۇ يەردە سىنىڭسىز يۈرۈپ ھىس قىلغان ھىسلىرىم .
ئەمىسە گىپىمنى شەبنەم بىلەن گۈلنىڭ ھېكايىسىدىن باشلىدىم .
تاڭ سەھەر ، گۈلزارلىق .
رەڭگارەڭ گۈللەر ئارىسىدا كىتىپ بارماقتىمەن .گۈللەرنىڭ خۇشپۇراق ھىدى قەلبىمگە ھۇزۇر بىغىشلىماقتا .
شەبنەم دانچىلىرى گۈل يۈزىگە سۈيۈپ ئۆز كۆڭلىنى ئىزھار قىلماقتا . بىر تەرەپتىن بۇ بىر جۈپ ئاشىق –مەشۇققا زوقلانسام ، بىر تەرەپتىن شەبنەمنىڭ گۈلگە پىچىرلاپ ئىېيتقان كۆڭۈل سۆزلىرىدىن زوقلانماقتىمەن :
ئەي دىلكىشىم ! نىمىدىگەن چىرايلىقسەن ؟!
قىزىللىقىڭ ئوتقاشنى ئەسلەتتى ،
يېشىللىقىڭ يايلاقنى ئويلاتتى .
ساڭا شەيدا بولمۇقۇم كۆڭۈل خۇشى ئەمەستۇر .
قەلب سۆزلىرىم ناخشا بۇلۇپ ياڭرىماقتا .
مۇڭلىرىم سىنى چۆكتۈردىمۇ ؟
سىرلىرىم سىنى ئەسرا قىلدىمۇ ؟
ھەر تاڭدا سىنىڭ مەڭزىڭگە سۈيىمەن . لىكىن يەنە سىنىڭ قۇچىقىڭدا جان بىرىمەن .
شۇنچىلىك شادلىنىمەنكى ، سىنىڭ قۇچىقىڭدا ئۆلۈپ ،سىنىڭ بىلەن تەڭ تۇغۇلىمەن .
تىڭشىغىنا ! شاماللار ساڭا دەرتلىرىمنى ئېيتماقتا . ئانا تەبىئەت بىزگە پۇرسەت ھازىرلىماقتا .
قارىغىنا ! دولقۇنلۇق دەريا مىنىڭ ماكانىم ، كۆپكۆك ئاسمان مىنىڭ قونالغۇم .
كۆڭۈل گۈلزارىمغا يېزىلغان شەبنەمنامىنى كۆرۈشنى خالامسەن ؟
ئۇنداقتا قەلب گۈلزارلىقىمغا قەدەم تەشرىپ قىلغىن .
سىنى ۋىسال چوققىسىدا كۈتىمەن .
(1)
كۈلكىلىرىڭدىن شادلىنىمەن ، ئەركىلەشلىرىڭدىن ھوزۇرلىنىمەن .
كۈلۈمسىرەشلىرىڭدىن شەكلىنىمەن . خۇمالىق كۆزلىرىڭدىن شەكلىنىمەن .
قۇياش تاغ كەينىگە كىرىپ كەتكەن چاغدا سىنى كۆرسەمكەن دەيمەن ، كىچە قاراڭغۇلىقىنى ھىس قىلمايتتىم .
نازلىق كۈلۈشلىرىڭنىڭ تەكتىگە نىمىلەر يۇشۇرۇنغان ؟ ماڭا بولغان مۇھەببەتمۇ ياكى سىناقمۇ ؟ ياكى بولمىسا مەسخىرىمۇ ؟
سەن ماڭا نازارەتچى بولماقچىمۇ ؟ ئەقىدەمدىن گۇمان قىلىۋاتامسەن ؟
سىنى چىن قەلبىمدىن سۆيىدىغانلىقىمغا ئىشەنگىن تەدبىركار كۈلۈمسىرىگۈچى .
(2)
ئاددىي ئادەمسەن ؟ چۈنكى ھەرقانداق ئۇلۇغلۇق دەل شۇ ئاددىيلىقتىن باشلىنىدۇ .
ئەجىبا ئاددىي ئادەممۇ بۇلالماي تۇرۇپ ئۇلۇغ ئادەم بولماقچىمىدىڭ ؟
تاشنى يۆتكۈگۈدەك ماغدۇرۇڭ يوق تۇرۇپ تاغ يۆتلەشكە تۇتۇنغىنىڭنىڭ ئەخمەقلىق ئىكەنلىكىنى بىلمەمسەن ؟
ئىرادەڭ نىمىگە ئىشلەيدۇ ؟ ئۇنىڭغا تىرىشچانلىق ، ئىستايىدىللىق خۇرۇچلىرى قۇشۇلمىسا ئۇنىڭدىن ھاسىل بولغان تائامنىڭ مەززىسى بولمايدۇ ئەمەسمۇ ؟
تىنىمسىز ئىشلەيدىغان چۈمۈلىنىڭ يۇغان پىلنى نىمىشقا شۇنچىلىك پاراكەندە قىلالايدىغانلىقىدىن شەكلەنسەڭ پىلنىڭ يۇغان تاپانلىرىدىن قورقمايدىغان چاشقاندىن سوراپ باق .
ساڭا چۇقۇنىمەن ، ئۇلۇغ ئادەم .
سەندىن نەپرەتلىنىمەن كىرەكسىز .
سىنىڭ غايەڭگە ھەۋەس قىلسام قىلغان ئىشىڭدىن مەسخىرىلىك كۈلىمەن .
سىنىڭ ئۇرۇنسىز ھەركىتىڭدىن ئەپسۇسلىنىمەن جاسارەتلىك دوستۇم .
(3)
غەلبە نېنىغا ئامراقمۇ سەن ؟
ئۇنداقتا نىمىشقا ئىرادە كەمىرىنى تاقاپ ،جاسارەت خەنجىرىنى بىلىمەيسەن ؟
تىرىشچانلىق دەرياسىدا ئۈزمەي تۇرۇپ چاڭقىغان دىلىڭنى غەلبە سۈيى بىلەن سۇغۇرالمايسەن .
خىيال كۆۋرۈكىدە ئۇزاق تۇرۇپ قالمىغىن ، خام خىيال بۇلىقىنىڭ سۈزۈك شەربىتىگە قارىغاندا تىرىشچانلىق ئۆستىڭىنىڭ لاي سۈيى تەملىكرەك .
ئەينەكتىكى ئايغا قاراپ كۆڭۈل خوش قىلماي تىنماي كۆرەش قىل .
شەكلەنمىگىنكى تىرىشچانلىقىڭ سىنى ئاسماندىكى ئايغا ئىگە قىلىدۇ .
(4)
كەلگۈسىڭگە ئىشىنەمسەن ؟ ئەجىبا ئۆتمۈشىڭنى قەدىرلىمەپسەنغۇ ؟
تەقدىردىن ئاغرىنىششقا ھەققىڭ بارمۇ ؟ ئېقىن سۇنىڭ تۇغان ئالدىدا قايتىلانغىنىغا قاراپ ۋاقىت قايتىلىنىدۇ دەپ ئويلاپ قاپسەندە ؟!
ئەي نادان بۇرادەر .
بۈگۈنۈڭ مەنىلىك ئۆتتىمۇ ؟ تۈنۈگۈنگە ئېچىنىپ نىمىمۇ قىلارسەن ؟
ئەتىگە تەييارلىق قىلىپ قوي .
جەڭ ئالدىدا شەمشەرنى بىلەپ قويمىساڭ ياۋا توڭگۇزچىلىك بۇلالمايسەن .
ھايات دەپتىرىڭ ئاق قالمىسۇن ، ئازراق بىر نەرسە يېزىپ قالدۇر .
تەييارلىقنى پۇختا قىل . سەن يازغانلارنى كىيىنكىلەر باھالايدۇ .
(5)
ساڭا قاراڭ زوقلىنىۋاتىمەن .
كۆزلىرىڭدىن پارلاق كەلگۈسۈڭنى كۆرۈپ يەتتىم .
تىرىشچانلىقىڭ ماڭا سىنىڭ ئەتەڭنى ئېيتىپ بەردى .
ئەستايىدىللىقىڭ سىنى پارلاق مەنزىلگە باشلىغۇسى ، چارچاشلىرىڭ سىنى بەخت قاينىمىدا ئۈزدۈرگىسى .
ئالدىڭغا قارا ، ئەتەڭ سىنى كۈتۈپ تۇرماقتا . ئارقاڭدا ھېچنەرسە يوق . مەنزىل ئالدىڭدا .
(6)
جاھىللىقىڭدىن نەپرەتلىنىمەن .
جاسارىتىڭگە ئاپىرىن ، تىرىشچانلىقى ،ئىرادەڭ ،جەسۇرلىقىڭدىن سۆيۈندىم .
سەن سۆيۈلۈشكە ، سۆيۈشكە ھەقلىقسەن .
مۇھەببەت گۈلشەنىمنىڭ مىھنەتچان باغۋىنىسەن . قەلب گۈلزارلىقىمنىڭ بۇزغۇنچىسى سەن .
سىنىڭ مۇھەببىتىڭگە ئىرىشكەنلىكىم ئۈچۈن شادلاندىم . ئۆزۈمدىن پەخىرلەندىم .
سىنى سۆيىمەن .
(7)
تاقەت كىمىسىدىن چۈشۈپ كەتمىگىن .
غەلبە مەنزىلىگە ئۇندىن ئۆزگىسى بەرداشلىق بىرەلمەيدۇ .
قولۇڭدىكى پالاققا ئىشەنگىن . ئالدىڭدىكى يوللار قانچە مۈشكۈل بولسىمۇ سەن ئۇنى يىڭەلەيسەن .
پەقەت سەمىمىيلىك ،تىرىشچانلىق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىسەڭلا بۇ سىنى چوقۇم مەنزىلگە يەتكۈزىدۇ .
شەكلەنمىگىن ، بار كۈچ بىلەن ئالغا ئىلگىرىلە .
(8)
يىراقلارغا كۆز تىكىمەن .
مەنزىلىم يىراق . قاتمۇ – قاتمۇ تاغلار مەنزىلىمنى يۇشۇرۇپ تۇرىدۇ .
بىراق غەلبىگە بولغان ئىشەنچ ، ئەتىگە بولغان ئۈمىد ماڭا يولۇمنى ئېيتىپ بىرىدۇ .
گەرچە سەل قېيىپ كەتسەممۇ ، گاھىدا ئېزىقىپ كەتسەممۇ لېكىن ئۆز يولۇمنى تاپالايمەن .
چۈنكى منىىڭ ئۆتكۈر كۆزلىرىم ، پولاتتەك ئىرادەم مىنى پارلاق مەنزىلگە يىتەكلەيدۇ .
(9)
كۆزۈم ئاجىز بولسىمۇ سىنى كۆرەلىگەن ئىدىم .
شۇنچە گەپدان ئىدىميۇ ىنىڭ ئالدىڭدا گاچىدەكلا تۇرۇپ قالاتتىم .
شۇنچە چاققان ئىدىم ، ئەمما سىنى كۆرسەم كالامپاي بولۇپ قالاتتىم .
باشقىلار مىنى شۇنچە ئەقىللىق دەيتتى . ئەمما ساڭا كەلگەندە ئالداندىم .
تىرىك يۈرگەندەك ئىدىميۇ ، سىنىڭ ئالدىڭدا ئۆلۈپتىمەن .
(10)
ئۆلۈك نىمىشقا سىرلىق ، چۈنكى ئۇ سۆزلىمەيدۇ .
سىرلىق نەرسە نىمىشقا باشقىلارنىڭ دىققىتىنى جەلىپ قىلالايدۇ . چۈنكى ئۇنىڭدا باشقىلار بىلمەيدىغان سىر بار .
ئەگەر باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئىناۋىتىم بولسۇن دىسەڭ مەخپىيەتلىكىڭ بولسۇن ، باشقىلارغا ھەدىدىن زىيادە ئىشىنىپ كەتمە . شۇندىلا سىنىڭمۇ ئازراق بولسىمۇ قەدىر –قىممىتىڭ بولىدۇ .
(11)
شوخلۇقىڭغا تايىنىپ باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتقانلىقىڭغا شادلانما .
ئېغىر –بېسىق بول ، باشقىلار ساڭا تەبئىيلا قىززىقىدۇ .
ھەددىدىن زىيادە ئوچۇق بولما ، يەتتە خىل ھالەتتە يۈرۈشنى ئۇنتۇما . بۇلۇتلۇق ئاسمان كىشلەرنى ئوچۇق ھاۋانىڭ قەدرىگە يەتكۈزىدۇ .
سىرلىق بول، ئوچۇق ئىشىك بولۇشتىن قۇلۇپلاقلىق ساندۇق بولۇش ئەۋزەلرەك .
ئازراق ھارامزادىلىك قىلىشنى بىل ، باشقىلار سەندىن تەپ تارتسۇن .
جاھىللىقىڭغا ئاپىرىن دىگۈم كىلىدۇ .
يۇمشاق باشلىقىڭنى كەچۈرمەيمەن .
سىنى ئۇلۇغلايمەن ، كەمتەر دوستۇم .
سىرلىقلىقىڭغا ئىنتىلىمەن . چۈنكى سەندە ھەممە ھالەت تولۇق .
(12)
ھەممەيلەننىڭ سىنى ياقتۇرۇپ كىتىشىنى ئىستىمە .
شۇنداقلا ھەممىنىڭ نەپرىتىدىن ساقلانغىن .قىلىۋاتقان ئىشىڭغا پۇختا بول .
ياخشى –يامان باھانى باشقىلار بەرسۇن .
دۈشمەنلىرىڭنىمۇ توغرا چۈشەن . چۈنكى دۈشمىنى يوق ئادەمنىڭ دوستىمۇ يوق . تەرەققى قىلىش پۇرسىتى تېخىمۇ يوق .
مەنبە: ئۆز قەلىمىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا saba01 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-11-23 03:49 PM
تولۇقلىما مەزمۇن (2014-10-16 09:48 AM):
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىنى يوللاي دىگەن، ئەمما ئىنكاس يازغىلى بولمىدى...