مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 8005|ئىنكاس: 106

ئېرىگە كىچىك خوتۇن ئىزدىگەن ئايال   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28007
يازما سانى: 251
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9622
تۆھپە نۇمۇرى: 1010
توردا: 2541 سائەت
تىزىم: 2011-1-27
ئاخىرقى: 2012-11-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-23 12:59:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ھېكايە(مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيىتىگە)

      پاتىمە ئەنۋەر بىلەن توي قىلغان يەتتەيىلدىن بۇيان بەخىتلىك ياشىدى.  ئوغلى بۇيىل تۆت ياشقا ،قىزى ئىككى ياشقا كىرگەن بولۇپ،ئەر-ئايال   ئىككىسىنىڭ ئۆمۈدى،بەختى ۋە خۇشاللىقى ئىدى.مانا مۇشۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇلارنىڭ بەختىگە كۆز تەگدى.  
       پاتىمە تويۇقسىز ئاغرىپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلدى.ناھىيىلىك دوختۇرخانىدا‹‹بۆرەك زەئىپلىشىش››دەپ دىئاگنوز قويغاندىن كېيىن،ئۈرۈمچىدىكى چوڭ دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالىتىش كېرەكلىكىنى ئېيىتتى.ئەنۋەر ئىدارىسىدىن رۇخسەت سوراپ،پاتىمەنى ئۈرۈمچىدىكى چوڭ دوختۇرخانىغا يۆتكىدى.پاتىمە ئوپراتسىيەدىن ئوڭۇشلۇق چىققان بولسىمۇ،ئەمما بىر بۆرىكى كىسىپ ئېلىۋىتىلگەنىدى.ئەھۋالى ياخشىلىنىپ ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن،ئەنۋەرنىڭ كۆڭۈل قويۇپ كۈتۈشى بىلەن ئۆز ھالىدىن خەۋەر ئالالايدىغان ھالغا كەلگەن بولسىمۇ،ئەمما بىر بۆەرك ئىككى بۆرەكنىڭ خىزمىتىنى قىلالمىغاچقا،تۇرمۇشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدىغان بولۇپ قالدى.پاتىمە مۇشۇلارنى ئويلىغىنىدا ئۆزىنى ئەنۋەرگە تۈگىمەس قەرىزداردەك ھېس قىلىپ يۈرىكى ئازاپتىن پۇچىلىناتتى.
          پاتىمە ئۇزۇندىن-ئۇزۇنغا خىيال سۇرگەندىن كىيىن قانداقتۇر ئولۇغۋار بىر پىلاننى تۈزۈپ چىققاندەك كۆزلىرى ئۈمۈتلۈك چاقناپ كەتتى ۋە ئەنۋەرنىڭ ئىشتىن كېلىشىنى كۈتتى.                                          
–مەن تۇرمۇشنىڭ ھۆددىسىدن چىقىپ بولالمىدىم،شۇڭا سىزكىچىك خوتۇن ئېلىشنى ئويلىشىپ كۆرسىڭىز؟-ئەنۋەر تويۇقسىز ئېيتىلغان بۇسۆزنىڭ راست ياكى چاقچاقلىقىنى بىلەلمەي تۇرۇپلا قالدى.-مەن خوتۇنلۇق بۇرچۇمنى ئادا قىلالمىدىم....شۇڭا سىز بۇگەپلىرىمنى ئەستايىدىل ئويلىشىپ  كۆرسىڭىز؟!                                                        
-كىچىك خوتۇن؟سىزنىڭچە ئائىلىنىڭ ئاساسى نېمە؟كىچىك خوتۇن ئالساملا ھەممە ئىش ھەل بۇلامدۇ؟بۇ ئىشنى ئويلىشىش ھاجەتسىز.ماڭا پەقەت سىزلا بولسىڭىز بولدى،قالغان ئىشلار مۇھىم ئەمەس.شۇڭا سىز بۇئىشلارنى ئىككىنچى تىلغا ئالماڭ.  
–ياق ئەنۋەر ،سىز تېخى ياش،مەن بىر ئايال تۇرۇپ ئۆز مەجبۇرىيىتمنى ئادا قىلالمىدىم.يەنە كېلىپ ئاپىڭىزمۇ ياشىنىپ قالدى،ئۇ ياخشى بىر كېلىننىڭ كۈتۈشىگە مۇھتاج.شۇڭا مەن ئۆز رازىلىقىم بىلەن سىزگە ئىككىنچى خوتۇن ئېلىپ بېرەي دەيمەن.                                             
–بولدى بەس،ماڭا كېرەك ئەمەس. سىز مەن ئۈچۈن ئەڭ قەدىرلىك،سىز كۆز ئالدىمدا بولسىڭىزلا مەن خاتىرجەم .ئائىلىنىڭ ئاساسى فىزولوگىيىلىك ئىھتىياج ئۈستىگە قۇرۇلماستىن بەلكى مۇھەببەتنى ئاساس قىلىدۇ.سىز ھەر قانچەئېغىر كېسەل بولسىڭىزمۇسىزگە بولغان مۇھەببىتىم سۇسلاپ قالمايدۇ.شۇڭا سىز بۇنداق ئەخمىقانە خىيالىڭىزدىن ۋاز كېچىڭ.- پاتىمەنىڭ ئېغىزى مانا مۇشۇنداق تۇۋاقلاندى.ئەنۋەرنىڭ جاۋابى ئالدىداپاتىمە يەنە نېمىمۇدىيەلەيتتى.            
         ئەنۋەرھەركۈنى ئىشتىن كېلىپ پاتىمەنىڭ ئالدىدا پايپىتەك بولۇپ يۈرگەندەپاتىمە ئىچ-ئىچىدىن ئۆرتىنەتتى دە-ئېرىگە كىچىك خوتۇن ئېلىپ بىرىش خىيالى يەنە ئەۋىج ئالاتتى.بەزىدە ئاجرىشىپ كېتىشنىمۇ ئويلاپ قالاتتى،ئەمما باللىرى ۋە ئەنۋەرنىڭ مۇھەببىتى ئالدىدا ئېغىزئاچالمايىتتى.ئۇ ھامان ئەنۋەرنى كىچىك خوتۇن ئېلىشقا كۆندۈرىمەن دەپ ئويلاپ،دوسلىرى ۋەئەنۋەرنىڭ ئىدارىسىدىن ئېرىگەيۇشۇرۇنچەلايىق ئىزدىدى.مىڭ تەسلىكتەئەنۋەرگە كىچىك خوتۇن بۇلۇشنى خالايدىغان بىرقىزنى تېپىپ ئۇنىڭ بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ، ئەنۋەرگە مۇۋاپىق كۆردى.بىراق ئەنۋەر ئۇقىز بىلەن يۈز كۆرۈشۈشكە ئۇنارمۇ؟پاتىمە يەنە بىرقېتىم غەيرەتكە كېلىپ ئەنۋەر بىلەن بۇ ئىش ئۈستىدە پاراڭلاشتى.   
–مەن سىزنىڭ ئالدىڭىزدا ئۆزەمنى گۇناھكاردەك ھېس قىلىمەن،سىزگە كۆپ قەرزدارمەن.ھەركۈنى كۆزئالدىمدا تاماق ئىتىپ،كىرقات يۇيۇپ يۈرگىنىڭىزنى كۆرسەم بەك ئازاپلىنىمەن.مەن سىزگە مۇۋاپىق كىلىدىغان بىرقىزنى تاپتىم،پاراڭلىشىش ئارقىلىق ئۇنىڭ يامان ئەمەس قىز ئىكەنلىكىگە ئىشەندىم.مىنى،ئۆزىڭىزنى يەنە ئاپىڭىزنى ئويلاپ بولسىمۇ بۈگۈن ئۇقىز بىلەن كۆرۈشۈپ باقسىڭىز،چۇقۇم ياختۇرۇپ قالىسىز.شۇندىلا مىنىڭ روھى ئازاپلىرىم يىنىكلەپ قالىدۇ.مىنى چۈشىنىڭ بۇلامدۇ؟

       ئەنۋەر ناھايىتى كەسكىن ھالدا جاۋاپ بەردى:

-ئۇنداقتا بىزنىڭ ئائىلىمىز،مۇھەببىتىمىز نېمىگە ھىساپ؟.سىز يەتتە يىلدىن بۇيان ئائىلىنىڭ ئېغىر يۈكىنى ئۈستىڭىزگە ئالدىڭىز،بالىلىرىمىز ئۈچۈن نۇرغۇن بەدەللەرنى تۆكتىڭىز،ھالا بۈگۈنگە كەلگەندەرەھىمسىز كېسەل سەۋەبىدىن يېتىپ قالغاندا مەن كىچىك خوتۇن ئالسام ۋىجدانىمغا يۈز كىلەلەيمەنمۇ؟ئاياللار ئەرلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى كېرەكمىكەن؟ئەرلەر ئاياللارغا خىزمەت قىلسا نىمە بوپتۇ؟ ئەمدى بەدەل تۆلەش نۆۋىتى ماڭا كەلدى. سىز يەتتە يىلدىن بۇيان تارتقان جاپالارنى مەنمۇ تارتىپ باقاي.سىزنى يۈدۈپ باقساممۇ يەنىلا سىز مىنىڭ سۈيۈملۈك ئايالىم.باللىرىمنىڭ مىھرىبان ئاپىسى.ئائىلىمىزنىڭ چىرىقى.بۇ مىنىڭ ئاخىرقى جاۋابىم ئەمدى بۇگەپلەرنى تىلغا ئالماڭ.
  ئەنۋەر پاتىمەنى چىڭ قۇچاقلىدى،ئۇلارنىڭ مۇھەببىتى شەپەق بىلەن تەڭ پۈتۈن زىمىننى قاپلىدى.پاتىمەنىڭ كۆزلىرىدىن ئىختىيارسىز تۈكۈلگەن ياش ئۇنىڭ ئېرىگە كىچىك خوتۇن ئېلىپ بىرىش خىيالىنى پۈتۈنلەي يۇيۇپ تاشلىدى.


تۈگىدى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tumaris427 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-11-23 02:57 PM  


ھازىرغىچە 4 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
pari119 + 50 ماختاشقا تېگىشلىك
ئابلخەت + 10 ماختاشقا تېگىشلىك
guzal~yurtum + 10 بەك ئىسىل چىقىپتۇ...
kaynam999 + 10 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 80   باھا خاتىرىسى

ئۆتمە نامەرت كۆۋرۈكىدىن سۇسىنى ئاقتۇرسىمۇ
يىمە نامەرت ئېشىنى ئاچلىق سىنى ئۆلتۈسىمۇ.

ئۇلۇغ ئاللاھتىن

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50822
يازما سانى: 832
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 22848
تۆھپە نۇمۇرى: 1448
توردا: 2966 سائەت
تىزىم: 2011-1-7
ئاخىرقى: 2012-12-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-23 02:16:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرى بارمۇ يا تۈگىدىمۇ ؟  بۇنداق ئەرلەر ئاز ئۇچرايدۇ جۇمۇ ؟

ئۆمرۈمنى ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىش بىلەن بىرگە ، يولدىشىمنى رازى قىلىپ ، ئۈچ ئوغلۇمنى ئىسلام ئىچىدە تەربىيلەپ ، ئاتا _ ئانامنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلىسام دەيمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3323
يازما سانى: 201
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9647
تۆھپە نۇمۇرى: 369
توردا: 3719 سائەت
تىزىم: 2010-7-4
ئاخىرقى: 2012-11-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-23 02:18:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى چىقىپتۇ . نىمىدىگەن ، ئىنساپلىق، مەردانە ئەر ھە ئۇ . بىر قىسىم ئەرلەرگە كىچىك خوتۇننىڭ گىپىنى چىقىرىپ بولغىچە «قېنى قەيەردىكەن، قاچان ئەكىلىمىز »دىيىشتىنمۇ يانمايدۇ جۇمۇ.

ئەڭ يېقىن ئادىمىڭلا سىنى ئەڭ قاتتىق ئازاپقا سالالايدۇ~~~

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45517
يازما سانى: 423
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5104
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 518 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2012-12-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-23 02:18:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمدىگەن  ئوبدان خوتۇن بۇ ! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kashigar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-11-23 02:19 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87258
يازما سانى: 88
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 157
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 44 سائەت
تىزىم: 2012-11-15
ئاخىرقى: 2012-12-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-23 02:51:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرى بارمۇ ياكى تۇگىدىمۇ،ئۇلارغا كوزتەككەندەكلا ئىش بوپتۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xirinnisa تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-11-23 02:52 PM  


ھەمىمىز ئۇلۇغ ال

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43241
يازما سانى: 2172
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17789
تۆھپە نۇمۇرى: 1533
توردا: 5840 سائەت
تىزىم: 2011-6-5
ئاخىرقى: 2012-12-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-23 05:02:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بارلىق ئەر-ئاياللار ،پاتىمە بىلەن ئەنۋەردەك ئۇتەلىسە كاشكى ،دۇنيادا يىتىملارنىڭ سانى ئازىيىپ جەمىيەت ئىللىقلىققا تۇلاتتى ،ئەپســــــــــــــۇس! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   1670154432 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-11-23 05:02 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31205
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4043
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 105 سائەت
تىزىم: 2011-2-21
ئاخىرقى: 2012-11-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-23 05:06:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمدىگەن ياخشى ئەر ھە!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82554
يازما سانى: 927
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4845
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 350 سائەت
تىزىم: 2012-7-6
ئاخىرقى: 2012-12-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-23 05:19:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
لىمۇن يوللىغان ۋاقتى  2012-11-23 02:18 PM
ياخشى چىقىپتۇ . نىمىدىگەن ، ئىنساپلىق، مەردانە ئەر ھە ئ ...

ھاھاھاھا  ماۋۇ گەپ سەل ئېشىپ كەتتىمۇ قانداق؟!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82554
يازما سانى: 927
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4845
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 350 سائەت
تىزىم: 2012-7-6
ئاخىرقى: 2012-12-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-23 05:20:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راستلا بىر بىرىگە مىھىر مۇھەببەت يەتكۈزگۈچى پەرىشتىلەركەن بۇلار،ئەمدى بۇلارغا كۆز تەگمىسۇن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82554
يازما سانى: 927
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4845
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 350 سائەت
تىزىم: 2012-7-6
ئاخىرقى: 2012-12-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-23 05:20:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راستلا بىر بىرىگە مىھىر مۇھەببەت يەتكۈزگۈچى پەرىشتىلەركەن بۇلار،ئەمدى بۇلارغا كۆز تەگمىسۇن!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش