|
|
|
|
چاۋشيەن ئىران بىلەن بىر قاتاردا دۇنيادىكى ئەڭ سىرلىق دۆلەتلەرنىڭ بىرى.ئۇنى سىرلىق دېيشىمىز : ئۇنىڭ قەدىمىيلىكى ياكى ئىلغارلىقى ئۈچۈن ئەمەس بەلكى ئۇنىڭ بىزگە ناتۇنۇش بۇلغانلىقى ئۈچۈندۇر.
چاۋشىيەن نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئەڭ بېكىنمە ھالەتتىكى دۆلەت بۇلۇپ كىشلەر چاۋشيەن ھەققىدە ھېچقانچە مەلۇماتقا ئىگە ئەمەس.ئاز تۇلا مەلۇماتلار بار دېيىلسىمۇ ئاساسەن چاۋشيەن تەرەپ ئالدىن تەييارلىغان بەردازلانغان مەلۇماتلاردۇر.ئامېرىكا قاتارلىق غەرىپ دۆلەتلەرنىڭ نەزىردىكى < رەزىل >،< مۇتتەھەم>،< ئۆكتەم >،< مۇستەبىت>،دۆلەت چاۋشيەن زادى قانداق بىر دۆلەت ؟
2010-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۇنى پولشانىڭ زۇڭتۇڭى لېخ كاچىنىسكى مەخسۇس ئۆمەك تەشكىللەپ << كاتىن قىرغىنچىلىقى >> نىڭ 70 يىللىق خاتىرە مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن مەخسۇس ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ رۇسىيەنىڭ سمولىنىسكىي ئايرودۇرۇمىغا قونۇۋاتقاندا ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ ئايروپىلاندىكى 96 ئادەم بىراقلا قازا قىلىدۇ.مانا مۇشۇنداق بىر قارارلىق ھۆكىمەتنىڭ ئېچىنىشلىق ھاۋا ئاۋارىيەسى يۈز بەرگەندىمۇ دۇنيا ئەھلى پەقەت قايغۇرۇش ۋە تەزىيە بىلدۈرۈش بىلەن ئىشنى تۈگەتكەنتى.لېكىن چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئىل قازا قىلغان 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۇنى سائەت 8:30 دىن كېيىنكى 52 سائەتنى دۇنيا ئەھلى ئەندىشە بىلەن ئۆتكۇزىدۇ.بۇ كۇنى كورېيە بىلەن ياپونيە ئەڭ يۇقۇرى دەرىجىدىكى ھەربىي ھالەتكە ئۆتىدۇ.ئامېرىكا،رۇسيە،جۇڭگو قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ جىددى ھالەتنى ساقلايدۇ.پۈتۈن دۇنيا ئەندىشە بىلەن چاۋشيەنگە كۆز تىكىدۇ.چۈنكى كىم جوڭئىل 12-ئاينىڭ 17-كۇنى 8:30 دا قازا قىلغان بۇلۇپ ئۆلۇم خەۋىرى 19-كۇنى 12:00 دە ئېلان قىلىندى.بۇ 52 سائەت ئىچىدە چاۋشيەن دائىرلىرى يادىرو قورالىنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى تەقسىملەش ۋە كىم جوڭئىلنىڭ ۋارىسىنى بېكىتىش كۈرشى ئېلىپ بارغانتى،بۇ ھالقىلىق پەيىتتە چاتاق چىقسا شەرقىي ئاسىيا ئوت دېڭىزغا غەرىق بۇلۇپ،دۇنيا تىنىچلىقى يېڭى سىناققا دۇچ كەلگەن بۇلاتتى.دېمەك چاۋشيەن مانا مۇشۇنداق بىر سىرلىق دۆلەتتۇر.چاۋشيەن پۈتۈن دۇنيا خەۋپسىرەيدىغان،قىزىقىدىغان ۋە بىلىشكە ئالدىرايدىغان قىزىق نۇقتا،بىزمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس.ۋاھالەنكى يېقىندىن بۇيان چاۋشيەن ھەققىدىكى مەلۇماتلار بىزگە ئاز ئازدىن سىڭىپ كىرىشكە ۋە روشەنلىشىشكە باشلىدى.چاۋشيەننى چۈشىنىشىمىزگە پۇرسەتلەر يارتىلدى،بۇنداق ياخشى پۇرسەتنى بىزمۇ قۇلدىن بەرمەيمىز ئەلۋەتتە.
ھەقىقىي چاۋشيەن
چاۋشيەن دېموكراتىك خەلـــق جۇمھۇرىيتـــى ئاسىيانىڭ شەرقىدىكى چاۋشيەن يېرىم ئارلىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان.1948-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۇنى قۇرۇلغان 4 مىليون ئەزاسى بار چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيسى رەھبەرلىكىدىكى سوتسىيالىستىك دۆلەتتۇر.
يەر مەيدانى : 120540 كىۋادىرات كىلومېتىر.
نۇپۇس زىچلىقى : ھەر كىۋادىرات كىلومېتىر زېمىنىغا 198 ئادەم تۇغرا كېلىدۇ.
پايتەختى : پيوڭياڭ شەھرى.
ئاساسلىق مىللىتى : چاۋشيەن مىللىتى.
پاراۋانلىق تۈزۈمى:
( 1) مائارىپ پۈتۈنلەي ھەقسىز بۇلۇپ 12 يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى يۇلغان قۇيۇلغان.چاۋشىيەندە 300 دىن ئارتۇق ئالى مەكتەپ بار بۇلۇپ 50% ئۇقۇغۇچى ئالىي مەكتەپلەردە ئۇقۇش پۇرسىتىگە ئىگە.ئالىي مەكتەپ ئۇقۇغۇچىلىرى دۆلەت ئۇقۇش ياردەم پۇلى بىلەن ئۇقۇيدۇ.چاۋشيەنلىكلەرنىڭ ساۋاتلىق بۇلۇش نىسپىتى 99 %.
( 2 ) داۋالىنىش پۈتۈنلەي ھەقسىز بۇلۇپ 1953-يىلدىن باشلاپ ھەقسىز داۋالىنىش تۈزۈمى يۇلغا قۇيۇلغان.چاۋشيەنلىكلەردە داۋالىنىش ھەققى دەيدىغان چۈشەنچە يۇق.شۇڭا چاۋشيەنلىكلەرنىڭ ئوتۇرىچە ئۆمىرى ئۇزۇن بۇلۇپ ئەرلەرنىڭ 73 ياش،ئاياللارنىڭ 78 ياش.
( 3 ) تۇرالغۇ ئۆي پۈتۈنلەي ھەقسىز . شەھەر ئاھاللىرى توي قىلسىلا 80 - 150 كىۋادىرات مېتىرغىچە كۆلەمدىكى تۇرالغۇ ئۆيگە ئېرشەلەيدۇ.يېزىلاردىكى تۇرالغۇ ئۆيلەر دۆلەت تەرپىدىن بىر تۇتاش سىلىنىپ بىرىلىدۇ.سۇ،توك،پار ۋە گاز بىلەن ھەقسىز تەمىنلىنىدۇ.
( 4 ) بارلىق چاۋشيەنلىكلەر قېرىغاندا بېقىلدىغان پېنسىيە تۈزۈمدىن بەھرىمان بۇلالايدۇ.ئاياللار 55 ياشتا،ئەرلەر 60 ياشتا پېنسىيەگە چىقىدۇ.
( 5 ) چاۋشيەنلىكلەر بىر تۇتاش ئىشقا ئۇرۇنلاشتۇرۇلىدۇ،ھەممە ئادەمنىڭ ئىشلىشى تەلەپ قىلىندۇ.
بەزىلەرنىڭ چاۋشيەننىڭ يۇقىرقى پاراۋانلىق ئەھۋالىغا قارشى باشىقىچە بۇلۇپ،ئۇلار ئۇقۇش ئەقسىز دېگەن بىلەن ئۇقۇيدىغىنى پەن-مەدىنيەت بىلىملىرىدىن كۆرە سىياسىي دەرىسلەردۇر:داۋالىنىش ھاقسىز دېگەن بىلەن داۋالاش شارائىتى ناچار،دورا كەمچىلدۇر.تۇرالغۇ ئۆيلەرنىڭ شارائىتى ناچار نۇرغۇن ئۆيلەردە پار يۇق،توك بىلەن تەمىنلىشى كەمچىلدۇر،مائاشى تۆۋەن،قۇرساق تۇيمايدۇ دەپ قدرايدۇ.
چاۋشيەن مىللىتىنىڭ ئۇمۇمى سانى
كورېيەدە 50 مىليون،چاۋشيەندە 24 مىليون،ئامېرىكىدا 2 مىليون،جۇڭگودا 2 مىليون،ياپۇنيەدە 700 مىڭ،مۇستەقىل دۆلەتلەر ئۇرتاق گەۋدىسىدە 500 مىڭ،ئۆزبىكسىتاندا 230 مىڭ،قازاقسىتاندا 100 مىڭ،كانادادا 110 مىڭ،لاتىن ئامېرىكىسىدا 100 مىڭ چاۋشيەن-كورېيە مىللىتى ياشايدۇ،پۈتۈن دۇنيادىكى چاۋشيەن،كورېيە مىللىتى 80 مىليوندىن ئاشىدۇ.
چاۋشيەننىڭ ھەربىي كۈچى
زاپاس ئەسكەر : 8 مىليون 200 مىڭ ئادەم.
ئىشچى-دېھقان قوغدىغۇچىلار ئەتىرتى : 3 مىليون 500 مىڭ ئادەم.
مۇنتىزىم قۇشۇنى : 1 مىليون 110 مىڭ ئادەم.بۇنىڭ ئىچىدە قۇرۇقلۇق ئارمىيە 950 مىڭ ئادەم.ئېغىر تانكا 3500 دانە،يېنىك تانكا 560 دانە،بروۋنېۋىك 2500 دانە،زەمبىرەك 28200 دانە،دېڭىز ئارمىيسى 110 مىڭ ئادەم،تۈرلۈك جەڭ پاراخۇتلىرى 780 دانە،ھاۋا ئارمىيسى 50 مىڭ ئادەم،جەڭ ئايروپىلانى 621 دانە،دېمەك چاۋشيەندە ھەر بەش ئادەمنىڭ بىرى ئەسكەر بۇلۇپ،مۇنتىزىم ئەسكەر سانى جەھەتتە دۇنيادا 5 - ئۇرۇندا تۇردۇ.
چاۋشيەننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا تېخنىكىسى تەرەققىي قىلغان بۇلۇپ،بىر باشقۇرۇلدىغان بومبا دىۋىزيەسى بار.
600 دانە << خۇاسىڭ-5.6>> تىپلىق 200 دانە رودۇڭ تىپلىق ئۇزۇن ۋە ئۇتتۇرا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا جايلاشتۇرۇلغان بۇلۇپ ئۇزۇن مۇساپىلىك بۇمبىلار ئامېرىكىغا يىتىپ بارالايدۇ.ئادەتتكى يەردىن ھاۋاغا قۇيۇپ بىردىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى 10 مىڭ دانىدىن ئارتۇق.چاۋشيەننىڭ قۇرال ئېكىسپورتى تەرەققىي قىلغان بۇلۇپ،ئاساسلىق تاشقى پېرىۋۇت مەنبەسىدۇر.چاۋشيەننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە زەمبىرەك قاتارلىق قۇراللىرى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا،ئافرىقا ۋە ئۇتتۇرا شەرىق دۆلەتلەرگە ئېكىسپورت قىلىندۇ.يىللىق ئېكىپورت سۇممىسى 200 مىليون دوللاردىن ئېشىپ دۇنيادا قۇرال ئېكىسپرت قىلدىغان دۆلەتلەرنىڭ ئىچىدە 11-ئۇرۇندا تۇردۇ.چاۋشيەننىڭ 12 دۆلەتتە مەخسۇس تۇرغۇزۇلغان 12 ھەربىي مۇتەخەسىسلەر ئۆمىكى بار.
چاۋشيەن بېكىنمە ھالەتتىكى دۆلەت بۇلغاچقا دۆلەت ئىچىدىكى تەشۋىقاتتا ئادەمنىڭ ئىشەنگۇسى كەلمىگىدەك سۇزلەرنى ئىشلىتىشتىن باش تارتىمايدۇ.
2009-يىلى 6-ئاينىڭ 24-كۇنى چاۋشيەن مەركىزىي ئاخپارات ئاگېنتلىقى مۇنداق خەۋەر بەرگەن : ئەگەر ئامېرىكا جاھانگىرلىكى يەنە بىر قېتىملىق ئۇرۇش قۇزغاپ قالسا چاۋشيەن ئارمىيسى ۋە خەلقى تاجاۋۇزچىلارنى يەر شارىدىن سۈپۈرۈپ تاشلايدۇ.
چاۋشيەننىڭ دەرىسلىك كىتاپىدا مۇنداق يېزىلغان : ئامېرىكا نېمە ئۈچۈن،يۇگۇسلاۋىيە،ئاففانىستان،ۋە ئىراققا ھۇجۇم قىلالىغان بىلەن جۇڭگوغا شىلتىڭئاتالمايدۇ،ياكى ھۇجۇم قىلالمايدۇ ؟ بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى چاۋشيەن دۇنيادا ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا ئامېرىكىغا تاقابىل تۇرالىغاچقا ئامېرىكا جۇڭگوغا چېقىلىشقا پېتىنالمايدۇ.
جۇڭگونىڭ چاۋشيەنگە قىلغان ياردەملىرى
1950-يىلى 6-ئايدا،جۇڭگو نەچچە ئون تۈمەن ئەسكەر يۇتكەپ نەچچە ئون ئايرودۇرۇم ياساپ تەيۋەننى ئازاد قىلىشقا جىددى تەييارلىق كۆرۋاتاتتى،دەل مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيىتتە،چاۋشيەن ئۇرۇشى پارتىلايدۇ.ماۋ زېدوڭ دەرھال پىلاننى ئۆزگەرتىپ پېڭ دېخۇەي باشچىلىقىدا زۇر قۇشۇن تەشكىللەپ چاۋشىيەنگە ياردەمگە ئەۋەتىدۇ.نەچچە يۇزمىڭلىغان جەڭچىنىڭ ھاياتى بەدىلىگە چاۋشيەن،ئامېرىكا ۋە كورېيەنىڭ چاڭگىلدىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ.بۇ ئىش چاۋشيەن ئۇرۇشى تۈپەيلىدىن تۇختاپ قالىدۇ.ئۇنداق بۇلمىغان بۇلسا تەيۋەن ئاللىبۇرۇن ۋەتەن قۇينىدا بۇلغان بۇلاتتى.
جۇڭگو ئۇرۇش ئاياغلاشقاندىن تارتىپ بۈگۈنگىچە چاۋشيەنگە بۇلغان ئىقتىسادى ۋە ھەربىي جەھەتتىكى ياردىمىنى تۇختاتقىنى يۇق،ھەتتە جۇڭگونىڭ ئەڭ قىيىنچىلىق مەزگىلدىمۇ تۇختاپ قالمىدى.
چاۋشيەننىڭ 90% ئېنىرگىيە ئەشياسى،80% تۇرمۇش بۇيۇمى ۋە 45% يېمەكلىكى جۇڭگودىن كېرگۇزۇلىدۇ
1994-يىلى كىم ئىرسېن ۋاپات بۇلغاندا جۇڭگو كىم جوڭئىلنىڭ ھاكىمىيتىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن چاۋشيەنگە 100 مىڭ توننا ئاشلىق ياردەم قىلغان ئىدى.
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۇنى،يەنى كىم جوڭئىلنىڭ ۋاپات بۇلغانلىقى ئىلان قىلىنغاننىڭ ئەتىسى جۇڭگو كىم جوڭئىن ھاكىيمىتىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن 500 مىڭ توننا ئاشلىق،250 توننا نېفىت،ياردەم قىلدىغانلىقىنى ئىلان قىلىدۇ.2012-يىلى 2-ئايدىن باشلاپ چاۋشيەنگە 600 مىليون يۈەن قىممىتىدىكى ئاشلىق،قۇرلۇش ماتىرياللىرى قاتارلىق ماددى ئەشىيا ياردىمىنى باشلىغان بۇلۇپ بۇ جۇڭگو تارىخىدىكى چاۋشيەنگە قىلىنغان ئەڭ كەڭ كۆلەملىك بىر قىتىملىق ياردەم ئىكەن.يېقىنقى 30 يىلدا جۇڭگونىڭ چاۋشيەنگە قىلغان تۈرلۈك خالىسانە ياردەملىرىنىڭ ئۇمۇمى سۇممىسى 100 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئىشىپ كەتكەن.
جۇڭگو چاۋشيەنگە ئايىماي ياردەم قىلىپ تۇرسىمۇ چاۋشيەن پات-پات ئۆزىنىڭ ئۆكتەملىكىنى ئاشكارلاپ تۇردۇ.
1992-يىلى جۇڭگو كورېيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئۇرناتقاندا چاۋشيەن جۇڭگو چېگىرسىغا كۆپلەپ ئەسكەر توپلاپ ئۇرۇش ھالىتىگە ئۆتىدۇ.1993-يىلى جۇڭگو 2000-يىللىق ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنى ئۆتكۇزۇشنى ئىلتىماس قىلغاندا چاۋشيەن يۈز ئۆرۇپ بېيجىڭغا بېلەت تاشلىماي سىدىنېيغا بېلەت تاشلاپ جۇڭگۇنىڭ ئۇتتۇرۇپ قۇيۇشىغا سەۋەپ بۇلىدۇ.2008-يىلى چاۋشيەن ئەمگەك خەۋىرى دە جۇڭگونى << جاھانگىر دۆلەت >> دەپ تىللايدۇ.
( كۆپ يەرلىرىنى قىسقارتىپ ئالدىم )
مەنبە : تەڭرىتاغ ئېكرانى ژورنىلدىن ئىلىندى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-11-23 01:39 PM
|
|
|
|
|
|