چەت ئەل ئاياللىرىنىڭ ئۆزگىچە ئورۇقلاش ئۇسۇللىرى
گېرمانىيە ـ قاتتىق كۈلۈش ئادەم كۈلگەندە 80 گۇرۇپپا مۇسكۇل ھەرىكەتلىنىپ، ئورۇقلاش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ، شۇڭا، گېرمانىيەدە قاتتىق كۈلۈش ئەڭ مودا بولىۋاتقان ئورۇقلاش ئۇسۇلىغا ئايلانغان.
بىرۇنېي ـ چارتال يوپۇرمىقىنى چاي ئورنىدا دەملەپ ئىچىش بىرۇنېيلىقلار چارتال يوپۇرمىقىنىڭ ئورۇقلىتىش ئۈنۈمى بار، ئۇنى قاينىتىپ ئىچسە، قاندىكى ياغنى ئازايتىش رولىنى ئوينايدۇ، دەپ قارايدۇ.
ھىندىستان ـ يوگا مەشىق قىلىش ھىندىستاننىڭ يوگا گۇمپىسى دۇنياغا داڭلىق بولۇپ، ھىندىستاندىكى سېمىز كىشلەر يوگا مەشىق قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، بەدەندىكى ئارتۇقچە گۆشلەرنى يوقىتىپ، ئورۇقلايدۇ.
مېكسىكا ـ دېڭىز يۈسۈنى ئىستېمال قىلىش مېكسىكىلىقلارنىڭ نەزىرىدە، دېڭىز يۈسۈنى ۋە كوففېئىن ئورۇقلىتىش مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى بولۇپ، بۇ ئىككىسىنى بىللە ئىستېمال قىلسا، ئورگانىزمدىكى ئارتۇقچە ياغلارنى چىقىرىپ تاشلاپ، ئورۇقلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
ئىسرائىلىيە ـ تۇزلۇق سۇدا يۇيۇنۇش ئېيتىلىشچە، تۇزلۇق سۇدا يۇيۇنغاندا سېمىزلىكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن. شۇڭا، ھەر يىلى نەچچە مىڭلىغان سېمىز كىشلەر ئۆلۈك دېڭىزغا چۆمۈلگىلى كېلىدىكەن.
ئارگېنتىنا ـ قىزىلمۇچ يېيىش تەتقىقاتتا قىزىلمۇچتىن ئايرىۋېلىنغان مۇچ ئېلېمېنتىنىڭ ياغنى ئېرىتىش ئۈنۈمىگە ئىگە ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان. شۇڭا، ئارگېنتىنالىقلار مۇچ بىلەن بەدەننى ئۇۋۇلاشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇنداق قىلغاندا مۇچ ئاسانلا تېرىگە سىڭىپ كىرىپ، ئورۇقلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
فىلىپپىن ـ سەبرە ئىشلىتىش سەبرە (ئالوي) تېرىگە سۈمۈرۈلگەندىن كېيىن تېرە ئاستىدىكى ياغنى پارچىلايدۇ ياكى ياغنىڭ پارچىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. شۇڭا فىلىپىنلىقلار سەبرىنىڭ ئورۇقلىتىش ئۈنۈمىگە ئىشىنىدۇ.
مەنبە : جۇڭگو رادىيو تورى شىنجاڭ تارماق تورى
http://www.radioxj.com/n18611c27.aspx