1.يۈ جىن دۇڭ، ئىلگىرى جۇڭگو بانكىسى گۇاڭدۇڭ كەيپىڭ تارماق بانكىسىنىڭ باشلىقى.1993-يىلىدىن 2003-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا سابىق بانكا باشلىقى شۈ چاۋفەن بىلەن بىرلىشىپ خىيانەت قىلغان ۋە يۆتكەپ ئىشلەتكەن پۇلى تۆت مىليارد يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن،12 يىل كىسىلگەن.
2.خۇاڭچىڭجو،گۇاڭدوڭ ئۆلكىلىك خەلقئارا مەبلەغ سېلىش شىركىتى شياڭگاڭ شۆبىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باش دېرىكتورى.بىر مىليارد 400مىليون يۈەن پۇلغا خىيانەت قىلغان ۋە يۆتكەپ ئىشلەتكەن،كېيىن تايلاندقا قېچىپ كەتكەن،2003-يىلى يالاپ قايتۇرۇپ كېلىنگەن.
3.چېن مان شىيوڭ،چېن چيۇ يۇان (ئەر-خوتۇن). ئىلگىرى ئايرىم ھالدا جۇڭشەن شەھەرلىك كەسپى تەرەقىيات باش شىركىتىنىڭ دېرىكتورى ۋە قانونى ۋەكىلى بولغان.420مىليون يۈەن ھۆكۈمەت پۇلىنى يۈتكەپ ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈن چېن مان شىيوڭغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىپ،سىياسى ھوقوقىدىن ئۈمۈرۋايەت مەھروم قىلىنغان، ئايالى چېنچيۇ يۈەنگە مۇددەتلىك 14يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەن.
4.شى شۇې(石雪)خەينەن خۇايىن خەلقئارا ئىناۋەتلىك مەبلەغ سېلىش شىركىتىنىڭ سابىق(ۋاقىتلىق) مەسئولى. 260مىليون يۈەنگە خىيانەت قىلغان،120مىليون يۈەن ھۆكۈمەت پۇلىنى يۆتكەپ ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۈلۈم جازاسى بېرىپ ئىككى يىل كىچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش،سىياسى ھوقوقىدىن ئۈمۈرۋايەت مەھروم قىلىش جازاسى بەرگەن.
5.ۋاڭ چېڭمىڭ،شاڭخەي ئىلىكتىر ئۈسكۈنىلىرى باش شىركىتى پارتكومىنىڭ سابىق شۈجىسى.قانونسىز توپلىغان مال- مۈلكى 21مىليون 230مىڭ يۈەنگە يەتكەن. ئۈلۈم جازاسى بېرىپ،ئىككى يىل كىچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش،سىياسى ھوقوقىدىن ئۈمۈرۋايەت مەھروم قىلىش،بارلىق شەخسى مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش جازاسى بېرىلگەن.
6.شۈ مەييوڭ،ئىلگىرى خاڭجو شەھىرى شياۋ شەن ناھىيىسى چېڭشياڭ بازىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقىلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.ۋەزىپىدىكى مەزگىلىدە 160مىليون يۈەن پارا ئالغان،213مىليون يۈەنگە خىيانەت قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۈلۈم جازاسى بېرىلگەن.
7.چېن توڭ خەي، جۇڭگو نېفىت -خىمىيە سانائىتىنىڭ سابىق باش لىدىرى.باشقىلارنىڭ 195مىليون730مىڭ يۈەن پۇل-مېلىنى قوبۇل قىلغان.ئۈلۈم جازاسى بېرىپ ئىككى يىل كىچىكتۈرۈش،سىياسى ھوقوقىدىن ئۈمۈرۋايەت مەھروم قىلىش،بارلىق شەخسى مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش جازاسى بېرىلگەن.
8.جىن چيەن پېي،خۇبېي ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شىياڭگاڭدىكى ئىش بېجىرىش باشقارمىسىنىڭ سابىق مۇدىرى.190مىليون خەلق پۇلىغا خىيانەت قىلغان ۋە يۆتكەپ ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۈلۈم جازاسى بېرىپ ئىككى يىل كىچىكتۈرۈش،سىياسى ھوقوقىدىن ئۈمۈرۋايەت مەھروم قىلىش،بارلىق شەخسى مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش جازاسى بېرىلگەن.
9.ۋاڭ شوۋ يې.خەلق ئازاتلىق ئارمىيەسى دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى،باشقىلارنىڭ 160مىليون يۈەن پۇل-مېلىنى قۇبۇل قىلغانلىقى ئۈچۈن مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلگەن.
10.ۋاڭ باۋ سېن،بېيجىڭ شەھەرلىك مالىيە ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى،بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ دائىمى ھەيئىتى،مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى.ئۇمومنىڭ 250مىڭ يۈەن پۇلىغا خىيانەت قىلغان.1995-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى ئۈلۈۋالغان.
مەنبە:
http://slide.book.sina.com.cn/slide_14_651_25078.html#p=11