مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1147|ئىنكاس: 40

سۇلياۋ خالتا ساتقۇچى بالا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45827
يازما سانى: 560
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6914
تۆھپە نۇمۇرى: 538
توردا: 1472 سائەت
تىزىم: 2011-6-27
ئاخىرقى: 2012-12-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-23 09:22:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

سۇلياۋ خالتا ساتقۇچى بالا

شېئىر

زىمىستان قىش ئاچچىق سوغۇقتا،

ئاپپاق قاردا بىزەلگەن دالا،

دىققىتىمنى تارتىغۇ ئەجەپ،

خالتا سېتىپ يۈرگەن بىر بالا.  




  
ئۇماق يۈزى سوغۇق دەستىدىن،

كىرىپ قاپتۇ شەپەق رەڭگىگە.

بۇدرۇققىنە جۈپ قوللارمۇ ھەم،

قولاشمايتتى پەقەت ئۆزىگە.  

  

گاھ سەكرەيتتى تۇرغان يىرىدە،

گاھ ماڭاتتى ئۇياق- بۇ ياققا.

ئۈمۈت بىلەن بىغۇبار كۆزلەر،

تىكىلەتتى يىراق -يىراققا.  


  
كېلىپ قالسا بىرەر خېرىدار،

كۆزلىرىدە چاقنايتتى شاتلىق.

چەبدەسلىكتە پۇلنى قايتۇرۇپ،

رەھمەت دەيتتى كۈلۈپ بىر تاتلىق.  


  
قاراپ تۇردۇم بىر چەتتە ئۇزۇن،

سىرىلدى دىل بوغۇلدى نەپەس.

بۇ سەبىنىڭ ئانىسى قېنى؟

دادىسىچۇ كەلدى قانداق نەس.  


  
قىزىقساملا يىشىمەن تۈگۈن،

بۇرۇندىنلا ئۇدۇمدۇر ماڭا.

بىلمەك بولۇپ ئۇنىڭ سىرىنى،

ئاستا باردىم سەبى يېنىغا.  


  
تۇتتۇم ئۇماق مۇزدەك قولىنى،

سورىدىم-دە، ئاناڭ قېنى دەپ.

ئۆمچەيدى لەۋ كىرپىكتە شەبنەم،

جاۋاپ بەردى يىراق كەتتى دەپ.  


  
ئەسلى بالا بەخىتلىك ئىكەن،

باركەن يەنە ئۇماق سىڭلىسى.

بۇ ئىككىسى ئاتا-ئانىنىڭ،

ئارزۇلىقى يۈرەك پارىسى،  


  
ئالجىپ ئانا پۇل تاپىمەن دەپ،

يىراقلارغا كىتىپ سودىغا.

ئۇزۇنغىچە قايتىپ كەلمەپتۇ،

دادا قاپتۇ قاراپ بالىغا.  

  
ھالسىرىتىپ قويۇپتۇ ئۇنى،

خىزمەت بېسىم بالىنىڭ غېمى.

كىسەل بولۇپ يېقىلىپ ئاتا،

چوڭ ئانىغا قاپتۇ يىتىمى.  


  

ئۇ ئانىمۇ كىسەلچان ئېكەن،

بۇ ئۇماققا يۈكلىنىپتۇ غەم.

ئوقۇشتىنمۇ توختاپتۇ ئاخىر،

ئويلاپ يۈرۈپ تېپىپتۇ بىر پەم.  



  
خالتا سېتىپ ھەم ئاياق مايلاپ،

كۈنلىرىنى ئۆتكۈزۈپ تەستە.

تۈجۈپىلەپ كۈننى ئۆتكۈزۈپ،

ئېشىنغاننى يىغاركەن يەنە.  


  

يول چىقىمى بولغاندا تەپ-تەل،

ئانىسىنى ئىزلەپ تاپاركەن.

تەشنا بولۇپ ئانا مىھرىگە،

قۇچىقىغا ئۆزنى ئاتاركەن...  


  

ئاڭلاپ بۇندا سەبى زارىنى،

تىلغاندى دىل يېرىلدى يۈرەك.

مەنغۇ تېخى بىرنى ئۇچراتتم،

سانسىز لېكىن بۇنداقلار گۈدەك.  


  

يول يوقمىدۇ ئاشۇ ئانىغا؟

قوزغالدىغۇ مىڭلارچە نەپرەت.

ئوتتا كۆيسە يۈرەك پارىسى،

ھەممە ئاڭا دىمەسمۇ لەنەت.  


  
ئەي ئانىلار سەبى نالىسى!

ياڭرىمىسۇن باغرى سۇلمىسۇن!

بېسىڭلارچۈ باغرىڭلارغا چىڭ!

غۇنچە گۈلى ئەمدى سۇلمىسۇن!


مەنبە:شۇ مەن يەنە


سەن خاتا قىلغىنىڭنى ھىس قىلغان ۋاختىڭدا،مەن ئالىقاچان تۇرمۇش يولۇمنى تېپىپ بولىمەن...

دۇنياداسەن بىرلىمۇ قىينما جنم

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 1401
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7044
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 197 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2012-12-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-23 11:29:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كېلىپ قالسا بىرەر خېرىدار،

كۆزلىرىدە چاقنايتتى شاتلىق.

چەبدەسلىكتە پۇلنى قايتۇرۇپ،

رەھمەت دەيتتى كۈلۈپ بىر تاتلىق.

سىزنىڭ تېخى ھىلىقى ئىشلار ۋاقتىغا يەتمەي تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئۆزىڭىزنى تەقدىم قىلغان پەيتىڭىز دەل ئۇنىڭ قەلبىدە قىممىتىڭىزنىڭ كۇرسى چۈشكەن ۋاقتىدۇر. ئەگەر سىز بارلىقىڭىزنى ئوغۇل دوستىڭىزغا ھەدىيە قىلىۋەتسىڭىز، ئۇنداقتا بولغۇسى ئېرىڭىزگە  زادى نېمىڭىزنى بىرىسز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87132
يازما سانى: 429
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 993
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 73 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2012-12-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-23 11:32:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئۇماقمۇ سەرەڭگە ساتقۇچى قىزچاقتەك توڭلاپ ئۈلۈپ قالمىسلا بۇلاتتىغۇ .

كۈلۈپ ياشاڭ كۈلكە جان ئۇزۇقى ....

نېمىلەرنى ئويلا

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12654
يازما سانى: 2411
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14810
تۆھپە نۇمۇرى: 341
توردا: 3168 سائەت
تىزىم: 2010-10-4
ئاخىرقى: 2012-12-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-23 11:45:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ شىئېرىڭىز بىلەن مۇڭلىنىپ قالدىم ..................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87538
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 28
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 12 سائەت
تىزىم: 2012-11-21
ئاخىرقى: 2012-12-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-23 11:45:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سۇلياۋ خالتا ساتقۇچى بالا ... ئىسىل چىقىپتۇ . ۋەزنىلىك شىئىر بولۇپتۇ .

گەپ ئىغىزدىن چىقماستا ، گەپنى ئادەم باشقۇردۇ ، ئىغىزدىن چىقىپ بولغاندا ، گەپ ئادەمنى باشقۇردۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86170
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 181
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 43 سائەت
تىزىم: 2012-10-17
ئاخىرقى: 2012-12-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-23 11:58:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك تەسىرلىك يېزېپسىز،لىكىن شۇنداق ئانلارمۇ بارمىدۇ؟مەن ئانچە ئىشەنمەيمەن.
بىزنىڭ ئۆيدىكى چىشى يولۋاسقا قاراپ دەيمىنا،باللارغا كىچىككنە چېچېلىپ قويسام شۇ ھامان تۇقۇمنى قارنىغا ئالىدۇ،شۇڭمۇ ئۇنۇڭ گىپىنى ئاڭلىمايدۇ بۇ بەڭۋاشلار.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82554
يازما سانى: 1019
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4976
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 387 سائەت
تىزىم: 2012-7-6
ئاخىرقى: 2012-12-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-23 12:02:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ شېئىرنى يېزىپسىز بەرنا،
شېئىرىڭىز ھېكايىدەك ئاينا.
بالىسى تۇرسا تەلمۇرۈپ يولغا،
بالىنى تاشلاپ ئانىسى قايدا.


مۇنداقلا يېزىپ قويغان ئىدىم،قاملاشمىغان بولسا تۈزتۈش بېرەرسىز ھە!تەلىمىڭىزنى ئايىماڭ ماخما؟!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45827
يازما سانى: 560
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6914
تۆھپە نۇمۇرى: 538
توردا: 1472 سائەت
تىزىم: 2011-6-27
ئاخىرقى: 2012-12-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-23 12:05:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
tax☆kampit يوللىغان ۋاقتى  2012-11-23 11:58 AM
بەك تەسىرلىك يېزېپسىز،لىكىن شۇنداق ئانلارمۇ بارمىدۇ؟ ...

ئەتراپقا نەزىرىڭىزنى ئاغدۇرسىڭىز،بۇنىنڭ ئەمىلىيەت ئىكەنلىگىنى ھىس قىلالايسىز

سەن خاتا قىلغىنىڭنى ھىس قىلغان ۋاختىڭدا،مەن ئالىقاچان تۇرمۇش يولۇمنى تېپىپ بولىمەن...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45827
يازما سانى: 560
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6914
تۆھپە نۇمۇرى: 538
توردا: 1472 سائەت
تىزىم: 2011-6-27
ئاخىرقى: 2012-12-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-23 12:06:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەخمەد يوللىغان ۋاقتى  2012-11-23 12:02 PM
بۇ شېئىرنى يېزىپسىز بەرنا،
شېئىرىڭىز ھېكايىدەك ئاينا. ...

ۋاي قاملىشىپ ئۆتەپ كىتىپتۇيا ئەينا

سەن خاتا قىلغىنىڭنى ھىس قىلغان ۋاختىڭدا،مەن ئالىقاچان تۇرمۇش يولۇمنى تېپىپ بولىمەن...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84102
يازما سانى: 505
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4021
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 235 سائەت
تىزىم: 2012-8-18
ئاخىرقى: 2012-12-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-23 12:06:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ سىزنىڭ ئۆز كۆزىڭز بىلەن كۆرگەن مەزمۇنلار ئوخشىمامدۇ

ئۇيغۇر بىز ئۇيغۇردەك ياشا...
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش