ھېكايە يېزىش
ھېكايە
خىيالى
مۇنۇ شەھەرنىڭ شاۋقۇن-سۈرەنلىرى،ۋاڭ-چۇڭلىرى مېڭەمنى قوچىۋەتتى-دېسە.شۇڭىمۇ ئىلھاملىرىم قېچىپ كەلگىلى ئۇنمايۋاتىدۇ.مانا سائىتىم يىگىرمە تۆت سائەتلىك ئايلىنىشنى تۈگۈتۈپ،يەنە نۆلدىن ئايلىنىشقا باشلىدى.بۇ شەھەر ئادملىرى سائەت بىلمەمدۇ ياكى ئارام ئىلىشنى بىلمەمدۇ،بۇ يېرىم كېچىدە شەھەر يەنىلا ۋاراڭ-چۇرۇڭ.بىرمۇ تىمتاس كوچىنى تاپقىلى بولمايدۇ.مەن ئەڭ ياخشىسى يېزىلارغا چۈشەي،ئۇ يەردە بەلكىم مەن يازغىدەك ۋەقەلىك چىقىپ قالار.
شەھەرنىڭ ئاسمىنىدا يوقاپ كەتكەن يۇلتۇز،يىزا ئاسمىنىدا باركەن.قاراڭ بۇ يېزىنىڭ جىمجىتلىقىغا،خۇددى يەر شارىدا ئادەم قالمىغاندەك.بۇ جىمجىت يېزىدا نەدىن ۋەقەلىك تاپارمەن.جىمى ۋەقەلىك شەھەردە تۇرسا،يېزىغا يىنىپ چېقىۋالغاندىكىن ئۆزۈمگە ئاز.قانداق قىلغۇلۇق ،مەن ئەمدى بۇ يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيلىرىنى بىر-بىرلەپ ماراپ باقاي،ۋەقەلىك چېقىپ قالسا ئەجەب ئەمەس.
ۋاي-ۋۇي يېزىدىكى ھەممە ئۇيقۇغا كېتىپتۇ.پەقەت ماۋۇ ئۆيدىكىلەر،يېرىم كېچە بولغىنىغا قارماي كۆزى يەنە شۇ تېلىۋۇزۇردا.ماۋۇ ئۆينىڭ چىرغى غۇۋا يىنىپ تۇرىدۇ،بىر قاراپ باقاي. ئالە شەرىڭنى. بۇلار يىڭى توي قىلغان قىز-يىگىت ئىكەن ئەمەسمۇ.قىززە نازلانغىنى تۇرۇپتۇ-دە،كۆزلىرى ياش يۇقا.يىگىت بولسا يەرگە قاراپ تۇرىدۇ.
-نېمىشقا-يەنە شۇ سوئال.قىزلار ئوغۇللاردىن نېمىشقا دەپ سوراشقا كۆنۈپ كەتكەنغۇ دەيمەن.ئوغۇل نېمە دەيدىكىن.
ۋوي،تىخىچە گەپ قىلمايدۇغۇ ماۋۇ يىگىت.راسىت،بۇ يىگىت گاچا ئەمەستۇ.گەپ قىلماي يەرگە قاراپلام تۇرىدۇ.
-نېمىشقا،نېمە ئۈچۈن،سىزدىن سوراۋاتىمەن-يەنە شۇ سوئال. ئەڭ ياخشىسى شەھەرگە قايتىۋالاي.نېمە قىلمەن بۇ يەردە.
-سىز بىلەن بىرگە بولالمايمەن.نېمىشقا دەپ سورسىڭىز، بۇ مەڭگۈلۈك سىر.
شەھەرگە قايتماي تۇرسام بولامدۇ نېمە.بۇ يىگىتنىڭ ئاغزىدىن ئاجايىپ بىر گەپ ئاڭلاپ قالدىم دېسە.بۇ گەپنى قىزلار دېسىغۇ يىڭىلىق بىلىنمەيتى.لىكىن بۇ گەپ ئوغۇللار تارىخىدا بولۇنۇپ باقمىغان.يىگىت ئەمدى،تاشقىردىكى ئۆيگە چىقىپ كەتتى.قىز بولسا،باشتا ئېرىقتىكى سۇدەك،كېيىن دەريا سۇيىدەك ئىقىپ كەتتى.قارىغاندا يىگىتتە بىر گەپ بار،قېنى،مەن ئۇنى زىيارەت قىلىپ بۇ سىرنى يىشىپ باقاي.بەلكىم بۇ ھېكايەمگە ئوبدان بىر ۋەقەلىك بولۇپ قالامدۇ تېخى .
-ھە،يىگىت.نېمە بولدىڭىز.ئوغۇللار تارىخىدا يوق گەپتىن بىرنى قىلۋاتسىزيا.سىز تولۇق يىتىلمىگەنمۇ قانداق؟
-ياق.
-ئۇنداق بولسا،نېمىشقا توي كېچىسىنى ئۆتكۈزمەيسىز؟
-يۇقۇملۇق كېسلىم بار.
-نېمە،ئېلشىپ قالمىغانسىز.كېسلىڭىز تۇرۇپ توي قىلدىڭىزما؟
-ئەسلى قىلماي دېگەن ،ئۆيدىكىلەر زورلاپ.
-ئۆيدىكىلىرىڭىزگە دېسىڭىز بولمامدۇ؟
-دېيەلمەيمەن.
-دېيەلمىدىگەك،قانداق كىسەلدىڭىز؟
-ئەيدىز!
چاقماقلار چىقىپ،گۈلدۇرماما گۈلدۇرلەپ،يامغۇر دېگەن مۆلدۇردەك يىغىپ،بوران دېگەننىڭ تازا چىقىپ. قانداق،بۇ مەنزىرلەر جايىدا ئىشلىتىلگەندۇ.باشقا ئەسەرلەردىمۇ،مۇشۇنۇڭغا ئوخشاش شۇم سۆزلەر چىققاندا،مۇشۇنداق مەنزىرلەرنى كىرگۈزۈپ قويىدۇ، ئەمەسمۇ .مەنمۇ كىرگۈزۈپ قويدۇم.بولمىسا ھېكايەم،تۇز قۇيمىغان ئاشتەك،تەمسىز بوپ قالمىسۇن.تۇزنىمۇ سىلىپ بولدۇق.ئەمدى زىيارىتىمىزنى داۋاملاشتۇرايلى.
- ئەيدىز ئىكەنلىكىڭىزنى بىلىپ تۇرۇپ،توي قىلدىڭىز؟
-ھە.
-ئۇ قىز مۇھەببىتىڭىزمۇ ياكى ئاتا-ئانىڭىز تاپقانمۇ؟
-ئاتا-ئانام تاپقان.
-ئويلاپ باقمىدىڭىزما؟بۇ توينى قىلسىڭىز،قىزنى زىيانغا ئۇچىراتقان بولمامسىز ؟ئاتا-ئانىڭىزنىڭ يۈزىنى تۆككەن بولمامسىز؟ئۆيدىكىلەر زورلىغان بولسا،ئوچۇق گەپنى قىلىپ بۇ توينى رەت قىلسىڭىز بولمامدۇ؟
-ئەسلى مەن ئۆلۈپلا قۇتىلاي دېگەن.لىكىن،مەنمۇ باشقىلارغا ئوخشاش تويۇمنى كۆرسەم دەيمەن.شۇڭا،ئۆلسەممۇ توي قىلىپ بىقىپ ئۆلەي دەپ.
ما گەپنىڭ قىززىقلىقىدىن،كۈلۈپ ئۈچۈيۈم ئۈزۈلمەي دەپ قالدى.
-ئۆلۋالماقچىمىدىڭىز؟نېمىشقا؟
- ئەيدىز دېگەن نىجىسنى داۋالاش چارىسى بولمىسا.ھامىنى ئۆلۈپ كىتىمەن.شۇڭا، بۇ جاننى قىينىماي،ئۆلۈپلا كېتەي دېگەن.ئۆلۈشنىڭ ئالدىدا توي قىلۋالدىم.
-ئەيدىز بولماپسىز،ساراڭ بوپسىز.ئىيتىڭە،سىز ئۆلۈپ تۈگەيسىز،لېكىن،ئاۋۇ قىز بىلەن ئاتا-ئانىڭىز قانداق قىلىدۇ.ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟
-ئۇ قىزغا چېقىلمىدىم.مەن ئۆلگەندىن كېيىن،ئۇقىز يەنە باشقا ئەرگە تەگسە بولىدۇ.ئاتا-ئانامغا كەلسەك،ئۇلارنىڭ يەنە ئىككى ئوغلى بار.شۇڭا،ماڭا ھازا ئىچىپ قويۇپ،ئۆز ئىشىنى قىلىۋىرىدۇ.
ياپىر،جاھاندا مۇنداقمۇ ئادەملەر باركەن –ھە.
-قاچانلىققا ئۆلمەكچى سىز؟
-ھازىر.
-توختاڭ،سىزدىن ئاخىرقى سوئالىمنى سورىۋالاي.ئاندىن مەن سىزنى ئۆز قولۇم بىلەن ئۇزتىپ قويىمەن.سىز بۇ ئەيدىز دېگەن نىجىسنى نەدىن يۇقتۇرۋالدىڭىز؟
-پاھىشخانىدىن.
شۇ،ئەيدىز دېگەن، قالايمىقان جىنسى مۇناسىۋەتتىن،شىپىرسنى ئورتاق ئىشلەتكەندىن،ئانىدىن بالىغا يۇقمىسا،يەنە نەدىن يۇقاتتى.ياشلىرىمىزنى نابۇت قىلۋاتقان كۈشەندىنىڭ بىر تۇرسا ئەيدىز دېگەن .
-ئۆزىڭىزنىڭنىڭ جاجىسىنى ئۆزىڭىز بىرەي دەپسىزدە؟ئۇنداقتا،قايسى ئۇسۇلدا ئۆلمەكچى؟
-دورا يەپ.
-دورىڭىز تەييارمۇ؟ياكى مەن ئەكىلىپ بىرىمەنمۇ؟
-ھەممىنى تەييارقىلىپ قويغان.
-ئۇنداقتا ئۆلۈڭ.مەن سىزنى ئۇزتىپ قوياي.
-ئۆلۈشتىن ئاۋۋال،دەيدىغان گېپىم بار ئىدى.
-قېنى دەڭە.
-مېنىڭ بۇ ئاقىۋىتىمىنى ياشلارغا ئىبرەت قىلىپ قويسىڭىز.
قارا بۇ يىگىتكە.بىزنىڭ يازغۇچىلىرمىز زەھەر،ئەيدىز توغرىسىدا شۇنچىلىك ئېچىنىشلىق،ئىبرەتلىك ئەسەرلەرنى يازغان.ھەتتا رىژىسورلار ئۇ ئەسەرلەرنى كىنو قىلىپ ،كۆپچىلىككە سۇنغان تۇرسا.ئۆزى ئىبرەت ئالماي،تېخى باشقىلارنى ئىبرەت ئالسۇن دەۋاتقىننى.بوپتىلا ئۆلۈم ئالدىدا
تۇرغان بۇ يىگىتنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلماي،خۇشال-خۇرام ئۇزتىپ قوياي.
-بولىدۇ.سىز خاتىرجەم بۇلۇڭ.بۇ توغرىسىدا شۇنداق بىر ھېكايە يازايكى. بولدىلا بۇلارنى سىزگە بۇلارنى دەپ ئولتۇرماي،تەييار بولغان بولسىڭىز يولغا چىقىڭ.
يىگىت دورىنى ئىچتى.ئۆلمەك ئۇنداق ئاسان ئەمەسكەن.قاراڭ،يىگىتنىڭ پۇت-قوللىرى تارتىشىپ كەتكىننى،ئېغىزىدىن،قۇلقىدىن قان ئېقىۋاتقىننى،كۆزلىرىنىڭ يوغناپ چاچراپ كېتىشكە تاس قالغىننى.مانا بۇلاردىن يىگىتنىڭ قانچىلىك قىينالغانلىقىنى كۆرۋالغىلى بولىدۇ.
يىگىتمۇ ئۆلدى.سىرنىمۇ بىلىپ بولدۇق.ئەڭ مۇھىمى ھېكايىنى يېزىپ بولدۇق.
مەنبە:ئۆز ئىجادىيتىم.