مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3218|ئىنكاس: 55

قانداق خەق بىز تۈزەلمەيدىغان [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86870
يازما سانى: 453
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2853
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 471 سائەت
تىزىم: 2012-11-6
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-22 10:24:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قانداق خەق بىز تۈزەلمەيدىغان

دوست يارەننى كۆرەلمەيدىغان،
غەيۋەت قىلماي ئۆتەلمەيدىغان
ئۆسەك تاپماي يۈرەلمەيدىغان،
يامان ئىشتىن ئۇيالمايدىغان،
قانداق خەق بىز تۈزەلمەيدىغان.

شكايەتسىز سورۇن قۇرۇلماس،
بەس سالمىسا ئورما ئورۇلماس،
جىدەل بولماي خامان سورۇلماس،
بولدۇق شۇڭا راۋاج تاپالماس،
قانداق خەق بىز تۈزەلمەيدىغان.

باينى كۆرسەك بۇلاڭچى دېسەك،
يول تاپقاننى يالاقچى دېسەك،
پۇل تاپقاننى قۇيمىچى دېسەك،
كەمبەغەلنى تىلەمچى دېسەك،
قانداق خەق بىز تۈزەلمەيدىغان.

ئېچىلىپ قالدى ھايا پەردىسى،
يا، شۇنداقمۇ تەقدىر گەردشى،
بولدۇق جىمى ئىللەتنىڭ بېشى،
يېگىنىمىز شەيتاننىڭ ئېشى،
قانداق خەق بىز تۈزەلمەيدىغان.

شادلىق ئىزدەپ باردۇق قاۋاققا،
مەي تولدۇرۇپ رومكا-تاۋاققا،
كىرىپ قالدۇق ھەتتا قاماققا،
چىقىپ يەنە، چاپتۇق ھاراققا،
قانداق خەق بىز تۈزەلمەيدىغان

چېپىپ يۈردۇق رېستۇران ئارلاپ،
ئۆيدە قالدى بالىمىز زارلاپ.
دېرىزىدىن نەچچە رەت قاراپ،
يىغلىغانچە،قالىدۇ ئۇخلاپ،
قانداق خەق بىز تۈزەلمەيدىغان.

قىز-ئوغۇلدا قالمىدى ھايا،
توپ-توپ بولۇپ چېپىپ دىباغا،
قېنى غورۇر ئەردىكى توۋا؟!
يوقالدىمۇ شەرمى قىزلاردا،؟
قانداق خەق بىز تۈزەلمەيدىغان.

دۇنيا ئۈچۈن جاننى بېرىمىز،
مەنپەئەت دېسە ئاتىدىن كېچىمىز،
ئاشۇ پۇلغا كەيىپ سۈرىمىز،
كۆرگۈلۈك بار چوقۇم كۆرىمىز،
قانداق خەق بىز تۈزەلمەيدىغان.

ئۆرۈپ-ئادەت كەتتى سۇسلېشىپ،
كەتتۇقمۇ بىز شۇنچە دۆتلېشىپ،
قېرىنداشلار كەتتوق ياتلېشىپ،
قاچانغۇچە ئۆتىمىز باتنىشىپ،
قانداق خەق بىز تۈزەلمەيدىغان

قورۇندۇرۇپ ئەجداد روھىنى
تاشلاپ ئەتلەس كۆينەك،دوپپنى
ياخشى ئىدى ‹‹كۇچا سوپۇنى››،
بىلەلمىدۇق ئۇنىڭ قەدىرىنى
قانداق خەق بىز تۈزەلمەيدىغان.

ئالتە شەھەرگە ئايرىلۋالىمىز،
تىپپ-سوقۇپ پىتشمايمىز.
‹‹يات››نى ئارىغا قىتىشمايمىز،
پانتىگننى تونۇشمايمىز،
قانداق خەق بىز تۈزەلمەيدىغان.

ئۈگۈنۈش دىسە بىشىمىز قايار
ئەس-يادىمىز ئويۇندا قالار
غەپلەت بىز قاچانمۇ يوقار،
ئوتلۇق يۈرەك قايۇ چاغ سوقار،
قانداق خەق بىز تۈزەلمەيدىغان.

‹‹تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈپ››دائىم،
ياخشى ئەرنى ئاتىدۇق«سايىم»
قانداق گەپ بۇ، توۋا خۇدايىم؟!
رەنجىمەڭلار،كۆپ سۆزلەپ قالدىم،
قانداق خەق بىز تۈزەلمەيدىغان.

سۆزلەپ-سۆزلەپ قايناپ كېتىمەن،
ئەلەم بىرلە ئازاپ چېكىمەن،
ئەجداتلارنى ئەسلەپ قالىمەن،
كۆزلۈرۈمگە ياشلار ئالىمەن،
قانداق خەق بىز تۈزەلمەيدىغان.


مەنبە؛ئۆز قەلەم                                                                                                                                    


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
zumrettash + 100 نادىرلىغۇدەكلا يېزىۋ.
xohsarsan + 10 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 110   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77410
يازما سانى: 650
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 444
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1271 سائەت
تىزىم: 2012-3-14
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-22 11:21:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭچە تۇزۇلۇشتە . سۆككەندېن ، ماختىسا ئۈنمى ياخشى بولامدېكىن دەيمەن !

ھايات مەن ئۈچۈن ھەممىدىن قىممەت ،
ھاياتتىنمۇ قىممەت مۇھاببەت .
لېكىن كىېچىمەن ھەر ئېككىسىدىنلا ،
ئازاتلىق ، ئەركىنلىك ، ئۈچۈنلا پەقەت .
............................................... پىتوفى ساندورو

تۈركلان

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8232
يازما سانى: 432
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10109
تۆھپە نۇمۇرى: 354
توردا: 594 سائەت
تىزىم: 2010-8-28
ئاخىرقى: 2015-5-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-22 11:24:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۈزىلۋاتىدۇ.بىزدە ئۈمۈد بۇلىشى كېرەك. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   turklan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-11-22 11:25 PM  


مەن ئۆزلۈكۈمگە ئىنتىلىمەن،بىز زادى كىم؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80968
يازما سانى: 2421
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11656
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1003 سائەت
تىزىم: 2012-6-2
ئاخىرقى: 2015-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-22 11:27:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يىزىپسىز،چوقۇم تۈزتىش كىرەك.

سۇمرۇغنىڭ قۇيرىقى بولغىچە خورازنىڭ تاجىسى بول!
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78268
يازما سانى: 3361
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4309
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3792 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-22 11:28:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
.
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78268
يازما سانى: 3361
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4309
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3792 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-22 11:28:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45827
يازما سانى: 918
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6667
تۆھپە نۇمۇرى: 538
توردا: 1935 سائەت
تىزىم: 2011-6-27
ئاخىرقى: 2015-1-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-22 11:34:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۈركيار يوللىغان ۋاقتى  2012-11-22 11:21 PM
مېنىڭچە تۇزۇلۇشتە . سۆككەندېن ، ماختىسا ئۈنمى ياخشى بو ...

ئىنكاسىڭىزنى قوللايمەن

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
تۈركيار + 10 ھە ماقا ...........................

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

كىيىشىمىز ئەرەپچە،ئوينىشىمىز غەرىپچە،يىيىشىمىز...چە،بىز ئۇيغۇرما،گۈمان !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5581
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32298
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3429 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-22 11:41:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر ئۆگزەڭدە قوناق بار،
   بىر ئۆگزەڭدە پاتاق بار.
    تۈزەتمىسەك بولمايدۇ،
     ئۆزىمىزدە چاتاق بار. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mahatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-11-22 11:41 PM  


قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87376
يازما سانى: 605
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 854
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 35 سائەت
تىزىم: 2012-11-18
ئاخىرقى: 2013-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-22 11:42:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۈركيار يوللىغان ۋاقتى  2012-11-22 11:21 PM
مېنىڭچە تۇزۇلۇشتە . سۆككەندېن ، ماختىسا ئۈنمى ياخشى بو ...

بەرھەق

مۇنبەردە قالايمىقان پۈچەك ئىنكاس يازماڭ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87376
يازما سانى: 605
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 854
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 35 سائەت
تىزىم: 2012-11-18
ئاخىرقى: 2013-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-22 11:43:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چۈقۈم تۈزتىش كىرەك

مۇنبەردە قالايمىقان پۈچەك ئىنكاس يازماڭ !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش