ئەڭ ئاخىرقى ئۇچرىشىش
سېنى قانچىلىك سىغىنغىنىمنى بەلكىم سەن مەڭگۈ ھىس قىلالمايسەن. نەچچە كۈندىن بىرى پىراقىڭدا كۆيۈپ، قىلدەك تولغىنىپ، قارايامغۇر يىغلاشلىرىممۇ تەڭرىنى تەسىرلەندۈرۈلمىدى. ئازاپتىن ئۆرتەنگەن قەلبىم، تالجىققان ئاجىز تېنىم، مۇڭ باسقان نۇرسىز كۆزۈم ساڭا شۇنچە تەقەززا...چۆلدىكى گىياھ يامغۇر سۈيىگە تەشنا بولغىنىدەك چاڭقىغان يۈرىكىم سۆيگۈڭگە، مىھرىڭگە تەشنا...ھەر تىنىقىمدا سېنىڭ ئىسمىڭ...
دىڭىزدىن تاشقىن كۆتۈرۈلۈپ ئاسمان دۈمكۆمتۈرۈلگەندەك بىر خىل سىزىمنىڭ بولغىنى ئېسىمدە. كۆزۈمنى ئېچىپ قارىسام ئانام قېشىمدا يىغلاپ ئولتۇرۇپتۇ. قولۇمدا ئاسما ئوكۇل چۈشىۋىتىپتۇ...شۇنداق تۇرۇپ يەنە سەن كۆز ئالدىمغا كەلدىڭ...غۇرۇرۇمنى بىرياققا قايرىپ قويۇپ تىلىفۇننى قولۇمغا ئالدىم. تىتىرىگەن قوللىرىم ئەڭ ئاخىرقى غۇرۇرۇمنى بولسىمۇ ساقلاپ قىلىشىمغا ئامالسىز قالدى. يىغلاپ يالۋۇرۇپ يۈرۈپ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كۆرۈشۈشكە سېنى ئاران ماقۇل قىلدىم.
سەن بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئالاھىدە تەييارلىق قىلدىم. بوي پەرقىمىزنىڭ بەك چوڭ بولۇپ قالماسلىقى،قىسقىسى ساڭا ماسلىشىش ئۈچۈن ئاتايىن سېتىۋالغان ئىگىز پاشنىلىق ئايىغىمنى، ئۆزۈمنى ئەڭ بەخىتلىك ھېساپلاپ يۈرگەن،سېنى يوقىتىپ قويۇشتىن بۇرۇن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كۆرۈشكىنىمىزدە كېيىۋالغان، سەن « بۈگۈن بەك چىرايلىق بولۇپ كېتىپسەن، كىيىمىڭ بەك يارىشىپتۇ » دەپ ماختىغان چاغدىكى كىيىمىمىنى كىيدىم، سەن سوۋغا قىلغان ئەتىرنى چاچتىم، سەن ئېلىپ بەرگەن چاچ قىسقۇچنى تاقىدىم...
بىز دېيىشىپ قويغان تۆت كوچا ئىغىزىغا كەلگۈچە يۈرەك رېتىمىم تېزلەپ باشقىچە جىددىلىشىپ كەتتىم. تاكسى قېرىشقاندەك قىزىل چىراغقا كېلىپ توختىدى. سېىنى كۆرۈشكە تەقەززا بولغان يۈرىكىم بىر مىنۇت ساقلاشقىمۇ تاقەت قىلالمىدى. تاكسىدىن ئالدىراپلا چۈشتۈم-دە، باشقىلارنىڭ ھەيران بولۇپ قاراشلىرىغا پەرۋامۇ قىلماي سەن تەرەپكە قاراپ يۈگۈردۈم...
كۆز ئالدىمدا سەن تۇرىسەن، سېنى كۆرۈپ كۆزلىرىمگە ئىشەنمەيلا قالدىم. بۇرۇنقى خۇمالىق باقىدىغان كۆزلىرىڭ مۇڭغا تولغان، يۈزۈڭ كۆرۈنەرلىك ئورۇقلىغان...سەنمۇ ماڭا قاراپ ھەيرانلا قالدىڭ. قىسقىغىنا نەچچە كۈننىڭ ئىچىدە ئەسلىدىكى سەن ئەركىلىتىپ زاڭلىق قىلىپ قويىدىغان بودەك ھالىتىمدىن ئدسەرمۇ قالمىغان ئىدى. بىز ئىلگىرى دائىم كىرىدىغان باغچىغا كىرىپ خىلۋەت جايدىكى ئورۇنغا بېرىپ ئولتۇردۇق. خىلى بىر ھازاغىچە ھېچقايسىمىز زۇۋان سۈرمىدۇق. ئاخىر ئارىمىزدىكى جىمجىتلىقنى مەن بۇزۇپ نېىمىشقا تۇيۇقسىز تويۇڭ بولىدىغانلىقىنى سورىدىم. سەن نائىلاجلىق يېغىپ تۇرغان كۆزلىرىڭ بىلەن ماڭا قاراپ « سەكراتتا ياتقان چوڭ ئاپامنىڭ ئاخىرقى تەلىپىنى، ئانامنىڭ يالۋۇرۇشلىرىنى رەت قىلالمىدىم » دېدىڭ. سېنىڭ ئامالسىز قالغانلىقىڭنى بىلگەن بولساممۇ، لىكىن يەنە قانداقتۇر ئۈمىد ئىسكەنجىسىدە كۆزلىرىڭگە تەلمۈرەتتىم...كۆزلىرىمىز بىر نۇقتىدا كېسىشتى. ئاخىر ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماي كۆز ياشلىرىم يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك تۆكۈلۈشكە باشلىدى. نەچچە كۈندىن بىرى بولۇۋاتقان ئىشلارنىڭ راستلىقىغا ئىشەنگۈم كەلمەيتتى. بۇنىڭ بىر چۈش بولۇپ قېلىشىنى، ئويغىنىپ يەنە بۇرۇنقىدەك ساڭا ئەركىلەپ ئامراق ئاشىق-مەشۇقلاردىن بولىشىمىزنى شۇقەدەر ئازۇ قىلاتتىم. ھەرخىل تېگى يوق سۇئاللار يۈرىكىمنى ئېزەتتى...
ئەڭ ئاخىرقى قېتىم مېنى باغرىڭغا باستىڭ. شۇ ھالەتتە ۋاقىتنىڭ مەڭگۈ توختاپ قېلىشىنى تىلەيتتىم. ماڭا يۈز كېلەلمەيدىغانلىقىڭنى ئېيتىپ تەكرار-تەكرار كەچۈرۈم سورىدىڭ. ماڭا كېرىكى سېنىڭ كەچۈرۈم سورىشىڭ ئەمەس، بەلكى بارلىقىڭنىڭ ماڭا پەقەت ماڭىلا تەئەللۇق بولىشى ئىدى...
ۋاقىتمۇ بىر يەرگە بېرىپ قالغان ئىدى. بۇنداق تۇرىۋەرسەك ئىككىلىمىز ئازاپلىناتتۇق. سەن كەتمەكچى بولدۇڭ، قىيالمىساممۇ سېنى ئۇزىتىپ قويماي ئامالىم يوق ئىدى. بىر-بىرىمىزگە بەخت تىلەپ ماڭلىيىمىزغا سۆيۈشۈپ خوشلاشتۇق. سەن كەتتىڭ، يۈرىكىمنى سۇغۇرۇپ ئۆزۈڭ بىلەن بىللە ئېلىپ كەتتىڭ...تۇرغان يېرىمدە تۇرۇپلا قالدىم. بىر چاغدا قارىسام كۆز ئالدىمدا مەيۈس قاراپ تۇرىسەن. قاتقان قارچۇقلىرىمغا جان كىرىپ سۇئاللىرىمغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ ئىزدىمەكچى بولۇپ كۆزلىرىڭنى ئاختۇرۇشقا باشلىدىم...
توپتوغرا يەتتە قېتىم خوشلىشىپ كېتىپ بولۇپ يەنە يېنىپ كەلدىڭ. ئاخىرقى قېتىم كەتكىنىڭنى كۆرمەسلىك ئۈچۈن ئارقىمنى قىلىۋالغان ئىدىم، سەن يەنە قايتىپ كېلىپ ماڭا بىلدۈرمەيلا ئارقىمدىن قۇچاقلىدىڭ-دە، قۇلاق تۈۋىمگە كېلىپ « سەن مۇشۇنداق قىلىشىمنى بەك ياخشى كۆرەتتىڭغۇ » دېدىڭ پەس ئاۋازدا. ئاۋازىڭنىڭ تىتىرىشىدىن سېنىڭمۇ يىغلىغىنىڭنى بىلدىم. كۆزۈمدىن ياش ئوقتەك ئېتىلىپ چىقىشقا باشلىدى...شۇ تەرىقىدە بىردەم تۇرغاندىن كىيىن ئۇنىڭ ئەمدى ئارقىغا قايتىپ كەلمەسلىكىنى ئۆتۈندۈم. بىز بۇيەردىن بىللە چىقىپ بىرىمىز شەرققە بىرىمىز غەربكە قاراپ ئايرىلىدىغان، ھېچقايسىمىز ئارقىمىزغا قارىمايدىغان بولۇشتۇق. «سېنى سۆيىمەن جېنىم» دېدىڭ قۇلاق تۈۋىمدە. تىنىقلىرىڭ مېنى مەستخۇش قىلىۋاتاتتى...بىز بىر-بىرىمىزگە قىيماي خوشلاشتۇق. دېيىشكىنىمىزدەك ھىچقايسىمىز ئارقىمىزغا قارىماي يولىمىزغا راۋان بولدۇق. چىن سۆيگۈمىز ، گۈزەل ئارزۇ-ئارمانلىرىمىز چوڭلارنىڭ قاتمال، مۇتەئەسسىپ يۇرتۋازلىقى تۈپەيلىدىن كۆپۈككە ئايلانغان ئىدى...