ھەسەت ئوتى
(نەسىر)
سەن بىر ئۆمۈر تەلپۈنۈپ،كېچە-كۈندۈز ئۇنىڭغا ئېرىشىش كويىدا ئوت بۇلۇپ يانغان نەرسىلەرباشقىلارئۈچۈن ئەھمىيەتسىز،بىمەنە تۇيۇلىدىكەن.سەن بىر ئۆمۈرمۇ تەلپۈنۈپ ئېرىشەلمىگەن نەرسىلەرگە بولسا باشقىلارئەجىرسىز، ئۇرۇنسىزلا ئېرىشىۋالىدىكەن. سەن بىراۋغا ياخشى بولاي دەپ ھەرقانچە قىلىپمۇ ياخشى بولالمايدىكەنسەن.
شۇنى تۇنۇپ يەتتىم:
بەخىتمۇ بىز ئارزۇ قىلغاندەك ئۇنداق گۈزەل،ئۇلۇغۋار نەرسىلەرمۇ ئەمەسكەن....
-خاتىرەمدىن
ئۇ بەلكىم ئۇنى خۇددى مەن ئۇنى سۆيگەندەك چوڭقۇر مۇھاببەت بىلەن سۆيگەندۇ. بەلكىم ئۇمۇ ئۇنىڭغا لايىق تاتلىق سۆيۈشلەر ئارقىلىق ئۆزىنىڭمۇ ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەندۇ… ئۇنىڭ مەن پەقەت چۈشۈمدىلا ئويلاشقا جۈرئەت قىلالايدىغان جىنەستىدەك قىپقىزىل،ئالۇچىدەك ئوماق لەۋلىرى قانچە قېتىملاپ سۆيۈلگەندۇ. ۋاي،ئاناڭنى! مەن بۇنىڭغا ھەرگىزمۇ چىداپ تۇرالمايمەن!
ھەسەت ئوتى مېنى قىپقىزىل ساراڭغا ئايلاندۇرۇپ قويدى.مەن ساراڭغا ئايلاندىم! كۆزۈمگە قاراڭغۇلۇق،ۋەھشىيلىك تىقىلدى.
ئۇ(بۇ دۇنيادىكى ئەڭ رەزىل، ئەڭ پەسكەش ،ئەڭ يىرگىنىشلىك، ئىبلىسلارنىڭ شاھى) ئۇنى قانچىلىك ياخشى كۆرۈشىدىن قەتتىنەزەر مەن ئۇنى ياخشى كۆرگەنچىلىك ياخشى كۆرەلمەيدۇ.ھەرگىمۇ ئۇنىڭغا مەنچىلىك مېھىر-مۇھاببەت،ۋە ھايات لەززىتى ئاتا قىلالمايدۇ! مېنىڭ ئۇنىڭغامۇھاببىتىم نورمال مۇھاببەت دائىرىسىدىن ھالقىپ تەلۋىلىككە،ئەسەبىيلىككە تولغان.بۇ سۆيگۈنىڭ،مۇھاببەتنىڭ قۇدرىتى ئىدى!
ئۇمۇ ئۇنى چىن يۈرىكىدىن ياخشى كۆرەلمەيدۇ. چۈنكى ئۇمۇ مېنى خۇددى مەن ئۇنى ئۇنتالمىغانغا ئوخشاش ئۇنتۇيالمايدۇ.مەن ھەركۈنى ئۇنىڭ چۈشلىرىنى قالايمىقان قىلىمەن.ئۇ ئۇنىڭ قۇچىقىدا ئەركىلەپ تۇرۇپ مېنى ئويلاپ كېتىدۇ.كېيىن بارا-بارا ئۆزىنىڭ مېنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ھىس قىلىدۇ.بىراق،ئۇ چاغدا بولسا ئۇ كېچىككەن،ھەممە ئىشلار تۈگىگەن بولىدۇ.
مەن ئۇنىڭ بەخىتلىك بولۇشىنى خالىمايمەن.چۈنكى مەنمۇ ئۇنىڭسىز بىر ئۆمۈر بەخىتلىك بولالمايمەن.بەلكىم مەنلا ئەمەس،دۇنيادىكى بارلىق ئادەملەرنىڭ ھەممسى بەخىتلىك ئەمەستۇ.ئۆزۈم ئىگە بولالمىغان بەخىتكە باشقىلارنىڭ ئىگە بۇلۇشىنى ھەرگىز خالىمايمەن.چۈنكى مەن بىچارىلىك بىلەن بەخىت تىلەيدىغان ئاجىزلاردىن ئەمەس! ئۇنى مەندىن باشقا ئادەمنىڭ بەخىتلىك قىلالىشى ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس! مەن بۇنىڭغا ھەرگىز ئىشەنمەيمەن!
ئۇ چۇقۇم ھامان بىر كۈنى پۇشايمان قىلىدۇ.مېنىڭ ئۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە ياخشى ئىكەنلىكىمنى،بۇ بىر قېتىملىق تاللىشىنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ چوڭ خاتالىق ئىكەنلىكىنى قورقۇنچ ئىچىدە ھىس قىلىدۇ. ئۇ چاققىچە مەن خۇدادىن ئۇنىڭغا ئامان-ئېسەنلىك تىلەيمەن.
مەنبە: ئۆزۈم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا CoNsiRVatiP تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-11-22 08:30 PM