ئوقۇتقۇچىلارغا بەش تەكلىپ 2 (كۆك ھىلال)
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تاشقى قىياپىتى توغرىسىدا.
تاشقى قىياپەت ئىنسان مەنىۋىيىتىنىڭ ئەينىكى.قىياپەت سۈپەت دىمەكتۇر.ئۇ ئىچكى كەچمىش ۋە خاس خارەكتىرنىڭ ئىپادىسى.تاشقى قىياپەت قانداقتۇر تۇغما گۈزەللىك ۋە يۇمرانلىق ئەمەس.ئۇ ئىنسان ھەركىتى،سۆز سەنىتى شۇنداقلا يۈرۇش-تۇرۇش گۈزەللىكىنىڭ ئومۇملاشتۇرۇپ ئاتىلىشى .ئۇ ئىنسان خارەكتىرىنى ھەربىر سۆز ۋە ھەربىر ھەركەت ئارقىلىق ئىپادىلەپ تۇرىدۇ.توغرا ئىچكى گۈزەللىك بىرىنجى،ئەمما تاشقى گۈزەللىككە ئەھمىيەت بەرمىگەن ئىچكى گۈزەللىك مەۋجۇت ئەمەس.قىياپەت گۈزەللىكى يوق ئىچكى گۈزەللىكنىڭ كەينىگە ھامان بىر كەمتۈكلۈك يوشۇرۇنغان بولىدۇ.تاشقى گۈزەللىككە ئىتىبار بەرمىگەن كىشىنىڭ ئىچكى گۈزەللىكىدە چوقۇم مەسىلە بار.چۈنكى تاشقى قىياپەت گۈزەللىكى ئىچكى گۈزەللىكنىڭ ئىپادىلىنىشى.تىشى گۈزەل ئىچى غال-غال ئادەم بولىدۇ.ئەمما ئىچى گۈزەل تىشى غال-غال ئادەم بولمايدۇ.چۈنكى ئىچىنى گۈزەل تۇتىلىغان كىشى تىشىنىمۇ گۈزەل تۇتالايدۇ.
قىياپەت گۈزەللىكىنىڭ ۋارىيانتى ئۈچ خىل :
بىرىنجى:ھەركەت گۈزەللىكى
ئىككىنجى:سۆز گۈزەللىكى
ئۈچۈنجى :يۈرۈش-تۈرۈش گۈزەللىكى.
ھەركەت گۈزەللىكى لاتاپەت بۇلىقىدىكى جىلۋىدار سۇ.ئۇنى ئىچكەن كىشى سالاپەت تونىنى ئۇچىسىغا ئارتىدۇ.ھەركەت گۈزەللىكى ئەخلاق گۈزەللىكىنىڭ مۇقەددىمىسى.ھەركەت گۈزەللىكى مىڭىش،ئولتۇرۇش،ھەتتا ئوقۇتقۇچىغا نىسبەتەن قەلەم تۇتۇش،ئىشىكنى ئىچىپ كىرىش ۋە ئىچىپ چىقىش،شۇنداقلا ھەربىر قەدەم،ھەربىر نەپەستىكى زىل ھەركەتلەرگىچە ئۆز ئورنىنى تىپىش كىرەك.ھەركەت گۈزەللىكىنىڭ جىنى ئىغىرلىق ۋە سالماقلىق .ئوقۇتقۇچى خارەكتىرىنىڭ غول قىسمىمۇ ئىغىرلىق، سالماقلىق بىلەن ئۆلچىنىدۇ،سىز ھەربىر چوڭ ھەركەتلىك ئىشلاردىن،ئەڭ زىل ھەركەتلەرگىچە سالاپەت سىڭدۈرۈشنى ئۈگۈنۈڭ.
مەسىلەن يول ماڭغاندا ئوقۇتقۇچىغا خاس ئىغىر،سالماق قەدەم بىلەن مەيدىڭىزنى تىك كۆتۈرۇپ دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغۋار،ئەڭ بۈيۈك خىزمەتنى ئۆز ئۈستىڭىز ئالغىنىڭىزدىن پەخىرلىنىپ،ئىشەنىچ ۋە ئىرادە ئىچىدە مىڭىڭ.ماڭغۇچە ھەممە يەرلىرىڭىزنى ئوڭشاپ ئۆيدىن چىقىڭ.يول ماڭغاچ بىريەرلىرىنى ئوڭشاپ ماڭغان ئوقۇتقۇچىنى كۆرگەن ئوقۇغۇچىنىڭ قەلبىدىكى يۈكسەكلىك ئىچىدىكى ئورنىڭىزغا چوڭ تەسىر يەتمىسىمۇ ھەر ھالدا بەلگىلىك تەسىر يىتىدۇ.
ھەركەت گۈزەللىكى توغۇرلۇق تۆۋەندىكى مىسالنى كەلتۈرمەكچىمەن .
بىر كۈنى ئابتوبوس ساقلاپ بىكەت يىنىدا تۇراتتىم.مەينەتتىن مەينەت بىرەيلەن ئىككى قۇلقىغا يوغاندىن يوغان ئىككى تىڭشىغۇچنى تاقىۋىلىپ ماڭا ھەدەپ ۋارقىراپ ،مەن خۇددىي ئۇنۇڭدىن سوئال سورىغاندەك بىكار بۇيەرگە كىلىپ ئاپتوبوسقا چىقىپتىمەن ئىدارىدىن چىقىپلا 9-يولغا چىقسام بولاتتى ئەمەسمۇ ..... دەپ سۆزلەپلا كەتتى.
ياكى قۇلۇقىدىكى تىڭشىغۇچنى ئىلىۋىتىپ سۆزلىمەيدۇ.بىكەتتە ئابتوبوس ساقلاۋاتقان ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ماڭا قارايدۇ.قۇلىقىغا تىڭشىغۇچنى تاقىۋىلىپ ھەدەپ ۋارقىراپ سۆزلەۋاتقان ئادەم ماڭا ئۆزىنىڭ غۇلجاشەھەرلىك قايسى بىر مەكتەپنىڭ تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى ئىكەنلىكىنى دىگىنىدە ھەيران بولۇپ قاراپلاقالدىم.ئۇ توختىماي سۆزلىدى .ئەتراپتىكى ئادەملەرنىڭ غەيرى نەزەردە قارىشى مىنى بەكلا ئوسال قىلدى.
كۆزۈمگە ئەڭ سىغمىغان قىلىقى شۇ بولدىكىن ئۇ ھىلىقى سىسىق ئاغزىنى يۇمماقتا يوق،ھەربىر سۆزىدىن كىيىن يەرگە شالاققىدە قىلىپ تۈكۈرۈپ قوياتتى.ئىچىم ئاچچىق بولۇپ قالدى.گەپ قىلماي ئۇنۇڭ يىنىدىن ئاستاغىنە كىتىپ قالدىم.
ھەي ئوقۇتقۇچىنىڭ ساپاسى شۇ بولسا ئوقۇغۇچىلار قانچىلىك بولماقچى.مانا قىياپەت گۈزەللىكىنى ھازىرلىمىغان كىشىنىڭ تۇرمۇشتىكى ئىپادىسى.ئۇ قانچە بىلىملىك بولۇپ كەتسىمۇ كارىم يوق،موھىمى،ئۇ ئوقۇتقۇچى بولۇشقا لايىق ئەمەس،بولسا ئادەم دەپ قاراشتىنمۇ ئۇيۇلىمەن.چۈنكى ئىت-مۆشۈكلەر جىنىدا تەرىتىنى يوشۇرۇشقا ئۇستا كىلىدۇ.
سىز ئاتا-ئانابولسىڭىز بالىڭىزنى مۇشۇنداق ساپاسىزكىشىنىڭ تەربىيلىشىگە ماقۇل بولامسىز؟ئەلۋەتتە ،ئۇنداق ئەمەس.
سۆز گۈزەللىكى مائارىپنىڭ تەسىر نۇقتىسى.سۆز گۈزەللىكىدىن ئايرىلغان ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچى قەلبىدە بىلدۈرگۈچى مۇكەممەل ئىنسان ئوبرازىنى ئەمەس رەزىل ياكى پوچى ،گالۋاڭ ياكى خىيالپەرەس ئوبرازىنى يارىتىدۇ .ئۈنچىدەك گۈزەل ،مەيىن شامالدەك يىقىملىق ،مەدەندەك جەلىپكار سۆزلۈك مۇئەللىم ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىدىلا ئەمەس ،گەپ قىلىشقا تىگىشلىك ھەرقانداق كەسىپتە نەتىجە قازىنالايدۇ.ئۆز تۇرمۇشىدىكى ،ئىجدىمايى ئالاقە دائىرىسىدىكى ھەرقانداق زىدىيەتنى ئۈنۈملۈك پەسەيتەلەيدۇ.مۇھەممەت ئەلەيھىسالام يەتمىش ئىككى خىل ھۈنەرنىڭ ئەڭ ئىسىلى ناتىقلىق دەپ بىكار ئىتمىغان.
خۇشچاقچاق ،بالىلارنى گەپ بىلەن قايسى يەردىن ئەپچىققان بولسا شۇ نۇقتىغا كەلتۈرۇپ ئەكىرەلەيدىغان،كەمتەر،ئىلھام بىرىشتىكى سۆزلەرنى قىلىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆڭلىنى مايىل قىلالايدىغان ئوقۇتقۇچى مۇنبەردىكى سۆز گۈزەللىكىنى ھازىرلىغان بولىدۇ.قانداقتۇر ئۆزىنىڭ بىلىمىنى پەش قىلغاندەك سىسىق گەپنى جىق ئىشلىتىپ ،سۆز قابىليىتىنى ئوقۇغۇچىلارنى تەنقىت قىلىدىغان قورالغا ئايلاندۇرۋالغان،بەزىدە تىخى ئاچچىقى كىلىپ كەتسە ئاغزىنى بۇزىۋىتىدىغان ئوقۇتقۇچى ئۆزىنىڭ پەس خارەكتىرىنى ئاشكارلاپ قويىغان بولىدۇ.سۆزنى سىسىق گەپ بىلەن ئادەم تىللاشقا ئىشلىتىدىغان ئادەم ئۆز دائىرىسىگە زىدىيەت ئۇرۇقلىرىنى تىرىيدۇ.
يۈرۈش تۈرۇش گۈزەللىكى
بۈگۈنكى كۈندە يۈرۈش تۇرۇش گۈزەللىكىنى ھازىرلىمىغان ئادەم پۇرسەتنى قولدىن چىقىرۋىتىدىغان ئادەمگە تەڭ بولۇپ قالدى.ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلار قەلبىگە سالاپەتلىك ئوبرازنى تىكلەش ئۈچۈن يۈرۈش-تۈرۈشكە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كىرەك.پاكلىق،پاكىزلىق يۈرۈش تۈرۈش گۈزەللىكىنىڭ ئۇلى.چۈنكى ئىمان پاكلىق پاكىزلىقتىن كىلىدۇ.سەپ سىلىپ قالىمەن،شۇنداق بىلىملىك ئوقۇتقۇچىلار بار،ئەمما ئۇ پۇچقاقتىن بۇ پۇچقاققىچە لاي،ئۈستى بىشىدىن توپا تۆكۈلۈپ تۇرغان.مانا مۇشۇنداق ناچار ئادەت ئوقۇغۇچى قەلبىدىكى ئوبرازىڭىزغا كۈچلۈك بوران بولۇپ ئۇرۇلىدۇ.شىنجاڭنىڭ ھاۋارايىغا قارىساق،بىز چوقۇم كۈندە بىرقىتىم كىيىم ئالماشتۇرىشىمىز كىرەك.بولمىدى دىگەندە،ئىككى كۈندە بىر كىيىم ئالماشتۇرۇپ تۇرىشىمىز لازىم.بۇ ئوقۇتقۇچىلارغىلا دىگەن گەپ ئەمەس،ھەرقانداق ئادەمگە دىگەن گەپ.چەتئەلنىڭ كىنولىرىنى كۆرسەك بىلىمىز،بىر كۈن كىيىم ئالماشتۇرمىسا ئۆيىگە بارماپتۇ دەپ بىلىپ ئىغىر ئالىدۇ. ئاشۇ چەتئەللىك،باشقا دىندىكىلەر ئىسلام دىنىدا شەرىھلەنگەن پاكىزلىقنى ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىۋاتىدۇ،ئەمما بىزچۇ؟تىخى يىقىنغىچە چالمىدا تەرەت سۇندۇرۇپ يۈردۇق.ئىقتىسادىي سەۋەپ دەپ كۆرسەتسەك مەن سىزنى كىيىمنى جىق ئىلىپ كىيىڭ،دىگىنىم يوق .بەلكى ئۈچ تۆت قۇر كىيىم قىلىپ قويۇڭ ھورۇنلۇق قىلماي كۈندە بىرنى ئالماشتۇرۇپ ئۈستىبىشىڭىزنى يىڭىلاپ يۈرۈڭ دىمەكچى .(ھەرھالدا مەملىكىتمىزنىڭ ياساش سانائىتى تەرەققىي قىلغانغۇ كىيىم كىچەك خىلى ئەرزان.)بىزنىڭ تولۇق ئوتتۇرا ئىجدىمايى پەنلەر ئوقۇتقۇچىللىرى شۇنداق پاكىز ھەم ئىلمى يۈرەتتى.ھەر قانداق ئوقۇغۇچى قەلبىگە ئۇلارنىڭ تاشقى قىياپىتى ھۆرمەت بولۇپ سىڭىپ قالاتتى.تا ھازىرغىچە بۇ پىشقەدەم مائارىپچىلارنىڭ گۈزەل لاتاپەتلىك ئوبرازى كۆز ئالدىمىزدىن كەتمەيدۇ.بۈگۈنمۇ شۇ كەلگۈسىدىمۇ شۇنداق. چۈنكى ئۆزىنى تۈزەپ ئۆزىنى سۆيۈپ ياشىغان ئادەمنى باشقىلارمۇ سۆيىدۇدە.بىر كىيىمنى كىيىپ يۈرۈپ سالمىغان ئوقۇتقۇچىلار ھەرۋاقىت ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەسخىرە ئوبىيكتىسى بولۇپ قىلىشى مومكىن.
ئاياللارغا كەلسەك سىنىپ دىگەن ئىلىمى ئورۇن.بەك چاكىنا كىيىم كىيىپ كىرىشتىن ئۇيۇلۇڭ ،ئەگەر سىز ئۇيالماي ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇلۇپ قالسا ئىشنىڭ قاملاشمىغىنى شۇ.گىرىم قىلماڭ دەپ پىكىر بەرمەيمەن.ئۆزىنى تۈزەشتۈرۇپ ئىلمى يۈرۈشنىڭ زىيىنى يوق.دىلىدا ئىتىقاد بولسا بۈگۈنكى شارائىتتا مەيلى.لىكىن بەك زىيادە گىرىم قىلىپ،گىرىم قىلغىنىڭزنى چاندۇرۇپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىپ قويماڭ.
قىياپەت گۈزەللىكى ئوقۇتقۇچى ئوبرازىنىڭ تاشقى پوستى.ئەگەر سىز زىيالىي بولۇپ كوچىلاردا سىزنى كۆرگەن ئادەم سىزنىڭ ئىلمىي زىيالىي دەپ تونىمىسا ياكى سىزنىڭ تاشقى قىياپىتىڭىزدىن سىزنىڭ زىيالىيلىقىڭىز چىقىپ تۇرمىسا سىز زىيالىيلىق تاشقى پوستىدىن ئايرىلغان بولىسىز.بۇ سۆزۈم نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسىدىن ئۆتمەسلىكى مومكىن .چۈنكى ئىچكى گۈزەللىك بىرىنجى دەيدىغان ئادەملەر قىياپەت گۈزەللىكنىڭمۇ موھىم رولى بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ.ئەگەر سىز سۆز،ھەركەت ۋە يۈرۈش تۇرۇشتا ئىلمىي مەدەنىيەتلىك بولمىسىڭىز توپا تۆكۈلۇپ تۇرىداغان بويىڭىز بىلەن مەينەت كىيىمىڭىز سىزنى زىيالىيلىق نامىدىن چەتنەپ قويىدۇ.بۇرۇن بولغان بولسا مەيلى لىكىن بۈگۈنكى كۈنلۈكتە تاشقى قىياپەتكە ئەھمىيەت بەرمەسلىك پاكىزلىق ،مەدەنىيەتلىك بولۇش مىزانىغا ئەمەل قىلماسلىق كىشىلىك ئالاقە تۇرمۇش جەھەتتىكى نۇرغۇن كىچىك ھالقىلارغىچە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ.
يەنە دەپ ئۆتەي:
تىشى گۈزەل ئىچى غال-غال ئادەم بولىدۇ.ئەمما ئىچى گۈزەل تىشى غال-غال ئادەم بولمايدۇ.چۈنكى ئىچىنى گۈزەل تۇتىلىغان كىشى تىشىنىمۇ گۈزەل تۇتالايدۇ.
ھاياتلىق ئىنسانغا پەقەت بىرلا قىتىم كىلىدۇ .ئۆزىنى شۇنداقلا ئەتراپىدىكىلەرنى سۆيگەن كىشى ھاياتنى سۆيگەن كىشى بولىدۇ.مانوپاكتورا ئىشلەپچىقىرىش شەكلىدىن قۇتۇلۇپ يىڭىچە زامانىۋىي ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىستىمال دۇنياسىغا كىرگەن بىزلەر ئۈچۈن ئوبراز گۈزەللىكى بەكمۇ موھىم .ئەگەر سىز كونا كىيىملىرىڭىز بىلەن كاتتا رىستۇران ياكى بەش يولتۇزلۇق مىھمانخانىغا كىرگىنىڭىزدە بۇ نۇقتىنى ھىسقىلماي تۇرالمايسىز.بۈگۈنكى دەۋىردىكى بىزلەرنىڭ ئىقتىسادىي سەۋيىسى باشقىلارغا قارىغاندا ھەقىقەتەن تۆۋەن.بۇنۇڭغا ئىچكى سەۋەبلەر بىرىنجى بولغاندىن باشقا تاشقى سەۋەبلەرمۇ بار .ئەمما بىز تىشىمىزنى ئوڭشاپ يۈرەلمىگۈدەك دەرىجىدە ئەمەس.سىز بىركەسىپنى پۈتتۈرۇپ ئوقۇتقۇچىلىق ساھەسىگە قەدەم قويالىدىڭىز سىزدە باشقىلادىن پەرىقلەنگۈدەك ساپا بولىشى كىرەك.
گەرچە مۇكەممەل ئىنسان مەۋجۈت بولمىسىمۇ ،ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا مۇكەممەل خارەكتىرىنى نامايەن قىلىپ كەمچىلىكلىرىنى تۇتقۇزۇپ قويمىسا ،ئوقۇتقۇچىنىڭ سىنىپتىكى باشقۇرۇش ۋە دەرىس ئۆتۈش جەھەتلەردىكى ئىشلىرىغا زور قولايلىقلارنى ئىلىپ كىلىدۇ.چۈنكى ھۆرمەت بولغان يەردە ئىتائەت بولىدۇ.
شۇڭا ئوقۇتقۇچى تاشقى قىياپەت ۋە ئوبراز گۈزەللىكىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىشى كىرەك.
ئىككىنجى تەكلىپمۇ ئاخىرلىشىپ قاپتۇ.
ئۈچۈنجى تەكلىپ:ئوقۇغۇچىلارغا بولغان جازا تەدبىرى توغرىسىدا.
داۋامى كىلەركى ساندا............