مىسرانىم ئەپەندىمگە ئەرزىم بار.....
داد....مىسرانىم ....ئالىلىرى داد.....
ئۆزلىرىگە ئەرىز سۈنغۇچى كەمىنە مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ يىتىلىۋاتقان ئەزاسى كەمىنە بەرنا قىز بولىمەن،ئۆزلىرىگە شول تۇغۇرلۇق ئەرىز سۈنىمەنكى ماۋۇ مىسرانىم مۇنبىرىدە ئىشلار سەل قاملاشمىغىلى تۇردى،ئوت قويۇش،بولاپ قېچىش،ئۇغۇرلاپ قېچىش غەييان كۆتىرىش ....قاتارلىق بىر قىسىم دىلولار ئارقا-ئارقىدىن يۈز بىرىپ ماۋۇ مۇنبەرنىڭ جىمججتلىغى خاتىرجەملىكى پۇتۇنلەي بۇزۇلۇپ ،پۇتكۇل تور دۇنياسىدا چاراسلاپ كۈيىۋاتقان بىر گۈلخانغا ئايلاندى...
بۇنداق بولغاندا باشقا تور بەتلەرنىڭ پىكرى چىقمىسىمۇ ،ئاۋۇ كۆزلىرىنى ئالايتىپ قاراشلىرىدىن قۇلۇم -قوشناداچىلىققا تەسىر يەتكۈزدىڭلار،غەلۋە غۇدۇرلارنى تولا قىلىپ بىزنىڭ تىنىچ ئارام ئېلىشىمىزغا دەخلى -تەرۇز يەتكۈزدىڭلار دىگەندەك گەپلىرى ماۋۇ تور دۇنياسىنىڭ كاتتىلىرىنىڭ قولىغىغا شۇنداقلا يىتىپ قالدىمۇ بولدى ئىش چاتاق،ئوت كەتكىنى بىلىپلا قالسىغۇ بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرى تۇلۇق ئەمەسكەن دەپ جىرىمانە قويىدۇ ،ئەگەر جىرمانە قويۇپ قالسىغۇ پۇتۇن مۇنبەر ئەھلىنىڭ مۇنبەر پۇللىرىنى يېغىپ توپلىساقمۇ چىقىشماسلىقى مۇمكىن...ۋاي بۇ گېپىم نەلەرگە كىتىپ بارىدىغاندۇ ؟ئەمدى ماۋۇ گەپنىڭ پوسكالىسىنىلا دەي بولدى.....
بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى مۇنبەردېشىمىز ئوت مۇنبەردە بىر قىزغا كويۇپ قېلىپ ئۇنىڭ دەردىدە يۈرىگىنى نەم يەرگە چاپلاپ يېتىم مۇنبەرداشلارغا دەردىنى ئېيتىپ بىرىپتىكەن،ئۇنىڭغا ئىچى ئاغرىپ كەتكەن مۇنبەر چوڭلىرى ھېلىقى كاۋا قىزنى تېپىپ ئۇنىڭغا بىر مۇنچە تەربىيە خىزمەت ئىشلەپتۇ....
نىمىسىنى دەي ئۇ كاۋا قىزنىڭمۇ بىر مۇنچە دەرتلىرى باركەن ئەمەسمۇ ئۇمۇ يىغلاپ تۇرۇپ ئۇ ۋاپاسىز يىگىتنىڭ باشقا بىرىنى قوغلاپ كەتكەنچە ھازىر غىچە تېپىلمىغىنىنى دەپ كۆزلىرىدىن دەريا كەبى ياشلارنى ئاققۇزۇپتۇ ،ئۇنىڭ كۆز ياشلىرىدا ئېقىپ كەتكەن بىر قانچەمۇنبەرداشلار ھازىرغىچە سۇ ئۇزۇپ يۈرەرمىش....
ئاخىرى ئۇلار ئۇنى قېلىپ ،بۇنى قىلىپ ئۇ قىزنى قايىل قىپتىكەن لىكىن قىزنىڭ ئاتا ئانىسى بۇ تويغا قوشۇلمىغانمىش ،تېخىمۇ ئاچىقى كىلىپ سەۋرى تاقىتى توشقان بۇ يىگىت ماۋۇ مۇنبەردە ئېلىپ قاچىمەن ،بولاپ قاچىمەن،ئۇغۇرلاپ قاچىمەن دەپ داۋاڭ سېلىپ يۈرۈپتۇ...
بۇ گەپلەر قىزنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ قولىغا يەتتىمۇ تاڭ تويغىمۇ قوشۇلغان بوپتۇ...
لىكىن قىزنىڭ دەردىدە قولى ھېچ ئىشقا بارمىغان ئۇ يىگىت مۇنبەر قىمارخانىسىدا قىزنى ئالىمەن دەپ يىققان بارلىق مۇنبەر پۇللىرىنى ئۇتتۇرۇپ تاشلاپ تېخى بىر قانچە ئادەمگە قەرىز بولۇپ قاپتۇ...
.
بۇ ئىش مۇنبەر چوڭلىرىنىڭ تازا بېشىنى قاتۇرۇپتۇ ئاخىرى ئۇلار مەسلىھەتلىشىپ توينىڭ چىقىمىنى مۇنبەر ھىساۋاتىدىن قىلىدىغان يەتمىگەن يىرىگە ئەزالاردىن يېغىش قىلىدىغان بولۇپ كىلىشىپ ،توينىڭ ھەممە تەييارلىقلىرىنى پۇتتۇرۇپ ھوكۇمىران ئەپەندى شۇنداق كاتتا بىر توي مەرىكە ئۆتكۈزۈپتىكى
ئەييياھانناسسسسسسسسسسسسسسسسسس
پۇتكۈل مۇنبەر ئوت ئېلىپ كويۇپ چاراسلاپ كەتتى،ماۋۇ ئۇتنىڭ ئاز كەلگەن يىرىگە ئاۋۇ ئەپچىلەم دىگەن يىگىت قاسىم قوشۇقنىڭ شاگىرتى مەن دەپ چوغنى گۈلخانغا ئايلاندۇرۇپ ماۋۇ مۇنبەر ئوت يالقۇنى ئىچىدە قالدى،
قىش بولغاندىكىنغۇ ئانچە مۇنچە ئوت قالىغىلۇق ،لىكىن مۇنداق قارام ئوتنى قويسا پۇتۇن مۇنبەر ئەزالىرى تۈگەشمەمدۇ؟ ھەممىمىز كويۈپ كۈل بوپ كەتسەك ماۋۇ مىسرانىم چولدەرەپ قالمامدۇ دەيمەن...ھو...ھو...ھو.
مانا كۆز ياشلىرىمنى توختىتىۋالماي قولۇمدىكى چىلەكتە ئوتنى ئوچۇرىمەن دەپ سۇ تۇشۇپ يۈرىمەن،كۆز ياشلىرىم بىلەنغۇ خېلى يەرنىڭ ئوتىنىمۇ ئۆچۈرۈپ بولدۇم،مىنىلا سۇ تۇشىۋاتىدۇ دەپ قالماڭ ،مىسرانىمدىكى بىر قانچە ماڭا ئوخشاش مەسئۇلىيەتچان ئەزامۇ ئوخشاشلا ئوت ئۆچۈرۈشكە قاتنىشىۋاتىدۇ....
ئاۋۇ كاۋا قىزنىڭ تويىنى قىلماي تۇرىدىغان ئىشكەنتۇق بىرلا يىغلىسا دەريادەك كۆز ياشلىرىدا ئوتمۇ خېلى ئۆچۈپ قالاتتى،ئەمدى بىر يىغلاپ بىرىڭ دىسەم،مەن شۇنداق بەخىتلىك تۇرسام نىمىشقا يىغلىغۇدەكمەن؟دەپ زادىلا ئۇنىمىدى ،مەن يالغۇز كۆز ياشلىرىم بىلەن بۇ ئوتلارنى ئوچۇرۇپ بوللالماي ئاۋاىمەن.
ئۇنىڭ ئۇستىگە يەنە تورداشلار پات-پات ،ئارقا-ئارقىدىن ئوت قۇيماقتا،شۇڭلاشقا مۇنبەرنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن بۇ ئەرىزنامىنى سۇندۇم،مۇشۇنداق توپىلاڭ چىقارغان ئەزالارنى قاتتىق جازالاپ مۇنبەرنىڭ،خاتىرجەملىگىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قاتتىق تەلەپ قىلىمەن.
دەپ ئەرىز سۇنغۇچى
كەمىنە -بەرنا قىز
ئەسكەرتىش:
(بۇ بىر چاخچاق،كۈلكە ئۈچۈن يېزىلدى مۇنبەرداشلارنىڭ خاتا چۈشەنچىدە بولماسلىغىنى ئۈمۈد قىلىمەن)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا barnakiz886 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-11-22 06:24 PM