مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3396|ئىنكاس: 64

تۇغۇلغان كۈنۈمدىكى ئىككى پارچە خەت   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87132
يازما سانى: 1626
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4038
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 473 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2013-12-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-22 05:21:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تۇغۇلغان كۈن سوۋغىسى

بۈگۈن مىنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم . بەلكىم تۇرداشلار مىنڭ قانداق سوۋغات تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىمغا قىزىقىۋاتقان بۇلىشىڭلار مۇمكىن مەن ھاياتىمدىكى

ئەڭ ئىسل ، ئەڭ ئۇنتۇلغۇسىز سوۋغات تاپشۇرۇپ ئالدىم . يەنى ئىككى پارچە خەت.

بىرىنچى خەت

(يىگىتىمنىڭ مىنىڭ نامىمدا ئانامغا يازغان خېتى )

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئانا !

بەلكىم خېتىمنى كۈرۈپ ھەيران قېلىشڭىز مۇنكىن چۈنكى بۇمىنىڭ تۇنجى قېتىم سېزگە خەت يېزىشىم .

بۈگۈن مىنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم ، سىزنىڭ 25يىل ئاۋال ئاچچىق تۇلغاق ئازاۋى تارتىپ مىنى بۇ گۈزەل دۇنياغا كۆز ئاچقۇزغان كۈنىڭىز ، شۇكۈندىن بۇيان سىز ئىزچىل تۈردە مەن ئۈچۈن بارلىقىڭىزنى قۇربان قىلىپ كەلدىڭىز ، ياشلىق باھارىڭىز گۈلدەك ھۆسنىڭىز ، گۈزەل ئارزۇ ئارمانلىرىڭىزنى مەن ئۈچۈن قۇربان قىلدىڭىز ، لىكن بىرەر قېتىممۇ ۋايساپ باقمىدىڭىز .

كىشىلەر<< ھەممە ئادەمنىڭ پەرىشتىسى بۇلىدۇ>> دەيدىكەن

سىز دەل مىنڭ پەرىشتەم . ئەمما مەن بۇنى تۇلىمۇ كىچىكىپ ھېس قىلدىم .

قەدىرلىك ئانا ، نۇرغۇن قېتىم سېزگە ھۆرمەتسىزلىك ، ئەدەپسىزلىك قىلغان ۋاقېىتلىرىمدا شۇھامان قاتتىق پۇشايمان قىلدىم ، ۋە دەرھال سىزدىن ئەپۇ سۇرىماقچى بۇلدۇم لىكىن ئۇنداق قىلمىدىم . ئانا بىلمەن  مىنى  ئاللاقاچان كەچۈرۋەتكىنىڭىزنى بىلمەن ، شۇنداقتىمۇ سىزدىن كۈچۈرۈم سۇرايمەن . شۇ ئەدەپسىز لىكىمنى كەچۈرۈڭ .

ئانا ، سىزنىڭ ئەجرىڭىزدە ، بىجىرىم ساغلام چوڭ بۇلدۇم ، سىزنىڭ تەربىيىڭىزدە ھەممە ئادەم ھۆرمەتلىگۈدەك ئەخلاق پەزىلەتكە ئىگە بۇلدۇم ، ئەمما سىزگە بىرەر قىېتىممۇ رەھمەت ئىېيتىپ باقمدىم ، سىزگە مىڭلاپ رەھمەت ئىيتساممۇ ئەرزىيدۇ ئانا ، سىزنىڭ ماڭا بۇلغان مۇھەببىتىڭىز دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل ئەڭ شەخشىيەتسىز مۇھەببەت ئىكەن ، سىزنىڭ گۈزەل ياشلىقىڭىزنى گۈلدەك چىرايىڭىزنى ھەرقانچە بەدەل تۈلەپمۇ قايتۇرۇپ ئەكىلەلمەيمەن ، ئەمما بۇ بىر دەستە ئەتىرگۈلنى سۇۋغا قىلىش ئارقىلىق شۇ گۈلنى كۆرگەندە كۈڭلىڭىز گۈلدەك ئىچىلسىكەن دىگەننى ئۈمۈد قىلدىم ، سىزنىڭ گۈزەل قامىتىڭىز يادەك ئىگىلدى ، سالمەتلىكىڭىزمۇ ئانچە ياخشى ئەمەس، تىنىڭىزنىڭ سالامەت ئۆمرىڭىزنىڭ ئۇزۇن بۇلىشنى تىلەپ  سىزگەبىرنەچچەخىل  قۇۋۋەت دۇرىسى ئالدىم ، بۇندىن كىيىن بۇدۇرىلارنى ھەركۈنى ئۈزۈم سىزگە تەييارلاپ بىرىمەن، خۇددى سىز ماڭا بۇلماق تەييارلىغاندەك .ئانا مىنى  چىرايلىق  كىيىندۈرۈپ چۇڭ قىلدىڭىز ئەمما  ئۈزىڭىز ئەزەلدىن ىبرەر قىېتىممۇ  كىيىم ئىېلىشنىڭ گىپىنى  قىلىپ باقمىدىڭىز  ، مەن بۈگۈن سىزگە سىز ئەڭ ياقتۇرىدىغان رەڭدىن بىرقۇر يېڭى كىيم سېتىۋالدىم  ، چۇقۇم كىيىڭ ، ئاياللارنىڭ ھەممىسى گۈزەللىكنى سۈيىدۇ، شۇڭا سىزمۇ بىرەركۈن بۇلسىمۇ چىرايلىق كىيىنىپ ياسىنىپ بېقىڭ ،ئانا بۈگۈن سىزگە ئۈز قۇلۇم بىلەن سىز ئەڭ ياقتۇرۇپ يەيدىغان تاماقنى ئىتىپ بىرەي سىزمۇ ھۇزۇرلىنىپ ئۇلتۇرۇپ يەپ بىېقىڭ ..

ئانا سىزگە نۇرغۇن ئىشلارنى قىلپ بەرگىم بار ، ھەم چۇقۇم قىلىپ بىرىشكەتىرىشىمەن . بۇندىن كىين سىز ئەمدى مەن ئۈچۈن غەم يىمىسىڭىزمۇ بۇلىدۇ ، ۋەدە بىرىمەنكى سىزنى غەم قىلغۇزمايمەن .

ئانا مىنى تۇققان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بۇلسۇن ! ئەزىز تىڭىز مەڭگۈ سالامەت بۇلسۇن !

تاتلىق قىزىڭىزدىن .

ئىككىنچى پارچە خەت

(ئۇنىڭ ماڭا يازغان خېتى )

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇماق پەرىشتەم !خەيرىلىك ئەتىگەن !

بۈگۈن سىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىڭىز ، بۇ قۇتلۇق كۈندە سىزگە ئەمەس ئانىڭىزغا سۇۋغا ئالدىم ، يەنە سىزنىڭ نامىڭىزدا ئانىڭىزغا خەت يازدىم . سىزگە مەسلەھەت سالمايلا بۇنداق قارارغا كەلگەنلىكىمدىن خىجىلمەن ، مىنى كەچۈرۈڭ .ئەلۋەتتە مەن بۇنداق قىلمىساممۇ سىزبەلكىم  ئاللا قاچان ھەرخىل ئۇسۇللار بىلەن  ئانىڭزنى خۇش قىلىپ بۇلدىڭىز ، شۇنداقتىمۇ مەن يەنىلا بۇ خىل ئۇسۇلدا تۇغۇلغان كۈنىڭىزى تەبرىكلەشنى قارارقىلدىم ، چۈنكى ئانىڭىز سىزنى شۇنچە جاپادا بۇ يۇرۇق دۇنياغا كۆز ئاچقۇزمىغان ، ياخشى تەربىيەلەپ چۇڭ قىلمىغان بۇلسا مەن سىزگە، سىزدەك ئەخلاقلىق پەرىشتىدەك ئاقكۈڭۈل قىزغا يۇلۇقمىغان بۇلاتتىم ، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئانىڭىزغا رەھمىتىمنى ھۆرمىتمنى بىلدۈرمەكچىمەن .

چۇڭلارنڭ ئىيتىشچە ھەممە ئادەمنىڭ مۈرىسىدە ئىككى پەرىشتىسى بۇلىدىكەن بىرى ياخشىلىقنى بىرى يامانلىقلىرىنى خاتىرلەيدىكەن ، مىنىڭچە مىنىڭ بۇ ئىككى پەرىشتەم يېنىمدىلا

بىرى ئانام ، يەنە بىرى سىز ، سىلەر ھەر ۋاقىت ماڭا ياخشى ياماننى ئەسكەرتىپ ھاياتلىقتىكى تۇغرا يۇلۇمنى كۈرسۈتۈپ كىلۋاتسلەر . شۇڭا دەيمەن سىلەر مىنىڭ پەرىشتىلىرىم ، سىز مىنڭ پەرىشتەم .

تۇغۇلغان كۈنىڭزگە مۇبارەك بۇلسۇن پەرىشتەم ، سىزنى بۇدۇنياغا ياراتقان ۋە ماڭا يۇلۇقتۇرغان ئاللاغا مىڭ رەھمەت ، سىزنى يۇرۇق دۇنياغا كۆز ئاچقۇزغان ئىسىل پەزىلەتلىك قىلىپ تەربىيەلىگەن ئاتا ئانىڭزغا مىڭ رەھمەت ، يەنە ماڭا پەرىشتىدەك كۈڭلىڭىزنى پاك ئەقىدىڭىزنى بەرگەن سىزگىمۇ مىڭ رەھمەت ، سىز ماڭا بۇدۇنيانىڭ نەقەدەر گۈزەللىكىنى ، ياشلىقنىڭ ، ھاياتنىڭ ،مۇھەببەتنىڭ نەقەدەر قەدىېرلىكلىكىنى ھىس قىلدۇردىڭىز، مەن بەلكىم سىزنى ئىسىل داچا ئىسىل ماشىنلاردا ئۇلتۇرغۇزۇپ باي باياشات تۇرمۇشقا ئىگە قىلالماسلىقىم مۇمكىن ئەمما شۇنىڭغا ئىشىنىڭىكى  ئاللا خالىسا سىزنى چۇقۇم بەخىتلىك قىلىمەن، ،كۈزىڭىزدىن ياش ئاققۇزماي  خاتىرجەم ،بەخىتلىك تۇرمۇشقا ئىگە قىلىمەن .

ئۇماق پەرىشتەم تۇغۇلغان كۈنىڭزگە مۇبارەك بۇلسۇن ! بۇندىن كىيىنكى ھەربىر كۈنىڭىز شادلىققا تۇلسۇن ، تىنىڭز مەڭگۈ سالامەت بۇلسۇن ، قېنى ئەمدى ئانىڭزنىڭ يېنىغا بېرىڭ ئۇنىڭغا ئۆز ئاغزىڭىز بىلەن << ئانا مىنى تۇققان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بۇلسۇن ! مەن ئۈچۈن تارتقان جاپالىرىڭىزغا رەھمەت >> دەڭ ،

ئۇنى قۇچاقلاڭ،  مىھرىڭىز بىلەن قۇچاقلاڭ ،خۇددى ئۇ سزىنى كىچىكىڭزدە  قانماي قانماي قۇچاقلىغاندەك ، ئۇنىڭ مەڭزىگە پىشانىسىگە سۈيۈڭ ، ئۇنىڭغا سالامەتلىك شادلىق تىلەڭ ،خۇددى ئۇسىزگە بەخىت تىلىگەندەك .

قۇتلۇق تۇغۇلغان كۈنىڭزگە مۇبارەك بۇلسۇن پەرىشتەم ، بۈگۈنكى قۇتلۇق كۈننى سىز بىلەن بەكمۇ بىللە ئۈتكۈزگۈم بار ئىدى ، لىكىن سىز ئۆز قۇلىڭىز بىلەن ئانىڭىزغا ئۇخشۇتۇپ بىرۋاق تاماق ئىتىپ بەرمىسىڭىز بۇلمۇغۇدەك ، بۈگۈن ئۆيدىكىلىرىنىڭىز بىلەن بىللە كۈڭۈللۈك ئۈتكۈزىشىڭىزنى تىلەيمەن .

خۇش پەرىشتەم

سىزنى سېغىنىپ قەدىردانىڭزدىن .

مەن خەتنى ئەمدىلا ئۇقۇپ بۇپ تۇرىشىمغا ئانام ھۇجرامغا كىرىپ كەلدى ، ئۇ يىگىتىم سۇۋغا قىلغان يىڭى كىيىمنى كىيىۋاپتۇ ، يەنە تېخى چىرايلىق ياسىنىپتۇ ، كۈزلىرىدىن خۇشاللىق ياشلىرى تۈكۈلۈپ  تۇرسىمۇ چىھرىدە  كۈلكە ،ۋە رازىمەنلىك ئەكىس ئىتىپ تۇراتتى .ئەمما مەن خىجىللىقتى يەرگە كىرىپ كەتكىدەك بۇلدۇم .

ھۆرمەتلىك تورداشلار سىلەرچە بۇسوۋغىنى ئىسل سوۋغا دىسەم بۇلامدىكەن .

بۇ مەن ئۈچۈن ئەڭ ئىسىل سوۋغا بۇلدى ، شۇنداق تەسىرلەندىم ، ئۈزەمنى تۇلىمۇ بەخىتلىك ھېس قىلدىم ، شۇ چاغدىكى خۇشاللىقىمنى تىل بىلەن تەسۋىرلەشكە ئاجىزلىق قىلىمەن . شۇ خۇشاللىقىمدىن ئۇرتاق بەھرىلىنىش ئۈچۈن بۇ ئىككى پارچە خەتنى ئەينەن يوللۇدۇم .

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-11-22 05:59 PM  بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ t2 `( e& @8 x7 D1 _2 F5 q

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' y! c6 [, q0 ?$ P- A8 n* y  x

قايغۇرماڭ ، باتۇرلارچە ياشاڭ ، ئاللاھ ھەرگىز كېرەكسىز ئادەملەرنى ياراتمايدۇ !

مېرۇل مەرگەن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85428
يازما سانى: 1110
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1262
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 930 سائەت
تىزىم: 2012-9-26
ئاخىرقى: 2014-7-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-22 06:20:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەخىت دەپ مانا مۇشىنى دېسە بولىدۇ، بۇ سىزگە ئەڭ ئېسىل سوۋغات بوپتۇ، تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن، سىزگە بۈگۈنكىدەك مۇشۇنداق ياخشى سوۋغات تەقدىم قىلغان يېگىتىڭىزنى قەدىرلەپ ئۆتىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

كۆز يېشىغا چىلىنىپ چىققان كۈلكە شىرىن بولىدۇ، غەم قايغۇدىن كېيىن ئېيتىلغان ناخشا مۇڭلۇق بولىدۇ، تېڭىرقاشتىن يۇلقۇپ چىققان روھ سەگەك بولىدۇ، يالغۇزلۇقتىن قۇتۇلغان قەلىب كۆتۈرەڭگۈ بولىدۇ. مانا بۇ تۇرمۇش.........

جېنىمنى تۇپراق ئىچىدىن تېرىۋال

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18700
يازما سانى: 2202
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 45967
تۆھپە نۇمۇرى: 3174
توردا: 6902 سائەت
تىزىم: 2010-11-23
ئاخىرقى: 2014-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-22 06:21:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىزگە ھەۋىسىم كەلدى ئۇماق

يىغلىغىن يىغلىغىن بۇ گۇناھ ئەمەس،
ئازاپلار چىرمىسا نەپەس ئالماق تەس.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87132
يازما سانى: 1626
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4038
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 473 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2013-12-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-22 06:31:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
MiRul يوللىغان ۋاقتى  2012-11-22 06:20 PM
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( r8 U$ T! y7 a5 ]& Uبەخىت دەپ مانا مۇشىنى دېسە بولىدۇ، بۇ سىزگە ئەڭ ئېسىل س ...
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 I8 |% ]6 \2 L0 a, `0 [/ R! @
چۇقۇم شۇنداق قىلىمەن  ياخشى تىلىكىڭىزگە رەھمەت

قايغۇرماڭ ، باتۇرلارچە ياشاڭ ، ئاللاھ ھەرگىز كېرەكسىز ئادەملەرنى ياراتمايدۇ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80924
يازما سانى: 400
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4316
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 724 سائەت
تىزىم: 2012-6-1
ئاخىرقى: 2014-7-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-22 06:41:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ بەختىڭىزنى بەرسۇن

ياشاش ئۈچۈن ھېچكىمگە يالۋۇرمىدۇق ، ئۆلۈم ئالدىدىمۇ ھېچكىمگە يالۋۇرمايمىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82788
يازما سانى: 769
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6009
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 896 سائەت
تىزىم: 2012-7-21
ئاخىرقى: 2014-7-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-22 06:47:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىمۇ خۇشاللىقىڭىزدىن ئورتاق بەھىرلەندۇرگىنىڭىزگە كۆپ رەخمەت!
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 v: O5 b" G2 h1 b  {; J* Q& Tئاتا -ئانىڭىزنى  تىخىمۇ قەدىرلەپ ، كۆيۈمچان  كەلگۈسىدىكى ھالال جۇپتىڭىز بىلەن بىر-بىرىڭلارغا كۆيۈنۈپ بىر ئۆمۇر بەخىت، خۇشاللىق ئىچىدە ئۆتۇشىڭىزنى تىلەيمەن!!!

خارلانماسلىقنىڭ يولى - خارلىماسلىق

ھايۋاننىڭ ئالىس

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18426
يازما سانى: 507
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8892
تۆھپە نۇمۇرى: 303
توردا: 2526 سائەت
تىزىم: 2010-11-21
ئاخىرقى: 2014-7-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-22 06:47:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىز ھەقىقەتەن بەخىتلىك ئىكەنسىز ،كىيىنكى كۈنلىرىڭىزگە بەخىت-ئامەت،ئائىلىدىكىلىرىڭىزگە سالامەتلىك (ئوغۇل دوستىڭىزمۇ شۇنىڭ ئىچىدە ) تىلەيمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45827
يازما سانى: 829
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6095
تۆھپە نۇمۇرى: 538
توردا: 1843 سائەت
تىزىم: 2011-6-27
ئاخىرقى: 2014-7-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-22 06:48:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمە دىگەن تەسىرلىك....
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 D: h8 Q1 s6 E, Y# Q2 w; j" w& Bھىكايە ئاڭلىغاندەك بولۇپ قېلىۋاتىمەن،ئاللاھ بەختىڭىزنى بەرسۇن!

كىيىشىمىز ئەرەپچە،ئوينىشىمىز غەرىپچە،يىيىشىمىز...چە،بىز ئۇيغۇرما،گۈمان !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85143
يازما سانى: 294
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 884
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 357 سائەت
تىزىم: 2012-9-16
ئاخىرقى: 2014-1-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-22 07:02:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ سىزگە مەڭگۈ ئۇنتۇلغۇسىز سوغا بوپتۇ . سىز يىگىتىڭىزنى بىر ئۆمۈر ياخشى قەدىرلەڭ ؟              يىگىتىڭىز بەك ئەتراپلىق ئويلاپتۇ . سىز يىگىتىڭىز بەرگەن ئۇ سوغىنى خىيالمۇ قىلمىغان بولغىيتىڭىز  جەننەت ئانلانىڭ تاپنى ئاستىدا دەيدىكەن ، ھەممىمىز جاپاكەش ئانلىرمىزنى قەدىرلەيلى  قىرىنداشلا .................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85889
يازما سانى: 929
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 5047
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 386 سائەت
تىزىم: 2012-10-9
ئاخىرقى: 2014-7-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-22 07:19:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسىل سوۋغا ئىكەن بۇنى ئاياللارمۇ ئۈگۈنۈپ قويىشى زۆرۈر ئوخشايدۇ.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. R' p* M, v9 M/ L: `

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش