خەت يېزىپ تۇرغۇملا كېلىدۇ ساڭا،
ئۆزۈممۇ بىلمىگەن تەمەيىننى دەپ.
يىرتىلغان قەغەزلەر ئاز بولمىدى ئاز،
يۈرۈيمەن بىر دەشنام باردەك ئەنسىرەپ.
*******
« ساقمۇ سىز،سالامەت؟» نەقەدەر ئاددىي،
«سۈيىمەن» دىيىشكە بالدۇركەن تېخى.
چۈشۈمدە ئۇچرىشىپ تۇرغىنىم بىلەن،
ۋاقىت بار ئوخشايدۇ ئوڭۇمغا تېخى.
*******
بېرەتتىم قىزارماي ھاتەمگىمۇ سۆز،
ئىسمىڭنى يازغاندا تىترىدى تېنىم.
يۈرۈگۈم بەرداشلىق بېرەلەمدۇ-تاڭ،
ئالدىڭغا سالامغا بارغاندا جىنىم.
*******
ئاھ، شۇنداق ئۇچراشماي ئۆتسۇن بىر زامان،
ئۇنتۇلار ئېھتىمال تەمتىرەشلېرىم.
كەتسە گەر كۆڭلۈمنى بىر قاشاڭ ئۇتۈپ،
ئاشامدۇ ھەسسىلەپ ئەنسىرەشلېرىم.
*******
خەت يېزىپ تۇرغۇملا كېلىدۇ ساڭا،
شۇ بولسۇن بېشىڭنى تۇرغىنىم باغلاپ.
يوللايمۇ پوچتىدىن،ئۇكاڭدىنمۇ يا،
تۇرىدۇ ئەقلىمنى شۇ ئىش سۇئاللاپ.
مەنبە: ئاقتۇ ناھىيىلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپتىن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nuriman30 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-11-22 05:10 PM