|
|
|
|
XOHTEKIN توزدەك رەڭدار ياسىنىپ، گۈل-چىمەندىن گۈل ئېلىپ، كۆك ئاسماندەك سۈزۈلۈپ، ئوت يالقۇندەك چوغلىنىپ، ئەتلەس كۆينەك كىيگەن قىز.
ئاي يۇلتۇزغا كۆز قىسىپ، پەرىشتىدەك ئۇزلىنىپ، باغ بوستاندەك گۈللىنىپ، قۇياش كەبى نۇرلىنىپ، ئەتلەس كۆينەك كىيگەن قىز.
يېشىل تارىم گۈلىنى، بۇغدا سايرام كۆلىنى، كارۋان يىپەك يولىنى، تەكتىماكان چۆلىنى، ئەتلەس ياساپ كىيگەن قىز.
مۇھەببەتكە تەلپۈنۈپ، سۇمبۇل چاچلار يەلپۈنۈپ، ھەسەن-ھۈسەن رەڭلىنىپ، گۈل-چىچەكتىن ئەتلىنىپ، ئەتلەس كىيىپ ماڭغان قىز.
شوخ يۈرەكنى كۆيدۈرۈپ، نەۋباھاردەك سۆيدۈرۈپ، ھەسەت يۇتۇپ ئۆلتۈرۈپ، شات- ھۇزۇردا كۈلدۈرۈپ، ئەتلەس كىيگەن ئۇيغۇر قىز.
شاھ سەنەمنى ئەسلىتىپ، پاك غۇرۇرنى ئويغىتىپ، دەرت-پىراقنى پەسلىتىپ، دىلدا ۋاپا ئۇرغىتىپ، مېھرى گۈزەل ئەتلەس قىز.
(دىيارى كەلپىن) بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-11-22 04:23 PM
|
|
|
|
|
|