|
|
|
|
ئورۇققىنە كەلگەن ، چىرايىدىن كۈلكە يېغىپ تۇرىدىغان 17 ياشلىق مەردانجاننى كۆرگەن كىشىنىڭ ئۇنىڭ ھېچنېمىگە قارىماي دەرياغا چۈشۈپ ئادەم قۇتقۇزۇۋالغانلىقىغا ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ. بىراق بۇ شىنجاڭلىق ئۆسمۈر ھەقىقەتەن شۇنداق قىلالىدى ! مەردانجان روزى شىنجاڭنىڭ ئاقتۇ ناھىيەسىدىن بولۇپ، بۇ يىل 9-ئايدا ، دوختۇر بولۇش ئارزۇسىدا ئۆز يۇرتىدىن نەچچە مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتىكى جىڭجۇ شەھىرىگە ئوقۇشقا كېلىدۇ . دادىسىنىڭ تۈگەپ كېتىشى ، ئائىلىسىنىڭ نامرات بولۇشى قاتارلىقلار ئۇنىڭ ئوقۇش ئىرادىسىنى ياندۇرالمايدۇ ، ئۇ مەكتەپكە كەلگەندىن كېيىنمۇ ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ساۋاقداشلىرى بىلەن ئىناق-ئىتتىپاق ئۆتىدۇ ، ھەممەيلەن ئۇنىڭ باشقىلارغا ياردەم قىلىشتەك ئېسىل ئەخلاقىي پەزىلىتىنى تەرىپلىشىدۇ، مەرداننىڭ ئېيتىشىچە ، باشقىلارغا ياردەم بېرىش ئۇنىڭ ئەڭ زور خۇشاللىقى ئىكەن .
مانا بۈگۈن مەردانجان ‹‹ جۇڭگو تور ئىشلىرى . تەسىرلىك 2012-يىل ›› تېمىسىدىكى يىللىق تور شەخىسلىرىنى باھالاش پائالىيىتىگە نامزات بولۇپ سايلاندى . كەڭ تورداشلارنىڭ شىنجاڭلىق ياخشى بالا مەردانجان روزىغا بېلەت تاشلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
تۆۋەندىكى ئادرىسلارغا كىرىپ بېلەت تاشلىسىڭىز بولىدۇ:
http://www.xinhuanet.com/newmedia/zgwsgd2012/index.htm
http://www.xjtsnews.com/normal/content/bak/homepage/content/2012-11/20/content_245424.htm
مەنبە: تەڭرىتاغ تورى
|
|
|
|
|
|