مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1454|ئىنكاس: 17

ئۇيغۇرلاردىكى 10 نادىر بىلوگقا بېلەت تاشلاڭ! [2012] [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32654
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4247
تۆھپە نۇمۇرى: 240
توردا: 163 سائەت
تىزىم: 2011-3-4
ئاخىرقى: 2013-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-21 06:07:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەزىزلەر!
      2012-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى باشلانغان «ئۇيغۇرلاردىكى 2012-يىللىق 10 نادىر بىلوگنى باھالاش پائالىيىتى» بۈگۈن ئەڭ ئاخىرقا باسقۇچقا-بېلەت تاشلاپ، 10 نادىر بىلوگنى تاللاپ چىقىش باسقۇچىغا قەدەم قويدى.
     بۇ جەرياندا نامزات كۆرسىتىش باسقۇچى(بىر ئاي) ۋە نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن بىلوگلارنى نومۇر قويۇپ باھالاپ، ئالدىنقى 20 بىلوگنى تۇرغۇزۇپ چىقىش باسقۇچى(15 كۈن) ناھايىتى رەتلىك، ئادىللىققا يېقىن داۋام ئەتتى. نەتىجىدە بۇ باسقۇچلار ئارقىلىق، ئالدىنقى 20 بىلوگ رەسمىي نامزات قىلىپ تۇرغۇزۇلدى.
     شۇنداق قىلىپ،  2012-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى 23:59 قىچە بىر ئاي داۋام قىلىدىغان 10 نادىر بىلوگنى بېلەت تاشلاپ تاللاش پائالىيىتى رەسمىي باشلاندى.

      ئالدىنقى 20 بىلوگنى تۇرغۇزۇپ چىقىش باسقۇچى ھەققىدە زۆرۈر ئىزاھاتلار:
       1. نومۇر قويۇش ئۆلچىمى ئامال كونكېرت ۋە ئىنچىكە بولدى.
       2. ھەيئەتلەر ئىسىملىكى مۇشۇ تېما ئېلان قىلىنغانغا قەدەر ئاشكارىلانمىدى.
       3. بىلوگى نامزاتلىققا كىرگەن بىلوگگىرلارنىڭ ھېچقايسىسى باھالاش ھەيئىتى گۇرۇپپىسىغا كىرگۈزۈلمىدى.
       4. بەزى بىلوگلار دەل مۇشۇ باسقۇچتا ئېچىلمىغان ياكى نورمال بولمىغان قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن نومۇر قويۇلمىدى ياكى نومۇر تارتىلدى.
       5. باھالاش نەتىجىسىدىن مەلۇمكى، بۇ يىللىق باھالاشتا ئالدىنقى يىللىرى نەتىجىگە ئېرىشكەن بەزى بىلوگلار شالللىنىپ قالغان، يېڭىدىن خېلى كۆپ بىلوگلار سەپكە قوشۇلغان. بۇنى باھالاش گۇرۇپپىسىكى ھەيئەتلەرنىڭ يىللاردىكىگە نىسبەتەن كەڭرەك ساھەدىن تاللانغانلىقىدىن دېيىش مۇمكىن.

      پائالىيەتنى ماددىي ۋە تەشۋىقات جەھەتتىن قوللىغۇچىلار:
      (ئورۇنلارنىڭ پائالىيىتىمىزنى قوللاش ھەققىدە پوزىتسىيە بىلدۈرگەن ۋاقتى بويىچە تىزىلدى)
      1. بىلكان ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ماددىي مۇكاپات بۇيۇملىرى بىلەن قوللىدى.
      2. مۇئەللىم ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ماددىي مۇكاپات بۇيۇملىرى بىلەن قوللىدى.
      3. ئۇيغۇرسوفت كومپيۇتېر چەكلىك شىركىتى ماددىي مۇكاپات بۇيۇملىرى بىلەن قوللىدى.
      4. مەركىزى خەلق رادىيو ئىستانسىسى تەشۋىقات جەھەتتىن قوللىدى.
      5. شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى تەشۋىقات جەھەتتىن قوللىدى.
      6. «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلى تەشۋىقات جەھەتتىن قوللىدى.
      7. ئۇلىنىش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى (ulinix.cn) تەشۋىقات جەھەتتىن قوللىدى.
      8. ياخشى تور پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى (izda.com ئارقىلىق) تەشۋىقات جەھەتتىن قوللىدى.
      9. بىرزات بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ماددىي مۇكاپات بۇيۇملىرى بىلەن قوللىدى.
      بۇ ئورۇنلارغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز.

      2012 –يىللىق 10 نادىر بىلوگنى باھالاش گۇرۇپپىسىدىكى ھەيئەتلەر:
     (ھەيئەتلەر ئىسىملىكى بىلوگ باھالاش نەتىجىسىنى شىركىتىمىزگە يوللاپ بەرگەن ۋاقتى بويىچە تىزىلدى)
      يۈسۈپ مۇھەممەت (ئاقسۇ ۋىلايەتلىك تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى خەۋەرلەر بۆلۈمىنىڭ خادىمى)
     ئابدۇخېلىل ئوسمان (يەكەن ناھىيەلىك سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى تور بۆلۈمىنىڭ تېخنىكى)
     ئابدۇرېشىت نىياز (ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئۇچۇر تورى مەركىزىنىڭ مەسئۇلى)
     ئابدۇقادىر جالالىدىن (شىجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى)
     يالقۇن روزى (شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتىنىڭ كاندىدات ئالىي مۇھەررىرى)
     نىزامىدىن ۋاھاپ ( ئۇلىنىش خەلقارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى)
     ئەلى (بىلكان ئېلېكتىرون شىركىتى يۇمشاق دېتال بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى)
     ئابدۇرېشىت غۇپۇر (شىجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى)
     ئەمەتجان رۇسۇل (كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى)
     بۇ ھەيئەتلەرگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز.

      2012 –يىللىق 10 نادىر بىلوگنى باھالاش گۇرۇپپىسىدىكى ھەيئەتلەر نومۇر قويۇپ تاللاپ چىققان بىلوگلار تىزىملىكى:
      (باھالىغۇچىلار تەرىپىدىن قويۇلغان ئومۇمىي نومۇر جەملىمىسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكى بويىچە تىزىلدى)
        باھالاشقا جەمئىي 61 بىلوگ قاتناشتۇرۇلغان بولۇپ، باھالاش گۇرۇپپىسىدىكى ھەيئەتلەر تۆۋەندىكى 20 بىلوگنى تاللاپ چىقتى. بۇ 20 بىلوگنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچقا كىرگەنلىكىنى تەبرىكلەيمىز ۋە ئۈزۈپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. شاللىنىپ قالغان 41 بىلوگقا يەنىمۇ غەيرەت، ئۈمىدۋارلىق تىلەيمىز. چۈنكى، پائالىيەت ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ.
      
       بىلوگ نامى: تورخۇمارلار كۇلۇبى
      تور ئادرېسى: http://www.torhumar.com
      ئېرىشكەن ئومۇمىي نومۇرى: 525

      بىلوگ نامى: ئالىم ئەھەت بىلوگى
      تور ئادرېسى: http://www.alimahat.com
      ئېرىشكەن ئومۇمىي نومۇرى: 509

      بىلوگ نامى: بىر ھون بىلوگى
      تور ئادرېسى:  http://www.birhon.com
      ئېرىشكەن ئومۇمىي نومۇرى: 495.5

      بىلوگ نامى: 80 خالتا بىلوگى
      تور ئادرېسى: http://www.80halta.com
      ئېرىشكەن ئومۇمىي نومۇرى: 489

      بىلوگ نامى: ھەزرەت گىرافىكى
      تور ئادرېسى: http://www.hezret.com
      ئېرىشكەن ئومۇمىي نومۇرى: 450

      بىلوگ نامى: Jeck بىلوگى
      تور ئادرېسى: http://www.jeckblog.com
      ئېرىشكەن ئومۇمىي نومۇرى: 438

      بىلوگ نامى: شاھ ئۇيغۇر بىلوگى
      تور ئادرېسى: http://www.shahblog.net
      ئېرىشكەن ئومۇمىي نومۇرى: 424

      بىلوگ نامى: يۈكسەل بىلوگى
      تور ئادرېسى:  http://www.yuksel.me
      ئېرىشكەن ئومۇمىي نومۇرى: 418

      بىلوگ نامى: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى
      تور ئادرېسى: http://www.uyghurbeg.net
      ئېرىشكەن ئومۇمىي نومۇرى: 409

      بىلوگ نامى: ئۈمىدلەن! بىلوگى
      تور ئادرېسى: http://www.umidlen.com
      ئېرىشكەن ئومۇمىي نومۇرى: 406

      بىلوگ نامى: ئالىم بىز بىلوگى
      تور ئادرېسى:  http://alimbiz.net
       ئېرىشكەن ئومۇمىي نومۇرى: 405

      بىلوگ نامى: گۈلەن بىلوگى
      تور ئادرېسى:  http://www.gulenblog.com
      ئېرىشكەن ئومۇمىي نومۇرى: 404

      بىلوگ نامى: تور سودا بىلوگى
      تور ئادرېسى:  http://www.torsoda.net
      ئېرىشكەن ئومۇمىي نومۇرى: 390

      بىلوگ نامى: ۋەتەن بىلوگى
      تور ئادرېسى:  http://www.weten.me
      ئېرىشكەن ئومۇمىي نومۇرى: 389

      بىلوگ نامى: بىلنۇر ستۇدېنتلار كۇلۇبى
      تور ئادرېسى: http://bilnur.com
      ئېرىشكەن ئومۇمىي نومۇرى: 388.5

      بىلوگ نامى: ئىلقۇت بىلوگى
      تور ئادرېسى: http://blog.ilqut.com
      ئېرىشكەن ئومۇمىي نومۇرى: 387

      بىلوگ نامى: لوپنۇرى بىلوگى
      تور ئادرېسى: http://www.lopnuri.com
      ئېرىشكەن ئومۇمىي نومۇرى: 385

      بىلوگ نامى: پىرېستان بىلوگى
      تور ئادرېسى: http://prestan.net/blog
      ئېرىشكەن ئومۇمىي نومۇرى: 382

      بىلوگ نامى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بىلوگى
      تور ئادرېسى: http://pasahet.com
      ئېرىشكەن ئومۇمىي نومۇرى: 380

      بىلوگ نامى: روھچىن بىلوگى
      تور ئادرېسى: http://www.rohqin.com
      ئېرىشكەن ئومۇمىي نومۇرى: 377

      تېما ئاستىدىكى بېلەت تاشلاش ئورنىدىن بېلەت تاشلاپ، «2012-يىللىق 10 نادىر بىلوگنى باھالاش پائالىيىتى»گە ئاكتىپ ئاۋاز قوشقايسىز.

      بېلەت تاشلاشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار :
      1. بېلەت تاشلاش ۋاقتى:2012-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى 23:59  غىچە بىر ئاي.
      2. بېلەت تاشلاش سورۇنى: كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى مۇنبىرى [http://bbs.xjcfan.com]
      3. بىر ئادەم پەقەت بىر قېتىملا بېلەت تاشلاشقا بولىدۇ. شۇ بىر قېتىملىق بېلەت تاشلاشتا ئەڭ كۆپ بولغاندا 10 بىلوگقا بېلەت تاشلاشقا بولىدۇ.
      4. ئەزا بولماي تۇرۇپ پەقەت ۋە پەقەت بىر قېتىملا بېلەت تاشلاشقا بولىدۇ.
      5. ساختا بېلەت تاشلاشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنىگىچە پائالىيەت سورۇنى ھېسابلانغان كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى مۇنبىرىنىڭ ئەزا قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى ۋاقىتلىق تاقالدى.
     6. بېلەت تاشلاشتىن ئاۋۋال تورداشلارنىڭ نامزات بىلوگلارنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق، نامزات بىلوگلار بىلەن تونۇشۇپ، ئەستايىدىل پوزىتسىيىدە بېلەت تاشلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
      7. ئەڭ ئاخىرقى نەتىجە بېلەت تاشلاش تامام بولغان ھامان خۇلاسە قىلىنىپ، 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى رەسمىي ئېلان قىلىنىدۇ.

       مۇناسىۋەتلىك تېمىلارنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ.

       تەشۋىقات رەسىملىرى: http://bbs.xjcfan.com/thread-3110-1-1.html

      بۇ پائالىيەتنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە، چامىڭىز يەتكەن دائىرىدە تەشۋىق قىلىپ قويۇشىڭىزنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۈمىد قىلىمىز.   
      زۆرۈر بولسا، شىركىتىمىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.
      تېلېفون نومۇرى: 8554813-0991
      تور بېكەت:  http://www.xjcfan.com
      ئېلخەت:  xjcfan@sina.com
      ئادرېسى: ئۈرۈمچى شەھىرى يەنئەن يولى 154-نومۇر جىلى سودا ئىشلىرى بازىسى 3-قەۋەت 37-ئىشخانا


كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى چەكلىك شىركىتى

2012-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى



يۈكسەل بلوگى http://www.yuksel.me/

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32654
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4247
تۆھپە نۇمۇرى: 240
توردا: 163 سائەت
تىزىم: 2011-3-4
ئاخىرقى: 2013-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-21 06:11:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھۆرمەتلىك تورداشلار بېلەتنى مەزكۇر پائالىيەتنى تەشكىللەش سورۇنى ھېسابلانغان شىنجاڭ كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى تور بېكىتىدە تاشلايمىز. مەزكۇر تورغا ئەزا بولمايمۇ بىۋاسىتە بېلەت تاشلاشقا بولىدۇ.
بېلەت تاشلاش مەنزىلى:
http://bbs.xjcfan.com/thread-3103-1-1.html

ئاخىرىدا، تورداشلارنىڭ سەمىگە سەپ قويماقچى بولغىنىم، يۈكسەل بلوگىغا بېلەت تاشلىمىساڭلارمۇ مەيلى. ئەمما مەزكۇر پائالىيەتنى تۇشمۇ-تۇشتىن قوللىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئامېرىكىلىقلار ئوباماغا بېلەت تاشلاپ پۇقرالىق ھوقۇقىدىن ھوزۇر ئالغان بولسا، سىز ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان بلوگلارغا بېلەت تاشلاپ، ئوقۇرمەنلىك ھوقۇقىنىڭ ھوزۇرىنى سۈرۈڭ!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yuksel.me تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-11-21 06:15 PM  


يۈكسەل بلوگى http://www.yuksel.me/

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21676
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7016
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 6 سائەت
تىزىم: 2010-12-10
ئاخىرقى: 2013-9-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-21 07:41:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ ھەممىسىگە بىردىن تاشلىۋەتتىم ئەمىسە.

يۈرىگىم سەن بىلەن بىللە!!!

ساھىبجامال مەلىكە،

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31508
يازما سانى: 1872
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9545
تۆھپە نۇمۇرى: 495
توردا: 4052 سائەت
تىزىم: 2011-2-23
ئاخىرقى: 2013-12-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-21 07:57:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قانداق بىلەت تاشلايمىز؟

  بىلىم ھەرقانداق ئادەمگە لازىم مەن بىلىمگە تەشنا بىلىم ئىلىش مىنىڭ ئارزۇيۇم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21242
يازما سانى: 540
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9653
تۆھپە نۇمۇرى: 402
توردا: 1833 سائەت
تىزىم: 2010-12-7
ئاخىرقى: 2015-5-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-21 09:24:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇر سوفىت بىلوگى نەچچە يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ كومپىيوتىر تىخنىكىسىنى راۋاجلاندۇرۇش ھەم تىخىمۇ مۇكەمملەشتۈرۈش ئۈچۈن بەك كۈچىدى ئەلۋەتتە ئۇنتۇپ قىلىشقا بولمايدۇ !!

باشقىلارغا تەبە

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18033
يازما سانى: 2368
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7504
تۆھپە نۇمۇرى: 306
توردا: 7736 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2015-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-21 10:15:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇر بلوگچلىقى ئۈچۈن ،قېنى دوستۇم ،سىزمۇ بىر كىشىلىك ھەسسىڭىزنى قۇشۇڭ.

ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقى بولسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80808
يازما سانى: 2578
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11565
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1552 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2015-1-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-21 10:17:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شاھ ئۇيغۇر بىلوگى مەن قوللايمەن

Made in Answer

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87148
يازما سانى: 313
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 780
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 85 سائەت
تىزىم: 2012-11-13
ئاخىرقى: 2015-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-21 11:33:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ تاشلىۋەتتىم بىلەتىنى!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7093
يازما سانى: 576
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7142
تۆھپە نۇمۇرى: 364
توردا: 6444 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2014-7-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-22 12:12:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تورخۇمارلار بىلوگى بىلەن ئالىم ئەھەد بىلوگى ئالدىدىكەن ، ياخشى ئەھۋال. 80خالتا بىلوگى ئالدىنقى يىللاردا ياخشى ئىدى، بۇ يىل ئۇ بىلوگنى توپا بىسىپ قالدى، بىرزات ئەپەندى شىركەت قۇردۇم دەۋاتقان ، پۇل تىپىپ بولالماي ئالدىراش ھەقىچان، شۇڭا ئۇ بىلوگقا بىلەت تاشلىمىساقمۇ بولا ، پۇلى جىق بولغاندىكىن بۇ مۇسابىقىدە ئىرىشىدىغان نەرسىلەرنى ياراتمايدۇ،.

ھامان بىر كۇنى گېنرال بولىمەن!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84073
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3072
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 12 سائەت
تىزىم: 2012-8-18
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-22 12:51:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ ئىشقا كەلگەندە قېرىنداشلارنىڭ گۈلەننى قوللىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن .  بوزقىرغا بىرىدىغان بىلەتنىمۇ قۇشۇپلا گۈلەنگە تاشلىدىم (بوزقىرنىڭ ۋاختىنچە بىلوگى بولمىغاندىكىن). ئۇلارغا باشقا ئىش قىلىپ بىرەلمىگەندىكىن مۇشۇ ئىشتا بولسىمۇ قوللاپ قۇيايلى. (گەرچە ئۇلار خەلىقىمىزدىن ھىچ نەرسە تەلەپ قىلماي مىھنەتسىز يېزىۋاتقان بولسىمۇ)

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش