ھىندىستان ئاسىيانىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، جەنۇبىي ئاسىيا 2-قۇرۇقلۇقىدىكى ئەڭ چوڭ دۆلەت. ھىندىستان پاكىستان، جۇڭگو،نېپال، بۇتان، بېرما ۋە بېنگال بىلەن چېگرىلىنىدۇ، بېنگال قولتۇقى ۋە ئەرەب دېڭىزىغا يېقىن، پايتەختى يېڭى دېھلى. ھىندىستاننىڭ يەر يەر مەيدانى 2 مىليون 980 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، يەر مەيدانى جەھەتتە دۇنيا بويىچە يەتتىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، نوپۇسى تەخمىنەن 1 مىليارد 160 مىليون.
ھىندىستان كۆپ مىللەتلىك دۆلەت بولۇپ، نوپۇسى كۆپرەك مىللەتتىن ئونى، نوپۇسى ئازراق مىللەتتىن نەچچە ئونى بار. بۇنىڭ ئىچىدە ھىندىلارنىڭ نوپۇسى %46.3 نى ئىگىلەيدۇ. باشقا مىللەتلەردىن تېلۇگۇلار، بېنگاللار، ماراتخىلار، تامىللار بار. ھىندىستان ئاھالىسىنىڭ تەخمىنەن %80.5 ى ھىندى دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، ئىنگلىز تىلى بىلەن ھىندى تىلى دۆلەت تىلى ھېسابلىنىدۇ.
ھىندىستان دۇنيادىكى تۆت چوڭ قەدىمىي مەدەنىيەتلىك دۆلەتنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا ھىندىستان يات مىللەتلەرنىڭ تاجاۋۇزى، كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ ئىشغال قىلىۋېلىشى ۋە مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقى يۈرگۈزۈش قاتارلىق جەريانلارنى باشتىن كەچۈردى. 1947-يىلى پاكىستان بىلەن ھىندىستان ئايرىلغاندىن كېيىن، ھىندىستان مۇستەقىل بولدى، 1950-يىلى ھىندىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ، ئەنگلىيەنىڭ فېدېراتسىيەسىگە ئەزا بولدى.
ھىندىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن ئىقتىساددا خېلى زور تەرەققىياتقا ئېرىشتى، يېزا ئىگىلىكىدە ئاشلىق ئېغىر دەرىجىدە يېتىشمەسلىكتىن ئاشلىقتا ئۆزىنى ئۆزى ئاساسىي جەھەتتىن قامدىيالايدىغان بولدى؛ سانائەتتە بىر قەدەر مۇكەممەل سىستېما شەكىللەندۈردى، ھازىر ھىندىستاننىڭ ئۆزىنى ئۆزى تەمىنلەش ئىقتىدارى خېلى كۈچلۈك. 20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن بۇيان، مۇلازىمەت كەسپىي تېز تەرەققىي قىلىپ، GDP (ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى)دە ئىگىلىگەن نىسبىتى يىلدىن يىلغا ئاشتى. ھازىر ھىندىستان دۇنيا بويىچە يۇمشاق دېتال، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق مۇلازىمەت كەسپىدىكى مۇھىم ئېكسپورت دۆلىتى بولۇپ قالدى.
ھىندىستاننىڭ بايلىقى مول بولۇپ، 100 خىلغا يېقىن قېزىلما بايلىقى بار، قېزىلما بايلىقلىرى ئىچىدە چىرىمتال مىقدارى دۇنيا بويىچە 1- ئۇرۇندا تۇرىدۇ؛ كۆمۈر ۋە بارىت مىقدارى دۇنيا بويىچە 3-ئۇرۇندا تۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ھىندىستاندىن يەنە گەج،ئالماس،تىتان، تورىي، ئۇران قاتارلىقلار چىقىدۇ. ئورمان كۆلىمى 678 مىڭ 300 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى ٪20.64. ھىندىستاننىڭ ئاساسلىق سانائىتى توقۇمىچىلىق، يېمەكلىك پىششىقلاش، خىمىيە سانائىتى، دورا ياساش،پولات-تۆمۈر،سېمونت، نېفىت ۋە ماشىنىسازلىق قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاپتوموبىل، ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرىنى ياساش، ئاۋىياتسىيە ۋە بوشلۇق قاتارلىق يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان سانائەتلىرىنىڭ تەرەققىياتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تېز تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ.
ھىندىستان يېزا ئىگىلىك چوڭ دۆلىتى بولۇپ، يېزا نوپۇسى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ ٪72 نى ئىگىلەيدۇ. ھىندىستان يەنە دۇنيا بويىچە ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان ئەڭ چوڭ دۆلەتلەرنىڭ بىرى، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى تەخمىنەن 160 مىليون گېكتار بولۇپ، دۇنيا بويىچە تېرىلغۇ كۆلىمىنىڭ %12 نى ئىگىلەيدۇ. )دۆلىتىمىزنىڭ 10%نى ئىگەللەيدۇ)ساياھەتچىلىك ھىندىستاننىڭ نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتقان كەسپى، شۇنداقلا مۇھىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ساھەسى ھېسابلىنىدۇ.
جۇڭگو بىلەن ھىندىستان قەدىمىي مەدەنىيەتلىك دۆلەت، شۇنداقلا تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەتلەر. جۇڭگو بىلەن ھىندىستان 1950- يىلى 1-ئاپرېل دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان. جۇڭگو- ھىندىستان يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئوڭۇشلۇق بولىۋاتىدۇ. 2005-يىلى ئاپرېلدا زۇڭلى ۋېن جياباۋ ھىندىستاندا زىيارەتتە بولدى، ئىككى دۆلەت تىنچلىق ۋە گۈللىنىشكە يۈزلەنگەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنى جاكارلىدى، بۇنىڭ بىلەن جۇڭگو- ھىندىستان مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاندى. جۇڭگو بىلەن ھىندىستاننىڭ ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتىمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تېز تەرەققىي قىلىپ، ئىككى دۆلەت سودا سوممىسى 2005-يىلىدىكى 18 مىليارد 700 مىليون دوللاردىن 2008-يىلى 51 مىليارد 800 مىليون دوللارغا يەتتى. بۇ يىل 60 مىليارد دوللارلىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈشتىن ئۈمىد بار. ھازىر جۇڭگو ھىندىستاننىڭ ئەڭ چوڭ سودا ھەمراھى بولۇپ قالدى، ھىندىستانمۇ جۇڭگونىڭ 9-چوڭ سودا ھەمراھى.