مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1631|ئىنكاس: 39

ئەگەر سىز دوختۇر بولسىڭىز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

barlikim ailam uqun

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8803
يازما سانى: 214
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10999
تۆھپە نۇمۇرى: 540
توردا: 3053 سائەت
تىزىم: 2010-9-1
ئاخىرقى: 2015-1-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-21 03:21:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەگەر سىز دوختۇر بولسىڭىز . . .

شەنبە كۈنى دوستۇمنى يوقلاش ئۈچۈن دوختۇرخانىغا باردىم  ۋە دوستۇم بىلەن ھال-مۇڭ بولۇشۇپ بىردەم ئولتۇرۇپ قالدىم. دوستۇمنىڭ كەيپىياتى شۇنداق ياخشى بولۇپ ئۇنىڭغا قاراپ مەنمۇ خوش بولۇپ قالدىم. ئۇ ماڭا :
- قارا دوستۇم، بۇ قېتىمقى دوختۇرۇم بەك ياخشى ، ماڭا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئۇ دائىم  ماڭا : " ئۆزىڭىزنى خوشال تۇتۇڭ ،سىزنىڭ كېسىلىڭىز ئادەتتىكى كېسەل، پەقەت كەيپىياتىڭىزنى ياخشى تۇتۇپ، بىزگە ماسلاشسىڭىزلا ساقىيىپ كېتىسىز، ئويلاپ بېقىڭە، راك كېسەللەر ھەتتا ياشانغان بوۋاي-مومايلارمۇ شۇنچە ئۈمىدۋارلىق بىلەن ياشاۋاتقان يەردە، سىز نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىلالمايسىز، ئۈمىدۋار بولۇڭ، كەيپىياتىڭىزنى ياخشىلاڭ، روھىڭىزنى چۈشۈرمەڭ . . . " دېگەندەك سۆزلەرنى  قىلىپ ماڭا تەسەللىي بېرىدۇ. شۇڭا ھەر قېتىم دوختۇرۇمنى كۆرگەندە ئۆزەمنى خۇددى ساقىيىپ قالغاندەك ھېس قىلىمەن. ئالدىنقى قېتىم دوختۇرخانىدا ياتقاندا مەسئۇل  دوختۇرۇم ماڭا دائىم: "سىزنىڭ كېسىلىڭىز خېلى بار، كېسەللىك پۈتۈن بەدىنىڭىزگە تارقاپ كېتىپتۇ ، بىز سىزنى كۆڭۈل قويۇپ داۋالىمىغان بولساق ئاللىقاچان ئۆلۈپ كېتەتتىڭىز . . ."دېگەندەك سۆزلەرنى قىلغان ئىدى. مەن ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم ئىنتايىن يېرىم بولغان ھەم يولدىشىمغا ئۇنىڭ گەپلىرىنى دەپ بەرسەم يولدىشىمنىڭمۇ ئاچچىقى كېلىپ:"بولدى، كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ، قاچان ئۆلۈپ كېتىدىغىنىمىزنى خۇدايىم بىلىدۇ . . ." دېگەنىدى.مەن تېخى ھەممە دوختۇرلار شۇنداق بولىدىغان ئوخشايدۇ دەپتىكەنمەن، ئەمەلىيەتتە، كۆيۈمچان دوختۇرلارمۇ بار ئىكەن دەپ كەتتى دوختۇرىنى  ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ.
دوختۇرخانا ئادەم داۋالىنىدىغان،  كېسەللەر  شىپالىق ئىزدەيدىغان ئورۇن . دوختۇر بولسا ئۆزىنىڭ دوختۇرلۇق سالاھىيىتى بىلەن كېسەللەرنى داۋالايدىغان ئادەم. مەن دوستۇمنىڭ يېنىدىن يانغاچ ئويلىنىپ قالدىم، ھەقىقەتەن دوختۇرلارنىڭ سالاھىيىتى، كەسپىي ساپاسىمۇ ئوخشىمايدىكەن. بەزى دوختۇرلار  مۇلايىم، ئىللىق مۇئامىلىسى، كۆڭۈلگە تەسەللىي سۆزلىرى بىلەن كېسەللەرگە دورىدىنمۇ بەكرەك شىپالىق ئاتا قىلسا، يەنە بەزى دوختۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ساپاسىزلىقىدىنمۇ ئېيتاۋۇر كېسەللەرگە كۈچلۈك روھىي بېسىم ئېلىپ كېلىدىكەن.شۇڭا تورداشلارنىڭ مۇشۇنداق ئەھۋالدا ” ئەگەر سىز دوختۇر بولسىڭىز  قانداق قىلاتتىڭىز ؟ “دېگەن تېمىدا مۇنازىرىلىشىپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.



                                                                          مەنبە: قەلىمىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   huxqiray تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-11-21 07:00 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87132
يازما سانى: 2073
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 5528
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 635 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-21 06:30:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەگەر سىز دوختۇر بولسىڭىز

مىنىڭچە دوختۇرلار دەل مۇشۇ دوستۇڭىزنىڭ دوختۇرىدەك بۇلىشى كېرەك .

قايغۇرماڭ ، باتۇرلارچە ياشاڭ ، ئاللاھ ھەرگىز كېرەكسىز ئادەملەرنى ياراتمايدۇ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87132
يازما سانى: 2073
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 5528
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 635 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-21 06:34:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەگەر سىز دوختۇر بولسىڭىز

لىكىن ھازىر بۇنداق دوختۇرلار قالمىدى ، مۇئامىلىسى بەكلا ناچار ، چوڭ - كىچىك ، قېرى - ياش دەپ ئايرىماي قۇپاللىق قىلىدۇ ، گەپ قىلسىڭىز چىرايىڭىزغا قارايدىغانغىمۇ چولىسى يوق تېخى .

قايغۇرماڭ ، باتۇرلارچە ياشاڭ ، ئاللاھ ھەرگىز كېرەكسىز ئادەملەرنى ياراتمايدۇ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79331
يازما سانى: 375
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3795
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 63 سائەت
تىزىم: 2012-4-25
ئاخىرقى: 2013-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-21 06:38:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەگەر سىز دوختۇر بولسىڭىز

مەن دوختۇر بولغان بولسام چوقۇم مەئۇلىيات چان دوختۇر بۇلاتتىم


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85738
يازما سانى: 103
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 547
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 153 سائەت
تىزىم: 2012-10-5
ئاخىرقى: 2014-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-21 06:41:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەگەر سىز دوختۇر بولسىڭىز

ئۇنداق ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغان دوختۇرلا ئاز ،ئشلەپ چارچاپ كەتكەندە مۇئامىلىسى تىخىمۇ ناچارلىشىپ كىتىدۇ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83298
يازما سانى: 1008
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18837
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1403 سائەت
تىزىم: 2012-8-1
ئاخىرقى: 2014-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-21 06:53:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەگەر سىز دوختۇر بولسىڭىز

دوختۇرلارنىڭ بىمارلارنى ئاۋۋال پىسخۇلوگىيە جەھەتتىن روھلاندۈرۈپ داۋالاشى تىببى داۋالاش نوقتىسىدا تەكىتلىنىدىغان مەسىلە.
قىسقا ۋاقىت ئىچىدە جىددى ‹‹باش كۆتىرىش››نى ئالى مەخسەت قىلغان  ئاز ساندىكى سەبداشلىرىمىزدىكى- بۇ خىل توغرا بولمىغان ‹‹قەھرىمانلىققا ئنتىلىش›› روھى ، تىمىدا دىيىلگىنىدەك- داۋالاش نىشانىغا قارشى تەقدىرگە سەۋەپ بولماقتا.
كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىر بولسىمۇ بىمارنى بۇ خىل روھى يۈكتىن خەيرلىك ئىپادىلەر بىلەن يېتەكلەپ ، ئائىلە تاۋاباتىغا بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىدىكى خەتەرلىك ئۆزگىرىشلەرگە ئىددىيە تەييارلىق بولىشىنى تەكىتلەش-تىببى مەسئۇلىيەتتۇر.
مەن بۇ تىمىغا داخىل بولغۇچى دوختۇر بولۇش سۈپىتىم بىلەن تىمىدا شەرھىلەنگەن بىماردىن
كەچۈرۈم سوراش بىلەن بىرگە ئىنكاسىمدا كۆرسىتىلگەن ئەقەللى مىزاننى تەشەببۇس قىلىمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   lawa0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-11-21 07:03 PM  


قىلىچنىڭ قارا دەستىسىنى تۇتۇشنى خالىمىساڭ، ئۇنىڭ ئۆتكۈر بىسىغا دۇچار بولىسەن!
(ئۇيغۇر خەلىق ماقال-تەمسىللىرى)دىن.

ساھىبجامال مەلىكە،

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31508
يازما سانى: 1872
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9545
تۆھپە نۇمۇرى: 495
توردا: 4052 سائەت
تىزىم: 2011-2-23
ئاخىرقى: 2013-12-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-21 07:02:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەگەر سىز دوختۇر بولسىڭىز

نىمە دىگەن ياخشى دۇختۇر ئۇ،مەن ئاسما سالدۇر غاندا سىستىرادىن بىر سى قۇلۇمنى بەك رەك ئاغرىتىپ ئۇكۇل سىلىپ،تىخى ئاسما تۇگەپ چاقىرسا بىمار غا ئاليىپ ۋىيى،ئەگەر مەن سىستىرا بۇپ قالغان بۇلسام بىمار لار مىنى تالشىپ كىتىەتتى.

  بىلىم ھەرقانداق ئادەمگە لازىم مەن بىلىمگە تەشنا بىلىم ئىلىش مىنىڭ ئارزۇيۇم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82554
يازما سانى: 1986
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7404
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1172 سائەت
تىزىم: 2012-7-6
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-21 07:03:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەگەر سىز دوختۇر بولسىڭىز

شاتئاي گەپ قىلمايدىغۇ؟؟!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83340
يازما سانى: 558
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4277
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 232 سائەت
تىزىم: 2012-8-2
ئاخىرقى: 2013-7-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-21 07:10:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەگەر سىز دوختۇر بولسىڭىز

مۇامىلىسى ياخشى دوختۇر ۋە سىستىرالارمۇ ئاز ئەمەس،ھەممە يەرگە مىھىر مۇھابەت سىڭگەن ئەمەسمۇ،بۇندىن كىيىنكى ۋەزيەت  ياخشى دوختۇر سىستىرالارغا مۇھتاج.

دوسلارنى ھەممىدىن ئەلا بىلمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86898
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 61
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 11 سائەت
تىزىم: 2012-11-6
ئاخىرقى: 2013-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-21 07:14:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەگەر سىز دوختۇر بولسىڭىز

مەنمۇ مۇشۇنداق  دوختۇر بۇلاتتىم

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش