تۆۋەندە مېنىڭ تورداشلارغا ئېلىپ كەلگىنىم «يېڭى ئېرا يۇمشاق دېتال تەتقىقات مەركىزى»نىڭ ئىككى ھەقسىز يۇمشاق دېتالى.
1)يېڭى ئېرا لۇغىتى 2.6 نەشىرى: بۇ نەشىرى 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 20 -كۈنى تارقىتىلغان بولۇپ،ئۇنىڭ بۇرۇنقى نەشىرىدىن پەرىقلىنىدىغان يېڭى ئىقتىدارى بولسا،نۇرغۇن ئىچكى خاتالىق تۈزىتىلىش بىلەن بىرگە،ئېكراندىن سۆز تۇرۇش قىسىمى ۋە ئىزدەش قىسىمى ئەلالاشتۇرۇلغان ھەم بۇ نەشىرىدە "ئانا تىلىم لۇغىتى" نىڭ سۆزلۈكى "ئۇيغۇرچە_خەنزۇچە" ۋە "خەنزۇچە -ئۇيغۇرچە " ئىندىكېسلاپ قوشۇلغان،لازىملىق تورداشلارنىڭ چۈشۈرۈپ سىناپ،پىكىر تەكلىپ بېرىشىنى سورايمىز.
تەپسىلاتى ۋە لۇغەت ئامبىرىنى چۈشۈرۈش ئادېرىسى:
http://www.newera.cc/show.asp?id=261
چۈشۈرۈش ئادېرىسى:
http://php.newera.cc/down/EraDic/EraDict2.6.rar
لۇغەتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئۈچۈن چۈشۈرۈپ "ياردەم" دىن ياردەم ھۆججىتىنى تەپسىلىي ئوقۇۋېتىشىڭىزنى تەشەببۇس قىلىمىز.
2)QQ غا ئۇيغۇرچە ئەۋەتكۈچ 1.88 نەشىرى:بۇ نۇسخىسى 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 21 -كۈنى تارقىتىلغان بولۇپ،بۇ بىر QQ ئالاقىلىشىش قورالىدا كومپىيوتېردا ئالاقىلەشكەندە قارشى تەرەپ بىلەن ئۇيغۇرچە پاراڭلىشىشتا يېزىق كىرگۈزۈش ياردەم قورالى بولۇپ،بۇ دېتال ئارقىلىق خەت يېزىپ ئەۋەتكەندە قارشى تەرەپ ھېچقانداق ئۇيغۇرچىگە ئائىت دېتال قاچىلىمىسمۇ نورمال كۆرەلەيدۇ،چۈنكى يېزىق رەسىم شەكلىدە بارىدۇ. بۇ نۇسخىسدا بەزى ئىچكى خاتالىقلار تۈزۈتىلدى ھەم تۆۋەندىكىدەك ئىقتىدارلار مۇكەمممەلشتۈرۈلدى،يوللىغان خەتنى يەنە قايتا يوللىماقچى بولسىڭىز ئاستى ئىستىرېلكا بەلگىسى "↓" نى بېسىپ بۇرۇن يازغان مەزمۇننى كىرگۈزەلەيسىز ۋە دائىملىق سۆزلەرنى ئۆزىڭىز بەلگىلىيەلەيسىز، ھەرخىل يۇنىكود تۇنىمايدىغان دېتاللاردا يېزىق بىر تەرەپ قىلغۇچىلار ئۈچۈن،تەھرىرلىگۈچ قىسىمىدىكى "خىيالدىن كۆچۈرۈش" تېخىمۇ كۈچەيتىلدى.
تارقاتقۇچى بېكەتتىكى تەپسىلاتى:
http://www.newera.cc/show.asp?id=252
چۈشۈرۈش ئادېرىسى:
http://www.newera.cc/down/UYSender/UYSender.rar
بۇ دېتالدىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىش ئۈچۈن دېتالنى تۇنجى قوزغتقاندا چىققان ياردەم ھۆججىتىنى ياكى "يوللاش" كۇنۇپكىسى يېنىدىكى "؟" بەلگىسى بار كۇنۇپكىنى بېسىپ ياردەم ھۆججىتىنى تەپسىلىي ئوقۇپ چىقىشىڭىزنى تەشەببۇس قىلىمىز.
يۇقارقى ئىككى دېتالنىڭ ياردەم ھۆججىتى Word ھۆججىتى بولۇپ،ياردەم ھۆججىتىنى ئاچالمىسا بۇ كومپىيوتېرىڭىزغا Word نىڭ قاچىلانمىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ،ئۇنداقتا Word نى قاچىلىسىڭىز ياردەم ھۆججىتىنى نورمال كۆرەلەيسىز.
سەمىمىي ئەسكەرتىش:ئەگەر بۇ دېتاللار باشقا تور بەتتە تارقىتىلسا ،يۇقارقى ئىككى دېتالدا بايقالغان خاتالىقلارنى ۋاقتىدا تۈزۈتۈپ تېخىمۇ كۆپ تورداشلارغا مۇكەممەل ،يېڭى نۇسخىسىنى ۋاقتىدا تەمىنلەش ئۈچۈن دېتال ۋە ئامبارنى ئەسلى مەنبەدىنلا چۈشۈرۈش تەمىنلەنسە.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yasin417 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-11-21 01:31 PM