مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2954|ئىنكاس: 36

كۈلگەنلەر كۈلىۋەرمەيدۇ داۋامىنىڭ يېرىمى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78185
يازما سانى: 637
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5862
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 290 سائەت
تىزىم: 2012-3-31
ئاخىرقى: 2015-5-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-21 01:07:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                     mawzu222.jpg


                                                       داۋامىنىڭ يېرىمى...........................

ئانارگۈل ئوخشىغان پولونى يەپ،شىخوغا قاراپ يولغا چىقتى.ئاپتۇبۇس غەربكە قاراپ يۈرمەكتە،ئانارگۈل ھاياجاندا تالاغا قاراپ ئولتىراتتى،شىخوغا ئاز قالغانسىرى ئۇنىڭ يادىغا ئاتا-ئانىسى،قېرىنداشلىرى،يىقىن دوسىتلىرى كىلەتتى،ئۆمەرجان يەنىلا بۇنىڭ سىرتىدا.
ئانارگۈل شىخوغا كەلدى،ئۇ ئاپتۇبۇستىن چۈشۈشىگە،گۈزەل شىخو ئانارگۈلنى قارشى ئېلىۋاتقاندەك تۇيۇلدى،قار ئۇچقۇنلىرى شامالغا ئەگىشىپ لەرزان لەپىلدىمەكتە.ئانارگۈل ئۆيگە كىلىپ ئاتا-ئانىسى،ئاكىلىرى،ھەدىلىرى بىلەن كۆزيىشى قىلىپ كۆرۈشتى،ھاردۇق ئىشى ئىچكەچ خوتەندە بولغان ئىشلارنى قىسقىچە سۆزلەپ ئۆتتى.شۇ مىنۇتلاردا ئانارگۈلنىڭ كىچىك ھەدىسى ئامانگۈل ئۆمەرجانغا تېلىفون قىلىپ ئانارگۈلنىڭ ئامان-ئىسەن شىخوغا كەۋەلغانلىقىنى خەۋەرلەندۈردى.ئانارگۈلنىڭ ئۆيىدىن توختىماستىن كۈلكىلەر ياڭرايىتتى.ھەممە بۇ ئوماق قىزنىڭ كەلگىنىگە خۇشال ئىدى،ئانارگۈل شىخوغا كەلدى،ئۇنىڭ ئالدىراش كۈنلىرى باشلاندى،ئەمما ئۆمەرجانغا يەنىلا تېلىفون قىلالمايىتتى.
ئۆمەرجاننىڭ سېغىنىشلىق كۈنلىرى داۋاملاشماقتا،ئانارگۈلنىڭ ئاچىسىغا تېلىفون قىلىپ ئانارگۈل بىلەن ئانچە-مۇنچە پاراڭلىشىۋالمىغىنىنى ھىسابقا ئالمىغاندا بۇ قىش ئۇنىڭغا ئىنتايىن مەنىسىز بىلىندى.

مەن يالغۇزمەن،ئاي ماڭا ھەمراھ،

چەكسىز سوئال سورايمە ئايدىن.

سېغىنىش ئىچىدە ئۆتمەكتە ئۆمرۈم،

كۆرۈنەر يار سىماسى،ئاينىڭ نۇرىدىن.


ئۆمەرجان بۈگۈن شىركىتىدە يالغۇز،ھاراق ئۇنىڭغا ھەمراھ.ئۇ نىمىشقا ماڭا تېلىفون قىلمايدۇ؟يالغۇز ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچكۈسى كەپ قالدىمۇ يا؟بوپتۇ،ئۇنى يالغۇز قوياي،ئىچكىن ئاداش،ئاشۇ ھاراق قەلب ياراڭنى داۋالىيالىسا ئىچكىنىڭگە مەن رازى.

ئۆمەرجان ھاراق ئىچتى،ئىچكەندىمۇ مەس بولغۇچە ئىچتى،ھاراق راستىنلا ئۇنىڭ قەلب يارىسىغا داۋا بولغانمىدۇ؟ئۇ ئانارگۈلنىنىمىشقا بۇنچىۋالا ياخشى كۆرىدۇ؟ئانارگۈل نىمە ئۈچۈن ئۆمەرجاننى قۇبۇل قىلمايدۇ؟يەنە شۇ ئاتالمىش "كۆڭۈل"نىڭ سەۋەبىدىن ما؟بۇ سوئاللارنىڭ ھەممىسى جاۋاپسز سوئاللاردۇر.

ئانارگۈل بۇ قىشنى دوسىتلىرى بىلەن كۆرۈشۈش،ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى يوقلاش،ئاپىسىغا ياردەملىشىپ ئۆي ئىشلىرىنى قىلىش بىلەن ئۆتكۈزدى.ئۆمەرجان بىلەن ئاچىسىنىڭ تېلىفونىدا پاراڭلىشىپ تۇردى.يۈزتۇرانە كۆرۈشۈش بۇ ئىككى ياش ئۈچۈن يىراق ئىدى.

ئۆمەرجان خىزمەت بىلەن مەشغۇل،ئۇنىڭ قولى ئىشتا بولغىنى بىلەن ئەس يادى ئانارگۈلدە.ئانارگۈل بىلەن بىر قىتىممۇ كۆرۈشەلمىگەن يىگىت ھاراقتىن ئۆزىگە تەسەللىي تاپاتتى.قىشنىڭ ئاچچىق سوغۇقى داۋاملاشماقتا ئىدى،كونىلارنىڭ ئېيتىشىچە نەچچە ئون يىلدىن بېرى بۇنداق قاتتىق سوغۇق بوپ باقمىغان ئىكەن،يەرلەر يېرىلىپ،تېرەكلەر ۋاراسلاپ ئىتىلغان،قىشىچە ياغقان قاردىن دەرەخ شاخلىرى سۇنغان ئىدى.سوغۇق مۇشۇنداق بولىۋەرسە يەر يۈزىدىكى پۈتۈن جانلىق توڭلاپ قالىدىغاندەك بىر تۇيغۇ ساراسىمگە سالاتتى.

قىشلىق كانىكولنىڭ ۋاقتى توشۇپ،خوتەنگە مىڭىشقا تەييارلانغان ئانارگۈل ھېچكىمگە قىيمايىتتى،ئوقۇش مەجبۇرىيىتى ئۇنى ئاشۇ يىراق يۇرىتقا سۆرەيىتتى.ئانارگۈل دۇئا بىلەن يولغا چىقتى،ئۆمەرجان يىراقتىن تۇرۇپ ئانارگۈلگە ئامانلىق تىلىدى.ئاپتۇبۇس قوزغالغاندىن كىيىن شىركەتكە قايىتتى.

ئۆمەرجاننىڭ كۈنلىرى چەكسىز سېغىنىش،ئانارگۈلنىڭ تاتلىق كۈلۈمسىرەشلىرىنى تەسەۋۋۇر قىلىش بىلەن ئۆتىۋاتاتتى.ئانارگۈلنى يازلىق تەتىل بولۇپ قايتىپ كەلگۈچە ساقلاش،ئۆمەرجاننىڭ پىشانىسىگە پۈتۈلگەنىدى.بۇ قىتىم ئۇ،ئانارگۈلگە خەت يىزىش ئارقىلىق قەلب سىرلىرىنى خەت ئارقىلىق دىيىش قارارىغا كەلدى.

ئانارگۈل مەكتەپكە كەلگەنگە بىر ھەپتە بولدى،ياتاقتىكى 7 گۈزەل قىز قايتىدىن جەم بولدى،ئۇلار ئۆز يۇرىتلىرىدا بولغان قىزىق ئىشلارنى توختىماي سۆزلىشەتتى.

ئانارگۈل بۇيەرگە ئوقۇشقا كەلگىنىگە بىر ئاي بولا بولمايلا نۇرغۇن يىگىتلەرنىڭ تەلەپ خىتىنى تاپشۇرۇپ ئالدى.ئاشۇ يىگىتلەرمۇ ئۆمەرجانغا ئوخشاش قايتا-قايتا رەت قىلىندى.ئابلىمىت ئىسىملىك قەشقەرلىق ئوتتۇرا بوي،بۇغداي ئۆڭ،قارا قاش،قاڭشارلىق كىلشكەن يىگىت ئانارگۈلگە كۆيۈپ يۈرگىلى يېرىم يىل بولدى،سۆيگۈ توغرىسىدا سۆز ئېچىش نۆۋىتى ئابلىمىتقا كەلگەنىدى،ئابلىمىت ئانارگۈلنىڭ ئۆز تەلىپىگە قوشۇلماسلىقىدىن ئەنسىرەيىتتى.ئۇنىڭ ئوي خىيالى ئانارگۈل ئىسىملىك شىخونىڭ گۈلى بىلەن يۈرۈش،ئۇنى قايىل قىلىش،توي قىلىش...........

ئابلىمىت ئىللىق باھار پۈتۈن زىمىننى ھارارەتلەندۈرىۋاتقان خاسىيەتلىك نورۇزدا ئانارگۈلگە تەلەپ خىتى يازدى،ئانارگۈل خەتنى قولىغا ئىلىپ ئىككى كۈندىن كىيىن دەرىستىن چۈشكەن ۋاقىتتا كارىدوردا دۇقۇرۇشۇپ قالدى،ئانارگۈلنىڭ توم،قارا چاچلىرىمسۈتتەك تېرىسى،ئالمىدەك قىزارغان يۈزلىرى ئابلىمىتنى خىيال دىڭىزىغا غەرق قىلىۋەتتى،شۇ تاپتا ئابلىمىت ئانارگۈلنىڭ چوغدەك مەڭزىگە "چوككىدە"بىرنى سۆيىۋالغۇسى كەلدى.

-ئانارگۈل،دىدى-ئابلىمىت،خىتىمنى كۆردىڭىزمۇ؟ئويلىنىپ بولدىڭىزمۇ؟سىزگە دىسەم سىزنى ياخشى كۆرگىلى خىلى ئۇزۇن بولدى،ئۇزۇندىن بېرى ئېغىز ئاچالمىدىم،سىزنى چىن دىلىمدىن سۆيىدىغانلىقىمغا ئىشىنىڭ،خەتتىكى گەپلىرىمنى ياخشى ئويلىنىڭ،قارارىڭىزنى كۈتىمەن.

-ماقۇل،مەن ئولىنىپ كۆرەي.

ئابلىمىت ئانارگۈلگە دىگەن گەپلىرىنىڭ قانداق ئىلھام بىلەن چىققىنىغا ھەيران قالسا،ئانارگۈل ئابلىمىتنىڭ دىگەن گەپلىرىدىن يۈزى قىزىرىپ ياتىقىغا ئىتتىك يۈگۈرۈپ كەتتى.

شۇنداق قىلىپ ئابلىمىت بىلەن ئانارگۈل يۈرۈپ قالدى،ئانارگۈل شۇنچە يىگىتلەر تەلەپ قويسا ئۇنىماي نىمە ئۈچۈن ئابلىمىت بىر قىتىم تەلەپ قويغىنىغا ئابلىمىت بىلەن يۈردى؟ئۆمەرجان يېرىم يىل ساقلىسا ئۆمەرجان بىلەن بىلەن نىمىشقا يۈرمىدى؟بۇ سوئاللارغا ئانارگۈل ئۆزىمۇ جاۋاپ بېرەلمەيدۇ.سىنىپتىكىلەر ئابلىمىتقا ھەۋەس بىلەن قارايىتتى،ئابلىمىت مەغرۇر ھالەتتە ئانارگۈل بىلەن تاماقنى بىللە يەيىتتى،يامغۇر سەيلىسى قىلاتتى......ئانارگۈل بىلەن ئابلىمىت خۇشال ئۆتىۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئانارگۈل ئۆمەرجاننىڭ بىر پارچە خىتىنى تاپشۇرۇپ ئالدى.

سېغىنىشلىق سالام خەت

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم!قەدىرلىك ئانارگۈل،اللە تائالانىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن كۈنلىرىڭىز ياخشى كىتىپ بارامدۇ؟ئەگەر ياخشى كىتىپ بارغان بولسا دۇئايىم ئىجابەت بوپتۇ،سىزنى سېغىندىم،سىزنى ئەسلىدىم،يىنىمدا سىز يوق.يۈرەك سۆزلىرىمنى خەت ئارقىلىق سىزگە سۇندۇم،خىتىمنىڭ مەزمۇنىغا دىققەت قىلغايسىز!

كۆڭلۈمگە شۇ سەۋدانىڭ كىرىپ قالغىنىغا ئۆزۈممۇ ھەيران،بىراق ئوت چۈشكەن ئىكەن،ئۇ ھامىنى كۆيىدۇ.ئەخلەت چاۋاغا ياكى پىچانغا ئوت كەتسە ئۆچۈرىۋالماق ئوڭاي بولغان بىلەن،كۆڭۈلگە چۈشكەن ئوتنى ئۆچۈرىۋالماق ئۇنچە ئاسان ئەمەس.مىنىڭ سىزنى بۇنچىۋالا ئاۋارە قىلغۇم يوق،لىكىن سىزدىن كىچەلمەيمەن.شۇڭا كۆڭلۈم يوق دەپ ماڭا پەش قىلماڭ،كۆڭلۈم يوق دىگەن گەپنى قىلغۇچە بولماڭ.سىز مىنىڭ تۇنجى سۆيگۈنۈم،سىز مەن ئۈچۈن ھەممە ئادەمدىن قەدىرلىك،ھەممە ئادەمدىن چىرايلىقسىز!سىز پەقەت قەلبىڭىزنىڭ بىر بۇرجىكىدىن مەندەك مىسكىنگە پاناھگاھ بەرسىڭىزلا بولدى،مەن شۇنىڭغا قانائەت قىلىمەن.يىڭى تىككەن كۆچەتمۇ باغۋەننىڭ قولىغا چۈشسە ئاسانلا ئاينىپ،كۆكلەپ مىۋە بېرىدىكەن.مەن ئۆزۈمنى سىزدەك تۇرمۇش ئوچاقلىرىدا پىشىپ تاۋلانغان باغۋەنگە تاپشۇرماقچى،كۆڭلۈمنى قايتۇرمىغايسىز.ئانارگۈل،ھەپتە ئىلگىرى چۈشۈمدە سىزنى كۆرۈپتىمەن.ئىككىمىز باغدا ئايلىنىپتىمىز،سىزنىڭ مەڭزىڭىزگە سۆيۈپتىمەن،سىز ئالمىدەك قىزىرىپسىز.ئاشۇ چۈشنى كۆرۈپ قانچىلىك ئازابلانغانلىقىمنى بىلەمسىز؟دەرد ھەسرەت ئىلكىدە ئۆز گۆشۈمنى ئۆزۈم يىگۈدەك بولۇپ،نەچچە كۈن ئەس ھوشۇمنى يوقاتتىم.راستىنى دىسەم سىزدىن ئايرىلىپ قالسام ياشىيالمىغۇدەكمەن.باشلىقىممۇ مىنى ئىشخانىسىغا چاقىرىپ كىرىپ ئايرىم سۆزلەشتى.مىنىڭ بۇنچە چۈشكۈنلىشىپ كىتىشىمنىڭ سەۋەبىنى سورىدى.مەن ئۇنىڭغا نىمە دەيمەن؟ نىمە دىيەلەيمەن؟سىزگە بۇ خەتنى يىزىپ ئولتۇرۇپتىمەن،ئەگەر ئەمدى رەت قىلسىڭىز خىزمىتىمنىمۇ تۈزۈك ئىشلىيەلمەيدىغاندەك قىلىمەن.مەن ئىرادىسىز يىگىت ئىكەنمەن،مۇھەببەتتىكى ھەرقانداق زەربىگە بەرداشلىق بېرىشىم مۇمكىن ئەمەس ئوخشايدۇ،سىزمۇ مىنى چۈشىنىڭ.سوغۇق شامال كېزىپ تۇرغان قەلبىمگە سىزدىن باشقا ئادەمنى باشلىيالمايمەن.پەقەت سىزلا قەلبىمگە ئىللقلىق بەخىش ئىتەلەيسىز.سىزگە دەيدىغان نۇرغۇن سۆزلىرىم بار ئىدى،بەك ھاياجانلىنىو كەتكەچكە ئۇلارنى يوقىتىپ قويدۇم.بىراق سىزنى مەڭگۈ يوقىتىپ قويمايمەن.بۇنڭىغا قەتئىي ئىشىنىڭ.ناۋادا سىزنىڭ مۇھەببىتىڭىزگە ئېرىشەلمىسەم،سىزگە بولغان پاك سۆيگۈمنى ئۆزۈمگە بىر ئۆمۈر ھەمراھ قىلىپ،يەككە-يىگانە ئۆتۈپ كەتكۈم بار.بۇ منىڭ خۇدانىڭ نامى بىلەن بەرگەن قەسىمىم.خىتىمنىڭ ئاخىرىدا سىزگە ئاپتورى مەلۇم بىرىنىڭ مۇنۇ مىسرالىرىنى قالدۇرماقچىمەن.

دۇنيادا ھەممە نەرسە تۈگەيدۇ قۇرۇپ،

پاك مۇھەببەت قالىدۇ،مەڭگۈلۈك بولۇپ.

خىتىم بەكلا تاققا-تۇققا بوپ قالدى،سىزنى كۆڭلۈمنى چۈشىنىدۇ دەپ ئويلايمەن.خەيىر،جاۋابىڭىزغا تەشنامەن!

يەككە-يىگانە ئاشىقىڭىز:ئۆمەرجان مۇھەممەت

2011-يىل 25-ماي

ئانارگۈل ئۆمەرجاننىڭ خىتىگە تېلىفون ئارقىلىق جاۋاپ قايتۇردى.

-ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم!ئۆمەرجانما؟

-ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام! ھەئە،مەن.ئانارگۈل،قانداق ئەھۋالىڭىز؟

-ياخشى. گەپنىڭ ئۆزىنى قىلىشايلى،خىتىڭىزنى تاپشۇرۇپ ئالدىم،سىزگە 1 يىلنىڭ ئالدىدا دىگەنمەن،ئۈمىد كۈتمەڭ دەپ.بىلەمسىز؟مەن بىر قەشقەرلىق بالا بىلەن يۈرىۋاتىمەن.1 ئايدىن ئاشتى.باشقا گەپ بولمىسا قويىۋەتتىم،ئاللاھقا ئامانەت!

-ئانارگۈل............

تېلىفون تورۇپكىسىنى تۇتۇپ نىمە قىلارىنى بىلمەي تۇرغان ئۆمەرجان ئانارگۈلنىڭ بايىقى دىگەن گەپلىرىنى ئەسلىدى،ئانارگۈلنىڭ گىپى ئۇنىڭ قۇلىقىغا قايتا-قايتا ئاڭلىناتتى،كۈچلۈك جاراڭلايتتى.ھازىر ئاسمان ئۆرۈلۈپ،پۈتۈن جاھان يېرىلىپ دىگەندەك تەسەۋۋۇرلار ئۆمەرجاننىڭ شۇ تاپتىكى دىل ئازابىغا توغرا كەلمەيىتتى.ئاشىقلىق ئازابى،1يىلدىن بېرى كۈتىۋاتقان يالغۇز،پاك قەلب ھازىر ياش تۆكتى،ھازىر ئۇنىڭ كۆزىدىن ئەمەس يۈرىكىدىن ياش ئاقتى،ياش ئەمەس قان ئاقتى.بۇ شور پىشانە يىگىت ئانارگۈلنىڭ ئاشۇ گىپى ئۈچۈن مەيۈسلەنگەندە،1يىلدىن بېرى كۈتكەن كۈنلىرىگە،مۇھەببەتكە تولغان ساپ قەلبنىڭ ئاچچىق بولغىنىغا ئىچىندى.ئاشۇ بىر ئېغىز سۆز ئۈچۈن بىر ھەپتە تۈزۈك تاماقمۇ يىمىدى.كۆڭۈل مانا مۇشۇنداق نەرسە،بىر-ئىككى يىلدىن بېرى ياخشى كۆرگەن،سۆيگەن،بارلىقىنى ئاتىۋەتكەن يۈرەكنى رەت قىلىپ تونۇشقىلى 5-6 ئاي بىر يىڭى ياچە يۈرەكنى قۇبۇل قىلدى.قۇمۇش پىشقاندا پۆپۈكى توزۇيدۇ،ئامىتىڭ قاچقاندا يەۋاتقىنىڭمۇ زەھەر تېتىيدۇ.نەپەس ئالمىقىڭمۇ تەسكە توختايدۇ.بۇنداق كۈننىڭ ئۆز بىشىڭغا ئەمەس،دۈشمىنىڭنىڭ بىشىغا كىلىدىغىنىدىنمۇ ھەزەر ئەيلە.

ۋاقىت توختاۋسىز ئۆتۈپ تۇرىدۇ،كۈنلەر بىر-بىرىنى قوغلاپ يۈرۈپ ھەپتىلەرنى باشلاپ كىلىدۇ،ئادەمگە بەزىدە ۋاقىت توختاپ قالغاندەك بىلىنگەن بىلەن،بەزىدە قانداق ئۆتۈپ كەتكىنىنى تۇيماي قالىدىغان چاغلىرىڭ بولىدۇ.ۋاقىتنىڭ تېز ياكى ئاستا ئۆتىشى سىنىڭ كەيپىياتىڭغا باغلىق.سەن ھېچ ئىشنى ئويلىماي،ئۆزۈڭنى خۇشال سەزگىنىڭدە ۋاقىت تېز ئۆتىدۇ،كۆڭلۈڭنىڭ ئارامى بۇزۇلغان،بېشڭنى ئېغىر غەم بۇلۇتلىرى قاپلىۋالغان چاغدا بولسا ۋاقىتنىڭ چاقى تولىمۇ ئاستا ئايلىنىدۇ.كاللاڭ ھېچ نەرسىنى ئويلاپ يىتەلمەي،ئۆزۈڭنى چۈش بىلەن رىئاللىق ئوتتۇرىسىدا يۈرگەندەك سەزگىنىڭدە ۋاقىتنىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكىنىنى يەنىلا سەزمەي قالىسەن.

ئۆمەرجاننىڭ پەرىشانلىقى بۈگۈن باشقىدىن كۈچەيدى.


داۋامى بار.................




ئىسىل ياشا،ياشلىق ئەمەسمۇ......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85014
يازما سانى: 662
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1470
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 325 سائەت
تىزىم: 2012-9-13
ئاخىرقى: 2013-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-21 01:07:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇللۇق يېزىپلا ۋەتسىڭىز بولمامتى؟ يەنە ئاخىرى يوق    بۇنداق ئوقىسا بەك چۈشىنىكسىز بولىدىكەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85143
يازما سانى: 280
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 884
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 357 سائەت
تىزىم: 2012-9-16
ئاخىرقى: 2014-1-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-21 01:51:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆمەر جان بىلەن ئانارگۈلنىڭ كەلگۈسىگە قىززىقۋاتمە ؟ داۋامىنى داۋاملىق يوللاڭ .

ھايۋاننىڭ ئالىس

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18426
يازما سانى: 684
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8912
تۆھپە نۇمۇرى: 303
توردا: 2532 سائەت
تىزىم: 2010-11-21
ئاخىرقى: 2015-1-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-21 01:52:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى قانداق بوپ كىتەر بۇ ھىكايىڭىزنىڭ داۋامىنى كۆرۈپ بوپ بىراقلا يازاي ھە ئىنكاسنى  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87430
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 26
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 5 سائەت
تىزىم: 2012-11-19
ئاخىرقى: 2012-11-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-21 02:00:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرىغا تەشنا مىەن     بۇ ئەسەرنى ئاۋازلىك ئەسەر قىلىپ چىقارسا ياخشى بولغۇدەك

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77213
يازما سانى: 557
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4146
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 166 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2014-12-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-21 02:27:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئون كۇلكىنىڭ بىر يىغىسى بار.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87404
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 20
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2 سائەت
تىزىم: 2012-11-18
ئاخىرقى: 2012-11-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-21 02:35:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرىغا تەشنا مىەن   

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87376
يازما سانى: 605
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 854
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 35 سائەت
تىزىم: 2012-11-18
ئاخىرقى: 2013-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-21 02:40:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىچۈ

مۇنبەردە قالايمىقان پۈچەك ئىنكاس يازماڭ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78185
يازما سانى: 637
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5862
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 290 سائەت
تىزىم: 2012-3-31
ئاخىرقى: 2015-5-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-21 03:12:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
╰︶ ̄原地守候 يوللىغان ۋاقتى  2012-11-21 01:07 PM
تۇللۇق يېزىپلا ۋەتسىڭىز بولمامتى؟ يەنە ئاخىرى يوق    بۇ ...

مىنىڭمۇ تولۇق يىزىۋەتكۈم بار ئىدى،ئۈلۈشكۈن شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا 28 سائەت قار يىغىپ،كىچىچە ئىشلىدىم،تۆنۈگۈن چۈشتىن كىيىنمۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا قاتناشقا چەك قويدۇق.ئاخشام ئاران 5 سائەتلا ئۇخلىيالىدىم. ئاخشام بۇ ھىكايىنىڭ داۋامىنى بىراقلا يىزىۋىتەي دەپ شۇنداق تىرىشتىم،ئەمما بىشىم قىيىپ،بىئارام بوپ كەتتىم. توغرا چۈشىنىشىڭلارنى سورايمەن.

-ئاپتوردىن

ئىسىل ياشا،ياشلىق ئەمەسمۇ......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78185
يازما سانى: 637
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5862
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 290 سائەت
تىزىم: 2012-3-31
ئاخىرقى: 2015-5-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-21 03:13:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
DARITYAMAN يوللىغان ۋاقتى  2012-11-21 01:51 PM
ئۆمەر جان بىلەن ئانارگۈلنىڭ كەلگۈسىگە قىززىقۋاتمە ؟ د ...

خۇدايىم بۇيرىسا 5 كۈن ئىچىدە يوللىنىدۇ.سىزگە خەۋەر قىلىمەن.

ئىسىل ياشا،ياشلىق ئەمەسمۇ......
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش