مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4048|ئىنكاس: 49

«زەرەپشان دەرياسى» ئەمەس، «يەكەن دەرياسى» يەر ناملىرىنى توغرا ئاتاشن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

سىز 365 كۈن ياشىدى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45730
يازما سانى: 677
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3381
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 1721 سائەت
تىزىم: 2011-6-26
ئاخىرقى: 2014-8-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-21 12:31:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

«زەرەپشان دەرياسى»ئەمەس،«يەكەن دەرياسى» يەر ناملىرىنى توغرا ئاتاشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى

      تۇرمۇشىمىزدا دائىم دېگۈدەك يەر ناملىرى بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرىمىز، پىكىر قىلغان ۋاقتىمىزدىمۇ يەر ناملىرى بىزگە ھەمراھ بولۇپ تۇرىدۇ.كىشىلەر ئارا،بولۇپمۇ دۆلەتلەر ،رايونلارئارا ئالاقىمۇ يەر ناملىرىدىن ئايىلالمايدۇ.قىسقىسى،بىز مۇئەييەن جۇغارپىيەلىك شارائىتتا ياشايدىغانلىقىمىز ئۈچۈن، ئەمەلىيەتتە بالىلىق دەۋرىمىزدىن تارتىپلا يەر ناملىرى ئارىسىدا  ياشايمىز. يەر ناملىرى بىر خىل ئىجتىمائىي ھاىسە . ئۇ، ئىنسانلارنىڭ ئالاقە ۋە تەبىئەت بىلەن ئېلىپ بارغان كۈرىشىنىڭ نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن بولۇپ، قەدىمدىن بۇيان ئىنسانلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى ۋە ئىجتىمائىي پائالىيىتىنىڭ تەرەققىياتى داۋامىدا،بىر دكلەتنىڭ تاشقى ئىشلىرى ، دۆلەت مۇداپىئەسى، ئىقتىسادى، مىللەتلەر سىياسىتى، پوچتا ئالاقىسى، كارتوگرافىيە  ۋە ئاخبارات ئىشلىرىدا ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتۇپ كەلگەن. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا،يەر ناملىرى«بىر خىل ئىجتىمائىي ھادىسە»لا بولۇپ قالماستىن، بەلكى دۇنياۋى سەنئەتكە ئىگە مەدەنىيەت ھادىسىسى، ئىنسانلار بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە بولۇش بىلەنلا كەڭ تەبىئەت دۇنياسى ۋە تەبىئەت ھادىسلىرى، ھەر خىل نامەلۇم شەيئىلەر بىلەن ئۇچراشقان. ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئىجتىمائىي ئالاقىنىڭ كۈچىيىشىگە، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي ئالاقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تىلنىڭ پەيدا بولۇشىغا ئەگىشىپ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تۇرالغۇلىرىنى ۋە باشقا دائىم پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان جايلارنى ھەر خىل ناملار بىلەن ئاتاپ، ئۆزلىرىنىڭ بەلگە، نىشانى سۈپىتىدە قوللانغان. بۇنىڭ بىلەن ئەڭ دەسلەپكى ئىدىيە سىڭدۈرۈۋېتىلگەن يەر ناملىرى بارلىققا كەلگەن ھەم تەرەققىي قىلغان.

      ئىنسانلار ئۆزلىرى ماكان تۇتۇپ ياشاۋاتقان زېمىندىكى ئاشۇ تۈرلۈك –تۆمەن يەر باملىرىنىڭ قانداق كېلىپ چىققانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئۆزگىرىپ تەرەققىي قىلغانلىقى توغرىسىدا ئۇزاق زامانلاردىن بېرى ئىزدىنىپ كەلگەن. قەدىمىكى يۇنان، رىم، ئەرەب ۋە جۇڭگو تارىخچىلىرى، جۇغراپىيەچىلىرى، تىلشۇناس ۋە ئارخېئولوگلىرى يەر ناملىرىنى چۈشەندۈرۈرۈشكە، تەتقىق قىلىشقا ئەھمىيەت بەرگەن ھەم ئەتراپلىق كىرىشكەن، ئوتتۇرا ئەسىرگە كەلگەندە يەر ناملىرى توغرىسىدىكى بۇ خىل ئىزدىنىش خېلى زور نەتىجىگە ئېرىشكەن. ئوتتۇرا ئەسىردە يېقىن شەرق ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەزى يەر ناملىرى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغانلار ئىچىدە ئاتاقلىق ئالىمىمىز مەھمۇد كاشىغەرىي ئۆزىنىڭ پارلاق ئىلمىي تۆھپىسى بىلەن ئومۇم ئېتىراپ قىلغان ۋە قەدىرلەيدىغان مەشھۇت توپونېمىست (يەر ناملىرى ئىلمى ئالىمى) سۈپىتىدە تارىختىن ئورۇن ئالغان.                                       

        يەر ناملىرىنى تەتقىق قىلىش ئىشى سۇبيېكتىپ ئارزۇ بولماستىن، بەلكى ئوبيېكتىپ زۆرۈرىيەت. بۇنداق زۆرۈرىيەت ئالىمىدىن ئەركىنلىك ئالىمىگە ئۆتۈش مەقسىتىگە قىسمەن قىزىقىش، ھەۋەس قىلىش ياكى مەلۇم مۇددەتلىك مەمۇرىي تەسكىللەشكە تايىنىپلا يەتكىلى بولمايدۇ، ئۇ مەخسۇس يەر ناملىرى تەتقىقاتى ۋە يەر ناملىرى ئېلمىنىڭ قانۇنىيەتلىرى بويىچە ئىشلىنىدۇ. يەر ناملىرى تەتقىقاتىنى مۇكەممەل ئىلمىي ئاساسقا ئىگە قىلىش ۋە نىسبەتەن توغرا نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، تۆت خىل كەسىپ ئەھلىنىڭ، يەنى جۇغراپىيە، تارىخ، تىلشۇناسلىق ۋە ئارخېئولوگىيە ساھەسىدىكىلەرنىڭ بىرلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. يەر ناملىرى ئىلمى جۇغراپىيە، تىلشۇناسلىق، تارىخ ۋە ئارخېئولوگىيە پەنلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان مۇستەقىل بىر پەن. شۇڭا، ئۇ ئۆز تەتقىقاتىدا كۆپ پەننىڭ مېتودلىرىدىن پاييدىلىنىدۇ. يەنى بۇ تۆت خىل كەسىپنىڭ ئومۇم ئېتىراپ قىلغان مېتودلىرىدىن پايدىلىنىپ بىر خىل مەقسەت ئۈچۈن كۆپ تەرەپلىمىلىك تەتقىقات ئېلىپ بارىدۇ. شۇڭا، دۇنيانىڭ، جۇڭگونىڭ، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يەر ناملىرىنى تەتقىق قىلىش تىلشۇناس، تارىخشۇناس، ئارخېئولوگ ۋە جۇغراپىيە- چىلەرنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن جاپالىق، لېكىن شەرەپلىك ھەم مۇقەددەس خىزمەتتۇر.         

1.يەر ناملىرى تەتقىقاتىنىڭ ئىتراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى            

يەر ناملىرىنىڭ تۈزۈلۈشى، خۇسۇسىيىتى، مەنىسى، تىل مەنبەس، تۈرلەرگە بۆلۈنۈشى، مەدەنىيەت قاتلىمى ۋە باشقا ئىجتىمائىي ھادىسە، شەيئىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، شۇنىڭدەك ئوقۇلۇشى ۋە يېزىقتا قوللىنىلىشى قاتارلىق جەھەتلەردىن ئېيتقاندا، ئومۇمەن يەر ناملىرى مۇستەقىل تىل بىرلىكىگە، مىللىي خاسلىققا، ئىجتىمائىيلىققا، جۇغراپىيەلىككە، مۇقىملىققا، دەۋر خاسلىققا، تاسادىپىيلىققا ئىگە.

       يەر ناملىرى ئىلمى پەقەت يەر ناملىرىنىڭ ئۆزىنىلا ئۆز ئىچىگە ئالماستىن، يەنە يەر ناملىرىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتى، كېلىپ چىقىشى، تۈزلۈشى، ئالاھىدىلىكى، تۈرلىنىشى، تىل مەنبەسى، تۈرلەرگە بۆلۈنۈشى، مەدەنىيەت قاتلىمى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىش بىلەن بىرگە، يەر ناملىرىنىڭ قائىدە-قانۇنىيەتلىرى، تەتقىقات ئوبيېكتى،تەتقىقات ئۇسۇلى، ۋەزىپىسى، باشقا پەنلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، تەتقىق قىلىنىش ئەھمىيىتى قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا، يەرناملىرى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىش مەلۇم پەننىڭ مەزمۇنىنى بېيىتىش ياكى ئوقۇتۇش ئىشلىرى ئۈچۈنلا ئەھمىيەتلىك بولۇپ قالماستىن، بەلكى يەنە ئەڭ مۇھىم بولغان ئىستىراتېگىيەلىك ئەھمىيەتلىكىمۇ ئىگە. شىنجاڭدا نەچچە ئون مىڭدىن ئارتۇق يەر ناملىرى بار، بۇ يەر ناملىرى مۇرەككەپ بولغاچقا، ئۇنىڭ تەتقىقات دائىرىسىمۇ ناھايىتى كەڭ، ئۇنى تەتقىق قىلىش تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك. ئۇنىڭ تەتقىق قىلىنشى تارىخشۇناسلىق، خۇغراپىيە، تىلشۇناسلىق، مىللەتشۇناسلىق ۋە ئارخېئولوگىيە قاتارلىق پەنلەرنىڭ تەتقىقاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پايدىلىق. مىللىي غۇرۇرىمىزنى ئۇرغۇتۇشقا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەشكە پايدىلىق، تېخىمۇ مۇھىمى ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ساقلاپ،دۆلەت مۇداپئەسىنى مۇستەھكەملەشكە پايدىلىق.

       يەر ناملىرى خەرىتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرىدىن بىرى. خەرىتە جۇغراپىيەنىڭ ئىككىنچى تىلى، يەر ناملىرى خەرىتىنىڭ مۇھىم ئېلېمېنتى، يەر ناملىرى تەتقىقاتىنىڭ نەتىجىلىرى خەرىتىچلىكتە تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈلىدۇ. يەر ناملىرى(جۇغراپىيەلىك ناملار)نىڭ توغرا ياكى خاتا بولۇشى خەرىتە سۈپىتىنىڭ ياخشى-يامان بولۇشىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. يەر ناملىرى تەتقىقاتى چوڭقۇرلاشقانسېرى خەرىتىدىكى يەر ناملىرى (جۇغراپىيەلىك ناملار) نىڭ توغرىلىق دەرىجىسى شۇنچە ئېشىپ بارىدۇ. خەرىتىدىكى يەر ناملىرى (جۇغراپىيەلىك ناملار) نىڭ توغرا ئىپادىلىنىشى جۇغراپىيە ئوقۇتۇشى ۋە تەتقىقات، ئارخېئولوگىيە، تىلشۇناسلىق، تارىخشۇناسلىق قاتارلىق پەنلەرنىڭ تەتقىقاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق مۇھىم مەسىلە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە دۆلەت زىمىنىنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا مۇھىم مەسىلە ھىسابلىنىدۇ.

       شىنجاڭ جوڭگۇنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى بولۇپ،ئۇنىڭ يەر ناملىرىنى تەتقىق قىلىش مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. شىنجاڭ بىر چېگرا رايون بولۇپ، موڭغۇلىيە، رۇسىيە، قازاقىسىتان، قىرغىزىسىتان، تاجىكىستان، ئافغانىستان، پاكىستان، ھىندىستان بىلەن چېگرالىنىدۇ. چېگرا لىنىيەسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 5600كىلومېتىرىدىن ئاشىدۇ. دۆلەت مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش جەھەتتىكى ئورنى ئىنتايىن مۇھىم. قەدىمدىن تارتىپ چەت ئەللىكلەرنىڭ تالىشىش ئوبيېكتى بولۇپ كەلگەن. 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىدىن باشلاپ ئەنگلىيە تاجاۋۇزچىلىرى پامىر رايونىنى ئىشغال قىلغاندا، بارغانلا يېرىدە يەرلىك ناملارنى ئۆزگەرتكەن. مەسىلەن، شىمالىي پامىردىكى ساركۆلگە ئەنگلىيەنىڭ ئايال پادىشاھى ۋىكتورىيەنىڭ نامىنى بېرىپ «ۋىكتورىيە كۆلى» دەپ ئاتىۋالغان، بۇ نام1895- يىلى ئەمەلدىن قالدۇرلغان. جاھانگىرلار، بولۇپمۇ چار رۇسىيە شىنجاڭغا كۆز تىكىپ، مۇستەملىكە قىلىشنى ئالدى بىلەن يەر ناملىرىنى ئۆزگەرتىشتىن باشلىغان بولۇپ، شىنجاڭ بىلەن شىزاڭ چېگراسىىغا جايلاشقان قاشتاش تېغىنى «رۇس تېغى» دەپ ئاتىۋالغان ئىدى. ھەتتا سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆلچەش-سىزىش ئىدارىسى تۈزگەن خەرىتىگە شىنجاڭنىڭ غەرىبىدىكى تەڭرىتاغنىڭ ئەڭ ئىگىز چوققىسى بولغان«تۆمۈر چوققىسى»نى «غالىبىيەت چوققىسى» دەپ كىرگۈزۈۋالغان. گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن1977-يىلى «تۆمۈر چوققا» دېگەن نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى.1979 -يىلى ھۆكۈمىتىمىزنىڭ قارار چىقىرىشى بىلەن پىرژىۋالىسكىي تېغى، رۇس تېغى ۋە باشقا چەت ئەللىكلەر قويۇۋالغان يەر ناملىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. مىللەتنىڭ غۇرۇرىنى دەپسەندە قىلدىغان، چەت ئەللىكەر تەرىپىدىن قويۇلغان ناملار بىكار قىلىنىپ،مىللىي غۇرۇرىمىز ئۇرغۇتۇلدى.                                                            

       1962- يىلى ھىندىستان ھۈكۈمىتى جۇڭگو ھۈكۈمىتىگە زېمىن تەلىپىنى قويۇپ، جوڭگونىڭ غەربىي قىسمىدىكى ئاقسايچىن رايونىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىردى. بۇ يەر ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى بولغان ھازىرقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا تەۋە جايلار بولۇپ، ئۇ يەردە ئۇيغۇر ۋە بىر قىسىم قىرغىز چارۋىچلىرى ياشاپ كەلگەنىدى. شۇڭا، جۇڭگو ئۆزىنى قوغداپ قايتۇرما زەربە بېرىش جېڭىگە ئاتلاندى، ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ئۇرۇشۇپ، نۇرغۇن قۇربانلار بېرىلدى، ئاخىرىدا ھىندىستان مەغلۇپ قىلىندى. بۇنىڭدىكى سەۋەپ، بىزنىڭ قۇدرەتلىك ئارمىيە قوشۇنىمىز بولغانلىقتىن باشقا، «ئاقسايچىن» (جۇڭگونىڭ ئاق سېيى ) دېگەن ئۇيغۇرچە يەر نامىنىڭ بولغانلىقىدىندۇر.                  

1960-يىللاردىن باشلاپ، دۇنيادا «يىپەك يولى» نى تەتقىق قىلىش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى. يىپەك يولى شىنجاڭدا بىر قانچە يولغا بۆلۈنۈپ ئۆتكەن،شىنجاڭ يەر ناملىرى تەتقىقاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئەمەلىيەتتە «يىپەك يولى» تەتقىقاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ.

2. غايىبتىن پەيدا بولغان «زەرەپشان دەرياسى» دېگەن نامنى تەرك قىلىش

دۆلىتىمىز قۇرۇلغىنىغا بۇ يىل 60يىل تولىدۇ، بۇ 60يىل داۋمىدا شىنجاڭ يەر ناملىرى خىزمىتىدە نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرلدى. نۇرغۇن خاتا ناملار تۈزىتىلدى. چەت ئەل تاجاۋۇزچىلىرى ئويدۇرۇپ چىققان ۋە زورمۇزور ئۆزلىرىنىڭ نامىغا قويۇۋالغان يەر ناملىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ،يەرلىك ناملار ئەسلىگە كەلتۈلدى. خەرىتىىلىك ساھەسىدىمۇ خېلى زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. شىنجاڭ خەرىتىلەر توپلىمىنىڭ ئۇيغۇرچىسى بارلىققا كەلدى (1966-يىلى ۋە 2005-يىلى)، بۇ ھال كىشىنى تولىمۇ خۇشال قىلىدۇ. لېكىن، بۇ ئاتلاسلاردا يەر ناملىرى قالايمىقان بولۇشتەك مەسىلىلەر ھەم ساقلاندى. مەسىلەن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50يىللىقىغا سوغا قىلىش ئۈچۈن جۇڭگو خەرىتە نەشرىياتى بىلەن شىنجاڭ پەن-تېخنىكا نەشرىياتى بىرلىشىپ نەشىر قىلغان «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى خەرىتىلەر توپلىمى» دا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەڭ مۇھىم يەر ناملىرىدىن بىرى سانىلىدىغان يەكەن دەرياسى زەرەپشان دەرياسىغا ئۆزگەرتىۋېتىلدى . بۇ توپلامدىكى يەر ناملىرىنى تەرجىمە قىلىپ بېكىتىشكە مەسئۇل بولغان ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل-يېزىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ نېمىگە ئاساسلىنىپ ياركەند(يەكەن)نىڭ ئورنىغا زەرەپشاننى قوللانغانلىقىنى بىلمىدۇق،بەلكىم بەزى سۆز ئويۇنچىلىرى چەت ئەل سۆزلىرىنى پەردازلاشقا ئامراق كىشىلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولۇشى مۇمكىن. زەرەپشان (پارسىچە-تاجىكچە «زەر-ئالتۇن»، «ئافشان-چاچقۇچى،چاچار») تاجىكىستان ۋە ئۆزبېكىستاندىكى دەريا. تارىخىي مەنبەلەردە «پولستىمېت» ،«نومىق»، «رۇدى مۇساف» ، «ھاركوم»، «رۇدى شارف» ياكى «رۇدى ژارف»(چورف)، «سومژان» ، «ۋادىي ئۇسسۇفد» ،«ناھىرئۇل-بۇخرا» ، «دەريائىي كۇھەك»قاتارلىق ناملار بىلەنتىلغا ئېلىنىدۇ. 18-ئەسىردىن باشلاپ ئاندىن «زەرەپشان» دەپ ئاتالغان. دەريانىڭ ئۇزۇنلۇقى 781كىلومېتىر، دەريا ھاۋزىسىنىڭ كۆلىمى41مىڭ860كىۋادرات كىلومېتىر، ھاۋزىنىڭ تالىق قىسمىنىڭ كۆلىمى 17مىڭ710كىۋادىرات كىلومېتىر كېلىدۇ. زەرەپشان دەرياسى تۈركىستان،  زەرەفشان ۋە ئالاي تاغلىرى تۇتاشقان جاي-ماستچوھ-(كۆكسۇ)تاغ تۈگۈنىدىكى مۇزلۇقتىن ماستچوھ دەرياسى نامى بىلەن باشلىنىدۇ،200كىلومېتىرچە ئاققاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا فاند دەرياسى قوشۇلۇپ «زەرەفشان» دەپ ئاتىلىدۇ. يەنە 100كىلومېتىرچە ئاققاندىن كېيىن، تاجىكىستان تەۋەسىدىن چىقىپ ئۆزبىكىستاننىڭ سەمەرقەند، كاتتا قورغان، نەۋايى ۋە بۇخارا، كاگان قاتارلىق شەھەرلەرنى سۇ بىلەن تەمىنلەيدۇ. قەدىمكى زاماندا، زەرەفشان دەرياسىنىڭ سۈيى ئامۇ دەرياسىغا قۇيۇلغان دېگەن پىكىرلەرمۇ بولغان، لېكىن كونا تارىخىي مەنبەلەردە بۇ ھەقتە ئېنىق مەلۇمات يوق ئىدى. مەسىلەن، ئالىكساندىر ماكىدونىسكىنىڭ تارىخچىسى كىۋىنت كۇرتسى رۇف ۋە يۇنان جۇغراپىيەچىسى سترابون (مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 1-ئەسىر) پولىتىمېت (زەرپشان) قۇمغا سىڭىپ كېتىدۇ دەپ يازغان، بىراق ھافىز ئابدۇئابى كۆھەك (زەرەفشان) سۈيى ئامۇ دەرياسىغا يىتىپ بارىدۇ دەيدۇ.  يا.ف.غۇلاموف زەرەپشان دەرياسىنىڭ ئامۇ دەرياسىغا قۇيۇلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئىزلارنىڭ بارلىقىنى ئېنىقلىغان.

      «زەرەفشان» ئۆزبىكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ بۇخارا ۋىلايىتىدىكى شەھەر بولۇپ، بۇخارا شەھىرىدىن 200كىلومېتىرچە شىمالغا جايلاشقان. قىزىلقۇم چۆللۈكىنىڭ مەركىزىي قىسمى، تامدى تېغىنىڭ غەربىي يانباغرىدا مۇرۇنتاۋ ئالتۇن كانىنىڭ ئېچىلىشىغا ئەگىشىپ،1967-يىلى شەھەر بولۇپ قۇرۇلغان، ھازىر ئۆزىبكىستان ئالتۇن قېزىپ چىقىرىش سانائىتىنىڭ مەركىزىي شەھرى ھېسابلىنىدۇ.

«زەرەپشان» دېگەن بۇ پارسچە سۆزنى بۇرۇن بەزىلەر ئۆز رومانىدا ئىشلەتسە، بۇنىڭدىن ئۆگەنگەن بەزى شائىرلار «يەكەن» دېيىشكە تېگىشلىك ئورۇنغا «زەرەپشان»نى قوللىنىپ، ناخشاتېكىستى يازغان بولسا، بەزىلەر «زەرەپشان» نى چاي ماركىسى قىلغان بولسا ، يەنە بەزىلەر رېستۇران نامى، مېھمانساراي نامى قىلغان، ھەتتا شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىىسىنىڭ تائاملار مەدەنىيىتى پىروگراممىسىدا «زەرپشان تائاملىرى» دېگەن ماۋزۇنى ئىشلەتكەن. بەزى رادىيو-تېلېۋىزىيە خەۋرلىرىدە «زەرەپشان» ئاتالغۇسىنى ئىشلەتكەن ۋە ھېلىھەم ئىشلىتىۋاتىدۇ. «زەرپشان» ئاتالغۇسىنىڭ خاتا ئىكەنلىكى توغرىسىدا ياخشى ئىلمىي ماقالىلەرنى يازغان ئابدۇقادىر ئىممەت، توختى مۇھەممەت ئارىش ۋە سۇلتان مامۇت ئىبراھىم قاتارلىق ئاپتورلارنىڭ ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىنىڭ 2002-يىلى19-نويابىر،2007-يىلى 26-ماي سانلىرىدا ۋە مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 2008-يىلى 1-ئايدا نەشىر قىلىنغان، مەھمۇد كاشغەرىينى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ماقالىلەر توپلىمىدا ئېلان قىلغان ماقالىلەرنى كۆرۈپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلىمىز. بۇرۇنقى باشتىن-ئاخىر «يەكەن» دەپ ئاتىلىدىغان دەريانىڭ باش ۋە ئاياغ ئېقىنىلىرى «زەرەپشان»، يەكەن ناھىيە بازىرى بار جايلا«يەكەن دەرياسى» دېيىلگەن، بۇمۇ بىر بىمەنىلىك. بەلكىم بۇ ئۇلۇغ زېمىنىنىڭ خەرىتە يۈزىدىن يوقىلىپ كېتىشكە كۆزى قىيمايدۇ ياكى ئۇنى خەرىتىدىن يوقىتىۋىتىشكە پېتىنالمىغاندۇ. چۈنكى، بۇ تارىخى ئەڭ ئۇزۇن ئانا ماكان ئەمەسمۇ. يەكەن-قەشقەر ۋىلايىتىگە قاراشلىق شۇ نامدا ئاتىلىدىغان ناھىيە، شەھەرنىڭ ۋە بىر مۇئەززەم دەريانىڭ نامى. بۇ نامنىڭ ئەسلىسى «ياركەند» بولۇپ، كېيىنچە «يەكەن» گە ئۆزگەرگەن، يەكەننىڭ يەنە بىر ئاتىلىشى «زەرەپشان» دېگەن سەپسەتىنىڭ قىلچە ئاساسى يوق. ياركەند تەخمىنەن قاراخانىيلار دەۋرىدىن باشلاپ ئۇيغۇرچە ھۆججەتلەردە كۆرۈلۈشكە باشلىغان. مەھمۇد كاشغەرىي يازغان «تۈركىي تىللار دىۋانى» دىكى «دائىرە» دەپ ئاتالغان يۇملاق خەرىتىدە «ياركەند» دەپ ئاتالغان، خەنزۇچە ھۆججەتلەردە بولسا ئادەتت  دېيىلىپ كەلگەن. بۇ نام رەسمىي تارىخىي ھۆججەتلەردە 莎车(شاچې) غەربىي خەن سۇلالىسى                                      زامانى ( مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 206-يلىدىن مىلادىيە 23-يىلىغىچە) دا يەر نامى (شۇ يەردە ياشىغان قوۋم نامى) سۈپىتىدە ئىشلىتىلشكە باشلىغان دەپ ھېساپلىنىدۇ. بەنگۇ يازغان «خەننامە . غەربىي يۇرۇت تەزكىرىسى» دە بولسا يەكەن بەگلىكى غەربىي يۇرتتىكى 36بەگلىكنىڭ بىرى قاتارىدا سانىلىپ، ئۇنىڭ ھازىرقى يەكەن ناھىيەسى تەۋەسىدە ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان. جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى تارىخشۇناسلىق ئىلمىي قارىشى بويىچە خەنزۇچە تارىخىي ھۆججەتلەردە ھەممىدىن ئىشەنچلىك دەپ قارىلىدۇ . ئۇلارغا كىرمەي قالغان خەرىتىلەرنىڭ قىممىتى تۆۋەنرەك ياكى ئەھمىيەتسىز دېگەن قاراشمۇ بار. يەكەن شىنجاڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلارنىڭ تارىخىي پائالىيەتلىرى توغرىسىدا ئەڭ بۇرۇنقى دەۋرگە مەنسۇپ بىۋاسىتە يازما ئۇچۇر قالدۇرۇلغان تەۋەرۈك يۇرۇتلارنىڭ بىرى. خەنزۇچە تارىخىي ھۆججەتلەردە «زەرەپشان» دېگەن نام تىلغا ئېلىنمىغان، يەكەن دەرياسى قەدىمدىن تارتىپ 叶尔羌河 دەپلا ئاتىلىپ كەلگەن .  

       نيۇرۇجى ئەپەندىنىڭ «شىنجاڭنىڭ يەر ناملىرى ھەققىدە ئومومىي بايان» ناملىك كىتابىدا (خەنزۇچە نەشىرى 138-بەتكە قاراڭ) پوسكام تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىي چېتىگە جايلاشقان، بۇ ناھىيە ئەسلىي قاغىلىق ناھىيىسنىڭ بىر قىسىمى ئىدى،1921-يىلى ناھىيە قىلىنغان، ئۇ خەنزۇچە泽普 دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ دەريانىڭ نامى بىلەن ئاتالغان، ئۇ دەريا زەرەپشان دەرياسىدۇر، پوسكامنىڭ نامى خەنزۇچە «زەرەپشان» (泽热普善)نىڭ قىسقارتىلمىسىدىن كەلگەن، «زەرەپشان» نىڭ مەنىسى پارسچە «ئالتۇن چاچار» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، دەپ تەبىر بېرىدۇ دەپ تەدبىر بېرىدۇ. ئەمما شۇ كىتابنىڭ 153-بېتىدە «شىنجاڭدىكى داڭلىق دەريالا» دېگەن ماۋزۇدا بۇ دەريالارغا مەنە بەرگەندە تىلغا ئالغانلىرى ئاقسۇ دەرياسى، تارىم دەرياسى، ئېۋىرغول جىلغىسى، قۇتۇبى دەرياسى، ماناس دەرياسى، كۇيتۇن دەرياسى، قەشقەر دەرياسى، قايدۇ دەرياسى، قورغاس دەرياسى، يەكەنyarkant دەرياسى، قارقاش دەرياسى، ئۈرۈمچى دەرياسى، توشقان دەرياسى، بۇرچىن دەرياسى، ئېرتىش دەرياسى، چىڭگىل دەرياسى، ئېمىل دەرياسى، بورتالا دەرياسى، ئىلى دەرياسى، قاش دەرياسى، كۈنەس دەرياسى، تېكەس دەرياسى، مۇزات دەرياسى، كۇچا دەرياسى، باغراش كۆلى، لوپنۇر كۆلى، قاناس كۆلى، ئاياققۇم كۆلى، ئاچچىقكۆل، ئاقسايچىن كۆلى، بوغدا كۆلى، قاتارلىقلار بۇلۇپ، ئۇلارنى بىر-بىرلەپ تىلغا ئالغان ۋە نامىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا ئىزاھات بەرگەن. لېكىن «زەرەپشان» دېگەن دەريا تىلغا ئېلىنمىغان . بۇنىڭدىن 泽普 دېگەن سۆزنىڭ زەرەپشاننىڭ قىسقارتىلمىسىدىن ئىبارەت دېگىنى پەقەت بىر قىياس قىلىپ ئېيتىلغان سۆز ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئەگەر ئۇ (زەرەپشان) شىنجاڭدا بولسا نېمە ئۈچۈن ئۇنى دەريالار قاتارىغا قويمايدۇ؟ «زەرەپشان دەرياسى» نى كۆرسىتىپمۇ بېرەلمەيدىغان ۋە يوق قىلىۋېتىشنىمۇ خالىمايدىغان بەزى كىشىلەر «بۇرۇن زەرەپشان دەپ ئاتىلىپتىكەن» دېگەن  پاكىتسىز سۆزلەرنى قوشۇپ باشقىلارنى قايماقتۇرۋاتىدۇ. «زەرەپشان» دەپ ئاتىلىدىغان دەريا شىنجاڭدا زادىلا مەۋجۇت ئەمەس. ئۆزبىكىستان تەۋەسىدىكى ھەقىقىي زەرەپشان دەرياسىمۇ 18ـ ئەسىردىن باشلاپ زەرەپشان دەپ ئاتالغان.

     ئۇنىڭدىن بۇرۇن بۇ دەريا تارىخىي ھۆججەتلەردە پولىتىمېت، نومىف، رۇدى مۇساف، ھارامكوم، رۇدى شارف ياكى رۇدى ژارف (چوروف)، سومژان، ۋادى ئوسسۇفد، ناھىر ئۇل-بۇخارا، دەريائىي كۆھەك قاتارلىق ناملار بىلەن تىلغا ئېلىنغان (بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي ئەھۋالغا قىزىقسىزىڭىز «قۇرغاق رايونلار جۇغراپىيەسى» ژۇرنىلىنىڭ 2008-يىللىق 4-سانىدا ئېلان قىلىنغان «تۈكىي تىللا دىۋانى»نىڭ جۇغراپىيەلىك قىممىتى»ماۋزۇلۇق ماقالىگە قاراڭ泽普

زەرەپشاننىڭ قىسقارتىلمىسى دېگەن سۆزگە كەلسەك، يەكەن ناھىيەسىدىكى زەرەپشات تاجىك مىللىي يېزىسى (زەرەپشات) نىڭ 泽勒普夏提   دەپ يېزىلغىنىنى ۋە قىسقارتىلمىسىنىڭ سەل ئوخشاپ كەتكىنىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، زەرپشانىنىڭ خەنزۇچە يېزىلىشى ھەر خىل ماتېرىيالدا ھەر خىل ئىپادىلىنىدۇ. مەسىلەن، جۇڭگو ئېنسىكلووپېدىيەسىنىڭ «دۇنيا جۇغراپىيەسى» قىسمىدا زەرەپشان دەرياسى 泽拉夫尚河  ۋە يېڭى دۇنيا ئاتلاسلىرىدا زەرەپشان شەھىرى          泽拉夫尚市زەرەپشان ئويمانلىقى 泽腊夫珊盆地    دەپ ئاتلىدۇ.

     زەرەپشان دەرياسى شىنجاڭدا زادىلا مەۋجۇت ئەمەس. دۇنيادا بىر قانچە زەرەپشان بار بولۇپ، ئۇلار ئۆزبېكىستان بىلەن تاجىكىستانغا جايلاشقان(«قۇرغاق رايونلار جۇغراپىيەسى» نىڭ2008-يىللىق 4-سانىغا قاراڭ)، يەكەن دەرياسى ۋە يەكەن ناھىيەسى ئەزەلدىن«يەركەن» دەپ ئاتىلىپ كەلگەن. «تۈركىي تللار دىۋانى» نىڭ «دائىرە» خەرىتىسىدە ياركەند ۋە يۇقىرىدا ئېيتىلغان قەدىمدىن ھازىرغىچە بولغان ماتېرىياللاردا ياركەند (也尔羌) دەپ ئاتالغاندىن باشقا، ياپونىيەنىڭ دۇنيا خەرىتسىىدىمۇ ياركەنت (yarukanto kawa)، رۇسچە بۇرۇنقى ۋە ھازىرقى خەرىتە ۋە ئاتلاسلاردا يەركەند ، گېرمانىيەدە چىققان خەرىتىلەردىمۇ بىردەك ياركەند         دەپ yarkandخەرىتىگە چۈشۈرۈلگەن. 1966-يىلى نەشر قىلىنغان «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خەرىتىلەر توپلىمى» دا يەركەند دەپ ئېلىنغان ئىدى. ئۇيغۇرچە نەشىر قىلىنغان يەر ناملىرىغا ئائىت ھەر قانداق يەر ناملىرى ئارىسىدا «زەرەپشان» دەپ نام يوق.               زامانىمىز تەرەققىي قىلىپ يەر ناملىرىدىكى بەزى قالدۇق خاتالىقلارنى تۈزىتىپ دەۋرىمىزگە خاس مەزمۇن ۋە شەكىل جەھەتتىن قېلىپلاشقان رەۋىشتە نامايان قىلغۇدەك ئاتلاسقا موھتاج بولۇۋاتقان ۋاقتىمىزدا، ئەكسىچە، ئۆز يېرىنى باشقىلارنىڭ يېرىگە ئوخشىتىپ قويىدىغان، يەنى «يەكەن» نى «زەرەپشان»، قىلىپ قويغان، كۆرۈنۈشى چىرايلىق بولسىمۇ، ئەمما خاتا مەزمۇنىغا يول قويغان ئاتلاسنى كۆرۈپ، بىر جۇڭگو پۇقراسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئىنتايىن مەيۈسلەندۇق. بۇنىڭ سەۋەبى بىلەن «زەرەپشان» دېيىش قىزغىنلىقى مەيدانغا كېلىپ، يەكەندەك مۇقام يۇرتىدا بارلىققا كەلگەن مۇقاملىرىمىز زەرەپشان دەرياسى نامى بىلەن، يەنى چاڭجياڭ دەرياسى بويدىكى ئىشنى ۋولگا دەرياسى بويىدا بولغان دەپ مەدھىيەلىگەندەك ئىش ئەمەسمۇ؟ بەزىلەر بۇ خەرىتىلەر توپلىمىنى شىنجاڭ پەن-تېخنىكا نەشرىياتى جۇڭگو خەرىتىلەر نەشرىياتى بىلەن بىرلىشىپ نەشىر قىلغان تۇرسا ئۇنىڭدا قانداق خاتالىق بولىدۇ دېيىشى مۇمكىن. خەرىتىنىڭ ئەسلىي نۇسخىسى بولغان خەنزۇچە ئاتلاستا خاتالىق يوق.چۈنكى، ئۇنىڭدا يەكەن دەرياسى也尔羌河 دەپ ئېلىنغان،بۇنى تەرجىمە قىلغانلار 叶尔羌河 نى «زەرەپشان دەرياسى» دەپ تەرجىمە قىلغان، خاتال ى ق ئۇيغۇرچىسىدا يۈز بەرگەن، ئاڭلىساق، پات ئارىدا نەشر قىلىنىدىغان ئاتلاسنىڭ رۇسچە نەشر نۇسخىسىدىمۇ «زەرەپشان» دەپ ئېلىنارمىش. ئەگەر بۇ راستتىن شۇنداق بولىدىغان بولسا، يەكەننىڭ نامىنى ئۆز قولىمىز بىلەن چەت ئەل نامىغا ئۆزگەرتىپ بەرگەن بولىمىز . بۇنىڭ ئاقىۋىتىنى مۆلچەرلەش بەك قىيىن.               

        يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان،پارتىيە ۋە ھۆكۈمىتىمىز چىگرا رايۇنلارنىڭ يەر ناملىرىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى.1953ـيىلىلا توغرا بولمىغان بىر قىسىم يەر ناملىرىغا قارىتا ئۆزگەرتىش ئېلىپ باردى، يەر ناملىرىنى باشقۇرىدىغان ئورۇن ۋە نەشىر ئەپكارى بارلىققا كەلدى، قولغا كەلگەن نەتىجىلەر ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. ھازىرقى مەسىلە بىلىپ- بىلمەي يۈزبەرگەن خاتالىقلارنى قانداق تۈزىتىشتە. يەرنامى خۇددى يەرنىڭ كىملىكىگە ئوىشايدۇ، ئۇنى خالىغانچە ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلسە، يۇقىرىنىڭ تەستىقى ۋە ھۆججەتلىرى ئاساسىدا ئۆزگەرتىلىدۇ. «زەرەپشان دەرياسى»  دېگەن نامنىڭ تارىختىن بۇيان «يەكەن دەرياسى» دەپ ئاتىلىپ كەلگەن ئۇيغۇر تىلىدىكى نامنىڭ ئورنىغادەسسىگەنلىكىنى كىم تەستىقلىغان ياكى قايسى ئورۇننىڭ ھۆججىتىدە بېكىتىلگەن؟ بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ جاۋاپ بېرىشىنى كۈتىمىز. قەدىمكى يەرناملىرىنى مۇشۇنداق قالايمىقان ئۆزگەرتىش قىلمىشلىرى گوۋۇيۈەن ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يەر ناملىرىنى باشقۇرۇش نىزاملىرىنىڭ روھىغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. مەسلەن، گوۋۇيۈەن1986-يىلى1-ئاينىڭ23-كۈنى ئېلان قىلغان «يەر ناملىرىنى باشقۇرۇش نىزامى» نىڭ3-ماددىسىدا : «يەر ناملىرىنى باشقۇرۇشتا چوقۇم مەملىكىتىمىز يەر ناملىرىنى تارىختىكىسى بىلەن ھازىرقىسىنى ئاساس قى؛ىپ،ئۇنىڭ نىسپىي تۇراقلىقىنى ساقلاش كېرەك » دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمىتى 1989-يىلى9-ئاينىڭ 6-كۈنى ئېلان قىلغان « شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يەر ناملىرىنى باشقۇرۇش ھەققىدىكى يولغا قويۇش ھارىسى» نىڭ 4-ماددىسىدا: «ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئۆز ئالدىغا تەستىقسىز نام بېرىشىگە ۋە يەر ناملىرىنى ئۆزگەرتىشىگە يول قويۇلمايدۇ» دەپ،6-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدا «نامى ئاز سانلىق مىللەت تىلىدا قويۇلغان يەر ناملىرىنى خالىغانچە قىسقارتىشقا، شۇ جايدىكى ئامما قوللىنىپ ئادەتلەنگەن يەر ناملىرىنى خالىغانچە ئۆزگەرىشكە ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا بولمايدۇ»دەپ،10-ماددىسىدا: «ھۆججەت، ئالاقە، خەرىتە، ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرى، گېزىت، ژورنال، رادىيو-كىنو-تىياتىرلاردا ئىشلىتىگەن يەر ناملىرى توغرا ھەم قېلىپلاشقان بولۇشى كېرەك» دەپ ئالاھىدە بەلگىلەنگەن.

     1958-يىلى گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئېلىمىزنىڭ غەربىي شىمال قىسىمدىكى جۇڭغار ئويمانلىقىدا يېڭى بىر نېفىتلىك شەھىرى بىنا قىلىندى،ئۇنىڭ نامى ئۇيغۇرچە «قارماي شەھىرى»، خەنزۇچە ئاھاڭ تەرجىمىسى بويىچە تىرانسىكرىپسىيە قىلىنىپ克拉玛依市دەپ ئاتالدى. ئۇنىڭدىن باشقا، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن 2003-يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدا يېڭىدىن شەھەر دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈپ ئېلان قىلىنغان تۇمشۇق شەھىرى بىلەن ئارال شەھىرىگە خەنزۇچە ئايرىم ئىسىم قويمايلا بۇرۇنقى تۇمشۇق ۋە ئارال دېگەن ناملىرى ئۆزگەرتىلمىدى. ئەسلىي نامى بىلەنلا تۇمشۇق (图木舒克)، ئارال(阿拉尔)دەپ ئىسىم قويغانلىقى مۇشۇ ھۆججەتلەرنىڭ روھىغا ھۆرمەت قىلغانلىقنىڭ بىر تىپىك مىسالىدۇر.

    1988-يىلى 7-ئايدا نەشردىن چىققان «قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يەر-جاي ناملىرى خەرىتىلىك تەزكىرىسى» نىڭ كىرىش سۆز قىسمىدا «قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يەر جاي ناملىرى خەرىتىلىك تەزكىرىسى» پەرمەن خاراكتېرلىك قورال كىتاب بولۇپ، بۇنىڭدىن كېيىن ھەر قايسى تارماقلار بىردەك مۇشۇنى ئاساس قىلىشى،ئۆز مەيلىچە ئۆزگەرتمەسلىكى لازىم» دەپ ئېنىق ئەسكەرتىلگەن، جۇغراپىيەلىك ئورنى دەل قەسقەر ۋىلايىتىدە بولغان، ئەزەلدىن ياركەند (ياكى يەكەن) دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقان نامنىڭ يۇقىرىقى ھۆججەتلەرنىڭ روھىغا خىلاپ ھالدا «زەرەپشان» دەپ ئاتىلىشىغا كىم جاۋابكار؟ بىزز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ، بولۇپمۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنلۇق يەر ناملىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش مەركىزىنىڭ بۇ مەسىلىگە جىددىي ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى بىلەن قاراپ، ئۆزىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، خاتالىقنى ۋاقتىدا تۈزىتىشىنى سەمىمي ئۈمىد قىلىمىز.


مەنبە:ئۆمەر مۇللانىڭ « ‹تۈركى تىللار دىۋانى›نىڭ جۇغراپىيىلىك قىممىتى»ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-11-21 11:18 AM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
tax1 + 39 يارايسىز!
uysoda + 100 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 139   باھا خاتىرىسى

سىز 365 كۈن ياشىدىڭىزمۇ ياكى بىر كۈن ياشاپ ئۇنى 365 قېتىم تەكرارلىدىڭىزمۇ؟ ئۆيۈڭگە ئوت كەتسە ، ئۆزۈڭنىڭ چىرىغىدىن كۆر

بىر سېنى .....

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26807
يازما سانى: 759
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7462
تۆھپە نۇمۇرى: 307
توردا: 913 سائەت
تىزىم: 2011-1-18
ئاخىرقى: 2014-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-21 11:29:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەكەن دەرياسى توغرىسىدا ئاز بولمىغان ماتېرىياللارنى توپلاپسىز جۇمۇ ! رەھمەت سىزگە ! يەنە بىر ئېنىق چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم

قىلىشقا تېگىشلىك ئەمەلنى قىلماي يەنە نېمە ئىشلانى قىلماقچى ؟!...

مېرۇل مەرگەن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85428
يازما سانى: 1047
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1263
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 930 سائەت
تىزىم: 2012-9-26
ئاخىرقى: 2014-12-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-21 11:34:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەكەن دەرياسى يۇرتۇمدىكى ئەڭ قەدىمكى ۋە مۇساپىسى ئەڭ ئۇزۇن بولغان بىردەريا، بۇ دەريادا نۇرغۇنلىغان بايىلىقلار بار، كېپەك ئالتۇن، قاشتېشى دېگەندەك،  ياز كۈنلىرى بولسا سۇغا چۆمۈلىدىغان ياخشى جايلارنىڭ بىرسى

كۆز يېشىغا چىلىنىپ چىققان كۈلكە شىرىن بولىدۇ، غەم قايغۇدىن كېيىن ئېيتىلغان ناخشا مۇڭلۇق بولىدۇ، تېڭىرقاشتىن يۇلقۇپ چىققان روھ سەگەك بولىدۇ، يالغۇزلۇقتىن قۇتۇلغان قەلىب كۆتۈرەڭگۈ بولىدۇ. مانا بۇ تۇرمۇش.........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87065
يازما سانى: 78
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 647
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 46 سائەت
تىزىم: 2012-11-10
ئاخىرقى: 2012-12-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-21 11:51:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىپەك ئالتۇننى تۇپراقتىن قانداق ئايرىيدىغانلىقىنى بىلىدىغانلار بارمۇ؟  

تىخنىكىسىنى ئىگەللىۋالساق، ئالتۇن ئايرىپلا باي كىتەرمىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40998
يازما سانى: 684
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3806
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 894 سائەت
تىزىم: 2011-5-17
ئاخىرقى: 2014-6-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-21 12:02:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىما ئىگسى تىلغا ئالغاندەك ، بۇدەريانىڭ خىلمۇ - خىل ئىسملىرى باركەن ، پوسكامنىڭ ئۇدۇلدىكى قىسمنى پوسكام دەرياسى ، يەكەن تەۋەلىكنى يەكەن دەرياسى ، زەرەپشان دەرياسى قاتارلق ، ‹‹يەكەن -بادام مەشىرپى››دىمۇ شۇنداق ئىزاھات بىرلىدى ،

كومپىيۇتىر،يانفۇن ،ئىلكتىرئۈسكۈنلىرى ،توكچلق ئۇستاملىرى جەمگاھى ______http://www.xjefan.com/

تاماكا چەكمەڭ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 424
يازما سانى: 3568
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2399
تۆھپە نۇمۇرى: 412
توردا: 7192 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-21 12:27:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ھەممىمىز ئويلىنىشقا تېگىشلىك جىددى مەسىلە ئىكەن. دىققەت قىلايلى. يەر جاي ناملىرىنى ئۇيغۇرچە، توغرا ئاتاشغا ئادەتلىنەيلى.

ئاسمان يېرىلغاندا، يۇلتۇزلار تۆكۈلگەندە، دېڭىزلار بىرـ بىرىگە قوشۇلغاندا، ئۆلۈكلەر چىقىرىلغاندا ھەر ئادەم ئىلگىرى كېيىن قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىلىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85143
يازما سانى: 280
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 884
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 357 سائەت
تىزىم: 2012-9-16
ئاخىرقى: 2014-1-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-21 12:54:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلۋىلىشقا تىگىشلىك ياخشى تېيمىكەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87251
يازما سانى: 196
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 406
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 72 سائەت
تىزىم: 2012-11-15
ئاخىرقى: 2013-1-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-21 01:04:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇتىماھەقىقەتەنياخشىكەن.

omareli0998 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-21 01:05:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

سىز 365 كۈن ياشىدى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45730
يازما سانى: 677
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3381
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 1721 سائەت
تىزىم: 2011-6-26
ئاخىرقى: 2014-8-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-21 01:22:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
hanay يوللىغان ۋاقتى  2012-11-21 11:29 AM
يەكەن دەرياسى توغرىسىدا ئاز بولمىغان ماتېرىياللارنى ت ...

مەن توپلىمىدىم بەلكى شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسىتىنىڭ جۇغراپىيە كەسىپىنىڭ پىروفېسسورى ئۆمەر موللانىڭ يېڭىدىن نەشىر قىلىنغان« تۈركىي تىللار دىۋانى››نىڭ جۇغراپىيەلىك قىممىتى ناملىق كىتابىنىڭ شۇ ناملىق ماقالىسىدىن ئىلىنغان ماقالە .

سىز 365 كۈن ياشىدىڭىزمۇ ياكى بىر كۈن ياشاپ ئۇنى 365 قېتىم تەكرارلىدىڭىزمۇ؟ ئۆيۈڭگە ئوت كەتسە ، ئۆزۈڭنىڭ چىرىغىدىن كۆر
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش