|
|
|
|
كەپتىرىم
ئۇچۇپ بارغىن قىنى كەپتىرىم،
خەۋىرىمنى بەرگىن يايرىمغا.
ياخشىمۇ يا يامانمۇ كۈنۈم،
يەتمەمدىكەن مىنىڭ ھالىمغا.
كىلەشىڭدە خەۋەر ئالغاچ كەل.
كۈتەمدىمكەن ياكى بولدىمۇ؟
سوراپ باقساڭ يۈرۈكۈم نەدە ؟
تىنىمدە يوق يارنىڭ قولدىمۇ؟
كەتكۈزۋەتسە يىنىپ كەل مەيلى،
ئاغرىنمايمەن پەقەت سىنىڭدىن.
باشقا قولدا كۆرسەڭ گۈلۈمنى،
سورا ئىسىل نەرى مىنىڭدىن.
ئەتەم ئۈچۇن...............
ھايات شۇمۇ تەغدىرىممۇ يا،
ھېچ باقمىدى ماڭا مۇھاببەت .
چىن سۆيگۈمنى ئىپقاچتى ھېدىڭ،
شۇڭا ساڭا ئوقويمەن نەپرەت.
باھاركەلدى كەتتى جۇدۇنمۇ ،
لىكىن قەلبىم ئىرىمەس مۇزلۇق.
ساڭا بەرگەن بال كەبى سۆيگۈم،
تۇيۇلۇپتۇ قەلبىڭگە تۇزلۇق.
مۇھاببىتىم ۋىجدان ئۈستىدە ،
يىلىنمايدۇ ھەرگىز ئەقىدەم .
يەكسان قارا تەكەببۇرسۆيگۈڭ،
يېلىنغاندا ئۆزگىگە شۇدەم .
ئۆتىۋەرمەس ئۆمرۈم ئىھـ خۇدا،
ياشنىغانچە ياشناپ ياشايمەن .
تورىسىمۇ ئالدىمنى داۋان .
ئەتەم ئۈچۈن چوقۇم ئاشاي مەن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-11-21 11:19 AM
|
|
|
|
|
|