100يۈەنلىك ئەڭ يېڭى ساختا پۇلنى پەرىقلەندۈرۈش
مەركىزى بانكا ئەڭ يېڭى يۈز يۈەنلىك ساختا پۇلنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئىلان قىلدى
يېقىندا كۆپ قىسىم جايلاردا باش ھەرىپ نومۇرى “tj55”“az88”“wl15”“yx86”دىن
باشلانغان يۈز يۈەنلىك ساختا پۇل پەيدا بولغان بولۇپ، مەركىزى بانكا: كۆرۈپ، تۇتۇپ پەرىقلەندۇرگىلى بولىدۇ. دېدى.
باش ھەرىپ نومۇرى “tj55”“az88”“wl15”“yx86” دىن باشلانغان يۈز يۈەنلىك ساختا پۇل تۆۋاندىكىدەك ساختىلىق ئالاھىدىلىكىگە ئىگە:
1. بۇ تۆت خىل باش ھەرىپ نومۇرى ساختا پۇللار ئوخشاشلا مىخانىكىلىك رېزىنكە باسمىدا بېسىلغان ساختا پۇل.
2. قەغىزى سىلىق، پاقىراق، چۇرىس بولۇپ، ئولترا بىنەپشە نۇردا يالتىراق نۇر چىقارمايدۇ ھەم يالتىراق نۇر چىقىرىدىغان تالاسىمۇ يوق.
3. مۇقىم باش سۈرەت سۇ باسمىسى تۇتۇق بولۇپ، سىترو تۇيغۇسى يوق، ئاق رەڭلىك باسما مېيى بىلەن قەغەز يۈزىگە بېسىپ ياسالغان.
4. ئاق سۇ باسمىنىڭ نۇر ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمى ناچار.
5. بىخەتەرلىك تالا يىپى باسمىدىلا ياسالغان.
6. مىكرو خەتلەر ئوچۇق ئەمەس.
7. رېزىنكە باسمىدا نەقىش،سىزىقلاردا بېسىلماي قالغان ۋە خاتا بېسىلغان ئورۇنلار بار.
8. نۇردا ئۆزگىرىشچان باسما مېيىدا بېسىلغان سومما سان يېشىل رەڭلىك باسما مېيىدا بېسىلغان بولۇپ، نۇردا ئۆزگىرىش ئۈنۈمى يوق.
9. باش ھەرىپ نومۇرى رېزىنكە باسمىدا بېسىلغان، ھەرىپلەر رەتلىك ، ئارىلىقى تەكشى ئەمەس.
10. بەزى ساختا پۇللاردا پېتىنقى باسما سىزىمى يوق، بەزىلىرىدە بېسىپ چىقارغان سىزىم بار.
11. بەزى ساختا پۇللاردا رەڭسىز نۇر قايتۇرغۇچ باسما مېيى ۋە رەڭلىك نۇر قايتۇرغۇچ باسما مېيىدا تەقلىد
قىلىپ بېسىلغان نەقىشلەر يوق، يەنە بەزى ساختا پۇللاردا رەڭسىز نۇر قايتۇرغۇچ باسما مېيى ۋە رەڭلىك
نۇر قايتۇرغۇچ باسما مېيىدا تەقلىد قىلىپ بېسىلغان نەقىشلەرنىڭ رەڭگى بىلەن ھەقىقى پۇلنىڭ رەڭگىدە پەرق بىر قەدەر چوڭ.
خەلق پۇلىدىكى تەرتىپ نومۇرى باش ھەرپ نومۇر دەپمۇ ئاتىلىدۇ. باش ھەرپ بولسا قەغەز پۇل ئۈستىگە
بېسىلىپ باسما تۈركۈم رېتىگە بەلگە قىلىنىدىغان ئىككى ياكى ئۈچ دانە ئىنگىلىزچە ھەرىپ بولۇپ، پۇل
بېسىش زاۋۇتى مەلۇم قانۇنىيەت بويىچە رەتكە تىزىدۇ ۋە باسىدۇ. نومۇر بولسا بەش ھەرپ كەينىگە بېسىلىدىغان
ئەرەپچە سىفىرلىق ئۇلاشتۇرۇش نومۇر بولۇپ، ھەر بىر قەغەز پۇلنىڭ ئوخشاش باش ھەرىپ تۈركۈمىدىكى رەت
تەرتىپىنى چۈشەندۈرىدۇ.
بۇندىن بۇرۇن مەركىزى بانكا: خەلق پۇلىدىكى باش ھەرپ نومۇرى بولسا مەركىزى بانكىنىڭ خەلق پۇلىنى
بېسىش ئىشلەپچىقىرىش باشقۇرۇش كونترول قىلىشىدىكى بىر تۈرلۈك تەدبىرى، خەلق پۇلىنى بېسىش ئىشلەپچىقىرىش
باشقۇرۇش تەلىپىگە ئاساسەن، ئۈزلۈكسىز تەڭشەش ۋە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىلىدۇ، خەلق ئاممىسىنىڭ باش ھەرپ
نومۇر تەرتىپى شەكلىنى خەلق پۇلىنىڭ ھەقىقى ياكى ساختىلىقىنى ھۆكۈم قىلىدىغان ئاساس قىلىۋالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز. دەپ كۆرسەتكەن.
http://www.xayar.cn/article/mazmun.asp?id=509