مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3185|ئىنكاس: 36

شىنجاڭ چولپانلار كوماندىسى VS قاراماي كوماندىسى تەپسىلى خەۋەرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84155
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 54
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 11 سائەت
تىزىم: 2012-8-20
ئاخىرقى: 2013-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-20 10:27:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


شىنجاڭ چولپانلار كوماندىسى بىلەن قاراماي كوماندىسى ‹‹دۇنياۋىي نېفىت شەھىرى›› دوسلۇق پۇتبول مۇسابىقىسى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك چىمبۇلاقداشلار!!!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم پۇتبول سۆيەر ئەزىز قېرىنداشلىرىمىز!!!

        بۈگۈن يەنى 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى بىز يەنى چىمبۇلاق تورىدىكى خىزمەتچى خادىملار سەھەردىلا مەركىزىي شەھرىمىز بولغان ئۈرۈمچىدىن
نەچچە يۈز كېلومېتىر يىراقلىقتىكى ‹‹دۇنياۋىي نېفىت شەھىرى›› دەپ ئاتالغان مېھرى ئىسسىق قاراماي شەھرىگە
ئاتلاندۇق ، چۈنكى بۈگۈن بۇ پۇتبول ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان ، خەلقىنىڭ پۇتبولغا  بولغان قىزغىنلىقى ئالاھىدە
يۇقىرى بۇ ئىللىق ماكاندا 2012-يىللىق  ‹‹دۇنياۋىي نېفىت شەھىرى›› دوسلۇق پۇتبول مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلماقچى ئىدى.  بىز بۇ دۇنياۋىي
شەھەرگە كېلىشىمىز بىلەنلە نەچچە يۈز كېلومېتىر جەريانىدىكى سەپەر ھاردۇقى ئاللا قاياقلارغا ئۇچۇپ كەتكەنىدى
چۈنكى بۇ شەھەرنىڭ تەرەققىياتى ۋە تازلىقىنىڭ پاكىزلىقى ھاۋاسىنىڭ ئىللىقلىقى ۋە جانلىقلىقى كىشىنى ئۆزىگە
تولىمۇ مەپتۇن قىلاتتى، بىز مۇشۇ  مەنزىرىلەرنى تاماشا قىلغاچ قاراماي شەھەرلىك تەنتەربىيە  مەيدانىغا كەلدۇق،
بۇ پۇتبول مەيدانىغا كېلىپ ئالدى بىلەن بىزنىڭ كۆزىمىزگە چېلىققىنى 5-6 ياشلىق ۋە 10-12ياشلىق بالىلارنىڭ بىرخىل رەڭدە مەشىق ۋە مۇسابىقە كىيىملىرىنى كىيىشىپ ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن مەشىق
قىلىۋاتقىنى ، چوڭلىرى بولسا بۈگۈنكى بۇ كاتتا مۇسابىقىنىڭ تەييارلىقلىرىنى ناھايىتى ئالدىراشلىق  ۋە خۇشاللىق
ئىچىدە قىلىۋاتقىنى بولدى .
        ئاز ۋاقىت ئۆتۈپ يەنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىلەردە (ئەلىۋەتتى ئۆزىمىزنىڭ ئۈرۈمچى ۋاقتى) قاراماينىڭ
پەخىرلىك ئوغلانلىرى -قاراماي كوماندىسى ئاق رەڭلىك دالا ئاپتوموبىل ئەترىتى بىلەن مەيدانغا ناھايىتى ھەيۋەتلىك ھالدا كىرىپ كەلدى مەيدان
گۈلدىراس ئالقىش  ۋە ھۇررا ساداسىغا چۆمدى بۇنىڭغا قوشۇلۇپ كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان تۈرك مارشى  مەيداننىڭ
كەيپىياتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈردى ،بۇ مەنزىرىنى كۆرگەن ھەربىر قارامايلىق ، يـــــاق ھەربىر ئۇيغۇر  چوقۇم
ھاياجانلانماي تۇرالمايتتى، ئارقىدىن  دىيارىمىزنىڭ پەخىرلىق ئوغلانى ،خۇنەن شىياڭتاۋنىڭ  نىجاتكارى -ئەكرەم ئەخمەت باشچىلىقىدىكى دىيارىمىز (شىنجاڭ چولپانلار) كوماندىسى مەيدانغا يەنە شۇنداق يۇقىرى كەيپىيات
بىلەن كىرىدى، ئارقىدىن مۇسابىقىنىڭ رىياسەتچىسى مۇسابىقە تەرتىپلىرىنى ئېلان قىلدى، بىرىنچى قەدەمدە ئىككى
كوماندىدىكى ئوغلانلار بەدەن قىزىتتى ئارقىدىن بۇ مۇسابىقىنىڭ قوشۇمچە پائالىيىتى بولغان كىشىنى تولىمۇ
قىززىقتۇرىغان <<قارماي كىچىك بۈركۈت كوماندىسى>> دىكى 100نەپەر كىچىك پۇتبولچىلىرىمىز بىلەن شىنجاڭ
چولپانلار كوماندىسى 5مىنۇتتىن ، 10مىنۇت ئىككى مەيدان ناھايىتى قىزىقارلىق مۇسابىقە ئېلىپ باردى،  مۇسابىقە
جەريانىدا قاراماينىڭ << كىچىك بۈركۈت>> لىرى چولپان ئاكىلىرى بىلەن ناھايىتى كۆڭۈللۈك مۇسابىىقىلەشتى بىراق
توپ كىرمەي نەتىجە 0گە قارشى 0 بولۇپ ئاياغلاشتى،  ئاندىن ساھىبخان كوماندا قاراماي كوماندىسى مېھمان كوماندا
<<شىنجاڭ چولپانلار>> كوماندىسى مۇسابىقىسىنىڭ تەييارلىقى بولدى، رەھبەرلەر، پىشقەدەملەر ۋە مەبلەغ چىقارغۇچى
ئاكىلار ئىككى كوماندىدىكى چولپانلار بىلەن ئايرىم ئايرىم كۆرۈشتى ۋە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى، ئارقىدىن كىشىنى
ھاياجانغا سالىدىغان شىددەتلىك بىر مەيدان جەڭ رەسمىي باشلاندى، ئىككى كوماندىدىكى ئارسىلانلار بىر-بىرى بىلەن ناھايىتى دوستانىلىك بىلەن كۆرۈشۈپ قۇچاقلاشتى ،ئاندىن مۇسابىقە پۇشتىكى چېلىندى مۇسابىقە
باشلىنىپ خېلى ۋاقىتقىچە شىنجاڭ چولپانلار كوماندىسى قاراماي كوماندىسىغا خېلى بېسىم قىلدى ، كېيىن شىنجاڭ
چولپانلار كوماندىسى تاساددىپى بىر نۇقتا توپ تېپىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى، شىنجاڭ پۇتبول ئەپەندىسى -ئەكرەم ئەخمەت ناھايىتى تەمكىنلىك بىلەن قاراماي كوماندىسىنىڭ ۋاراتارىغا ئۇرۇپ كىرگۈزدى بۇ توپنى قاراماينىڭ
ۋاراتار باققۇچىسى ۋە سابىق شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ۋاراتار باققۇچىسى زۇليار توسىيالماي قالدى نەتىجە 1
گە قارشى 0 بولدى . مۇسابىقە شۇ تەرىقىدە ناھايىتى ياخشى ئېلىپ بېرىدى مۇسابىقە جەريانىدا ئىككى كوماندا ئەزالىرى
ۋە رېپىر ئانچە-مۇنچە سەۋەنلىكلەرنى سادىر قىلىپ تۇردى، كېيىن <<شىنجاڭ چولپانلار كوماندىسى>> دىن ئۆتكۈرنىڭ بىر ئىختىيارىي
توپ ئۇرۇشى ، دىلمۇراتنىڭ ئىككى توپى ۋە دانىيار قاتارلىقلارنىڭ بىردىن توپ ئۇرۇشى قاراماي كوماندىسىدىن
قاراماينىڭ جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ پەخرى ئىلھام قاتارلىقلارنىڭ بىردىن توپ ئۇرۇشى نەتىجىسىدە 6گە قارشى 2نەتىجە
بىلەن <<شىنجاڭ چولپانلار كوماندىسى>> غەلبە قىلىپ ئاياغلاشتى.
     بۇلتۇرقى مۇشۇ ۋاقتتا <<شىنجاڭ چولپانلار كوماندىسى>>  4كە قارشى 0 نەتىجە بىلەن قاراماي كوماندىسىغا يېڭىلىپ
قالغان ئېدى. بۇ يىللىق مۇسابىقىگە <<شىنجاڭ چولپانلار كوماندىسى>>  دىن بارى ۋە قاراماي كوماندىسىن ئابدۇۋەلى
(خېنەن قۇرۇلۇش كۇلۇبىدىن) مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى قاتنىشالمىدى.
    مۇسابىقە ئاخرىدا قاراماي ئۆسمۈرلىرى چولپان ئاكىلىرىنىڭ ئېمزاسىنى بەس-بەستە قويغۇزىۋالدى ۋە مايكىلىرىنى خاتىرە سۈپىتىدە ئېلىۋالدى، بۇنىڭدىن بىز قاراماي خەلقىنىڭ پۇتبولنى نەقەدەر
ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلىۋالدۇق ۋە تەسىرلەندۇق.

قوشۇمچە : مەزكۇر مۇسابىقىسىنىڭ 90 مىنۇتلۇق فىلىمى ۋە زىيارەت خاتېرىسى يېقىندا تورداشلار بىلەن ئۇچىرىشىدۇ ، نەزىرىڭىز داۋاملىق چىمبۇلاق ئېكرانىدا بولسۇن !




ئەكرەم ، نۇرۇم ۋە نىزامىدىنلار بەدەن قىزدۇرماقتا



رەئىس سەھنىسىدىن بىر كۆرۈنۈش




ئۆتكۈر بەدەن قىزدۇرماقتا




چىڭدۇ شىفىيلىيەندىكى ئارافات بەدەن قىزدۇرماقتا




مىرەخمەت بەدەن قىزدۇرماقتا




شىنجىن قىزىل ياقۇت كۇلۇبىدىكى بىر جۈپ ‹‹كۆك بۆرە›› يەھيا(سولدا)، دىلمۇرت(ئوڭدا)




ئەكرەم




ئۆتكۈر بىلەن ئەكرەم




مانا بىزنىڭ تاشئالمىنىڭ تۈۋرۈكى مەيدانغا چىقتى




قاراماينىڭ ‹‹كىچىك بۈركۈتلىرى›› ئۆتكۈر ئاكىسىنىڭ يېنىدا




چولپانلار بەدەن قىزدۇرماقتا




قارامايدىكى تاماشىبىنلار



قاراماي كوماندىسى ۋە قارامايدىكى مەبلەغ سالغۇچىلار ۋە پىشقەدەملەر سۈرەتكە چۈشتى




قاراماي كوماندىسى ۋە مەبلەغ سالغۇچى (ئىسمىنى بىلىدىغانلار تولۇقلاپ قويۇڭلار ھە)




شىنجاڭ چولپانلار كوماندىسى چوڭلار بىلەن كۆرۈشمەكتە





شىنجاڭ چولپانلار كوماندىسى ۋە  قارامايدىكى مەبلەغ سالغۇچىلار ۋە پىشقەدەملەر سۈرەتكە چۈشتى




قارامايلىق پىشقەدەملەر ۋە مەبلەغ سالغۇچىلار



قاراماي كىچىك بۈركۈت بالىلار كوماندىسىدىكى 100نەپەر ‹‹كىچىك بۈركۈت›› چولپان ئاكىلىرى بىلەن بىر مەيدان قىزىقارلىق پۇتبول مۇسابىقىسى ئوينىدى




قاراماي كىچىك بۈركۈت بالىلار كوماندىسىدىكى 100نەپەر ‹‹كىچىك بۈركۈت›› چولپان ئاكىلىرى بىلەن بىر مەيدان قىزىقارلىق پۇتبول مۇسابىقىسى ئوينىدى





قاراماي كىچىك بۈركۈت بالىلار كوماندىسىدىكى 100نەپەر ‹‹كىچىك بۈركۈت›› چولپان ئاكىلىرى بىلەن بىر مەيدان قىزىقارلىق پۇتبول مۇسابىقىسى ئوينىدى




مىرەخمەتنى مۇداپىئە قىلىۋاتقان كىچىك ماھىرلار



ئۆتكۈر ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن توپ ئېلىپ ماڭماقتا





ئۆتكۈر ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن توپ ئېلىپ ماڭماقتا





كىچىك ماھىرلار ئەكرەم ئاكىسىغا ئېسىلىۋالدى








قاراماي كوماندىسى ۋە شىنجاڭ چولپانلار كوماندىسى ئوتتۇرىسىدىكى رەسمىي مۇسابىقە باشلىنىش ئالدىدا




قاراماي كوماندىسى ۋە شىنجاڭ چولپانلار كوماندىسى ئوتتۇرىسىدىكى رەسمىي مۇسابىقە باشلىنىش ئالدىدا




رېپىرلار گۇرۇپپىسى ۋە قاراماي كوماندىسى ئەزالىرى




ئىككى كوماندىدىكى ئەزالار ئۆز ئارا كۆرۈشمەكتە




مىرەخمەت بىلەن ئېلھام ئۆز ئارا كۆرۈشۈپ چاقچاقلاشماقتا




بۇ ئىككى چولپان چىڭ قۇچاقلىشىپ ئۆز ئارا مەدەت بېرىشمەكتە



شىنجاڭ چولپانلار كوماندىسىنىڭ كوماندا سۈرىتى (نېمىدىگەن ھەيۋەتلىك ھە!؟)



قاراماي كوماندىسى سۈرىتى (نېمىدىگەن جۇشقۇن كوماندا ھە؟ ! )




پۇشتەك چېلىنىش ئالدىدا




مۇسابىقىدىن كۆرۈنۈشلەر





مۇسابىقىدىن كۆرۈنۈشلەر





مۇسابىقىدىن كۆرۈنۈشلەر




ئويلىمىغان يەردىن شىنجاڭ كوماندىسى بىر نۇقتا توپ تېپىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى (ئەكرەم تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ)



ئويلىمىغان يەردىن شىنجاڭ كوماندىسى بىر نۇقتا توپ تېپىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى (ئەكرەم تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ)




توپنى تەپتى




توپ كىردى



مۇسابىقىدىن كۆرۈنۈشلەر




مۇسابىقىدىن كۆرۈنۈشلەر






مۇسابىقىدىن كۆرۈنۈشلەر




مۇسابىقىدىن كۆرۈنۈشلەر




مۇسابىقىدىن كۆرۈنۈشلەر




مۇسابىقىدىن كۆرۈنۈشلەر




مۇسابىقىدىن كۆرۈنۈشلەر




قاراماي كوماندىسىنىڭ زاپاس ئەزالىرى



مۇسابىقىدىن كۆرۈنۈشلەر




مۇسابىقىدىن كۆرۈنۈشلەر





مۇسابىقىدىن كۆرۈنۈشلەر







مۇسابىقىدىن كۆرۈنۈشلەر



مۇسابىقىدىن كۆرۈنۈشلەر




مۇسابىقىدىن كۆرۈنۈشلەر



مۇسابىقىدىن كۆرۈنۈشلەر




مۇسابىقىدىن كۆرۈنۈشلەر





مۇسابىقىدىن كۆرۈنۈشلەر




رېپىر ئارافاتقا قىزىل كارتا بەردى، ئەكرەم رېپىرغا ئازراق كايىپ قالدى




ئارافات مەيداندىن چىقىپ كەتتى




مۇسابىقىدىن كۆرۈنۈشلەر




مۇسابىقىدىن كۆرۈنۈشلەر




ئەكرەم ئالمىشىپ چۈشۈپ كەتتى




مىرەخمەت بۇلۇڭ توپ چىقىرىۋاتىدۇ




مۇسابىقە ئاياغلىشىش ئالدىدا




ئەكرەم، ئارافاتلار مەستانىلىرىغا ئېمزا قويۇپ بېرىۋاتىدۇ




ئەكرەم، ئارافاتلار مەستانىلىرىغا ئېمزا قويۇپ بېرىۋاتىدۇ





مىرەخمەتنىڭ بىر مەستانىسى ئۇنى سۈرەتكە تارتىۋالدى




نۇرمۇھەممەد( مۇستافا) مەستانىلىرىغا ئېمزا قويۇپ بېرىۋاتىدۇ



ئاپتوموبىل ئەترىتى چولپانلارنى ئېلىپ مېڭىش ئۈچۈن تەييارلانماقتا






ئاپتوموبىل ئەترىتى چولپانلارنى ئېلىپ مېڭىش ئۈچۈن تەييارلانماقتا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21242
يازما سانى: 468
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8971
تۆھپە نۇمۇرى: 402
توردا: 1343 سائەت
تىزىم: 2010-12-7
ئاخىرقى: 2013-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-20 10:43:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياۋ نىمىدىگەن ھەيۋەت ، مانا ئەزمەتلىرىىمىزنى قوللىغان شۇ تىجارەتچىلەرنىڭ سودىسى روناق تاپسۇن ئىزەت قىلساڭ ئىناۋەت تاپىسەن دەپ بىكا ئىيتمىغان كونىلار بۇ شىنجاڭ تارىخىدىكى تۇنجى ھەقىقى بىر شىجاڭ چولپانلار كوماندىسى ھىساپلىندىغۇ دەيمەن !

قايىل قىلىش قۇرق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6147
يازما سانى: 1190
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13732
تۆھپە نۇمۇرى: 365
توردا: 5279 سائەت
تىزىم: 2010-8-12
ئاخىرقى: 2013-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-20 10:50:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ۋۇجۇدۇم ئىختىيارسىز لەرزىگە كىلىپ ، ئىللىق بىر تۇيغۇ روھىمنى ئۆز ئىسكەنجىسىگە ئالدى .................... مىھرىڭ نىمانداق ئىسسىق سىنىڭ ئۇيغۇرۇم ..........................!

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
zulayha + 50

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 50   باھا خاتىرىسى

كىشى كۆركى يۈزدۇر ، ئول يۈز كۆركى كۆز ، ئەقىل كۆركى تىلدۇر ، ئول تىل كۆركى سۆز !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84155
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 54
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 11 سائەت
تىزىم: 2012-8-20
ئاخىرقى: 2013-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-20 11:05:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياشاپ كېتىڭلار قارماي خەلقى ! رەخمەت سىلەرگە . پەخىرلىك ئەزىمەتلىرىمزگىمۇ كۆپ

رەخمەت .

يەنە بىزنىڭ شىنجاڭ تېلۋېزىيە ئستانسىغا ۋاكالىتەن . (ئۇلار بەك ئالدىراش ) مۇشۇ خەۋەرنى

بىزگەيەتكۇزگەن ، ھەمدە بىزنى چەكسىز ھاياجانغا چۆمدۇرگەن... چىمبۇلاق تورىدىكى

(www.qimbulak.com ) ئاكا-ئۇكا جاپاكەشلەرگىمۇ پۈتۈن شىنجاڭ خەلقى نامىدىن

چەكسىز ھۆرمىتىمنى بىلدۇرمەن ...رەخمەت سىلەرگىمۇ !!!   

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87351
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 65
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 9 سائەت
تىزىم: 2012-11-17
ئاخىرقى: 2012-11-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-20 11:05:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

315 كىنو تورى ئەڭ ئىسىل كىنو ماكانى كىرمىگەن  پەقەت سىزلا قالدىڭىز  ئادىرىسمىز www.315kino.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84155
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 54
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 11 سائەت
تىزىم: 2012-8-20
ئاخىرقى: 2013-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-20 11:07:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84155
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 54
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 11 سائەت
تىزىم: 2012-8-20
ئاخىرقى: 2013-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-20 11:07:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84155
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 54
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 11 سائەت
تىزىم: 2012-8-20
ئاخىرقى: 2013-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-20 11:08:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85143
يازما سانى: 282
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 763
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 301 سائەت
تىزىم: 2012-9-16
ئاخىرقى: 2013-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-20 11:34:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قالتىس ئوينىۋەتكەندەك قىلدۇ . سۈرەتلىك فىلىمنى چاققانراق يوللىۋەتسەڭلا ، نەخمەيداندا تۇرۇپ كۆرىشكە مۇيەسسەر بولالمىغان بولساقمۇ ئىكراندا بولسىمۇ كۆرەيلى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86756
يازما سانى: 265
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 554
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 157 سائەت
تىزىم: 2012-11-3
ئاخىرقى: 2013-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-20 11:35:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پاھ .....نىمە دىگەن كەسكىن مۇسابىقە ھە ......بەكلا ھاياجانلىنىپ كىتىۋاتىمەن..... ياشا ئۇيغۇرۇم ،،،،، بىزنى بۇ ئەھمىيىتلىك مۇسابىقىدىن خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا كۆپتىن-كۆپ رەخمەت......ھارمىغايسىز   

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
xapkat0609 + 10 ھەقىقەتەن توغرا گەپ ق.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش