ئانا،پۇلۇم تۈگىدى
ئانا،سىرتتا قاتتىق قار يېغىۋاتىدۇ....پۇلۇم تۈگىدى،ئۈرۈمچىدەك چوڭ شەھەردە پۇل يوق بىر كۈن ياشىماقمۇ شۇنچىلىك قىيىنكەن،پۇلۇم تۈگىگىلى ساق ئۈچ كۈن بولدى. ئاكامغا تېلفۇن قىلىشتىن خىجىل بولىمەن،دادام ئەمدى داۋالىنىپ ساقايغان تۇرسا نەدىكى پۇلنى بېرىدۇ؟ ئاكام مېنىڭ ئاسپرانتلىقتا ئوقۇشۇمغا كۆڭلىدە بىر خىل نارازى بولغاچقا ئاكامغىمۇ دىگۈم كەلمىدى. ئانا! ئاڭلاۋاتامسەن؟! مەن پۇلۇم يوق ياتاقتا يىغلىدىم، تەجرىبىمۇ ئىشلىگۈم كەلمەيدۇ... ئۇزۇندىن-ئۇزۇن خىيال سۈرۈپ ماڭا پۇل كېلىدىغان شۇ كۈننى ساقلايمەن. سېنىڭ يوقلىقىڭ ھەجەپمۇ بىلىندى، ئانا! گەر ھايات بولساڭ ئىدىڭ،قىزىم، ئۈرۈمچى سوغۇقمۇ،پۇلۇڭ بارمۇ دەر بولغىيتىڭ.ئانا مەن ئۇنچىلىك بەتخەجمۇ ئەمەس،چۈنكى مەن دىگەن سېنىڭ قىزىڭ تۇرسام،ئۆزۈم تۈگۈل دوستلىرىمىنىمۇ قىمەتلىكرەك نەرسە ئېلىشتىن توسىمەن بولمىسا. ئاكام،داداملارغا پۇلۇم بار دەپ قويدۇم،لېكىن ئۇلار نېمىشقا مېنىڭ ئۇلارنى ئاياۋاتقانلىقىمنى بىلمەيدىغاندۇ؟
ئانا! سەنسىز ئۆتكەن بۇ كۈنلەر مەن ئۈچۈن بەئەينى قاراڭغۇ زۇلمەت. ئانا، بەزىلەر: "ۋاقىت ھەممىنى ئوڭشايدۇ " دەيدىكەن،لېكىن مېنىڭ بۇ قەلب يارام تېخى ساقايغىنى يوق،بەلكىم مەڭگۈ ساقايماسلىقى مۇمكىن. بىلەمسەن،ئانا؟ باشقىلار "ئانا" دىسە،ئاچچىقتىن قاتتىق تولغىنىپ كېتىمەن.ئانىدىن ئايرىلىش نەقەدەر ئازاپلىق ھە! ئانا، بەزىدە دوسلىرىمنىڭ مۇھەببىتىدىن ئايرىلىپ قار-يامغۇر يىغلىغىنىنى كۆرسەم، ھەيران قالىمەن .مۇھەببىتىدىن ئايرىلىپ ياش تۆكىدىغانلار مۇھەببىتىدىنمۇ مۇھىم بىر ئادەمنىڭ يەنى،ئانىدىن ئىبارەت بىر غەمگۇزارىدىن ئايرىلىشنىڭ ئازابىنى چۈشەنمەيدۇ. ئانا، كونىلار توغرا دەپتىكەن: "كەتكەنلەرغۇ كېلەر بىر كۈنى، كەلمەيدىكەن كەتمەنلىگەنلەر." دەپ.سېنى شۇنچە ساقلىدىم،يەنە مەڭگۈ ساقلاشقا رازى ئىدىم،لېكىن سەن قايتىپ كەلمىدىڭ.... ئانا، نېمىشقىكىن، يولدا ماڭساممۇ،تاماق يىسەممۇ،يېڭى كىيىم كىيسەممۇ ئېچىلالمايمەن. نۇرغۇنلىغان كېنىشكىلەرنى،مۇكاپاتلارنى ئالدىم،يەنىلا بىر خىل. گەرچەشۇلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن نۇرغۇن بەدەل تۆلىگەن بولساممۇ.
ئانا، مەن قەدەمنى خاتا ئەپقاپتىمەن. ئەينى ۋاقىتتا مەن ئاسپرانتلىقتا ھەقسىز ئوقۇشقا كىرەلىسەم،ئۆيدىكىلەر مەندىن پەخىرلىنىدۇ دەپ،قاتتىق تىرىشقان ئىدىم. ھەقىقەتەنمۇ ھەقسىز ئوقۇشقا ئىمتىھانسىز قوبۇل قىلىندىم. لېكىن ئويلىمىغان يەردىن ئۇلار نارازى بولۇشتى.مەن خۇددى روھى چىقىپ كەتكەن ئادەمدەك بولۇپ قالدىم.ئانا، دېگىنە، مەن نىمىنى خاتا قىلدىم؟ سەن بولساڭمۇ مېنى قوللىمامتىڭ؟
ئانا،سەن يوق! مەڭگۈ قايتىپ كەلمەيسەن........كۆڭلۈم بۇنى بىلىپ تۇرسىمۇ سىرلىرىمنى ساڭا دىگۈم كەلگەندە ئازاپتىن تىترەپ كېتىمەن.
ئانا، بۇ قېتىم تەتىلدە ئۆيدە ئۈچ ئاي تۇردۇم.ئۆي شۇنچىلىك مۇڭسىرىغان،ئۆينىڭ ھەممە يېرىنى غەمكىنلىك قاپلىغان.
جانىم ئانا !ئۆينىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىنىمۇ چالا قويماي ئىزدىدىم،سېنى ھېچ نەدىن تاپالمىدىمغۇ ئانا!؟ 8-ئايدا ئاچام يەڭگىدى ،سېنىڭ يوقلىقىڭ شۇنچىلىك بىلىندىغۇ، جانىم ئانا !نېمىشقىمۇ بىزنى تاشلاپ كەتكەن بولغىيتىڭ؟!
ئاچام ئىككىمىز شۇنچىلىك ئېغىر كۈنلەرنى بېشىمىزدىن ئۆتكۈزدۇق،كۆز ياشلىرىم يامغۇردەك تۆكۈلۈشكە باشلىدى.ئانا، ھاممام بىر كۈن تۇرۇپلا كەتتى .ئەمدى تۇغۇت بېقىشتىن ئىبارەت ئىنتايىن چوڭ بىر مەسئۇلىيەت مېنىڭ زىممەمگە يۈكلەندى.
ئانا، ئېسىمدە قېلىشىچە، ھاممام قەشقەردە ئوپراتسىيە قىلىنغاندا سەن قۇربان ھېيتتىمۇ كەلمەي ساق 45 كۈن باققان ئېدىڭ.
ئەمدىلىكتە ھاممام بەش كۈنمۇ تۇرۇپ بەرمىدى.مەن شۇنداق قىينالدىم،ئاچام تېخىمۇ قاتتىق قىينالدى.كېچىسى ئۇيقۇمنى ئاچالمايمەن. بىچارە ئاچام بالىنىڭ زاكىسىنى ئۆزى ئالماشتۇرۇپ،ھەيييييييييييييييييييي................بولدىلا ئارتۇق دىگۈم يوق. شۇ كۈنلەردە كۈندە ئۈنسىز ياش تۆكەتتىم. ھەنىم بولسا تەتىل ۋاقتىمغا توغرا كېلىپ قاپتۇ،ئاچام مەن بار خاتىرجەم.
لېكىن تارتقان جاپايىمنى بىر اللە ئۇندىن قالسا ئۆزۈم بىلىمەن.ئاددىيغىنىسى ئۆيگە مېھمان كېلىپ قالسا ،قانداق قىلىشىمنى بىلمەي تەمتىرەپ كېتىشلىرىم. ئىشقىلىپ چوڭ-كىچىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە قىينالدىم. سەن بولغان بولساڭ ھەرگىز بۇنداق بولمايتتى شۇنداقمۇ، ئانا!؟
ئانا، سەن بىلىسەن، مەن يەڭگەمنى بىۋاستىلا ئاچا دەپ چاقىرىمەن. مۇناسىۋېتىممۇ شۇنداق ياخشى، ئاكاملار توي قىلغان ئون يىلدىن بېرى بىرەر قېتىممۇ ئازارلىشىپ باققىنىمنى بىلمەيمەن .ئاچام ئىككىڭلار ئازراق يەڭگەمنىڭ گېپىنى قىلساڭلارمۇ مەن سىلەرنى توسۇيتتىم. لېكىن جانىم ئانا، بۇ قېتىم بولماي قالدى، بۇ قېتىم دادامنى داۋالىتىدىغانغا نۇرغۇن پۇل كەتكەچكە چوڭ ئۆينىڭ خىراجىتىنى ئاكام قىلاتتى.مەنمۇ ئاسپرانتلىقتا ئوقۇيمەن دەپ بالدۇر خىزمەتكە چىقمىغىنىمدىن ئىنتايىن پۇشايمان قىلدىم،ئۆيدە ئاچام(يەڭگەم)نىڭ قولىغا قول پۇتىغا پۇت بولىمەن دەپ تىپىرلاپ كېتەتتىم،ھەممىمىز ئاكامنىڭ پۇلىنى خەجلىگەچكە ،تىلىم قىسقا بولۇپ قالغان ئىدى. بىر كۈنى ئاكامنىڭ كىچىك قىزى بەك يىغلاپ كەتتى .مەنمۇ شۇنداق جىددىيلىشىپ كەتتىم. ئاچامغا:" ئاچا، ئاكامغا دورا بۇيرۇپ قويغانمۇ؟" دىسەم،ئاچام:" ئاكاڭ بالا باقمايدۇ، پۇل تېپىپ ،ئۇكاڭ ئىككىڭلارنى ئوقۇتىدۇ" دىمەسمۇ، مېڭەمدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى، ئۈنسىز ياش تۆكتۈم، ئانا،ئىشەنسەڭ ھېچنىمە دىيەلمىدىم،دەل شۇ ۋاقىتتا ماشىنا ئاۋازى ئاڭلىنىپ ،ئاكام قايتىپ كەلدى.پۇت-قوللىرىم تىترەۋاتىدۇ،لېكىن چاندۇرمىدىم. ئۇدۇل چوڭ ئۆيگە چىقىپ كەتتىم.كۈندە تاماق ئېتىپ، ھويلا-ئاراملارنى تازىلاپ بولۇپلا يۈگرەپ چىقىۋالىدىغان ئادەم ئەتىسى ئاكامنىڭكىگە پەقەتلا چىققۇم كەلمىدى.ئاچامنىڭ كۆڭلى تۇيدى بولغاي،چۈش بولغاندا كىرىپ،ئەپۇ سورىدى،مەن:" ۋاي سەنمۇ شۇ بالىنىڭ يىغىسىغا چىدىماي دەپ سالدىڭ، " دېدىم . ئۇ ئىشلارمۇ ئۆتۈپ كەتتى، بۇ گەپنىمۇ ھېچكىمگىمۇ تىنمىدىم.پەقەت ساڭىلا دەۋاتىمەن ئانا ! ئانا، ئەسلى مۇشۇ ئىش تۈپەيلى ئاكامغا پۇل دېمىگەن ئىدىم. ئەمدى دىمىسەم بولمىدى ،پۇلۇم تۈگىدى.... سەن ھايات بولغان بولساڭغۇ ،يىغىپ قويغان پۇللىرىڭنى بېرەر بولغىيتىڭ. ئانا، پۇلۇم تۈگىدى،بېرىپ ئاكامغا تېلفۇن قىلاي.............