|
|
|
|
ھىندىستان نوپوسىنىڭ كۆپلىگى جەھەتتە دۇنيادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ . بولۇپمۇ بۇ دۆلەتنىڭ ئالتۇنغا بولغان ئىھتىياجى ئەڭ يۇقۇرى .
دۇنيادا جۇڭگۇ ، ھىندىستان ، روسىيە قاتارلىق ئۈچ چوڭ دۆلەتنىڭ ئالتۇنغا بولغان ئىھتىياجى دۇنيا ئالتۇن بازىرىغا
تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ .
بولۇپمۇ ھىندىستان پۇقرالىرىنىڭ ئالتۇن زىبۇ -زىننەتكە بولغان ئىھتىياجى بەكلا يۇقۇرى .
ھىندىستاندا ، قىز-ئاياللار بۇرنىغا ھالقا تاقىمىغان بولسا ئىشىكتىن چىقمايدۇ . ھىندىستان ھۆكۈمىتى يېقىندا پۇقرالارغا ئالتۇن سېتىۋېلىش كارتىسى تارقىتىپ ، پۇقرالارنىڭ بانكىدىكى زاپاس ئالتۇننى سېتىۋېلىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىشنى پىلانلىغان بولۇپ ، بۇنىڭدىنلا ھىندىستانلىقلارنىڭ ئالتۇنغا بولغان قىزىقىشى ۋە ئىشەنچىسىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ .
ھىندىستاندا، خانىم-قىزلارنىڭ تالا-تۈزگە چىققاندا زىننەت بۇيۇملىرىنى تاقىماسلىقى ئەدەبسىزلىك ، دەپ قارىلىدىكەن .
تۈرلۈك ماتېرىياللاردىن ئىشلەنگەن زىبۇ-زىننەتلەر ئىچىدە ئۇلار سېرىق ئالتۇندىن ياسالغان زىبۇ-زىننەتلەرنى ئەڭ ياخشى كۆرىدۇ. ھىندىستانلىقلارنىڭ تېرىسى قارىراق بولۇپ ، ئالتۇن رەڭ زىبۇ-زىننەتلەر ئۇلارنىڭ تېرىسىنى تېخىمۇ قارا كۆرسىتىپ قويسىمۇ، ھىندىستانلىق خانىم-قىزلار تالا-تۈزلەرگە چىققاندا چوقۇم ئالتۇندىن ياكى ئالتۇنرەڭ مېتاللاردىن ياسالغان زىبۇ-زىننەتلەرنى تاقىۋالىدۇ ، ھەتتا ، كوچىلاردا تىلەمچىلىك قىلىپ يۈرگەن ، يۈز-كۆزلىرىنى مەينەت بېسىپ ، چاچلىرى پاخپىيىپ كەتكەن كىچىك قىزچاقمۇ بۇرنىغا كىچىككىنە ئالتۇنرەڭ ھالقا تاقىغان بولىدۇ .
ھىندىستانلىق ئەرلەرنىڭ زىبۇ-زىننەت تاقىشىمۇ ئومۇملاشقان ئەھۋال . ھەممىلا يەردە دېگۈدەك بىر قولىغا ئۈچ-تۆتتىن ئالتۇن ئۈزۈك تاقىۋالغان ئەرلەرنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ . ئۆيلەردە توي-تۆكۈن بولۇپ قالسا ، كېلىنچەكنىڭ ئاتا-ئانىسى ، ئۇرۇق-تۇغقان ۋە دوستلىرى كېلىنچەككە ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلەرنى سوۋغا قىلىدۇ ، بۇنداق قىلغاندا ئۇلار كېلىنچەك چىرايلىق بولۇپلا قالماي ، ئۇنىڭ كەلگۈسى تۇرمۇشىمۇ ئىقتىسادىي ئاساسقا ئىگە بولىدۇ ، دەپ قارايدۇ.
بۇ ئەھۋال ھىندىستاندا زەرگەرچىلىك دۇكانلىرىنىڭ كۆپلەپ بارلىققا كىلىشىنى ۋە زەرگەرچىلىك ھۈنەر-سەنئىتىنىڭ تەرەققىياتىنى تىزلەتكەن .
ھىندىستاندا ھەر يىلى توي -تۆكۈن كۆپ بولىدىغان مەزگىللەردە ياكى دىنى بايراملاردا ھىندىستان زەرگەرلىرى ناھايىتى ئالدىراش سودا قاينىمىغا كىرىپ كىتىدۇ .
دوسىتلارغا مەلۇم ئۆتكەن ھەپتە يەنى جۈمە كۈنى ئالتۇن باھاسى ناھايىتى تىز چۇشۇپ كىتىپ ھەر ئۇنسىيە ئالتۇن 1725 دوللادىن 1672 دوللارغا چۈشۈپ قالدى . ۋە يەنە ئىككى كۈن ئۆتمەيلا يقز ئۆرلەپ 1738 دوللارغا يەتتى .
بۇ قانداق ئىش ؟؟؟ شۇنداق تىز چۈشۈپ يەنە بىر كۈندىلا يەنە ئۆسۈپ كەتتىغۇ ؟؟؟
ئەسلىدە ئۆتكەن ھەپتە ھىندىستاندا يىلدا بىر كىلدىغان دىنى بايرام بولغان بولۇپ ھىندىلار بەخت تەلەي تەڭرىسى بولغان پىل باشلىق گانىشقا ئاتاپ ئۆتكۈزۈلگەن بۇ بايرامدا ھىندىلار بىر -بىرىگە ئالتۇن سوۋغا قىلىشىدىكەن .
بۇ سوۋغا قىلىندىغان ئالتۇنلار ھەر خىل شەكىلدىكى بەخىت يەنى قۇت سوۋغاتلار بولۇپ يۇقۇرىسى 200 گىرامدىن تۆۋىنى 30 گىرامغىچە بولىدىكەن .
بايرامدا قىلىندىغان بۇ پائالىيەت پۈتۈن ھىندىستان بويىچە ئىلىپ بىرىلدىغان بولغاچقا ھىندىستاندىكى ئالتۇنغا بولغان تەلەپ خەلقئارا ئالتۇن بازىرىغا چوڭ تەسىر كۆرسىتىپ ئالتۇننىڭ يەنە تىز سۈرئەتتە ئىشىپ ئەسلىگە كىلىشىنى كەلتۇرۈپ چىقارغان .
ھىندىستانلىقلار ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلەرنى ئادەتتىن تاشقىرى ياخشى كۆرگەچكە ، ھىندىستاندا زىبۇ-زىننەت دۇكانلىرى ئەڭ كۆپ . مەيلى چوڭ شەھەر ياكى يېزا-بازارلاردا بولسۇن ، بېزىلىشى ئەڭ چىرايلىق ، ئەڭ يورۇق تۇرغىنىنىڭ ھەممىسىنى زىبۇ-زىننەت دۇكىنى دېسىڭىز ئاساسەن خاتالاشمايسىز.
ھىندىستاندىكى بۇ خىل ئالتۇنغا بولغان ئىھتىياج زەرگەر دۇكانلرىنىڭ كۆپلەپ بارلىققا كەلتۇرگەن . ھەم زەرگەرلەرنى تىزلا باي پۇلدارلارغا ئايلاندۇرىۋەتكەن .
مەنبە ؛ بىر مىسقال بىلۇگى www.1miskal.com
ئالتۇن ، كۈمۈش ، ئاق ئالتۇن ،،،،،،،لارنىڭ كۈندىلىك باھاسىنى بىلمەكچى بولسىڭىز بىر مىسقال بىلۇگىغا كىرىڭ !!!!!
دىققەت !!! بۇ بىلۇگدىكى باھا خام ئالتۇن باھاسىنى كۆرسىتىدۇ . تەييار زىبۇ -زىننەتلەرنىڭ باھاسى ئەمەس .
شۇ خام ئالتۇن باھاسىغا 30---40 يۈەن قوشسىڭىز بازاردىكى تەييار %99لىك ئالتۇن زىبۇ -زىننەتلەرنىڭ باھاسىغا ئىرىشسىز .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 1miskal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-11-20 12:24 PM
|
|
|
|
|
|