ھايات،ئەزىزىم ھايات...!
مەن، ساڭا يېتىۋېلىش ئۈچۈن كەينىمگىمۇ قارىماي يۈگىرەۋاتىمەن.
ساڭا يېتىشەلمەي قېلىشىمدىن ئەنسىرەپ،توختىماي ھايات داستانلىرىمنى كېيىنكىلەرنىڭ ئوقۇشى ئۈچۈن قالدۇرۇپ،ئالدىمغا قاراپ يۈگىرەۋاتىمەن .
ساڭا يۈز كېلىشىم كېرەك ئىدى.
قىزارغان ئۇپۇقلىرىڭدىن نىمىنى كۆرىمەن بىلەمسەن ھايات...؟
مېنىڭ ھەم ئەزىز ھاياتنىڭ دەملىرىنىڭ تولىمۇ قىسقا قېلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىمەن. بورانلىرىڭدىن بولسا ئىلدام ھەم توغرا مېڭىشقا ئىلھام ئالىمەن .
ئويلۇدۇم ،ھايات.
كەينىمگە قارىغۇدەك ۋاقىتلار قالمىغاندەك ئىدى.
ھاياتنىڭ دەملىرىگە تاشقا باسقان مۆھۈردەك دەملىرىڭنى بېسىشىم كېرەك ئىدى.
كېرەملىك ئاللاھ، ماڭا بېرىڭكى،ھاياتىمدىن ئۈنچىلەر قالسۇن ...
ئۈنچىلىرىمنىڭ نۇرى مېنى،مەھشەردىكى جەننەتكە يەتكۈزسۇن...!
قەلب باھرىمغا ھەم تىلەيمەنكى: ئىككى ئالەملىك سائادەت.
قوللىرىمىز دۇئالارغا تەڭ ئېچىلسۇنكى:قىيامەتتە يۈزلىرىمىز يورۇق دەرگاھلىرىدا ھازىر بولۇش ئۈچۈن،ھازىرقى ئەڭ گۈزەل ھاياتىمىز پىدا بولسۇن...!
ئەنە شۇ گۈزەل جەننەتلەر ئۈچۈن،نىمىلەرنى ھازىر قىلىشىم كېرەك -ھايات...؟
مەن يۈگىۋەۋاتىمەن،قەلبىمدە،ھىسلىرىمدا ھەم پۈتۈن جىسمىمدا.
مېنى ساقلاپ تۇرماسلىقىڭدىن تولىمۇ ئەنسىرەپ جىسمىم تىترەۋاتقان دەملىرىڭدە ھايات-قەلب باھارىمغا تىكىلگەن ئىلتىجالىق كۆزلىرىمدىن نىمىنى ھېس قىلدىڭ ھايات...؟
ھاياتنىڭ ماڭا بەرگەن ئەزىز دەملىرىدىن رازىمەنكى:شەپقەتلىك ھەم تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھتىن زۇلەيخا كەبى تەۋرەنمەس ئىماننى تىلەيمەن...!
قەلب باھارىم ھەم ئامان بولسۇنكى:ئۇنىڭغا يۈسۈپ كەبى ئىمان،ھەم ئىككىلا ئالەملىك سائادەت تىلەيمەن ...!
مېنى قىسقا دەملىرىڭدە توختىتىپ قويمىغىن مېھىرلىك ھايات.
باغرىڭغا قاناي.
ئەزىز دەملىرىڭگە قاناي.
مېھىرلىرىڭگە قاناي...!
سەن تۇتقان ئەزىز دەملىرىڭدىن ھايات ئىمتىھانىنىڭ يۇقىرى چەكلىرىنى تاپاي.
پۈتۈن دۇنيا مېنى چاقىرىۋاتقان بۇ ئىمتىھانغا پىلسىرات ئاخىرقى ئىمتىھان ئىدى.
مەن تىلەيمەن ھايات،مۇبارەك دەملىرىڭدە مېنى ھەقىقەتتە،ئېتىقادتا،ئىماندا تاۋلىغىن...
مەن بۇ ھايات مەشىقلىرى بىلەن تولۇق قۇراللىنىپ، كۆزۈمنى يۇمۇپ تۇرۇپ ئۆتۈپ كېتەلىگۈدەك مەشىق قىلاي...!
قەلب باھارىمغا ھەم شۇنداق ئەزىزلىكلەرنى تىلەيمەنكى:مەن ئۇ ئارقىلىق جەننەت ئىشىكلىرىنى ئاچالايمەن.
قوللىرىمدىن قويۇپ بەرمىگىن ئەزىزىم،ھايات بىزنى تاڭلا مەھشەرلەرگە بىللە ،تىلەكلىرىمىز بىلەن يەتكۈزسۇن...!
ھايات،بەك تېز قاچمىغىن،مەن يېتىشىۋالدىم،ئەمدى،شۇ باغرىڭدا مۇبارەك نەپەسلىرىم بىلەن ئالدىمغا قاراپ ماڭاي.
دەملىرىڭگە قاناي...
مېھرىڭگە قاناي...!
2012-يىلى11-ئاينىڭ20 -كۈنى
قاراماي