ئاتالغۇلارنى قېلىپلاشتۇرۇپ باقمامدۇق ؟
ئەسسالامۇئەلەيكۇم مىسرانىم مۇنبرىدىكى بارلىق ئەزىز دوستلار ياخشىمۇسىلەر؟
بۇ تېمىنى يوللاشقا تۇرمۇش ئېستىمالىمىزغا يېڭىدىن سىڭىپ كىرىپ توغرا قېلىپلاشتۇرۇلماي ئەسلى تىلدىكى ئاتىلىشى بويىچە ئومۇملىشىپ كېتىۋاتقان بىر قىسىم شالغۇت، ئەسلى كىلىش مەنبەسى قايسى تىلغا مەنسۇپ بولغانلىقىنىمۇ بىلگىلى بولمايدىغان ئەبجەش ئاتالغۇلارنىڭ ئانا تىلىمىزنىڭ ساپىلىقنى بۇلغاۋاتقانلىقى سەۋەب بولدى. ئانا تىلىمىز سۆز بايلىقى شۇنچە مول، پاساھەتلىك تىل بولسىمۇ، ئەمما بىر قىسىم كىشلىرىمىزنىڭ ئىدىيىسىدىكى قاتماللىق، ئاق-قارىنى پەرىق قىلماي تۇرۇپلا قارىغۇچىلارچە قوبۇل قىلىش پىسخىكىسى ئانا تىلىمىزنىڭ ساپلىقىنى قوغداشقا مۇئەييەن خىرىس ۋە پاسسىپ تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلمەكتە. ئەتراپىمىزغا قارايدىغان بولساق كۈنسىلىك تۇرمۇش ئېستىمالىمىزدا دائىم ئۇچرىتىپ تۇرىدىغان كۆپ ئاتالغۇلارنى ئېنىق چۈشىنەلمەيمىز، بولۇپمۇ يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن ھەر خىل تۇرمۇش بويۇملىرى ياكى بىزنىڭ كۈندىلىك قاتناش ئالاقە ئىشلىرىدا ئىشتىلىدىغان بويۇملارنىڭ ئۇيغۇرچە ئۆلچەملىك ئاتىلىشىنى بىلمەي تېڭىرقاپ قالىمىز. يەنە بەزى ئاغزاكى ئالاقە ياكى يېزىقچە ئېلان تەشۋىقات ۋاراقچىلىرىدا بىر خىل بويۇملار نامىنىڭ ھەر خىل تەرجىمە قىلنىپ تارقىتىلىۋاتقانلىقىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلالمايمىز. بىر قىسىملىرى ئاھاڭىنى ئاساس قىلىپ تەجىمە قىلىنسا يەنە بەزىلىرى ئەسلى تىلدىكى مەنىسىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ تەرجىمە قىلىنىۋاتىدۇ. لېكىن ئۆلچەملىك قېلىپلاشتۇرلۇپ كەڭ دائىردە ئومۇملاشمىغان ئاتالغۇلارمۇ ئاز ئەمەس.
مەسلەن: توكلۇق ھارۋا تۇرمۇشىمىزغا سېڭىپ كىرگىلىمۇ خېلى يىللار بولۇپ قالدى. ئۇ ئېنىرگىيە سەرپىياتىنىڭ تۆۋەن بولۇشى، قىسقا ئارلىقتا قاتناش قورالى قىلشقا ئەپلىك بولۇشتەك بىر قاتار ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن كەڭ ئاممىنڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشىپ كەلدى. مەن يېقىندىن بۇيان تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغان ئەھۋالغا ئاساسلانغاندا مۇشۇ توكلۇق ھارۋا نامىنىڭ ئۆلچەملىك ئاتىلىشى تېخىچە ئومۇملىشىپ بولالماپتۇ. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مەلۇم بىر ناھىيىسدە ئۈچ ئورۇندا توكلۇق ھارۋىنى مەخسۇس ساتىدىغان دۇكان بولۇپ، ئۈچ دۇكاننىڭ ۋېۋىسكىسى ئۈچ خىل چىقىرىلغان. بىرىنچى دۇكاننىڭ ۋېۋىسكىسىغا «ئېلىكتىر يادرو موتوسىكلىتى مەخسۇس سېتىش دوكىنى» دەپ يېزىلغان بولسا؛ ئىككىنچى دۇكاننىڭ ۋېۋىسكىسىدا « توكسېكلىت مەخسۇس سېتىش دوكىنى» دەپ يېزىلغان؛ ئۈچىنچىسىنىڭ ۋېۋىسكىغا بولسا «توكلۇق ماتور ھارۋىلىرىنى مەخسۇس سېتىش دوكىنى» دەپ يېزىلغان. يەنە سۆزلەيدىغان بولساق بۇنداق مىساللار قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرىدۇ. بەزىلىرىدىن قايىل بولساق بەزىلىرىدىن ئەپسۇسلانماي تۇرالمايمىز، يەنە بىر قىسم بىمەنە تەرجىمە مەزمۇنلىرىنى كۆرگىنىمىزدە ئاچچىق يۇتۇپ ئەلەملىك خوسىنىشقا مەجبۇر بولىمىز، كىملەرگىدۇ شىكايەت قىلغۇمىز، كىملەرگىدۇ نەپرەنلەنگۈمىز كېلىدۇ. بىراق ئامال قانچە؟.... رىئاللىق بىزنىڭ ئارزۇيىمىزغا باقامدۇ؟ بىز رىئاللىقنى ئۆزگەرتەلەمدۇق؟ تامامەن ئۆزگەرتەلەيمىز، پەقەت ئانا تىلىمىزغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلساقلا، مەسئۇلىيەتچان بولساقلا جاھاندا قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق.
ئاغزاكى ئالاقە بايانلىرىمىزدىكى ئېغىمىزدىن شالىمىزنى چاچرىتىپ تۇرۇپ كۆرەڭلىك بىلەن سۆزلەيدىغان شالغۇت ئاتالغۇلارغۇ بەك كۆپىيىپ كەتتى. بېشىنى بىر ئوبدان ئۇيغۇرچە باشلاپ قويۇپ ئاخىرىنى خەنزۇچە ئاتالغۇلار بىلەن چۈشۈرۋېتىدىغان ياكى سۆزلەۋاتقاندا ئارىسىغا خەنزۇچە گەپلەرنى قىستۇرۇپ سۆزلەدىغان ئىشلار بىر خىل «مودا»غا ئايلىنىپ قالدى. بۇ توغۇرلۇق ئارتۇقچە سۆزلەپ ئولتۇرمىساقمۇ بەلكىم تورداشلار ئابدىكېرەم ئابلىزنىڭ يېقىندا بازارغا سالغان «چۈشەنمىدىم» دىگەن ئېتوتىنى كۆرگەن بولۇشى ۋە ئۇنىڭىدىن مۇئەييەن چۈشەنچىگە ئىگە بولغاندۇ دەپ قارايمەن. ئەگەر بىز مۇشۇنداق ئانا تىلىمىزنى قوغداشقا ئەھمىيەت بەرمەي داۋاملىق يېڭىلىق مودىسى قوغلىشىپ كېتىۋەرسەك ئانا تىلىمىزدىكى ئويغۇرچە ئاتالغۇلار بىر چەتكە تاشلىنىپ قېلىپ ئونتۇلۇشقا قاراپ يۈزلەنمەسمۇ؟ كەلگۈسى ئەۋلاتلار ئۇ چاغدا بىزدىن نەپرەتلەنمەسمۇ ؟ قەلىب باياۋىنىمدا مەۋىج ئۇرىۋاتقان مۇشۇنداق تەخىرسىز سۇئاللارنىڭ تۈرتكىسىدە بۇ تېمىنى ئەزىر تورداشلارنىڭ دىققتىگە سونۇشنى لايىق تاپتىم. ئۈمىدىم ئانا تىلىمىزغا باشقا مىللەت تىللىرىدىن پاسفورتسىز، كىملىكسىز ھالدا بېزەڭلىك بىلەن سىڭىپ كىرىپ ئانا تىلىمىزنىڭ پاساھىتىگە، ساپلىقىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ئاتالغۇلارنى قانچىلىك بىلسەك شۇنچىلىك ئوتتۇرغا قويۇپ ساپ ئويغۇرچە ئانا تىلىمىزدا قېلىپلاشتۇرۇپ باقساق قانداق بولا؟ ئەمدى خۇلاسىگە كەلسەم ئەقىللىق تورداشلار مېنىڭ مەقسەت مۇددىئالىرىمنى تولۇق چۈشىنىپ يەتتىغۇ دەيمەن!
ئانا تىلىمىزنىڭ ساپلىقى، پاساھىتى ئۈچۈن شالغۇتلاشقان ئاتالغۇلارنى ئۇيغۇرچە بىر قېلىپلاشتۇرۇشقا كۆپچىلىك ئورتاق كۈچ چىقىرىپ باقايلى، بەلكىم مەلۇم نەتىجە مەيدانغا كەلسە ئەجەپ ئەمەس !
ئۇنداق بولسا مەن ئۆزەم چۈشىنەلمىگەن بىر قىسىم ئەبجەش ئاتالغۇلارنى ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتەي، كۆپچىلىكنىڭ بىلگىنىچە مۇلاھىزە قىلىپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن !
1. كۆپچىلىككە مەلۇم يېقىنقى بىر قانچە يىللاردىن بۇيان قايسى مىللەتنىڭ كەشپىياتى ئىكەنلىكىنىمۇ بىلگىلى بولمايدىغان ياغدا پىشۇرۇپ كۇچا-كويلاردا توۋلاپ ساتىدىغان، ئاياللار، كۆپرەك ئۆسمۈر بالىلار تالىشىپ يەيدىغان كۆپ يېسە خۇما بولۇپ قالىدىغان خۇددى ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ سەكسەن خالتىسىغا ئوخشاش يېيىۋالغان تۇخۇ سۈتىدىن باشقا ھەممىنى تاپقىلى بولىدىغان بىر خىل يېمەكلىك بارلىققا كەپتۇ. ئۇنى باشقلاردىن ئاڭلىسام «مالاچۇۋەر» مۇ دەپ ئاتايدىكەن. بۇنىىڭ مەنىسى نېمىدۇ؟ نېمە دىگەن مەنا چىقار بىر مۇلاھىزە قىلىپ باقساق.
2 . يۇقىرىقى باياندا مىسال ئېلىپ ئۆتكەن «توكلۇق ھارۋا» بۇ قاتناش ۋاستىسى تۇرمۇشىمىزغا سىىڭپ كىرگىلىمۇ خېلى يىللار بولۇپ قالدى. بۇنى كىشلەر ھەر خىل ئاتاپ كەلمەكتە. بۇنى ساپ ئۇيغۇرچە ئانا تىلىمىزدا قېلىپتۇرۇشقا توغرا كەلسە نېمە دەپ ئاتىساق بولا؟
3. ئۇچۇر دەۋرىنىڭ نامايەندىسى بولغان تور چاقىرغۇسى بەزىلەر چ چ ، بەزىلەر كوت كوت، يەنە بەزىلەر مۇڭداشقۇ دەپ ئاتاپ كېلىۋاتىدۇ. بۇنى ساپ ئۇيغۇرتىلىدا قېلىپلاشتۇرۇپ ئاتالغۇ ياساشقا توغرا كەلسە نېمە دەپ تەبىر بەرسەك بولا ؟
مېنىڭ ئويلىغىنم مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇنلىغان يېڭىچە، قېلىپنىڭ سىرتىدا قېلىپ ئۆز خاھىشى بويىچە ئانا تىلىمىزنىڭ ساپ مۇھىتىنى بولغاشقا قۇتراۋاتقان ئاتالغۇلار. قېنى كۆپچىلىك مۇشۇ يوسۇندا بىر ئەركىن بەس مۇنازىرە قوزغاپ باقايلى! قانچىلىك بىلسەك شۇنچىلىك سۆزلەيلى، ئانا تىلىمىزنىڭ تىل بايلىق مەنبەسىنى بېىتىش، پاساھىتنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىر سۆزلەپ باقايلى. يېڭىچە ئاتالغۇلار بولسا مۇنبەر داستىخىنىغا ئايانماستىن تۆكەيلى، بىلىدىغانلار ئايانماستىن يېڭىچە پىكىر، كۆز قاراشلىرىمىزنى ئوتتۇرغا قويۇپ باقايلى.
--- قېنى كۆپچىلىك بەس مۇنازىرىگە مەرھەمەت !!!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا shaidayi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-11-20 03:04 AM