ئىككى خوتۇنلۇق ئەر
( ھىكايە )
سوت يىپىلدى ، ساقچىلار بەختىسانى يالاپ ئىلىپ چىقىپ كەتتى ، ئاينىساخان ئانا ئىككى ياشلىق نەۋرىسىنى كۆتەرگەنچە ھىچنىمىگە قارماي ئۆزىنى سىرتقا ئاتتى ، بۇ چاغدا ساقچىلار بەختىسانى ئاللاقاچان مەھبۇسلار ماشىنىسىغا چىقىرىپ بولغان ئىدى ، ماشىنا ئەينىگى تۆمۈر رىشاتكىلار بىلەن قاپلانغاچقا ئاينىساخان ئانا يا ماشىنىنىڭ ئىچىنى كۆرەلمەي ، يا يىقىن بارالماي نەچچە مىتىر نىرىدا پۇت - قوللىرى تىترىگەن ھالدا ماشىنىغا قاراپ تۇرۇپ قالدى ، << نىمىشقا بۇنداق بولىدۇ ؟ زادى نىمىشقا ........... >> بىچچارە ئانا ئۆز - ئۆزىگە توختىماي سۆزلەيتتى ، ماشىنا قوزغۇلۇپ سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىشىكىدىن چىققان ۋاقىتتا ئانا ئۈن سىلىپ يىغلىۋەتتى ،
_ ۋاي بىچچارە قىزىم ، ۋاي شور پىشانە قىزىم ، سىنىڭ يىتىملىكىڭ مۇشۇ نارسىدە قىزىڭغا قالامدۇ جىنىم قىزىم ، ئانا توختىماي يىغلاۋاتاتتى ، ئاڭغىچە چوڭ ئوغلى يىتىپ كىلىپ تەسەللى قىلغاچ قولتۇقىدىن ئاستا يۆلىدى ، ئانىنىڭ چىرايى تاتارغان ، چاچلىرى چۇۋۇلغان ھالدا ئوغلىنىڭ يۆلەشتۈرشى بىلەن ئاران - ئاران مىڭىپ سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىشىكىدىن چىقىپ كەتتى .
بەختىنسا مەھبۇس ماشىنىسىغا يالاپ چىقىرلىپ ئىشىك گۈپپىدە يىپىلغاندىلا چۆچۈپ ئۆزىگە كەلدى - دە ئىغىر ئۇھ تارتتى ، ئۇ بەك قورقۇپ كەتكەن ئىدى ، چۈنكى سوت جەريانىدا ئەشۇ قورقۇنۇشلۇق مىنۇتلار بوينىغا قىل ئارغامچا باغلانغان ھالدا خىقىراپ ياتقان مەنسۇرنىڭ جان تالىشىۋاتقان ۋاختىدىكى چەكچەيگەن كۆزلىرى ، تاتارغان قورقۇنۇشلۇق چىرايى كۆز ئالدىدىن پەقەت كەتمىدى ، بەختىنسا بۇ ئىشلارنىڭ بىر قاباھەتلىك چۈش بوپ قىلىشىنى ، ئويغانسىلا ھەممە ئىشنىڭ تۈگۈشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتى ، ئەپسۇس بۇ بىر رىياللىق ئىدى ،
بەختىنسا خىيال بىلەن بولۇپ ماشىنىنىڭ تۈرمە قورۇسى ئىچىگە كىرىپ بولغانلىغىنى سەزمەي قالدى ، ساقچىلار ئۇنى قاراڭغۇ كامىرغا ئەكىرگەن ۋاختىدا ئۇ ئۆزىنىڭ ئەڭ مۇھىم بىر نەرسىسىدىن ئايرىلىپ قالغانلىغىنى يەنى ئۆزىنىڭ كىشىلىك ئەركىنلىكىدىن ئايرىلىپ قالغانلىغىنى ھىس قىلدى ، ئەنە شۇ ئايرىلىپ قالغان ئەركىنلىكنىڭ كەينىدە مىھرىبان ئانىسى ، ئەمدىلا ئىككى ياشقا كىرگەن ئوماق قىزى كۆيۈمچان قىرىنداشلىرى بار ئىدى ، ئەمدى ئۇ بۇندىن كىيىن ئۇلار بىلەن خالىغانچە كۆرشەلمەيتتى .
قاتىللىق جىنايىتى بىلەن قولغا ئىلىنغان بەختىنسا ئۆزىنىڭ كىيىنكى كۈنلىرىنى ئويلاشقىمۇ پىتىنالمايتتى ، << ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلارمۇ ؟ >> ئۇ بۇ خىيالنى قىلغان ۋاختىدا ئۇنىڭ پۇت - قوللىرى بوشۇشۇپ بۇرنىنىڭ ئۇچى ئىچىشقاندەك بولاتتى - دە كۆزلىرىگە يىغا يامىشاتتى ، ئۇ شۇندىلا ھاياتنىڭ ھەقىقەتەن تاتلىقلىقىنى ھىس قىلغاندەك بولاتتى .
بەختىنسانىڭ تۈرمىدىكى كۈنلىرى ئاچچىق پۇشايمان ، گاڭگىراش ، تۈگىمەس خىياللار بىلەن ئۆتەۋاتاتتى ، سوتنىڭ ھۆكمى تىخى چىقمىغان ، ئۇ ئانىسىنى سىغىندى ، ئوماق قىزىنى سىغىندى، قىرىنداشلىرىنى سىغىندى ، بىراق نىمە ئامال ئەركىنلىكتىن مەھرۇم بولغان بەختىنسا ئۈچۈن ئۇلار بىلەن كۆرشۈش مۇمكىن ئەمەس ئىدى ،
_ بەختىنسا قوسۇقىڭىزغا ئازراق بىر نەسە يەۋىلىڭ سىڭلىم _ دىدى ئۇنىڭ كامىردىشى كۆيۈنۈش بىلەن تامغا قاراپ خىيال سۈرۈپ ئولتۇرغان بەختىنساغا قاراپ .
_ يىگۈم يوق _ كۆزلىرىدە ياش لىغىرلاپ قالغان بەختىنسانىڭ ئاۋازى تىترەپ ئاران چىقتى .
_ يىگۈڭىز بولمىسىمۇ زورلاپ يەڭ ، تىخى ئەزرائىل جىنىڭنى ئالىمەن دىمىدىغۇ _ دىدى يەنە بىر كامىردىشى بەختىنسانى تاماققا زورلاپ .
ئۇ ئىككى كامىردىشىنىڭ زورلىشى بىلەن چۈشلۈك تاماقنى تولىمۇ ئىشتاھاسىز ھالدا ئاران يەپ تۈگەتتى .
* * * * *
بەختىنسا ئاتا - ئاناسىغا ئىككى ئوغۇللۇق بولغاندىن كىيىن تۇغۇلغان يالغۇز قىز بولغاچ ئاتا - ئانىسى بۇ ئارزۇلۇق قىزىغا بەخىت تىلەپ ئىسمىنى بەختىنسا قويغان ئىدى، بىراق ئاللاھ ئۇنىڭغا ئۇنداق بەختنى ئاتا قىلمىغان بولسا كىرەك ، ئۇ تولۇقسىز ئوتتۇرنى پۈتتۈرۈپ تولۇق ئوتتۇرنىڭ بىرىنچى يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ۋاختىدا دادىسى تۇيۇقسىز ئاغرىپ يىتىپ قىلىپ شۇ ياتقانچە ساقىيالماي ئۇ ئالەمگە كىتىپ قالدى ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئوقۇشتىن توختاپ ئائىلىسىنىڭ ئىتىز - ئېرىق ئىشلىرىغا قارشىپ بەرگەچ يالغۇز قالغان ئانىسىغا ھەمراھ بولۇپ ئولتۇردى ، شۇنىڭدىن بىر مەزگىل ئۆتۈپ ئۇنىڭغا ئەلچى كەلدى ، ئەمدىلا 17 ياشنىڭ قارسىنى ئالغان بەختىنسا توي قىلىپ ئۆزىنىڭ يڭى تۇرمۇشىنى باشلىدى ، ئاغزىنىڭ يۇمشاقلىقى ، ئايىغىنىڭ چاققانلىقى بىلەن ئۇ بۇ يىڭى مۇھىتقىمۇ تىزلا كۆنۈپ قالدى ، يولدىشىمۇ ئاق كۆڭۈل ، مۇلايىم ، مەسۇلىيەتچان يىگىت ئىدى ، مۇشۇنداق مىجەز خۇلۇقلىرى بىلەن بۇ ياش ئەر - ئايال ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز دىگەندەك ھەممە جەھەتتىن بىر - بىرىگە شۇنداق ماسلاشقان ئىدى ، ئەپسۇس ، توي قىلىپ ئىككى يىلغىچە بەختىنسا ھامىلدار بولمىدى ، مۇشۇ ئىش سەۋەپلىك ئەر - ئايال ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرسىدا سەل سوغۇقچىلىق بوپ قالدى ، يەنە بىر يىل كۈتتى ، يەنىلا جىمجىت ، ئۇنىڭ يولدىشى ئاتا - ئانىسىغا يالغۇز بالا ئىدى ، بۇ بوۋاي - مومايلامۇ نەۋرە كۆرۈش ئارزۇسىدا يۈرۈپ ، بەختىنسا ھامىلدار بولمىغانسىرى ئۇلارمۇ سەل ئۈمۈتسىزلىنىپ قالدى ، شۇنداق قىلىپ تۇغماسلىق سەۋەبى بىلەن بەختىنسا ئېرى بىلەن ئاجراشتى ، ئۇ 20 يىشىدىلا بالا جۇۋان بولۇپ تۇل قالدى .
كۈنلەر ئۆتتى ، ئايلار ئۆتتى ، ھەش - پەش دىگۈچە ئۇنىڭ ئاجراشقىنىغىمۇ بىر يىلدىن ئىشىپ قالدى ، ئۇ كۈنلىرىنى بۇنداق بىكار ئۆتكۈزگەندىن كۆرە بىرەر ئىش قىلىشنى ئويلىدى ، ئۇيان ئويلاپ - بۇيان ئويلاپ شەھەرگە كىرىپ مۇۋاپىقراق يەردىن بىر دۇكان ئىجارىگە ئىلىپ ، تەييار خىمىر دۇكىنى ئىچىشنى ئويلىدى ، بىر كۈنى ئۇ بۇ خىيالىنى ئانىسى بىلەن ئىككى ئاكىسىغا دىدى ،
_ ياخشى ئويلاپسەن ، بىراق سەن بىر توي قىلىپ ئاجراشقان ئايال ، شەھەرگە كىرىپ تىجارەت قىلىمەن دىسەڭ مەھەللىدىكىلەرنىڭ ئالدىدا يامان ئاتاققا قالارسەنمۇ ؟ _ دىدى كىچىك ئاكىسى _ لىكىن تولۇق بىر قارارغا كەلگەن بولساڭ ئاكام بىلەن ئىككىلىمىز سىنى قوللايمىز ، مەبلەغدىن غەم قىلما ، ئۆزۈڭنى توختۇتۇپ بىر قاراغا كەلگىن ،
_ ئاكاڭ توغرا دەيدۇ ، سەندەك بىر توي قىلىپ ئاجراشقان ياش ئاياللارنىڭ كەينىدە گەپ - سۆز كۆپ بوپ قالىدۇ ، ماڭمىغان يەردە ئىزى ، قىلمىغان يەردە سۆزى بولىدۇ ، ئاسانلا باشقىلارنىڭ سۆز - چۆچىكىگە قالىسەن ، ئۆزۈڭگە ئوبدان ھىزى بولۇپ يۈرەلىسەڭ مەيلى ،
_ ماڭا ئىشىنىڭلار ، ھەرگىز سىلەرگە يۈز كىلەلمەيدىغان ئىشلانى قىلمايمەن ، مەنمۇ ئۆز تۇرمۇش يولۇمنى ئۆزەم تاپمىسام بولماس ، قاچانغىچە سىلەرگە ئىغىرچىلىقىمنى سىلىپ يۈرۈيمەن ؟
_ بولىدۇ ئەمىسە ، ئىش پۈتكەندە بىزگە خەۋەر قىلغىن ، پۇلدىن غەم قىلما ، مەبلەغنى بىز سىلىپ بېرمىز ،
_ ماقۇل ، ئىككى ئاكامغا مىڭ مەرتىۋە رەخمەت ئەمىسە ،
بەختىنسا ئۆز ئىشىغا تۇتۇش قىلىپ ئىشلىرىنى تىزلا پۈتتۈردى ، شەھەرنىڭ ئاۋات يىرىگە جايلاشقان بىر ئولتۇراق رايون ئالدىدىن بىر دۇكاننى ئىجارىگە ئىلىپ ئىشنى باشلىۋالدى ، دەسلاپقى بىرە ئاي تىجارىتى ئادەتتىكىچە بولدى ، كىيىن ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئۇنىڭ خىرىدارلىرىمۇ كۆپىيىشكە باشلىدى ،ئۆزىنىڭ ئىشچانلىقى چاققانلىقى ، گەپ - سۆزدە مۇلايىملىقىمۇ ئۇنىڭ بۇ تىجارىتىنىڭ ياخشى بولىشىغا سەۋەپ بوپ قالدى ، شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ كۈنلىرى ئالدىراش ، ھېرىش -چارچاش ئىچىدە ئۆتىدىغان بولدى ،
بۈگۈن دۇكاندا ئۇن تۈگەي دەپ قاپتۇ ، ئۇ ئۆزى دايىم ئۇن ئەكەلدۈردىغان بىر ئۇن زاۋۇتىغا تىلىفۇن قىلىۋىدى ، تىلىفۇن ئۇلانمىدى ، بىردەم تۇرۇپ قايتا قىلىۋىدى يەنە ئۇلانمىدى ، ئۇ ئاخىر دۇكانغا شاگرىت قىزنى قارتىپ قويۇپ ئۆزى ئۇن زاۋۇتىغىلا كەلدى ، زاۋۇت خوجايىنى بەختىنسانى قىزغىن كۈتىۋالدى ، ھەم خىجىلىقىنى بىلدۈرۈپ ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سورىدى :
_ ئۇندىن قانچىلىك لازىم ؟
_ ھازىرچە ئون خالتا ئىلىپ تۇراي ، تۈگىسە يەنە ئاپىرارمەن ، دۇكان سەل كىچىك بولغاچ قويدىغان يەرنى ئوبدان جايلاشتۇرالماي قالىدىكەنمەن ،
_ بولىدۇ ، بولىدۇ ،ھەمىشە بۈگۈنكىدەك بوپ قالمايدۇ ، تىلىفۇن قىلسىڭىز ئۇننى يەنىلا ئۆزىمىز ئاپىرىپ بېرمىز ، ھەي ! مەنسۇر ، ماۋۇ ئۇنلانى ماشىنىغا سىلىپ ، بۇ سىڭىلچاقنىڭ دىگەن يىرىگە ئاپىرىپ بىرىپ كىلىڭ ، _ زاۋۇت خوجايىنى بەختىنسا بىلەن بىلەن ھىساۋاتنى تۈگۈتۈپ ئۆز ئىشىغا مەشغۇل بولۇپ كەتتى ، بەختىنسامۇ ئۇننى ماشىنىغا سىلىپ بولغاندىن كىيىن ئۆزىمۇ شوپۇرنىڭ يىنىغا جايلىشىپ ئولتۇرۇپ دۇكىنىغا قايتتى ، شۇنىڭدىن كىيىن ئۇنىڭغا كىرەكلىك ئۇننى ئەشۇ مەنسۇر ئەكىلىپ بىردىغان بولدى ،
بىر كۆرگەن تونۇش ، ئىككى كۆرگەن تۇققان دەپ مەنسۇر بىلەن بەختىنسامۇ كونا تونۇشلادىن بوپ قالدى ھەم خىلى چىقىشىپمۇ قالدى ، مانا ، بەختىنسانىڭ ھەممە كۆڭۈلسىزلىكى ، بەخىتسىزلىكى مانا شۇنىڭدىن باشلاندى ،
* * * * *
مەنسۇر ئەسلى بۇ يۇرتلۇق ئەمەس ، خوشنا ناھىدىن ، كەسپى شوپۇر ، ئۇ ئۆز يۇرتىدا يۈك ماشىنىسى ھەيدىگەن ، تاپاۋىتىمۇ ئوبدان كىتىۋاتقان ئىدى ، بىر قىتىم تاسادىپى بىر قاتناش ۋەقەسى چىقىرىپ قويۇپ ئىككى ئادەمنىڭ ئىغىر يارىلىنىشىغا سەۋەپچى بوپ قىلىپ كۆپ چىقىمدار بوپ كەتتى ، ئاخىر يۈك ماشىنىسىنى سىتىپ ھەممە قەرىزلىرىنى قايتۇرۇپ باشقىلارنىڭ ماشىنىسىنى ھەيدەپ ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشىنى قامداۋاتاتتى ، ئايالىمۇ مەنسۇرنىڭ باشقىلارنىڭ قولىغا قاراپ تاپقان شۇ ئازغىنە پۇلغا قاراپ ئولتۇرماي ، بالىلار كىيىمى تىجارىتى قىلدى ، ئۇلارنىڭمۇ ئىشلىرى خىلى يۈرشۇپ ، تۇرمۇشى ئىزىغا چۈشۈپ قالدى ، مەنسۇر مۇشۇنداق ئۇنىڭغا - بۇنىڭغا ئىشلەپ يۈرۈپ ھېلىقى ئۇن زاۋۇتنىڭ خوجايىنى بىلەن تونۇشۇپ قالدى ھەم بۇ زاۋۇتتا مال توشۇغۇچى بولۇپ ئىشلەپ قالدى ،
ئۇ بەختىنسانىڭ دۇكۇنىغا پات - پات ئۇن ئەكىلىپ يۈرۈپ بەختىنساغا كۆزى چۈشۈپ قالدى ، بۈگۈنمۇ بۇ دۇكانغا يەنە كەلدى :
_ مانا سىز دىگەن ئۇن كەلدى
_ رەخمەت مەنسۇركا ،
_ مۇشۇنداق قۇرۇقلا رەخمەت ئىيتامسىز ؟
_ ۋاي مەنسۇركا ، ئادەمنى ھەجەپ خىجىل قىلىپ قويدىڭىزغۇ ؟ ئەمىسە ئالدىرمىسىڭىز مىھمان قىلاي ،
_ رەخمەت ، رەخمەت ، چاخچاق قىلىپ قويدۇم ، مەن بىر ئەركىشى تۇرۇپ سىزنى مىھمان قىلغىلى سالسام قاملاشماس ، ياخشىسى ۋاختىڭىز بولسا مەن سىزنى مىھمان قىلاي
_ ياخشى كۆڭلىڭىزگە كۆپ رەخمەت مەنسۇركا ، چۈش بولاي دەپ قالدى ، چۈشكە خىمىرلىرىمنى ئۈلگۈرتمىسەم بولمايدۇ ، پۇرسەت بولسا يەنە باشقا ۋاقىتتا بىللە تاماق يىيىشىۋالارمىز
مەنسۇر خوشلۇشۇپ دۇكاندىن چىقتى -دە ماشىنىسىنى ھەيدەپ قايتىپ كەتتى ، ئۇنىڭ خىيالى بەختىنسادا قالغان ئىدى << كاساپەت ، ئەجەپ چىرايلىكەن دىسە _ دەپ خىيال سۈرەتتى مەنسۇر ئاخشاملىرى يالغۇز قالغاندا _ مۇشۇنداق چىرايلىق تولغان چوكاننىڭ ئېرى زادى قانداراق نىمىدۇ ؟ ئەجەپ ماڭا نىسىپ بولماپتىكەن >> مەنسۇر مۇشۇنداق خىياللار بىلەن قاچانلادا ئۇخلاپ قالغانلىقىنىمۇ بىلمەي قالاتتى ،
بىر كۈنى ئۇ بەختىنسانىڭ دۇكۇنىغا ئۇن ئىلىپ كىلىۋىدى ، بەختىنسا يوق بولۇپ چىقتى ،
_ بەختىنسا بىرە يەگە كەتتىمۇ ؟ _ سورىدى مەنسۇر شاگرىت قىزدىن ،
_ ئانىسى ئاغرىپ قاپتىكەن ، دوختۇرخانىغا كەتتى ، بۇ پۇلنى سىزگە بىرىپ قويۇشۇمنى ئېيتقاندى _ دىدى شاگرىت قىز يانچۇغىدىن ئۇننىڭ پۇلىنى ئىلىپ مەنسۇرغا تەڭلىگەچ .
_ ھە _ دىدى مەنسۇر دەمەللىققا نىمە دىيىشىنى بىلمەي _ بەختىنسانىڭ يولدىشى نىمىش قىلىدۇ ؟ _ ئۆزى بىلگۈسى بار لىكىن بەختىنسادىن سورىيالمىغان بۇ ئىشنى بىلىۋىلىش مەخسىتىدە شاگرىت قىزدىن سورىدى ،
_ بۇنى بىلمەيدىكەنمەن ، ئۇلار خىلى بۇرۇن ئاجىرشىپ كىتىپتىكەن ، سوراپ قالدىڭىزغۇ ئاكا
_ شۇنداقلا سوراپ قويدۇم ، مەن قايتاي ئەمىسە ، خوش
_ خوش ئاكا
<< ئەسلى تۇل ئىكەندە بۇ كاساپەت ، نىمانداق بۇرۇنراق بىلمىگەندىمەن ؟ ھىلىمۇ كىچىكمىدىم ، >> مەنسۇر مۇشۇنداق خىياللار بىلەن بەختىنسانى قانداق قولغا كەلتۈرۈشنى پىلانلىغاچ يولىغا راۋان بولدى.
★ ★ ★
بۈگۈن مەنسۇر دەم ئالدى ، ئۇ ئالدى بىلەن ئايالىغا تىلىفۇن قىلدى ، ئۇ تىلىفۇندا ئۆزىنىڭ بۈگۈن دەم ئالغانلىغىنى ، ئەمما ئۆيگە بارالمايدىغانلىغىنى يەنە بىر قىتىم دەم ئالغاندا چوقۇم باردىغانلىغىنى ئىيتىپ ئايالى بىلەن خوشلۇشۇپ تىلىفۇننى قويدى ، ئاندىن ئۇ بەختىنسا ئۇن لازىم بولۇپ تىلىفۇن قىلغان ۋاختىدا ساقلىۋالغان تىلىفۇن نۇمۇرىنى تىپىپ ، بەختىنساغا تىلىفۇن قىلدى
_ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم _ دەپ تىلىفۇننى ئالدى قارشى تەرەپ مۇلايىم ئەۋازى بىلەن .
_ ۋە ئەلەيكۇم ئەسسسالام ، مەن مەنسۇر قانداق ئەھۋالىڭىز بەختىنسا ؟ _ دىدى مەنسۇر قارشى تەرەپكە جاۋابەن ، « ئاۋازىمۇ ئەجەپ يىقىملىقكىنا بۇ كاساپەتنىڭ » دەپ ئويلىدى مەنسۇر كۆڭلىدە .
_ مەنمۇ ياخشى مەنسۇركا ، بۈگۈن ئەجەپ تىلىفۇن قىلىپ قاپسىزغۇ ، بىرە ئىش بامىتى ؟
_ ئىش بولمىسا تىلىفۇن قىلسام بولمامدىكەن ، ئالدىنقى كۈنى بارسام سىز يوقكەنسىز ، ئانىسى ئاغرىپ قىلىپ دوختۇرغا كەتتى دىگەنتى ، ئانىڭىزنىڭ ئەھۋالى قانداراق ؟ خىلى ياخشى بوپ قالغاندۇ ؟
_ قاچان تىلىفۇن قىلسىڭىز بولىدۇ ، مۇنداقلا دەپ قويدۇم ئۇ گەپنى ، ئانامنىڭ ئەھۋالى ياخشى ، ئازراق قىزىتىپ قاپتىكەن شۇ ، كۆڭۈل بولگىنىڭىزگە رەخمەت مەنسۇركا ،
_ ئۇنداق تۈزۈت قىلماڭ ، ئۆز ئادەم بوپ قالاي دەپ قالدۇق ، بۈگۈن دەم ئالغانتىم ، _ سىزنى بىر تاماققا تەكلىپ قىلاي دىگەن _ دىدى مەنسۇر مەخسىدىنى چۈشەندۈرگەچ ،
_ رەخمەت مەنسۇركا ، بۈگۈن ئۆيۈمنىڭ سۇ تۇربىسى بۇزۇلۇپ قاپتىكەن ، رىمۇنۇت قىلىدىغانلارغا تىلىفۇن قىلغانتىم ، كىلىدىغان ۋاختى بوپ قالدى ، شۇنى بىر ئوڭشىتىۋالاي ، تاماق يەيدىغان ئىش باشقا كۈنى بولسۇن
_ ئۆيىڭىز نەدە ؟ مەنلا بىرىپ ئوڭشاپ بىرەي بولمىسا ، بىز تۇرغان يەردە ئۇنداق رىمۇنىتچىلارنىڭ نىمە ئىشى _ دىدى مەنسۇر كۆڭلىدە خۇشال بولۇپ « ئىشىمنىڭ ئوڭ كەلگىنى قارا مۇشۇنداقمۇ توغۇر كەلگەن بامۇ ........... » دەپ ئويلىدى ئۇ كۆڭلىدە .
_ بولدى سىزنى ئاۋارە قىلماي مەنسۇركا ، ئۇلانىڭمۇ كىلىدىغان ۋاختى بولدى
_ مىنى يات كۆرەۋاتامسىز ؟ كۆڭلۈمگە كەلدى جۇمۇ _ ئۇلار بىردەم تۈزۈت قىلىشقاندىن كىيىن بەختىنسا ئۆيىنىڭ ئادرىسىنى ئىيتىپ بەردى ، مەنسۇر تاكسىغا ئولتۇرۇپلا بىردەمدە كىلىپ بولدى ، ئۇ سۇ تۇربۇسىنىڭ ئوڭشايدىغان يىرىنى كۆرۈپ بولغاندىن كىيىن « لازىملىق نەرسىلەرنى ئىلىپ كىلەي » دەپ چىقىپ كەتتى - دە ھايالشىمايلا كىلىپ بولدى ، ئۇنىڭ بۇنداق ئىشلاغا خىلى ئىپى بار بولغاچ بىر دەمدىلا ئوڭشاپ بولدى ، ئاڭغىچە بەختىنسا ئوخشۇتۇپ لەغمەن قىلدى ، تاماق كۆڭۈللۈك كەيپىياتتا يىيىلدى ،
_ سىزگە كۆپ رەخمەت مەنسۇركا ، سىزنى بەك ئاۋارە قىلدىم ،
_ يەنە تۈزۈت قىلىسىزغۇ ، شۇمۇ گەپ بولدىمۇ ئەسلى سىزنى مىھمان قىلىمەن دەپ سىزنىڭ قولىڭىزدا تاماق يىدىم دىسە ، ئەجەپ تىتىدى ، بەك ئوخشاپتۇ جۇمۇ بۇ تامىقىڭىز ، ئۇزۇن بوپتىكەن ئۆي تامىقى يىمىگىلى
_ ئۆيىڭىز بۇ يەردە ئەمەسمۇ ؟
_ ياق ، مەن خوشنا ناھىيدىن ، ئايالىم بىلەن ئاجىرشىپ كەتكەن ، مەن ئەر كىشى بولغاچ ئۆينى ئايالىمغا بېرىپ يىنىپ چىققان ، شۇنىڭدىن بىرى سىرتلاردا جاھاندارچىلىق قىلىپ يۈرۈيمەن ، بۇنى دەپ نىمىمۇ قىلارمەن ، ئۆتكەن ئىشلاغۇ ئۇ
ئۇلا بىردەم ئۇيان - بۇياننىڭ پارىڭىنى قىلىشقاندىن كىيىن مەنسۇر قايتىپ كەتتى ، مۇشۇ ئىش سەۋەپلىك بۇ ئىككەيلەننىڭ بادى _ كەلدىسى خىلى قويۇقلىشىپ قالدى ، مەنسۇرمۇ بەختىنسانىڭ ئۆيىگە ھەر كەلگەندە ئۆينىڭ سۇ ، توك يوللىرىنى ، چىراغلىرىنى تەكشۈرۈپ كۆرەتتى ، بەختىنسامۇ بىرەر يەر بۇزۇلسا ياساتمايلا مەنسۇرنىڭ كىلىشىنى ساقلاپ تۇراتتى ، ئۇلار ئۆز كەچمىشلىرى توغۇرسىدا ئۇزۇندىن _ ئۇزۇن پاراڭلىشاتتى ،
بىركۈنى مەنسۇر بەختىنسانى تاماققا تەكلىپ قىلغاچ ئۇنىڭغا توي تەكلىۋى قويدى ، بەختىنسا ئېرىدىن ئاجراشقاندىن بىرى قايتا توي قىلىشنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى ، ئۇ بىر ئۆمۈر مۇشۇندق ئۆتىمەن دەپ ئويلىغان ئىدى ، شۇڭا مەنسۇرنىڭ بۇ توي تەكلىۋى ئۇنى سەل گاڭگىرتىپ قويدى ،
بەختىنسانىڭ جىم بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرگەن مەنسۇر دەرھاللا :
_ ئەگەر ھازىر جاۋاپ بىرىشنى خالىمىسىڭىز ئويلۇنۇپ كىيىن جاۋاپ بەرسىڭىزمۇ بولىدۇ
بەختىنسا ھىچنىمە دىمىدى ، ئۇ مەنسۇر بىلەن خوشلۇشۇپ ئۇدۇل ئۆيگە قايتىپ كەلدى ، ئۇ ھىچنىمە دمىگەن بىلەن ئۇنىڭ ۋۇجۇدىنى ئۇزۇندىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر خىل خوشلۇق چىرمىۋالغان ئىدى ، يىقىندىن بىرى بەختىنسا ئۆزىدە بولغان ئۆزگۈرۈشنى يەنى مەنسۇرنى خىيال قىلسىلا قانداقتۇ بىر كۈچنىڭ قەلبىدىكى ئۇخلاپ ياتقان تۇيغۇلىرىنى ئاستا - ئاستا ئويغىتىۋاتقانلىقىنى ، تۈگەي دەپ قالغان ياشلىق ھىسلىرىنىڭ يالقۇنجاۋاتقانلىقىنى ھىس قىلغان ئىدى.
★ ★ ★
شۇنىڭدىن ئىككى ئايغا يىقىن ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن مەنسۇر بىلەن بەختىنسانىڭ تويى بولدى ، توي خىتى ئالدىغان كۈنى مەنسۇر بەختىنساغا « سىز بارماي ئىشىڭىزنى قىلىۋىلىڭ ، ئۇ يەردە مىنىڭ بىر تونۇشۇم بار ، خىلى يىقىن ئۆتىمىز ، مەن بېرىپ ئىلىپ كىلەي » دەپ كىتىپ بىر تاللا توي خىتى ئىلىپ كەلدى ، بەختىنسا « يەنە بىرسىچۇ ؟ » دەپ سورىغانتى ، « توي خىتى بەك قىسكەن ، ھازىرچە بىرنى بەردى ، يەنە بىرسىنى كىيىن تولۇقلاپ بېردىغان بولدى » دەپ چۈشەنچە بەردى ، بەختىنسا ئارتۇق ئويلۇنۇپمۇ كەتمىدى ،
ئۇلارنىڭ تويدىن كىيىنكى كۈنلىرى تولىمۇ كۆڭۈللۈك ئۆتەۋاتاتتى ، مەنسۇرنىڭ ئايدا بىرە _ ئىككى كۈن « سىرتقا مال يەتكۈزگىلى بارمەن » دەپ قويۇپ بىرە كىچە ئۆيگە قايتمىغىنىنى ھىسابقا ئالمىغاندا باشقا ئىشلار جايىدا ئىدى ، ھەر ئىككىلەيلەن كۈندىزى ئۆز ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش ، كەچتە بەختىنسا بالدۇر دۇكاندىن قايتىپ تاماق ئىتىپ مەنسۇرنى ساقلاپ ئولتۇدۇ ، مەنسۇرمۇ شۇنداق خۇشال ئۇ ئۆيگە كەلسە بەختىنساغا بۈگۈن ئۆزىنىڭ نەگە بارغانلىغىنى كىملە بىلەن ئۇچراشقانلىقىنى توختىماي سۆزلەپ بەرگەچ :
_ رەخمەت خوتۇن ، ئۆيدە مۇشۇنداق تاماق ئىتىپ ساقلايدىغان ئادىمى بولسا نىمە دىگەن ياخشى ، مۇشۇنداق بولسا ئادەم ئۆيگە قايتىشقا ئالدىرايدىكەن ، رەخمەت ساڭا خوتۇن _ دەپ بەختىنسانى توختىماي ماىتايتتى ،
لىكىن بۇ چىرايلىق كۈنلەر ئۇزۇنغا بارمىدى ، توي قىلىپ بىرە يىل بولغاندىن كىيىن مەنسۇرنىڭ پىسخىكىسىدا مەسىلە كۆرۈلدىمۇ ياكى ئەسكى خۇيلىرىنى چىقىرىشقا باشلىدىمۇ ، مىجەزى بەكلا غەلىتە بوپ قالدى ، مەنسۇر ئۆيگە ئانچە كۆپ پۇل ئەكىرمەيتتى ، بىر قىتىم بەختىنسا ئۇنىڭ زادى نەچچە پۇل ئىش ھەققى ئالىدىغانلىغىنى سۆرۋىدى ، ھەممە جىدەل شۇنىڭدىن چىقتى :
_ سەن تىخى مىنىڭ ئىش ھەققىمنى سۈرۈشتە قىلغۇدەك بولدۇڭمۇ ؟ _ مەنسۇر بەختىساغا بىرمۇنچە ۋاقىراپ _ جاقىراپ چالۋاقاپ كەتتى
_ نىمە خاپا بولىسىز ، مۇنداقلا سوراپ قويدۇم شۇ ، شۇنىڭغىمۇ چىچىلغان بامۇ ؟ _ دىدى بەختىنسامۇ تەڭلا _ بىز بىر ئۆيدە بولغاندىكىن بىلىپ باقاي دىگەن ،
_ مىنىڭ ئىش ھەققىمنى سۈرۈشتە قىلغۇدەك سەن نىمىتتىڭ ؟ ئۆز كۆڭلۈڭدە « مەن بەك كۆپ پۇل تىپىپ كەتتىم » دەپ قالدىڭمۇ _ مەنسۇر سۆزلىگەنچە ئاچچىقتىن كۆزلىرى چەكچىيىپ چىشلىرى كىرشىپ كەتتى -دە بېرىپ بەختىنسانى ئۆي ئىچىدە سۈر توقاي قىلىپ بەكلا ئۇرۇپ كەتتى ، بەختىنسانىڭ ئىچىنىشلىق نالىسى ئۆينى بىر ئالدى ،
شۇنىڭدىن باشلاپ بۇنداق ئىشلار خىلى تەكرارلىنىپ تۇردى ، كىيىن بەختىنسا ئېرىنىڭ بەزىدە نورمال ئادەملەرگە ئوخشىماي قالىدىغانلىغىنى ھىس قىلىپ قالدى ، مىجەزى تىز ئۆزگۈرۈپ تۇراتتى ، ئادەتتىكى گەپلەرمۇ ئۇنىڭغا بەك تىزلا تەسىر قىلاتتى ، ھەتتا ئاخشاملىرى بىر چىرايلىق تىلىۋىزور كۆرۈپ ئولتۇرۇپمۇ يوق ئىشلار بىلەن بەختىنسانى ئۇرۇپ - تىللاپ كىتەتتى ، ھارغىچە ئۇرۇپ ئاچچىغى بىسىلغاندا بەختىنسانىڭ يىنىغا كىلىپ مەڭزىلىرىنى سىلايتتى ، ئاندىن ناھايىتى كۈچلۈك ھاياجان بىلەن باغرىغا باساتتى ،
بەختىنسا يىغلىدى ، قاخشىدى ئاخىر ئاجىرشىش قارارىغا كەلدى ، مەنسۇر قوشۇلمىدى ،
_ سەن مەندىن ئاجىرشىپلا قۇتۇلماقچىمۇ ؟ ئۇنداق ئاسان ئىش يوق ، بۇ ئۆيدىن ئۆلۈكۈڭ چىقسا چىقىدۇكى تېرىكىڭ چىقمايدۇ ، مەندىن ئاجىرشىپ قايسى ئاشناڭنى تاپاي دىگەن ؟ ھۇ رەسۋا بۇزۇق .................. _ مەنسۇر بەختىنسانى ئىغىزغا ئالغۇسىز سۆزلەر بىلەن بەك ھاقارەتلەپ تىللاپ كەتتى ، بەختىنسا توختىماي يىغلىدى ، ئۇنىڭ يىغىسى ئادەمنىڭ يۈرۈگىنى ئىزەتتى ، مەنسۇر بىر دەم ئولتۇرغاندىن كىيىن يەنە بەختىنساغا يالۋۇرۇشقا باشلىدى ،
_ جىنىم بەختىنسا يىغلىماڭ ، _ دىدى مەنسۇر ئۆزىمۇ يىغلامسىراپ تۇرۇپ _ بايام ساڭا چىدىماي قاتتىق تىگىپ قويدۇم مىنىڭ ھەرگىز ئاجراشقۇم يوق ، مەن ئايىغىڭغا باش ئۇرۇپ كەچۈرۈم سوراشقا رازى ، ئەمدى ھەرگىز ئۇنداق قىلمايمەن ،
بەختىنسا بۇ خورلۇقلارغا ھەقىقەتەن بەرداشلىق بېرىپ بولالمىدى ، ئۇ ئاخىر سوت ئارقىلىق ئاجىرشىش قارارىغا كەلدى ، ئۇ بۇ بەخىتسىز نىكاھقا خاتىمە بېرىش نىيىتىگە كەلگەن ئىدى ، ئۇ ئەرىز يىزىپ سوتقا باردى ، سوتچى ئايال بەختىنسانىڭ ئەرزىنى بىر قۇر كۆرۈپ چىقىپ ، سوراشقا تىگىشلىك بىر قىسىم ئەھۋاللارنى سوراپ بولغاندىن كىيىن :
_ ئاجىرشىش توغۇرلۇق تولۇق بىر قاراغا كىلىپ بولدىڭىزمۇ ؟
_ شۇنداق _ دىدى بەختىنسا مەيۈس ھالدا
_ بويىڭىزدا بارمۇ ؟
_ بويۇمدا يوق
_ ئۇنداق بولسا سىز مۇشۇ ئەرىزگە قوشۇپ توي خىتىڭىزنى ، ئاندىن دوختۇرغا كۆرۈنۈپ بويىڭىزدا يوقلىقىغا ئىسپات ئىلىپ كىلىڭ ، ئاندىن ئەرزىڭىزنى قوبۇل قىلىمىز _ دىدى سوتچى بەختىنساغا چۈشەندۈرۈپ ،
بەختىنسا سوت مەھكىمىسىدىن چىققاندا تىخى سائەت ئونمۇ بولمىغان ئىدى ، شۇڭا ئۇ ئۇدۇل دوختۇرخانىغا بېرىپ دوختۇردىن ئىسپات ئىلىۋىلىپ ئاندىن ئۆيگە قايتىشنى ئويلاپ دوختۇرخانىغا باردى ، ئاياللار بولۈمگە نومۇر ئىلىپ دوختۇر يىنىغا كىردى ۋە مەخسىدىنى ئېيتتى ، دوختۇر ئۇنىڭغا ئاۋال سۈيدۈك تەكشۈرتۈپ بىقىشنى ئېيتتى ، بەختىنسا سۈيدۈك تەكشۈرتتى ، دوختۇر تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا :
_ مۇبارەك بولسۇن سىڭلىم ، بويىڭىزدا باركەن _ دىدى
_ نىمە ؟ خاتالىشىپ قالمىغانسىز دوختۇر _ سورىدى بەختىنسا تولىمۇ ھەيران قالغان ھالدا ،
_ راس دىدىم ، تەكشۈرۈش نەتىجىسى شۇنداق چىقىپتۇ
بەختىنسا بۇ ئىشتىن يا خۇشال بولۇشنى ، يا خاپا بولۇشنى بىلمەي بىر خىل گاڭگىراش ئىچىدە ئۆيگە قايتىپ كەلدى ، بەختىنسا بەك كۆپ ئويلاندى ، « توۋا ماۋۇ ئىشنى ، مۇشۇ بالامغا بۇرۇنقى ئېرىمنىڭ نىكاھىدا ۋاختىمدا ھامىلدار بولسامچۇ ؟ نىمە دىگەن ياخشى بولاتتى ، ئۇ چاغدا شۇنداقمۇ نادانلىق قىلارمەنمۇ نىمىشقا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ باقمىغان بولغۇيتتىم ، ؟ ئەمدى شۇنداق ياخشى ئەردىن ئاجىرشىپ مۇشۇنداق بىر تەلۋىنىڭ نىكاھىدا ۋاختىمدا ھامىلدار بوپ قالغىنىمنى دىسە ؟ بۇ تەلۋىنى دەپ بالىنى چۈشۈرۋىتەي دىسەم ئۇمۇ بىر جان تۇرسا ............................. » ئۇ مۇشۇنداق ئايىغى چىقماس خىياللار بىلەن كۈننى كەچ قىلدى ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئانا بولىدىغانلىغىدىن سۆيۈنسە ، بۇ كۆڭۈلسىز ، بەخىتسىز تۇرمۇشىنى ئويلاپ ھەسرەت چەكتى ، بەختىنسا ئاخىر تۇغۇش قارارىغا كەلدى ، نىمىلا بولمىسۇن ئۇمۇ بىر جان ، شۇ جاننىڭمۇ مۇشۇ يورۇق دۇنياغا كۆز ئىچىش ھوقۇقى بار ، تەلۋە بولسىمۇ دادىسى بار ، ئەمدى بەختىنسا ئاجىرشىشتىن ۋاز كىچىپ بالىنى مەنسۇر بىلەن بىللە بىقىش قارارىغا كەلدى ، كەچتە مەنسۇر قايتىپ كەلگەندە ئولتۇرۇپ دىدى :
_ مەنسۇر ، بۈگۈن مىجەزىم يوق دوختۇرغا كۆرۈنگىلى بارغان ئىدىم ، بويۇمدا باركەن ،
_ راست دەۋاتامسەن خوتۇن ؟ _ مەنسۇر خۇشاللىق چىقىپ تۇرغان كۆزلىرى بىلەن بەختىنساغا قاراپ سورىدى
_ ئىشەنمەيۋاتامسىز ؟ راس دىدىم _ دىدى بەختىنسا جاۋابەن ،
_ مىنىڭ ئوماق خوتۇنۇم ، ماڭا تۇغۇپ بېردىغان بولدى ، مەن يەنە دادا بولدىغان بولدۇم ، _ مەنسۇر خۇشال بولۇپ بەختىنسانى چىڭ قۇچاقلىدى ، ھەم پىشاينىسىگە سۆيۈپ تۇرۇپ _ مەن بۇندىن كىيىن سىنى ھەرگىز خورلىمايمەن ، ياخشى كۈتىمەن ، _ دەپ بىرمۇنچە ۋەدىلەرنى بەردى ،
كىيىنمۇ ۋەدىسىگە تولۇق ئەمەل قىلىپ بولالمىغان بولسىمۇ بۇرۇنقى تەلۋىلىكى سەل قالغان ئىدى.
★ ★ ★
بەختىنسانىڭ ئاي كۈنى توشۇپ سالامەت يەڭگىۋالدى ، بالىسى قىز ، بەك ئوماق ، بۇ بالىنىڭ تۇغۇلىشى بەختىنسانىڭ تۇرمۇشىغا يىڭى بىر مەزمۇن قوشتى، ئۇ بەكمۇ خۇشال ، ئوزىنىڭ ئانا بولغانلىغىدىن تولىمۇ پەخىرلىنىدۇ ، قىزىغا تويماي قاراپ كۈنلىرىنى خۇشال ئۆتكۈزىدۇ ، مەنسۇرنىڭ قىلغان تەلۋىلىكلىرىگە ئانچە پىسەنىتمۇ قىلىپ كەتمەيدۇ ، ئۇنىڭ كۈنلىرى مۇشۇ تەرەققىدە ئۆتۈپ بالىسى بىر ياشقىمۇ كىرىپ قالدى ، بۈگۈن قىزىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ، ئۇ ئەتتىگەندە مەنسۇرغا : كەچتە بالدۇراق قايتىپ كىلىشنى ، بولسا چۈشتە سوراپ يىنىپ كىلىشىنى ، قىزىنى بىللە ئاپىرىپ بىر پارچە خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈرۈپ قويغۇسى بارلىقىنى ئىيتىپ مەنسۇرنى ئىشقا يولغا سالدى ، ئۆزى بالىغا قارغاچ ئۆيلەرنى بىر قۇر تازىلاپ يۇغۇشتۇرۇپ چۈشلۈك تاماقنىڭ تەييارلىقىنى قىلدى ،ئاندىن قىزىنى يۇيۇپ كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ ئۇخلاتتى ، ئاڭغىچە چۈشلۈك تاماق ۋاختىمۇ قىستاپ قالغان ئىدى ،شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاشخانىغا كىرىپ تاماققا تۇتۇش قىلىۋاتقاندا ئىشىك قوڭغۇرقى جىرىڭلىدى ، ئۇ كۆڭلىدە مەنسۇرنى قايتىپ كەلگەن چېغى دەپ ئويلاپ ئىشىكنى ئاچتى :
_ ئاچقۇچنى ئالمىغانمۇ ؟ .............. _ بەختىنسانىڭ گىپىنىڭ ئاخىرى ئاغزىدىلا قالدى ، ئىشىك ئالدىدا ئىككى ناتونۇش ئايال قاراپ تۇراتتى ، چىراي شەكلى بىر - بىرىدىن ئانچە پەرىقلىنىپ كەتمەيدىغان بۇ ئىككى ئايالنىڭ بىرى 30 - 32 ياشلار ئەتراپىدا سىمىزغىنا ، دوغىلاق كەلگەن ئايال ، يەنە بىرى 26 - 28 ياشلار ئەتراپىدا يىنىدىكى ئايالدىن سەل ئورۇقراق ، رەتلىك كىيىنگەن ئايال ئىدى ، ياشقا چوڭراق كەلگەن ئايالنىڭ كۆزلىرىدىن بىر سوغۇقلۇق چىقىپ تۇراتتى ،
_ بۇ مەنسۇرنىڭ ئۆيىمۇ ؟ _ سورىدى ياشقا چوڭراق ئايال قوپال ھالدا
_ ھە ئە ! شۇ ............. _ بەختىنسا بۇ ئايالنىڭ قوپاللىقىدىن سەل تەمتىرەپ قالدى
_ ھۇ نائەھەلى بۇزۇق _ ياشقا چوڭراق ئايال بەختىنسانىڭ گىپىنى بۆلۈپلا تەلەتىنى بۇزۇپ سۆزلەپ كەتتى _ بۇ توقىلى بىلەن بىخىرامان ئولتۇرۇپتۇ - دە بۇ رەسۋا ، بەختىنسا بىر دەم گاڭگىراپ قالغاندىن كىيىن :
_ سىلەر كىم بولىسلەر _ بەختىنسا بۇ ناتونۇش مىھمانلاردىن سوردى ،
_ بۇنى مەندىن سوراۋاتامسەن ؟ ھۇ پاسكىنا بۇزۇق نۇمۇس قىلساڭچۇ ،
_ بولدى ئاچا ، ئاچچىغىڭغا ھاي بېرىپ پەسرەك گەپ قىلە ، نىمە گەپ بولسا ئۆيگە كىرىپ دىيىشمەمسەن
_ مەن قانداقسىگە ئاچچىغىمغا ھاي بىرەلەيمەن ، مىنىڭ ئورنۇمدا سەن بولساڭ شۇنداق قىلالامسەن ؟ بۇ ئۆلگۈر نا ئەھلىنىڭ قىلىپ يۈرگەن ئىشىنى قارا _ ياشقا كىچىكرەك ئايال ئۇنى ئىتتىرىپ دىگۈدەك ئۆيگە ئەكىرىپ ئولتۇرغۇزدى ، ئۇ ئايال توختىماي سۆزلەيىتتى _ بۇ نائەھلىنىڭ باللىرىنى باقىمەن دەپ ئاز جاپا تارىتتىممۇ ؟ ماۋۇ توقالچىلىق راھەت كۆرۈپ باقتىممۇ ؟ _ ئۇ ئايال سۆزلەپ بولالماي ئۆپكىدەپ يىغلاپ كەتتى . بەختىنسا بۇ ئايالنىڭ گىپىدىن بىر بەرسىنى چۈشەنگەندەك بولدىيۇ ئويلاشقا جۈرئەت قىلالمىدى ،
_ ئاچا ، بولدى يىغلىمىغىنە _ دىدى ياشقا كىچىكرەكى يەنە بىرسىگە تەسەللى قىلغاچ بەختىنساغا دىدى _ بۇياق مىنىڭ ئاچام بولىدۇ ، ئىسمى رابىيەم ، مىنىڭ ئىسمىم راھىلەم ، مەنسۇر ئاكام ئاچامنىڭ يولدىشى ، ئىككى بالىسى بار ئىدى ، باللامۇ خىلى چوڭ بوپ قالدى ، نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ئاكام بىر قاتناش ۋەقەسى چىقىرىپ قويۇپ بەك كۆپ چىقىمدار بولۇپ كەتتى ، ماشىنىسىنىمۇ سىتىۋەتتى ، بۇمۇ يەتمەي ئاچام ئالتۇن جابدۇقلىرىنىمۇ ساتتى ، ھەم باللا كىيىمى تىجارىتى قىلدى ، ئاكام سىرتتا ئىشلەپ پۇل تاپىمەن دەپ بۇ يەردە بىر ئۇن زاۋۇتىدا ئىشلەۋىتىپتىكەن ، مۇشۇ ئىككى يىلدىن بىرى ئاكام ئۆيگە ئانچە كۆپ پۇل بەرمەيدىغان بولىۋاپتۇ ، يىقىندا ئاچامنىڭ بىر دوستى بۇ يەرگە تۇققان يوقلاپ كىلىپ ئاكامنى قۇچىقىدا بالىسى بار ياش ، چىرايلىق بىر ئايال بىلەن يولدا كۆرگەنلىكىنى دەپ بېرىپتىكەن ، شۇنىڭ بىلەن ئاچام تۇرالماي قالدى ، بىز تۈنۈگۈن كەلگەن ئىدۇق ، ئاچامنى بىرە ئىش چىقىرىپ قويمىسۇن دەپ مەن بىللە كەلگەن ، ئەتتىگەندىن بىرى سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ بۇ يەرنى ئاران تاپتۇق ................ بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان بەختىنسانىڭ ئىچىگە بىر تال مۇز پارچىسى كىرىپ كەتكەندەك ئەندىكىپ كەتتى ، ئۇ توختىماي تىترەۋاتاتتى ھەممە ئىش ئايان بولدى ، رابىيە ئىسىملىك ئايالمۇ مەنسۇرنى قاغاپ يىغلاپ ھالى قالمىغان ئىدى ، دەل مۇشۇ ئىشنىڭ ئۈستىگە مەنسۇر ئازراق گۆش ، مىۋە - چىۋە دىگەندەك نەرسىلەرنى كۆتۈرۈپ ئىشىكتىن كىرىپ كەلدى
_ مەن كەلدىم خوتۇن _ مەنسۇر سۆزلىگەن پىتى ئۆيگە كىردى ھەم رابىيەم بىلەن راھىلەنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتى ، قولىدىكى خالتىمۇ يەرگە چۈشۈپ نەچچەتال ئالما يەردە يۇمىلاپ كەتتى ، بەختىنسا قاققان قوزۇقتەك تۇرغان يىرىدە تىخىچە قىتىپ تۇراتتى ، راھىلەم ئىتتىك ئورنىدىن تۇردى - دە يەرگە چۈشۈپ كەتكەن خالتىلارنى ، يۇمىلاپ كەتكەن مىۋىلەرنى ئىلىپ ئاشخانىغا ئەكىرىپ قويۇپ چىقتى ، مەنسۇرنى كۆرگەن رابىيەم ئاغزىنى قويۋەتتى ،
_ مەن ئىزىپتىمەن خوتۇن ، مەن ئەقىلسىز ، مىنى كەچۈرۈڭ ، ھەممىنى قىلغان مۇشۇ ئىزىتقۇ پاسكىنا ، مىنى ئازدۇرغان مۇشۇ .................................. بەختىنسانىڭ بىشى چىڭقىلىپ قۇلاقلىرى غوڭۇلداپ كەتتى ، ئۇنىڭ قۇلىقىغا ھىچنىمە كىرمەيتتى ، ئۇ خۇددى ھەيكەلدەك قىتىپلا تۇراتتى ، ئۇنى پەقەت بۇ ۋاراڭ _ چۇرۇڭدىن ئويغۇنۇپ قىقىراپ يىغلىغان قىزىنىڭ ئاۋازىلا ئۇنى بە خىل كەيپىياتتىن ئويغاتتى ، ئۇ چۆچۈپلا بالىسىنىڭ قىشىغا كىردى ، ئۇ بالىنى قولىغا ئالدى - دە ئۆيدىن چىقتى ، بۈگۈن تاسادىپى يۈز بەرگەن بۇ ۋەقە ئۇنى بەكلا گاڭگىرتىپ قويدى ، ئۇنىڭ كاللىسىدا ھىچقانداق ئىنكاس يوق ، ئۇ خۇددى سىزىمىنى يوقاتقان ئادەمدەك گاراڭ ھالدا چوڭ يولدا مىڭىۋاتاتتى ، كۆزىگىمۇ ھىچنەرسە كۆرنمەيتتى ، كەينىدىن سىگنال بىرىپ كەلگەن ماشىنىلارنىڭ ئاۋازىمۇ قۇلىقىغا كىرمەيدۇ ،
_ بەختىنسا ! _ ئۇنى بىرسى توۋلىغاندەك قىلدى ، ئۇ بۇ تونۇش ئاۋازنىمۇ ئىلغا قىلالمىدى ، ئۇنىڭ ئاۋاز چىققان تەرەپكە قارغۇدەكمۇ مادارى يوق ، كۈچلۈك بىر جۈپ قول ئۇنىڭ مورىسىدىن قاماللاپ تۇتقاندىلا ئاندىن ئۇ چۆچۈپ ئارقىسىغا قاردى - دە :
_ ئاكا _ بەختنسا ئاكىسىغا ئىسىلغانچە يىقىلدى ، بالىسىمۇ يەرگە يۇمىلاپ چۈشۈپ قىقىراپ يىغلاپ كەتتى ، ئاكىسى ئاۋال بالىنى قولىغا ئالدى ئاندىن بىر تاكسى توستى -دە شوپۇرنىڭ ياردىمىدە بەختىنسانى ماشىنىغا چىقىرىپ ئۇدۇل دوختۇرغا ئاپاردى ، ئۇنى بىر قاتار تەكشۇرتۈشتىن كىيىن دوختۇر « نىرۋىسىغا بىرە ئىش بەك تەسىر قىپتۇ ، ياخشى ئوزۇقلىنىپ ، بىر نەچچە كۈن ياخشى ئارام ئالسا ئوڭشۇلۇپ كىتىدۇ » دەپ ئازراق دورا يىزىپ بەردى ، ئاڭغىچە بەختىنسامۇ كۆزىنى ئاچتى ، ئاكىسى ئۇنى دوختۇردىن ئىلىپ چىقىپ ئۇدۇل يىزىدىكى ئانىسىنىڭ ئۆيىگە ئەپچىقتى ،
_ ئانا ، ئۇنىڭدىن ھىچنىمە سورماڭ ، نىمە بولغانلىنى مەنمۇ بىلمىدىم ، ئۆزى سەل ئەسلىگە كەلسە نىمە بولغانلىغىنى شۇ چاغدا بىلەرمىز ، _ دىدى ئاكىسى ئانىسىغا بايام بەختىنسانى ئۇچراتقان ۋاقىتتىكى ئىشلانى قىسقىچە سۆلەپ بەرگەچ .
_ ماقۇل بالام _ ئانىسىمۇ قىسقىلا جاۋاپ بەردى ،
بەختىنسا ئەتىسى كۆزلىرى ئولتۇرۇشقان ، چىرايى سەل تاتارغان ، خۇددى ئىغىر كىسەل تارىتقان ئادەمدەك تولىمۇ جانسىز ھالدا ئورنىدىن تۇردى ،
_ ناشتا قىلىۋال قىزىم _ ئانىسىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان بەختىنسا ئۇن سىلىپ يىغلىدى ، ئانىسىنىڭ تەسەللى بىرىشلىرىمۇ بىكار بولدى ، ئۇ بىر ھازا يىغلىۋالغاندىن كىيىن ئىسەدەپ - ئىسەدەپ توختاپ قالدى ،
_ يىگۈم يوق ئانا ، گىلىمدىن ئۆتمەيدۇ ،
_ يىگۈڭ بولمىسىمۇ زورلاپ يە قىزىم ، بولمىسا ئۆزەڭنى تۈگەشتۈرۋالىسەن
بەختىنسا ئانىسىنىڭ زورى بىلەن ئازراق ناشتا قىلدى -دە يەنە ياتتى ، مۇشۇ ئىش بولۇپ بىرە ھەپتە ئانىسىنىڭ قىشىدا ياخشى كۈتۈنگەن بەختىنسانىڭ كەۇپىياتىمۇ خىلى ياخشىلىنىپ قالدى ، ئۇ بولغان ئىشلارنى بىرنىمۇ قويماي ئانىسى بىلەن ئاكىسىغا سۆزلەپ بەردى ،
_ توۋا ئاڭلىمىغان ئىشلارنى ئاڭلايدىكەن ئادەم ، نىمە ئىشلا بوپ كىتىۋاتىدۇ بۇ جاھاندا _ ئانىسى ھەيران بولۇپ ئاغزىنى ئىچىپلا قالدى
_ ئەمدى قانداق قىلاي دەيسەن _ سورىدى ئاكىسى بەختىنسادىن
_ نىمە قىلىشىمنى مەنمۇ بىلمىدىم ئاكا ،
_ ئاۋال سەن بالاڭغا قارغاچ بۇ ئۆيدە بىر مەزگىل ئارام ئال ، دۇكىنىڭنى ئۆتكۈزۈپ بىرەيلى ، كىلەر يىلغىچە بىر گەپ بولار _ بەختىنسامۇ ئاكىسىنىڭ بۇ گىپىگە ماقۇل بولدى
بەختىنسانىڭ بۇ ئۆيدە تۇرۋاتقىنىغا ئۈچ ئاي بولۇپ قالدى ، ئۇ بۇ ئازادىچىلىكتىن خىلى خۇشىۇيلىشىپ قالغان ئىدى ، ئۇ بۈگۈن چۈشتە تاماق يەپ بولۇپلا بالىسىنى ئۇخلىتىپ قويۇپ ئۆزى ھويلىدا كەشتە تىكىپ ئولتۇراتتى ، تۇيۇقسىز ھويلىغا مەنسۇر پەيدا بولۇپ قالدى ، بەختىنسا چۆچۈپ توۋلاپ كەتتى:
_ ئانا ! _ ئۇنىڭ ئاۋازى بىلەن مەنسۇرمۇ چۆچۈپ كەتتى ،
_ ئاستىراق توۋلا خوتۇن _ دىدى مەنسۇر بەختىنسا كەشتە تىكىپ ئولتۇرغان سۇپىنىڭ لىۋىگە كىلىپ ئولتۇرۇپ ،
_ كىم سىنىڭ خوتۇنىڭكەن ؟ _ دىدى بەختىنسا غەزەپ بىلەن مەنسۇرغا قاراپ
_ بوش ئاچچىقلىساڭچۇ ، بۇ بالا ئىككىمىزنىڭ ئەمەسمۇ ، سەن نىمىلا دىمىگىن ئوتتۇرمىزدا بالا بار ، يۈر قايتىپ كىتەيلى
_ مىنى شۈنچە ئالدىغاننى ئاز دەپ يەنە نىمە ئويۇن ئويناي دەۋاتىسەن ، چىرايلىقچە ئۆيدىن چىق ، بولمىسا بىشىڭنى يېرۋىتىمەن_ مەنسۇر گەپ قىلاي دەپ ئاغزىنى ئۆمەللىشىگە سىرتتىن بەختىنسانىڭ ئاكىسى كىرىپ كەلدى بۇنى كۆرگەن مەنسۇر غىپپىدە تىكىۋەتتى
شۇنىڭدىن كىيىن بىچچارە بەختىنسا يەنە دەككە - دۈككىگە چۈشۈپ قالدى ، مەنسۇرمۇ پات - پات كىلىپ ئۇنى پاراكەندە قىلىپ كىتىدىغان بولدى ، مەنسۇرمۇ خۇددى مارلاپ تۇرغاندەك ئۆيدە بەختىنسا يالغۇز قالغاندا كىلەتتى ، مەنسۇر بۈگۈن يەنە كەلدى ،
_ بۈگۈن مەن بىلەن بىللە كەتكىن ، بولمىسا كۆرگۈلىكىڭنى كۆرسىتىمەن ،
_ نىمە دەپ سەن بىلەن كەتكۈدەكمەن ، سەن مىنىڭ نىمەمتىڭ ، مۇشۇنداق قىلىۋېردىغان بولساڭ مەنمۇ بوش كەلمەيمەن ،
_ سەن مەندىن مۇشۇنداقلا ئايرىلىپ كىتىمەن دەمسەن ، ئۇخلاپ چۈشۈۇڭ ، ئەگەر زادى قايتمايمەن دىسەڭ ساڭا ھىچنەرسىمۇ بەرمەيمەن ، مەندىن بىر تىيىن ئالىمەن دەپ خام - خىيال قىلما
_ مەن ھازىرغىچە سەندىن بىر نەرسە ئىلىشنى ئويلۇشۇپ باقمىدىم ، بىز ئەسلىدىنلا قانۇنلۇق ئەر _ خوتۇن ئەمەس ، پەقەت بۇندىن كىيىن مىنى ئىزدىمىسەڭ ، مىنى ئاۋارە قىلىپ پاراكەندە قىلمىساڭلا مەن ئۈچۈن شۇ كۇپايە
_ مەن ساڭا نىمە يامانلىق قىلدىم ، ناھايىتى يالغان توي خىتى بىلەن سىنى نىكاھىمغا ئالغان گۇناھىم بار ، ھۇ پاسكىنا ، مەن بىلەن تەڭ تۇرغىدەك بوپ قاپسەنغۇ تىخى _ مەنسۇر ۋاقىرغان پىتى بەختىنساغا ئىتىلدى ، بەختىنسا يىنىدىكى قايچىنى ئىلىپ مەنسۇرغا تەڭلەپ تۇرۇپ دىدى :
_ يەنە ئالدىڭغا ماڭىدىغان بولساڭ بۇ قايچىنى قوسىقىڭغا تىقىۋىتىمەن _ بەختىنسامۇ بوش كەلمىدى ، چۈنكى ئۇنىڭ ئىچ - ئىچىدىن چىقىۋاتقان غەزەپ ئۆچمەنلىك ئۇنى خىلى يۈرەكلىك قىلىپ قويغان ئىدى ، مەنسۇر ئورنىدا توختاپلا قالدى ، شۇ چاغدا بەختىنسانىڭ كۆزى سۇپىنىڭ لىۋىدەرەك تۇرغان ئۇن يايدىغان نوغۇچقا چۈشۈپ قالدى ئۇ دەرھال نوغۇچنى ئالدى - دە مەنسۇرنىڭ پىشانىسىگە كەلتۈرۈپ بىرنى سالدى ، مەنسۇر سەنتۈرلۈپ بېرىپ سۇپىنىڭ يىنىدىكى ئۈژمە تۈۋىگە گۈپلە قىلىپ يىقىلدى ، بەختىنسا پۈرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۆيدىن بىر قىل ئارغامچا ئىلىپ چىقتى ، ئاغامچىنىڭ بىر ئۇچىدا مەنسۇرنىڭ قولىنى باغلىدى يەنە بىر ئۇچىدا گىلىنى چىگىپ چىڭ تارىتتى ئاندىن ھەممە ئاچىققنى چىقارماقچى بولغاندەك ھېلىقى كالتەك بىلەن مەنسۇرنىڭ پۇت قولىغا توختىماي ئۇرۇپ كەتتى ،
_ بۇ مىنىڭ ھىسسىياتىمنى ئالدىغىنىڭ ئۈچۈن ، بۇ مىنى نەچچە ۋاقىتتىن بىرى خورلىغىنىڭ ئۈچۈن ، بۇ بالام بىلەن ئىككىمىزگە قىلغان مەسۇلىيەتسىزلىكىڭ ئۈچۈن ....................... ئۇ توختىماي سۆزلىگىنىچە مەنسۇرنى كالتەكلاپ ئۇرۇپ كەتتى ، دەل بۇنىڭ ئۈستىگە ئانىسى سىرتتىن كىرىپ كەلدى
_ نىمە قىلىۋاتىسەن بەختىنىسا ، بۇنداق قىلما ، بىكار ئۆلۈپ قالمىسۇن يەنە
بەختىنسا شۇ چاغدىلا ئۇرۇشتىن توختىدى ، ئانا _ بالا ئىككىسى مەنسۇرغا تەڭلا قاردى ، ئۇنىڭ پىشاينىسىدىن ئاققان قان يۈزلىرىنى قىپ _ قىزىل بويىغان ، كۆزلىرى يوغان ئالايغان ھالەتتە ياتاتتى ،
_ مەن ساقچىخانىغا بىرىپ كىلەي _ دىدى بەختىنسا ئانىسىغا قاراپ ھەم ياغلىقىنى چىگىپلا ئۆيدىن چىقىتى ، يىزىلىق ساقچىخانا بىلەن ئۇلارنىڭ ئۆيىنىڭ ئارلىقى ئانچە يىراق بولمىغاچ بىردەمدىلا كىلىپ بولدى
_ مەن بىر ئادەمنى ئۇرۇپ ئىغىر زەخمىلەندۈرۈپ قويدۇم _ دىدى بەختىنسا نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقان بىر ساقچىغا
_ نەدە يۈز بەرگەن ئىش بۇ ؟ _ سورىدى ساقچى
_ مىنىڭ ھويلامدا ، مەن باشلاپ ئاپىراي ، _ ئىككى ساقچى بەختىنسانى ساقچىخانىنىڭ ماشىنىسىغا چىقىرىپ ئۇنىڭ ئۆيىگە كەلدى ، بۇ چاغدا مەنسۇر ئاللا قاچان جان ئۈزۈپ بولغان ئىدى، ساقچىلار ئىدارىگە تىلىفۇن قىلدى ، ئىدارىدىن چىققان قانۇن دوختۇرى تەكشۈرۈش ئارقىلىق « بىشىغا قاتتىق تەككەن تاياق زەربىسىدىن مىڭىسىگە قان چۈشكەن ھەم گىلى بوغۇلۇپ نەپەس يىتىشمەي ئۆلگەن » دەپ ھۆكۈم چىقاردى ، ساقچىلار بەختىنسانىڭ قولىغا كويزا سىلىپ ئۇنى مەھبۇسلار ماشىنىسىغا چىقىرىپ ئىلىپ ماڭدى ، قىزى « ئانا ! » دەپ توۋلىغانچە يىقىلىپ چۈشتى ، بىچچارە ئاينىساخان ئانا بۇ كۈتۈلمىگەن پاجەدىن نىمە قىلىشىنى بىلمەي يىغلىغان پىتى نەۋرىسىنى كۆتۈرۈپ ماشىنىنىڭ ئارقىسىدىن قارسى يۈتكىچە قاراپ قالدى...
تامام.
مەنبە : نازىلە
ئەسكەرتىش:مەزكۇر تېمىنىڭ داۋامى ئىنكاس شەكلىدە يوللانغان،تېما مەزمۇنى ئاخىرلىشىشى بىلەن ئاپتۇرنىڭ ئىنكاس شەكلىدە يازغان تېمىسىنىڭ ئاخىرى تېمىغا قۇشۇۋىتىلدى.ۋاقىپ بولغايسىلەر.
-باشقۇرغۇچىدىن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-11-30 03:42 PM