ئەنگىليە« كۈندىلىك تېز خەۋەرلەر گېزىتى»نىڭ 19-نويابىر خەۋىرى: ئەنگليە«يالاڭ كۆزئەينەك»ژورنىلنىڭ شۇ يەرۋاقتى 18-نويابىر ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈش نەتىنجىسىدە كۆرسىتلىشىچە:ئەنگىليە تۈنجى قېتىم ئامېرىكىنىڭ ئالدىغا ئۈتۈپ يەرشارى يۇمشاق ئەمىلىي كۈچلەر تىزىملكىدە ئەڭ ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتكەن ھەمدە يەرشارىدىكى ئەڭ تەسىر كۈچكە ئىگە دۆلەتكە ئايلانغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە جوڭگونىڭ رەت تەرتىپى ئىككى رەت تۆۋەنلەپ 22-ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان.
خەۋەر قىلنىشچە: «يالاڭ كۆز ئەينەك ژورنىلى» ھەريىلى يەرشارىدىكى يۇمشاق ئەمىلىي كۈچلەرنى يەنى: ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ جەلىپ قىلىش كۈچى ۋە قايىل قىلىش كۈچىنىڭ قانداقلىقىنى، شۇنداقلا قوراللىق تەھدىت بولمىغان ياكى پۇل ئارقىلىق سېتۋېلىش شەكىلدە نىشانغا يىتىش ئەھۋالىنى باھالاش ئېلىپ بارىدىغان تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىكەن.بۇ تۈرلۈك تەكشۈرۈش كۆپىلىگەن باھا ۋە ئۆلچەملەردىن پايدىلىنىلغان بۇلۇپ بۇلار،ھۆكۈمەتنىڭ دېپلوماتتىيەدىكى ئىپادىسى، مائارىپ پەرقى،كارخانىلارنىڭ جەلىپ قىلىش كۈچى،ئولىمپىكتە ئېرىشكەن مېدال سانى قاتارلىق پايدىلندىغان 50 تۈرلۈك يۇمشاق ئەمىلى كۈچ كۆرسەتكۈچىنى ئۆز ئىچىگە ئالدىكەن.
بۇ يىلقى ئەڭ يېڭى رەتكە تۇرغۇزۇلۇشتا كۆرسىتىلشچە:يەرشارىدىكى 30 دۆلەت ئىچىدە ئەنگىليە ئامېرىكىنىڭ ئالدىغا ئۈتۈپ 1-ئورۇنغا تىزىلغان.بۇندىن باشقا ئالدىنقى 10نىڭ ئىچىگە كىرگەنلەردىن ئەنگىليە بىلەن ئامېركىدىن باشقىلار تەرتىپ بۇيىنچە:گېرمانىيە،فىرانسىيە،شىۋېتسىيە،ياپون،دانىيە،شۋېتسارىيە،ئاۋىستىرالىيە ۋە كانادا قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
ئاسىيادىكى دۆلەتلەر ئىچىدە 6-ئورۇنغا تېزىلغان ياپونيىدىن باشقا كورىيە 14-ئورۇندىن 11-ئورۇنغا كۈتۈرۈلگەن. بىراق جوڭگونىڭ رەت تەرتىۋى 20-ئورۇندىن تۆۋەنلەپ 22-ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان.
بۇ رەت تەرتىۋىدە ئەنگىلينىڭ ئەڭ ئالدىنقى ئورۇنغا تېزىلشنىڭ سەۋەبىگە نىسبەتەن «يالاڭ كۆز ئەينەك ژورنىلى»نىڭ باش مۇھەرىرى تەيلۇ.بۇلېر چۈشەنچە بېرىپ ئەنگىليەنىڭ ئولىمپىك مۇسابقىسىنى مۇۋاپىقيەتلىك ئۆتكۈزگەنلىكى ئاڭ ئالدىنقى ئورۇنغا تىزلشىغا چوڭ ياردىمى بولدى-دېدى. « بۇ يىل ئەنگىلىيدە كىشى ئويلىمغان دەرىجىدە داغدۇغا پەيدا بولدى».ئۇ يەنە تۇلۇقلاپ مۇنداق دەيدۇ:
«جەلىپ قىلىش كۈچىنىڭ پىرنسىپلىرى تۇلۇق ئەمىلىيلەشكەندىلا،ئاندىن بىر دۆلەت ئەڭ زور جەلىپ قىلىش كۈچىگە ئىگە بولالايدۇ.»
بۇ توغۇرىسىدا خەنچە مەنبەدە بەس مۇنازىرە قىزىپ كېتىپتۇ،بۇلۇپمۇ كۆپلىگەن خەنزۇ تورداشلار جوڭگو نىمە ئۈچۈن ئارقىغا تىزىلدۇ؟ دېگەننى چۆرىدىگەن ئاساستا ئاچچىق-تەنە ئارلاش پىكىرلىرىنى ئوتتۇرغا قۇيۇشماقتا.
مەنبە:
http://world.huanqiu.com/exclusive/2012-11/3289253.html
ئەسكەرتىش: قالايمىقان ئىنكاسلار چەكىلىندۇ!!!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا a.sayrami تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-11-20 12:34 PM