شىنخۇا تورى بېيجىڭ 19-نويابىر تېلېگراممىسى
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستاننىڭ بىر دەرسلىكىدە گۆش يېيىش ئادەمنى چۈشكۈنلەشتۈرۈۋېتىدۇ، دېيىلگەن.
گۆش يېيىشنىڭ پايدا- زىيىنى توغرىسىدا ئوزۇقشۇناسلار تا ھازىرغىچە بەس- مۇنازىرە قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. لېكىن، ھىندىستاننىڭ بىر دەرسلىكىدە، گۆش يېيىش ئادەمنى يالغان سۆزلەيدىغان، ئوغرىلىق قىلىدىغان، ھەتتا جىنسىي جىنايەت ئۆتكۈزىدىغان قىلىپ قويىدۇ، دەپ كېسىپ ئېيتقان.
يېڭى دېھلى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندىستاننىڭ 11 ياشلىق ئوقۇغۇچىلارنى ئوبىيكىت قىلغان بىر دەرسلىكنىڭ مۇناسىۋەتلىك پاراگرافلىرىدا: «گۆشلۈك تاماق يېگۈچىلەر ئاسانلا باشقىلارنى ئالدايدىغان، يالغان گەپ قىلىدىغان ۋە لەۋزىدە تۇرمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئۇلار سەمىمىيەتسىز بولۇپلا قالماستىن، يەنە كىشىلەرنى ھاقارەتلەپ، ئۇلار بىلەن قارشىلىشىدۇ. ئوغرىلىق، ئۇرۇش-جېدەل ۋە زوراۋانلىق قىلىدۇ، ھەتتا جىنسىي جىنايەت سادىر قىلىدۇ.» - دەپ يېزىلغان.
ھىندىستاندا گۆشسىز يېمەكلىك مەدەنىيىتى ئومۇملاشقان. يەنە كېلىپ، ئۇلارنىڭ دىنىدىمۇ كالا گۆشى يېيىش چەكلەنگەن. ئەمما، ھىندىستان ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ۋە چەتئەللەرگە چىقىۋاتقان ھىندىستانلىقلارنىڭ نەزەر دائىرىسىنىڭ بارغانسېرى كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، ھىندىستانلىقلار يەيىدىغان گۆش مىقدارى تەدرىجىي كۆپەيگەن.
ب د ت ئاشلىق ۋە يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتىنىڭ بۇلتۇرقى كۆرسەتمىسىگە قارىغاندا، ھىندىستانلىقلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق ئوتتۇرىچە گۆش ئىستېمال مىقدارى 5 كىلوگرامدىن 5.5 كىلوگرامغىچە يەتكەن بولۇپ، بۇ ھىندىستاننىڭ بۇ تۈردىكى سانلىق مەلۇماتلارنى ستاتىستىكا قىلىشقا باشلىغاندىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى قىممەت بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
تەرجىمە قىلىپ يوللىغۇچى: قۇلاغلا
مەنبە: شىنخۇا تورى خەلقئارا قانىلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-11-19 08:38 PM