قارلۇق شىركىتى‹‹مىڭ بىركېچە›› كارتون فىلىمىنى ئىشلىمەكچى.
16 -نويابىر چۈشتىن كېيىن، شىنجاڭ يەرلىك كارتۇن فىلىم شىركىتى–شىنجاڭ قارلۇق مىدىيا پەن-تېخنىكا شىركىتى بىلەن ئېراننىڭ ALPHABET پاي چېكىنى كونتىرول قىلىش خەلقئارا گۇرۇھى مەركىزى شەھەر ئۈرۈمچىدە چوڭ تىپتىكى كارتۇن فىلىم «مىڭ بىر كېچە»نى ئىشلەش ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ئىككى تەرەپ بۇ كارتۇن فىلىمنى ئىشلەش ئۈچۈن 80 مىليون يۈەن مەبلەغ سالىدىكەن.
«مىڭ بىر كېچە» ناملىق بۇ چوڭ تىپتىكى كارتۇن فىلىم مۆلچەرلىنىشىچە 104 قىسىم، ھەر بىر قىسىمنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 24 مىنۇت بولۇپ، سىنارىيەسىنىڭ ھەممىسى ئەرەپ خەلق چۆچەكلىرى توپلىمى «مىڭ بىر كېچە»نى ئاساس قىلىدىغان بولۇپ، بۇ كارتۇن فىلىم مۆلچەرلىنىشىچە 2014-يىلى 3-ئايدا ئېران تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا تۇنجى قېتىم قويۇلىدىكەن.
«قارلۇق ئەڭ كەسىپىي تېخنىكا بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئەڭ مۇھىمى ئۇلار بىر ياش ئىختىساسلىقلار قوشۇنىغا ئىگە بولۇپ، بۇ كارتۇن فىلىم ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ۋەكىل خاراكتېرلىق ئامىللارنى ئېلىپ كىرەلەيدۇ.» دەيدۇ ALPHABET پاي چېكىنى كونتىرول قىلىش خەلقئارا گۇرۇھىنىڭ لېدىرى KHASHAYAR SALIMI.
«ئېران بىلەن جۇڭگو شىنجاڭ مەدەنىيەت جەھەتتە كۆپ تەرەپتە ئوخشاشلىققا ئىگە، بۇ قېتىملىق ھەمكارلىق پەقەت بىر باشلىنىش، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو شىركىتى بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشقا تىلەكداشمىز.» دەيدۇ ئۇ يەنە.
شىنجاڭ قارلۇق مىدىيا پەن-تېخنىكا شىركىتى 2008-يىلى قۇرۇلغان ئاساسلىقى يۇمشاق دېتال ئېچىش، ياساش ۋە مىدىيا مەھسۇلاتلىرىنى تەتقىق قىلىشنى ئاساس قىلىدىغان، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىدىكى يۇمشاق دېتال، كارتۇن، ئۈن-سىن ۋە بىر قەدەر يۇقىرى بولغان مىدىيا تېخنىكىسى ئېچىش ئىقتىدارىغا ئىگە بىر مىللىي شىركەت.
يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت زور كۈچ بىلەن مەدەنىيەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللىغان بولۇپ، بىر قانچە يىللىق تەرەققىياتتىن كېيىن، قارلۇق شىركىتى ئاپتونوم رايونلۇق ئۆلگە كۆرسىتىش بازىسى قىلىپ بېكىتىلدى. بۇ يىل تۇنجى بولۇپ شاڭخەي پۇدۇڭ يۇمشاق دېتال باغچىسىغا كىرگەن شىنجاڭ شىركىتى ھېسابلىنىدۇ. قارلۇق شىركىتى شاڭخەي قارلۇق يۇمشاق دېتال چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنى ئەنگە ئالدۇرۇپ، دۆلەت مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن «دۆلەتلىك مەدەنىيەت ساھەسىكى ئۆلگە كۆرسىتىش بازىسى» دەپ بېكىتىلدى.
مەزكۇر شىركەتنىڭ لېدىرى پەخرىدىن قارلۇق تونۇشتۇرۇپ: «بۇ قېتىملىق ئىمزا قويۇش، ھەرگىزمۇ 80 مىليون يۈەنلىك كارتۇن فىلىمگىلا مۇناسىۋەتلىك بولماستىن بەلكى يەنە مۇناسىۋەتلىك ھاسىلىي مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە تارقىتىشتىن دېرەك بېرىدۇ. ئىككى تەرەپ يەنە ھەمكارلىق شىركىتى قۇرۇپ، كارتۇن، يۇمشاق دېتال، IIS (ئەقلىي ئىدراكلىق ئۇچۇر سىستېمىسى)، ئىنتېرنىت تورى، مائارىپ ساھەسى قاتارلىق جەھەتلەردە ھەمكارلىق ئورناتقان بولۇپ، ئومۇمىي مەبلەغ سوممىسى 360 مىليون يۈەن (5 يىللىق) گە يېتىدۇ.» دەيدۇ.
«بۇ قېتىملىق ھەمكارلىق يالغۇز مەبلەغ سېلىشنىلا جەلپ قىلماستىن، ئەڭ مۇھىمى شىنجاڭنىڭ يەرلىك كارتۇن ساھەسى ئۈچۈن يول ئاچتى.» دەيدۇ پەخىردىن قارلۇق.
تەرجىمە قىلغۇچى:ئىلقۇت بىلوگى
ئەسلى مەنبە:
http://news.ts.cn/content/2012-11/19/content_7454464.htm