خوتۇن ۋە ئاشنا
ئاشنام كۈتۈشىمنى تەلەپ قىلىدىغان ئايال، خوتۇنۇم مېنى كۈتىدىغان ئايال. ئاشنام ھەمىشە سېتىۋالغان نەرسىلىرىمنى ئەرزان كۆرۈپ ئاغرىنىدىغان ئايال، خوتۇنۇم ھەمىشە سېتىۋالغان نەرسىلىرىمنى قىممەت كۆرۈپ رەنجىيدىغان ئايال.
ئاشنام نەپىس گۈلدانغا سېلىپ قويغان گۈل، ئۇنىڭغا قارىسام راھەتلىنىپ ئاجايىپ ئامراق بولۇپ كېتىمەن، ئەمما بۇ گۈلنى پۇل، ھوقۇق، ئابرۇي، مەرتىۋە ياكى شەھۋانىي نەپىس دېگەندەك ئالاھىدە ئوزۇقلۇقلار بىلەن پەرۋىش قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. خوتۇنۇم سېۋەتكە سېلىپ قويغان كۆكتات، ئۇ ئۆزىنىڭ جاۋىلدىشى، كۆيۈمچانلىقى، تىرىشچان، ئىقتىسادچانلىقى بىلەن مېنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، چىرايىمنى نۇرانە، كىيىملىرىمنى رەتلىك، يەيدىغانغا تاماق، ئېچىدىغانغا ئۇسسۇزلۇق تەييارلاپ بېرىپ، ئاشنام بىلەن كۆرۈشكىدەك روھلۇق ھالغا كەلتۈرۈۋېتىدىغان ئايال.
تۇغۇلغان كۈنۈمدە ئاشنام ماڭا گۈل تەقدىم قىلىدۇ، خوتۇنۇم ئوزۇقلۇق قىممىتى مول نازۇ نېمەتلەرنى تەييارلاپ بېرىدۇ، يەنە ئىسسىق بىر پوپايكا توقۇپ بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن مەن دائىم ئاشنا رومانتىك، خوتۇن رېئال بولىدىكەن دېگەن قاراشقا كېلىمەن.
بىر كۈنى مەن ئالتۇن ئۈزۈك سېتىۋېلىپ تومۇچۇقتەك ئاشنامغا سوۋغا قىلدىم. توساتتىن يەنە ئىنساپىمغا كېلىپ خوتۇنۇمغىمۇ ئوخشاش ئۈزۈكتىن بىرنى سېتىۋالدىم. سوۋغىنى قوبۇل قىلغاندا ئاشنام مېنى تاتلىققىنە سۆيۈپ قويدى. ھەتتا مەندىن يوشۇرۇنچە ئۈزۈكنى زەگەر بازىرغا ئاپىرىپ تەكشۈرتۈپ كەپتۇ. ئايالىم بولسا «شۈنچە پۇل خەجلەپ جانغا ئەسقاتمايدىغان بىر نەرسىنى سېتىۋاپسىز» دەپ مەندىن ئاغرىنغاندەك بولدى. ئارقىدىن قەلبى خۇشاللىققا تولغان ھالدا تاقىۋالدى، ئەمما ئۇ بۇ ئۈزۈكنىڭ راست - يالغانلىقىدىن ھەرگىز گۇمانلانمىدى.
شۇ ئىشتىن كېيىن مەن: «يەنىلا خوتۇنۇم ماڭا كۆيۈنىدىكەن دەپ بىردىنلا ئويغاندىم. شۇنىڭ بىلەن رومانتىكىلىقنى قوغلاشماي، يوۋاشلىق بىلەن رېئاللىققا قايتىپ كەلدىم .
قېنى تورداشلار، سىلەر ئاشناڭلارغا تۇرامسىلەر، خوتۇنىڭلارغىمۇ، ئىككى ئىغىز لىللا گەپ قىلىپ بېقىڭلار؟؟؟؟
خەۋەر مەنبەسى: internt
بۇنى مەن توردا كۆرۈپ يوللاپ قويدۇم، بىز مۇشۇ تېما ئۈستىدە مۇھاكىمە قىلىپ باقساق دەيمەن؟
http://yarp.cn/forum.php?mod=viewthread&tid=1196 ئىلىندى