مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3760|ئىنكاس: 54

ئائىلە زۇلۇمىغا ئۇچىرامسىز ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

دىنىمنىڭ ئۇستۇن

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34992
يازما سانى: 491
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8429
تۆھپە نۇمۇرى: 208
توردا: 3830 سائەت
تىزىم: 2011-3-23
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-18 09:54:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                    ئائىلە زۇلۇمىغا ئۇچىرامسىز ؟


   ئادەتتە دۇككاننىڭ ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولۇپ قالسام ،كۆپىنچە ئۇششاق چۇششەك ئىشلارغا قەلەم تەۋرەتكۇم كەلمەيدۇ .ئەمەلىيەتتىمۇ ئەتراپىمىزدا بىز يازىدىغان ھەم قازىدىغان تۇرمۇش كارتىنىلىرى ئاز ئەمەس،بەزىلىرىنى ئاچچىق ساۋاق بىلەن سۆكسەك، بەزىلىرىنى ئاغىزى-ئاغزىمىزغا تەگمەي ماختىشىمىز .
گەرچە ئۆزۇم تىخى تۇرمۇشلۇق بولمىساممۇ ،بىراق جەمىئىتىمىزدىكى بىرقىسىم ئائىلىلەردىكى "زۇراۋانلىق"قىلمىشلىرىنى تولا ئاڭلاپ كىلىۋاتىمەن ،بۇ بەلكىم ئارىمىزدىكى قىسمەنلىك بولماسلىقى مۇمكىن .
   مەلۇم ھەدىمىزنىڭ ئاچچىق كەچمىشلىرىنى ئاڭلىغىنىمدا ،ھارغىنلىق ئىچىدىن قەلەم تەۋرىتىشكە قايتا كۇچ ماغدۇر كىرگەندەك بولدى .(مەن ئۇ ھەدىمىزنىڭ ئىسمى ئۆزگەرتىپ يازدىم ).
  ماھىرە ئەمدىلا تىخى 37 ياشقا كىرگىنىگە قارىماي 4 بالىنىڭ ئانىسى بولۇپ قالغانىدى ،2ئوغۇل2قىزنى بىقىپ قاتارغا قوشماق بىر ئايال ئۇچۇن ئاسان گەپ ئەمەس .ماھىرە بىلەن قاسىم ئىككىسى 18 يىل ئىلگىرى چوڭلارنىڭ تونۇشتۇرىشى بىلەن توي قىلغانىدى .ئۇلار توي قىلغان يىڭى مەزگىللەردە خىلى ئىناق ئىتىپاق ئۆتۇشتى ،ئەمما ۋاقىت ئۇزارغانسىرى قاسىمجاننىڭ ئائىلىدە ئۇششاق گەپ سۆزلىرى ئاۋۇپ ھەدىسىلا ماھىرەنى سىلكىپ قوپاللىق قىلاتتى .قاسىمجان تىجارەت قىلىدىغان بولغاچقا،ماھىرە گاھىدا دوككانغا چىقسا ،گاھىدا قاسىمجانغا ياردەملىشىپ مال توشۇيتتى .ماھىرەنىڭ چاققانلىقى چىۋەرلىكى ھەم سىپايىلىكىگە گەپ توغرا كەلمىسىمۇ ،ئەمما قاسىمجان ماھىرەنىڭ بۇ ئارتۇقچىلىقىنى زادىلا كۆرمەيتتى ،كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سىلىۋاتتى .ماھىرە قىيىنئاپىسى ۋە قىيىنئاتىسىغا خۇددى ئۆز ئاتا-ئانسىغا مۇئامىلە قىلغاندەك ئىخلاسى بىلەن كۆيۇنەتتى ،ئەمما قاسىمجان ماھىرە تەرەپنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن زادىلا بىرىش-كىلىش قىلمايتتى ،ئىشلار شۇ تەرىقىدە ئۆتىۋەردى .بالا بىردىن ئىككىگە ،ئۇچكە ھەتتا تۆتكىچە كۆپەيدى ،بالىلار كۆپەيگەنسىرى ئۆيدە جىدەلمۇ كۆپىيىشكە باشلىغانىدى .قاسىمجان ماھىرەدىن ئورۇنسىز گۇمان قىلىدىغان ئۇنى قارىلاپ بۆھتان چاپلايدىغان بولىدى .ماھىرە قاسىمجانغا شۇنداق كۆيۇنۇپ يىقىنچىلىق قىلسىمۇ ،ئەمما قاسىمجان قەتئىلا پەرۋا قىلمايتتى .گەرچە قاسىمجاننىڭ تالادا ئىچىپ-چىكىپ ئوينايدىغان ناچار قىلمىشلىرى بولمىسىمۇ ،ئەمما ماھىرە روھىي جەھەتتىن قىلچە ئۇزۇق بىرىپ باقمىغانىدى ،قاسىمجاننىڭ ھەدىسىلا دەيدىغان گىپى "مەن ھەقا سىڭنىڭ گىلىنى بىقىۋاتقاندىمەن " .ماھىرە بۇ روھىي ئازاپلارنى ئىچىگە يۇتۇپ تا بۇگۇنگىچە سەۋىر قىلىپ كەلدى ،ئاللاھ ئۇنىڭغا مەرھەمەت قىلسۇن .
  يۇقارقى ھەدىمىزنىڭ قىسمەتلىرى پەقەت بىرقىسمىلا خالاس ،ئۇنىڭ ھەربىر ئىنچىكە قىسىملىرىنى بىز ئويلاپ تەپەككۇر قىلالايمىز .بۇ يەردىكى ئاساسلىق مەسىلە ئەر ئۆزىنىڭ ھەقىقى مەجبۇريىتىنى تونۇمىغان .پەقەت ئايالىغا جۇملىدىن ئائىلىسىگە نىسبەتەن ماددى ئىقدىسادى جەھەتتىنلا قامداشنى مەقسەت قىلىپ،ئۇلارغا روھى ئۇزۇق ئاتا قىلمىغان .بۇ ئەرلەرنىڭ ئائىلىگە قىلغان زۇلۇم ھىساپلىنىدۇ .دىنىمىز ئىسلام شەرئىتىدە ھەرقانداق شەكىلدىكى زۇلۇمنى ھارام قىلدى .مەيلى ئىلىم -بىرىمدىكى ئادالەتسىزلىك بولسۇن ۋەياكى ئائىلىۋى تۇرمۇش  جەھەتتىكى ئادالەتسىزلىق قىلمىشلىرى بولسۇن ،بۇ شۇ كىشىنىڭ قەلبىنى قارايتىپ ، ئىمانىنى خۇنۇكلەشتۇرۇدى .نۇرغۇن كىشىلەر كىچىك گۇناھلارغا سەل قارايدۇ .تەپەككۇر قىلالىغان كىشى ئۇچۇن ،چوڭ گۇناھتىن كىچىك گۇناھ ئەڭ خەتەرلىك .چۇنكى يۇشۇرۇن دۇشمەن يەنى خائىندىن ئاشكارا دۇشمەن بىخەتەر .ۋاھالەنكى كىچىك گۇناھلارغا سەل قارىغىنىمىز ئۇچۇن ،بۇ گۇناھلار يىغىلىپ قەلىبنى قاتۇرىدۇ ، خۇددى تامچە سۇ تامچىۋەرگەنسىرى بىتون تاشنى تىشىۋەتكىنىگە ئوخشاش.يۇقارقى قاسىمجاننىڭ قىلمىشىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش.قاسىمجان ئۆز خىيالىدا بۇ كىچىك ئىشقۇ دىگىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە ئۇ يىغىلغانسىرى ئۇلغۇيىدۇ .
  ئەرلەر ئايالغا ھامىيدۇر .ئۇنىڭغا ماددى ئۇزۇق بىرىشتىن بەكىرەك مەنىۋى ئۇزۇن بىرىش زۆرۇر .چۇنكى ئايال كىشى ئەر كىشىنىڭ ئەگرى قۇۋۇرغىسىدىن يارىتىلغان ،ئايال كىشى ھىسسىياتچان،نازۇك .ئۇلارنى تاجۇ-تەخىتكە ئولتۇرغۇزغاندىن ،بىرتال ئەتىرگۇل بىلەن خۇش قىلغىنىمىز ئارتۇقتۇر .
  ئەمما زامانىمزىدىكى بىرقىسىم ئەرلەر ئاياللارنىڭ بۇ كىچىككىنە تەلىپىنى رەت قىلىدۇ .ئۇلارغا قوپال مۇئامىلە قىلىدۇ .ھەدىسىلا ئۆزىنىڭ "قۈلى" چاكىرى ھىساپلايدۇ ،بۇنداق ئەرلەر ئەمەلىيەتتە زۇلۇم قىلغۇچىلاردۇر .زۇلۇم قىلىشنىڭ مەنىسى نىمە ؟
  ھەرقانداق شارائىتتا ھەقنى بايان قىلالماسلىقنىڭ ئۆزىلا زۇلۇم .ئۇلۇغ ئاللاھ بەندىلىرى ئىنتايىن مىھرىباندۇر .ئاللاھ ھىچقانداق بەندىسىگە زۇلۇم قىلمايدۇ .ئەمما ئارىمىزدىكى بىرقىسىم ئەرلەر ئايالىدىن تىرناق ئاستىدىن كىر ئىزدەپ  ،تۇخۇمدىن تۇك ئۇندۇرۇپ ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە ئاساسىسز ئازار بىرىدۇ.ئۇلارنى ئۆزىنىڭ "قۇلى"چاكىرى ھىساپلايدۇ .بۇنداق ئەرلەر تولىمۇ ساپاسىز قارا قوساق جاھىل كىشىلەر قاتارىدىندۇر .جاھىلىيەت دەۋرىدىن قالغان يالدامىلەر بىلەن مەلۇم بىرەر كىلىشمەسلىك ۋەياكى قازا ۋە-قەدىرگە چىن ئىخلاسى بىلەن ئىشىنەلمىگەنلىك سەۋەبىدىن بۇنى ئايالىغا چىتىپ كۆرسىتىپ ئوتتۇرسىدا ئىختىلاپ تىرىيدۇ .ئەگەر ئايال زىيادە سەۋىرچان تاقەتلىك بولسا ،بۇ ئۆي ئۆي بولىدۇ ،ئەكسىنچە بولغاندا ،بىگۇناھ بالىلار يىتىپ بولۇپ ،بىر ئىللىق ئائىلە خانۇۋەيران بولۇپ كىتىدۇ .
   بەزى ئەرلەر ھەقىقەتەنمۇ جاھىل ،تەكەببۇر .ئۇ، ھەممىسى مىنى ۋاي-ۋاي دىسىكەن دەيدىيۇ ،ئەمما مەن ئايالىمنى بالامنى قانچىلىك ۋاي-ۋاي دەپ باقتىم دەپ ئويلاپ باقمايدۇ . ئايالى بىرئۆمۇر ئاش-تاماق ئىتىپ كىر-قاتلىرىنى يۇيۇپ مىھنەتسىز ئەمگەك قىلىدۇ ،ئاياللار كۆپ نەرسىنى تەمە قىلمايدۇ ،قانائەتچان ئايال پەقەت ئىرىدىن ،چىن كۆڭلىدىن چىقىرىپ سوۋغا قىلغان بىرتال ئەتىرگۇلنى ۋەياكى "بۇگۇنكى تاماقىڭىز بەك ئوخشاپتۇ"دىگەنلەرنى تەمە قىلىدۇ.ئۇلارنىڭ بۇ"تەمە"لىرى ئارتۇقچە ئەمەس .ئۇلار شۇنداق روھى يۇكسىلىشكە مۇھتاج .ئۇلارغا ئىسىل-ئىسىل كىيىملەر ئەمەس ، ئىرىنىڭ بىر-ئىككى ئىىغىز ماختاشلىرى ۋە چىن يۇرىكىدىن باغرىغا بىسىشغا مۇھتاج.ئەجىبا بۇنىڭغا قانچىلىك دەسمىي كىتەر ؟!
    ئۆزىنى ئەركەك ھىساپلىغان ئەرلەر ئويلىنىپ بىقىڭلار. ئايالىڭىزغا توي قىلغاندىن بۇيان بىرتال ئەتىرگۇل سوۋغا قىلىپ باقتىڭىزمۇ ؟  


                      مەنبەسى : ئۆزۇم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tiwep تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-11-18 10:32 PM  


دىنىمنىڭ ئۇستۇنلىكى  -مىنىڭ شان-شەرپىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82554
يازما سانى: 1985
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7395
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1170 سائەت
تىزىم: 2012-7-6
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-18 11:04:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توغرا  چوقۇم ئۆزىمىزدىن باشلىشىمىز كېرەك.
ياخشى تېما!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84308
يازما سانى: 176
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 28
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 492 سائەت
تىزىم: 2012-8-25
ئاخىرقى: 2015-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-18 11:05:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆزىنى ئەركەك ھىساپلىغان ئەرلەر ئويلىنىپ بىقىڭلار. ئايالىڭىزغا توي قىلغاندىن بۇيان بىرتال ئەتىرگۇل سوۋغا قىلىپ باقتىڭىزمۇ ؟.........................
ئەركەك ھىساپلىغان ئەرلەر ئويلىنىپ بىقىڭلار  چۇ؟؟؟؟؟


ياخشى تىما يۇلاپسز      .


ئايالار پەقەت ئىرىدىن ،چىن كۆڭلىدىن چىقىرىپ  سۇزلىگەن  سۇزگە         ،جاپاتارتىڭىز  جانىم،   دىگەندەك  سۇزلەرنى  تەمە قىلىدۇ،،،،،،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45827
يازما سانى: 919
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6667
تۆھپە نۇمۇرى: 538
توردا: 1935 سائەت
تىزىم: 2011-6-27
ئاخىرقى: 2015-1-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-18 11:09:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا........
شۇ ئايالى تامىغىنى ئىتىپ ،بالىلىرىنى بېقىپ،پۇتىغا پۇت ،قولىغا قول بولمىسا ئۇ ئەرمۇ پۇل تاپالارمىدى؟
تەڭسىز جاھان-دە.......بۇ....

كىيىشىمىز ئەرەپچە،ئوينىشىمىز غەرىپچە،يىيىشىمىز...چە،بىز ئۇيغۇرما،گۈمان !

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12384
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32428
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4448 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-18 11:15:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆزئارا  كۆيۈنۈش  ،ئۆزئارا  ئىشىنىش، ئۆزئارا  چۈشىنىش ،ئۆزئارا  ھەمكارلىشىش...بەختلىك ئائىلە قۇرۇشنىڭ ئاساسى...

ئەر -ئاياللارنىڭ بىر -بىرىگە كۆيۈنۈشى ئۇلار ئوتتىرىسىدىكى مېھرى -مۇھاببەتنى كۈچەيتىدۇ....

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە
gilasmurabbasi بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-18 11:44:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58154
يازما سانى: 677
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6082
تۆھپە نۇمۇرى: 338
توردا: 180 سائەت
تىزىم: 2011-9-27
ئاخىرقى: 2014-11-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-18 11:47:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نۇرغۇن ئائىلىلەردە ئىناقسىزلىق.........

سەنمۇ قويساڭ ئۈمۈدۈڭنى نەۋرىگە
  مەنمۇ قويسام ئۈمۈدۈمنى نەۋرىگە
  نەۋرىلەردىن نەۋرىلەرگە يۈكلىنىپ
  كۆمۈلمەمدۇ ئۈمۈدىمىز قەبرىگە ?

  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41260
يازما سانى: 654
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5284
تۆھپە نۇمۇرى: 142
توردا: 4776 سائەت
تىزىم: 2011-5-18
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-18 11:53:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئائىلىدە قىلچە كۈيۈنۈشكە، ئېتبارغا ئىرىشەلمىسىمۇ باللىرىنىڭ يىتىم بوپ قېلىشىنى خالىماي چىشىنى چىشلەپ ئۆتۈۋاتقان ئاياللار نۇرغۇن

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
aptuwa + 10 توغرا دىدىڭىز .

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئوغرى گۇمانخور، يالغانچى قەسەمچى كىلىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87351
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 65
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 9 سائەت
تىزىم: 2012-11-17
ئاخىرقى: 2012-11-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-19 12:10:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
315 كىنو تورى ئەڭ ئىسىل كىنو ماكانى كىرمىگەن  پەقەت سىزلا قالدىڭىز  ئادىرىسمىز www.315kino.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86252
يازما سانى: 258
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 773
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 232 سائەت
تىزىم: 2012-10-19
ئاخىرقى: 2013-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-19 12:33:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياش ۋاقتىدا خۇتۇن  قىلدۇ. قىرىغاندا  بىشىغا  دەسسەيدۇ.بۇ كوپ قىسىم پۇلدار ئەرلەرنىڭ پسخىكا كىسلى .مۇشۇ  پۇل دىگەن  نەرسنى دە............   .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش