مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1937|ئىنكاس: 16

2-لېكسيە ۋە ئازات سۇلتاننىڭ تەرجىمھالى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35845
يازما سانى: 119
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 592
تۆھپە نۇمۇرى: 5
توردا: 199 سائەت
تىزىم: 2011-3-31
ئاخىرقى: 2014-11-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-18 01:14:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
-لېكسيە ۋە ئازات سۇلتاننىڭ تەرجىمھالى

لىكېسيە تېمىسى:قۇتادغۇ بىلىك

لېكسيە بەرگۈچى:پىروففىسور ئازات رەھمىتۇللا سۇلتان

لېكسيە مۇنبىرى:ئۇيغۇر ئالىملار مۇنبىرى

پىلانلىغۇچىلار:تاھىر ئىمىن،پەخردىن قارلۇق

ئۇيۇشتۇرغۇچى:شنجاڭ قارلۇق مېدىيا پەن-تېخنىكا چەكلىك شركىتى

قوللىغۇچى:شنجاڭ ئۆز تۈرك خەلقئارا سودا چەكلىك شركىتى

لېكسيە ۋاقتى:2012-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى (دۈشەنبە)

لېكسيە ئورنى:قارلۇق شركىتى يېغىن زالى (يەنئەن يولى شنخۇۋا كىتابخانىسى 4-قەۋەت)

ئەدەبىياتشۇناس  ـــ  ئازاد رەھمىتۇللا سۇلتان

ئابلىمىت قۇدرەت ھەمرا

(جۇڭگو ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە مۇقام ئىلمى جەمئىيتى تەتقىقاتچىسى،ئۇيغۇر ئالىملار مۇنبىرى تەرجىمھال بۆلۈمى)

ئازاد رەھمىتۇللا سۇلتان ـــ ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتشۇناسلىقىنىڭ تەرەققىياتى جۈملىدىن ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتى ھەققىدىكى تەتقىقاتنىڭ يۇقۇرى پەللىسىنى يارىتىش ئۈچۈن گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان ھەم قوشۇپ كېلىۋاتقان داڭلىق ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى، دوكتۇر ۋە ماگىستىر يېتەكچىسى، ئىقتىدارلىق ئەدەبىي تەنقىدچى، پىداگوك ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتچى. ئۇ مەيلى ئىلمىي تەتقىقاتتا بولسۇن ياكى يۇقىرى قاتلام ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەشتە ۋە ياكى ئىجتىمائىي پائالىيەتلەردە بولسۇن ئۆزنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە ئىنسانىي ۋىجدانىي بويىچە ئىش كۆرۈۋاتقان پىشقەدەم ئۇيغۇر زىيالىسى. ئوقۇتقۇچىلىقتىن ئىبارەت ئادەم تەربىيەلەيدىغان خاسىيەتلىك خىزمەتنى 30 نەچچە يىللار ئۆزىگە ھەمراھ قىلغان بۇ پىشقەدەم ئۇستاز ھەر خىل قاتلامدىكى مىڭلىغان ئۇيغۇر ئىلىم ئادەملىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىپ، رايونىمىز ئىجتىمائي تەرەقىياتىغا تېگىشلىك ھەسسە قوشىۋاتقان زىييالىلىرىمىزنىڭ بىرى.

‹‹ئالىملىرىمىزنى ھايات چىغىدا تونۇش ۋە چۇشىنىش ،ئۇلار بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولۇپ ئۇگۇتلىرىدىن ئىلھام ئىلىپ رىئاللىقىمىزنى ئاكتىپ تەرەپكە بۇراشقا تىرشچانلىق قىلىش ،شۇنداقلا ياش زىيالىلار ئار ئۆز-ئارا ھۆرمەتتە بولۇش –ئالىملىرىمىزنىلا ئەمەس ئۆزىمىزنىمۇ  قەدىرلىگەنلىكتۇر ، ھەممىمىزنىڭ ئەقەللى مەسئۇليتىدۇر. (تاھىر ئىمىن)

ھاياتى ۋە ئۆتىگەن خىزمىتى

     ئازاد رەھمىتۇللا سۇلتان 1951-يىلى ئۈرۈمچى شەھرىدە ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1978-يىلى 9-ئايدىن 1982-يىلى 7-ئايغىچە نەنكەي ئۇنىۋېرستېتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەنـدىن كېيىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. كېيىنچە فاكۇلتېت مۇدىرى،فىلىلوگىيە ئىنىستىتوتىنىڭ مۇدىرى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى،دۆلەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق پەن ـــ ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-ئەدەبىياتى كەسپىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 2003-يىل8-ئايدىن 2011-يىلىغىچە شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرستېتىنىڭ مۇدىرى  بولۇپ ئىشلىگەن. ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيتىنىڭ رەئىسى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. ئۇ ھازىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى پەنلىرى بويىچە ماگېستېر ئاسپىرانت يېتەكچىسى ھەم دوكتور ئاسپىرانت يېتەكچىسى.

تەربىيەلىنش ئەھۋالى ۋە ئەمەلىي خىزمەت تەجىربىسى

● 1969- يىلى 8- ئايدىن 1974- يىلى 4- ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى ئاراتۈرۈك ناھىيەلىك ھەربى ئات فىرمىسىدا قايتا تەربىيە ئالغان.

● 1974 - يىلى 1- ئايدىن 1978- يىلى 2- ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپدە ئوقۇتقۇچى بولغان.

●1978- يىلى 2- ئايدىن 1982- يىلى 2- ئايغىچە نەنكەي ئۇنۋېرىسىتى جۇڭگو تىللىرى فاكۇلتىتىدا خەنزۇ تىلى كەسپىدە تولۇق كۇرس ئوقۇغان.

●1982- يىلى 2- ئايدىن 1993- يىلى 1- ئايغىچە شىنجاڭ ئۇنۋېرىسىتى جۇڭگو تىللىرى فاكۇلتىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولغان.

●1993- يىلى 1- ئايدىن 1999- يىلى 11- ئايغىچە شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتى جۇڭگو تىللىرى فاكۇلتىتىنىڭ مۇدىرى بولغان. (بۇ ئارلىقتا يەنى 1995- يىلى 9- ئايدىن 1996- يىلى 7- ئايغىچە مەركىزى پارتىيە مەكتەپنىڭ شىنجاڭ سىنىپىدا ئوقۇغان).

●1999-يىلى 11- ئايدىن 2000- يىلى 1- ئايغىچە شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى بولغان.

●2000- يىلى 1- ئايدىن 2003- يىلى 8- ئايغىچە شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتى پارتىكومنىڭ مۇئاۋىن سىكىرتارى، مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان. (بۇ ئارلىقتا، يەنى، 2000- يىلى 5- ئايدىن 2000-يىلى 11- ئايغىچە مائارىپ مىنىستىرلىكى ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى ۋە ئىدىيە سىياسى خىزمەت باشقارمىسىنىڭ تەكلىپلىك مۇئاۋىن باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن).

●2003- يىلى 8- ئايدىن 2011- يىلى 10- ئايغىچە شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋىرسىتى پارتىكومىنىڭ مۇئاۋىن سىكىرتارى، مەكتەپ مۇدىرى بولغان.

●2011- يىلى 10- ئايدىن ھازىرغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كەلمەكتە.

● ئۇنىڭدىن باشقا يەنە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق 10- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەيئىتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، جۇڭگو ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە مۇقام ئىلمىي جەمئىيىتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شىنجاڭ لۇشۇن تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، «جۇڭگو خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى تەتقىقىاتى»، «تارىم»، «تەڭرىتاغ»، «شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر مۇنبىرى » قاتارلىق ئىلمىي ۋە ئەدەبىي ژۇرناللارنىڭ تەھرىر ھەيئىتى، «شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋىرىسىتى ئىلمىي ژۇرنىلى» ئۇيغۇرچە نەشرىنىڭ باش تەھرىرلىكى قاتارلىق مۇھىم ۋەزىپىلەرنىمۇ قوشۇمچە ئۆتەپ كەلمەكتە.

ئەدەبىي ھاياتى، ئالاھىدىلىكلىرى ۋە بىر قىسىم نەتىجىلىرى

● ئازاد رەھمىتۇللا سۇلتان ئۆزىنىڭ قوش تىلىدا بىمالال ئەسەر يازالايغان ئەۋزەللىكى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى قېرىنداش مىللەتلەرگە تونۇشتۇرۇشتا ئاز بولمىغان ئەجىرلەرنى سىڭدۈرگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆتكۈر كۈزىتىش ۋە ئانالىز قىلىش ئىقتىدارى، يۇقۇرى ئىپادىلەش ماھارىتى، ئىلمىي، ئادىل تەتقىقات پوزىتسىيسى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتشۇناسلىقى ساھەسىدە كۆپلىگەن ئىلمىي ئەمگەكلەرنى قىلىپ، بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتشۇناسلىقىمىزنىڭ يېڭى بىر پەللىسىنى يارىتىش ئۈچۈن گەۋدىلىك ھەسسىلەرنى قوشقان، شۇنداقلا ئەدەبىياتشۇناسلىقىمىزنىڭ مۇھىم ۋەكىللىرىدىن بىرىگە ئايلاندى.

●ئازاد رەھمىتۇللا سۇلتاننىڭ ئەدەبىي ھاياتى ھېكايە ئىجادىيتى ۋە ئەدەبىي تەرجىمە ئىشلىرى بىلەن باشلانغان.20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرى،  80-يىللىرىنىڭ باشلىرىدا ئۇنىڭ «بوران-چاپقۇندا»، «ئۆلگەن بۇغا» قاتارلىق ھېكايىلىرى ئېلان قىلىنغان، ئۇ مۇپاسساننىڭ «چىرايلىق دوست» رومانى  قاتارلىق جوڭگۇ ۋەچەت ئەلنىڭ كۆپلىگەن رومان،پوۋېست، ھېكايە، نەسىرلىرىنى، شۇنداقلا «جۇڭگو بۈگۈنكى زامان ئەدەبىيات تارىخى» قاتارلىق ئالىي مەكتەب دەرسلىكلىرىنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان.

●  ئازاد رەھمىتۇللا سۇلتاننىڭ ئەدەبىياتشۇناسلىق پائالىيتىدە دەۋرىمىز ئەدەبىياتىدىكى ھەر خىل ئەدەبىيات ھادىسلىرىنى ئاساسلىق تەتقىقات ئوبىكتى قىلغان ئەدەبىي تەنقىدچىلىكى ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئەدەبىي تەنقىدچىلىك پائالىيتى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا باشلاندى. ئۇ شۇندىن تارتىپ دىققەت مەركىزىنى دەۋرىمىزدىكى مۇھىم ئەدەبىيات ھادىسلىرىنى تەھلىل-تەتقىق قىلىپ باھالاش، بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولۇشقا قارىتىپ، 20-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم نامايەندىلىرىدىن بولغان زۇنۇن قادىرى، ئابلىز نازىرى، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، زوردۇن سابىر، ئابدۇكېرىم خوجا،خالىدە ئىسرايىل، ئەختەم ئۆمەر قاتارلىق داڭلىق ئەدىبلەرنىڭ ئىجادىيتى ھەققىدە مەخسۇس تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىپ، «يازغۇچى زۇنۇن قادىرى ھەققىدە»، «ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ پروزا ئىجادىيتى ھەققىدە»، «زوردۇن سابىر ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىكى يۈكسەكلىك»، «ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى يېڭى يۇلتۇز – يازغۇچى خالىدە ئىسرايىل» قاتارلىق  كۆپلىگەن ماقالىلارنى يازدى. بۇ ماقالىلار بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىنىڭ يېڭىچە ئىلمىي سەۋىيسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان تەتقىقات نەتىجىلىرى سۈپىتىدە ئەدەبىيات ساھەسى ۋە كىتابخانلار ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى. ئۇ يازغۇچى ۋە ئەسەرلەر تەتقىقاتىدىن باشقا يەنە ئەدەبىياتنىڭ ئومۇمىي مەسىللىرى ھەققىدىمۇ كۆپلىگەن تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىپ، «ئۇيغۇر پروزىسىدىكى تراگىدىيە ئېڭى توغرىسىدا»، «ئۇيغۇر دراماتورگىيسىنىڭ بۈگۈنكى سەھنىسىدە»، «ئۇيغۇر رومانچىلىقى ھەققىدە دەسلەپكى مۇلاھىزە»،«بىر ئەسىرلىك ئۇيغۇر ئەدەبىياتى توغرىسىدا»، «ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ 50 يىلى» قاتارلىق بىر تۈركۈم ماقالىلارنى يېزىپ،بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ھەققىدىكى تەتقىقاتنى تېخىمۇ كەڭلىككە ۋە چوڭقۇرلۇققا ئىگە قىلدى.

● ئازاد رەھمىتۇللا سۇلتاننىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتشۇناسلىقىنىڭ ئەدەبىيات تارىخى تەتقىقاتى ساھەسىگە قوشقان تۆھپىسىمۇ ئالاھىدە گەۋدىلىك. ئۇ ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتى تارىخى تەتقىقاتىنىڭ ئاساسچىسى بولۇپ، «بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى توغرىسىدا» ناملىق ئەسىرى بىلەن بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتقا ئاساس سالدى. 2002-يىلىغا كەلگەندە ئۇ كېرىمجان ئابدۇرېھىم بىلەن بىرلىكتە «ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئەدەبىيات تارىخى» ناملىق ئالىي مەكتەپلەر ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى كەسپى ئوقۇغۇچىلىرى ئورتاق ئىشلىتىدىغان دەرسلىكنى يېزىپ چىققان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئۇ ۋە جاڭ يۆ،نۇرمۇھەممەت زامان قاتارلىق ئوقۇتقۇچىلار بىرلىكتە يېزىپ چىققان تەتقىقات ئەسىرى - «20-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى» ناملىق خەنزۇچە كىتاب 2001-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىندى.بۇ ئەسەرنىڭ نەشىر قىلىنىشى ئۇيغۇر ھازىرقى ۋە بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتى تارىخى ھەققىدە خەنزۇ تىلىدا يېزىلغان كىتاب بولماسلىقتەك ھالەتكە خاتىمە بېرىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە خەنزۇ ۋە خەنزۇ تىلى قوللىنىلىدىغان مىللەتلەردىن بولغان تەتقىقاتچىلار ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇر ھازىرقى ۋە بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتى بىلەن تونۇشىشى،ئۇنى ئۈگىنىشى ۋە تەتقىق قىلىشىنى مۇھىم ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىدى.

● ئازاد رەھمىتۇللا سۇلتان ئىنتايىن ئىجتىھاتلىق ئەدەبىياتشۇناس. گەرچە ئۇ مەمۇرى ۋە ئىجتىمائىي خىزمەتلەر بىلەن تولىمۇ ئالدىراش بولسىمۇ، ئەمما ئالدىراشلىق ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتشۇناسلىقىغا دائىر تەتقىقاتلارغا ھەرخىل ئىلمىي پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتناشتى، تېخىمۇ مۇھىمى، ئۇ پۈتۈن شىنجاڭ مىقياسىدىكى  ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتشۇناسلىقىغا دائىر پەن قۇرۇلىشى، دەرسلىك قۇرۇلىشى،قوشۇن قۇرۇلىشى قاتارلىق بىر يۈرۈش خىزمەتلەرنى ئۆزىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم خىزمىتى ۋە مەسئۇلىيتى قاتارىدا كۆرۈپ، كۆپلىگەن ئەمەلىي ۋە پايدىلىق ئىشلارنى ئىشلىدى. ئۇ شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتىدا ئىشلىگەن مەزگىللەردە بۇ مەكتەپتە جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-ئەدەبىياتى (ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى) بويىچە دوكتور تەربىيلەش نۇقتىسى قۇرۇش، دوكتور ئاشتىلارنىڭ ئىلىم ئالماشتۇرۇش مەركىزى قۇرۇش، جوڭگۇ ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-ئەدەبىياتى (ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى) كەسپىنىڭ مەملىكەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق پەن قۇرۇلىشى تۈرىگە كىرىشى قاتارلىق بىرقاتار زور ئەھمىيەتلىك ئىشلارغا بىۋاستە قاتناشتى ھەم ئۇلارغا يېتەكچىلىك قىلدى.

● ئازاد رەھمىتۇللا سۇلتان ھوسۇللۇق تەتقىقاتچى. پەقەت 2006-يىلىنىلا ئېلىپ ئېيتىدىغان بولساق،بۇ يىلدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتشۇناسلىقىغا دائىر مۇھىم تەتقىقات نەتىجىلىرى ھېسابلىنىدىغان، مىللەتلەر نەشرىياتى 2006-يىلى 4-ئايدا نەشىر قىلغان  4 قىسىم 5 توملۇق «ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى» ناملىق كىتابنىڭ بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتى بۆلىكىنىڭ باش مۇھەررىرى بولدى ھەم بۇ بۆلەكنى تۈزۈشكە بىۋاستە قاتناشتى. ئۇنىڭ باش تۈزگۈچىلىكىدە  شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى نەشرىياتى 2006-يىلى 4-ئايدا نەشىر قىلغان 2 قىسىملىق «شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ ئەدەبىياتى توغرىسىدا» ناملىق كىتاب ئەدەبىيات تەتقىقاتى جەھەتتىكى يەنە بىر مۇھىم ئەمگەك بولۇپ، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر،قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تاجىك، شىبە، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ 20-ئەسىردە مەيدانغا كەلگەن مۇھىم ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى تەتقىق قىلىشنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان بۇ تەتقىقات كىتابى مۇشۇ ساھەدىكى چوڭ بىر بوشلۇقنى تولدۇرغان. 2006- يىلى شىنجاڭنىڭ ئەدەبىيات تەتقىقاتى ساھىسىدە زور داغدۇغا پەيدا قىلغان، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2006-يىلى 5-ئايدا خەنزۇچە نەشىر قىلغان  4 توملۇق «شىنجاڭنىڭ بۈگۈنكى زاماندىكى كۆپ مىللەتلىك ئەدەبىيات تارىخى» ناملىق كىتابنى تۈزۈشكە بىۋاستە قاتنىشىپ،كىتابنىڭ ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتى ھەققىدە ئومۇمىي بايان، بۈگۈنكى زاماندىكى ئۇيغۇر شېئىرىيتى قاتارلىق قىسىملىرىنى تۈزۈشكە قاتناشتى  ھەم پۈتۈن كىتابنىڭ باش تۈزگۈچىلىرىدىن بىرى  سۈپىتىدە پۈتۈن كىتابنىڭ تەشكىللىنىشى ۋە تاماملىنىشىغا مۇناسىپ ھەسسىلەرنى قوشتى.2006- يىلىنىڭ بېشىدا «تارىم» ژورنىلىدا «ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ 50 يىلى » ناملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ يېرىم ئەسىرلىك تارىخى مۇساپىسىنى ئىلمىي ۋە تارىخى يوسۇندا يەكۈنلەپ چىقىپ، مۇھىم ئەدەبىياتشۇناسلىق نەتىجىسىنى ياراتتى. بۇلاردىن باشقا ئۇ يەنە ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى دەرسىنىڭ ئاپتونۇم رايۇن بويىچە سەرخىل دەرس قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشى ، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى تارىخى دەرسلىكىنىڭ قايتىدىن تۈزۈلىشى، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى تارىخىغا دائىر ئەسەرلەردىن تاللانما دەرسلىكىنىڭ تۈزۈلىشى قاتارلىق دەرسلىك قۇرۇلىشى خىزمىتىنى زور دەرىجىدە قوللىدى.

  ●  ئازاد رەھمىتۇللا سۇلتان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا مۇناسىبەتلىك كۆپلىگەن دۆلەت دەرىجىلىك ۋە ئاپتونۇم رايۇن دەرىجىلىك تەتقىقات تېمىلىرىنىڭ رىياسەتچىسى. ئۇ ھازىرغىچە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ دۆلەتلىك پەلسەپە-ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى پىلانىغا كىرگۈزۈلگەن«ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتى تەتقىقاتى»، «شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھازىرقى ۋە بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىدىكى مۇھىم ئەسەرلىرى ھەققىدە تەتقىقات» قاتارلىق تەتقىقات تېمىلىرىغا، مائارىپ مىنىستىرلىكى پەلسەپە-ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقات پىلانىغا كىرگۈزۈلگەن «20-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىيات تارىخى» ناملىق تەتقىقات تېمىسىغا، ئاپتونۇم رايۇنلۇق پەلسەپە –ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى پىلانىغا كىرگۈزۈلگەن «ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ نەزەرىيسى ھەققىدە تەتقىقات» ناملىق تەتقىقات تېمىسىسىغا  رىياسەتچىلىك قىلىپ ھەم بۇ تەتقىقاتلارنىڭ بىرقانچىسىنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى  ھەققىدە چوڭ ۋە مۇھىم تەتقىقاتلارنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىغا، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ھەققىدىكى تەتقىقاتلارنىڭ كۆلەملىشىشىگە، تەتقىقاتچىلار قوشۇنىنىڭ زورىيشىغا،شۇنداقلا گەۋدىلىك تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ مەيدانغا چىقىشىغا زور تۆھپىلەرنى قوشتى.

●  ئازاد رەھمىتۇللا سۇلتان ئالىي مەكتەپلەر ئورتاق ئىشلىتىدىغان دەرسلىكلەرنى تۈزۈش جەھەتتىمۇ ئاز بولمىغان ئەمگەكلەرنى ئىشلىدى. ئۇ تۈزگەن ۋە تۈزۈشكە قاتناشقان «جوڭگۇ بۈگۈنكى زامان ئەدەبىيات تارىخى»، «ئەدەبىيات نەزەرىيسى»، «ئالىي مەكتەبلەر تىل-ئەدەبىياتى»، «ئەدەبىيات-سەنئەت نەزەرىيسى ئاساسلىرى»، «ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئەدەبىيات تارىخى» قاتارلىق دەرسلىك كىتابلار شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى،شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى نەشرىياتى،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى قاتارلىق نەشرىياتلار تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىپ، شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەبلەردە دەرسلىك قىلىپ قوللىنىلىۋاتىدۇ.

تەشكىللىگەن ئىلىمىي پائالىيەتلىرى، ئىلمىي لىكسىيەلىرى ۋە چەتئەللەردىكى ئىلىمي زىيارىتى

●2009- يىلى لۇشۇن ئەدەبىيات ئىنستىتۇتىدا ھەر مىللەت يازغۇچىلىرىغا ئۇيغۇر ئەبىياتىدىن لېكسىيە بەردى.

● بۇ يىل، يەنى 2012- يىلى، يىل بېىشىدىن باشلاپ شىنجاڭ يازغۇچىلىرى سىمىنارىيىسنى تەشكىللەپ، ھەر قايسى يۇرتلارغا بېرىپ لىكسىيە سۆزلىدى.

ئۈرۈمچىدە ياش شائىرلار، ئوبزورچىلار، ئەدەبىي تەرجىمانلارنىڭ 7-، 8-، قېتىملىق قىسقا مۇددەتلىك تەربىيەلەش كۇرسىنى تەشكىللەپ ئۆزىنىڭ ئەدەبىيات چۈشەنچىسىنى بەردى.

●2012- يىلى 10- ئاينىڭ 21- كۈنىدىن 24- كۈنىگىچە لوپنۇردا«لوپنۇرلۇقلار ۋە لوپنۇر مەدەنىيتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى»نى تەشكىللىدى.

● شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتىدا «ئۇيغۇر رومانچىلىقى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى»نى ئاچتى.

● «نەۋايى ئەسەرلىرى توپلىمى»نى رەتلەش، نەشر قىلىش خىزمىتىنى تەشكىللەش خىزمىتىگە باشتىن ئاخىر يېتەكلچىلىك قىلدى ۋە 2011- يىلى 11- ئايدا ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان «ئەلىشىر نەۋايى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 570 يىللىقىنى  خاتىرلەش خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يغىنى»نى تەشكىللەشكە قاتناشتى.

● قىرغىزلارنىڭ داڭلىق ئىپوسى «ماناس»نىڭ ب د ت «ئىنسىنىيەت ئاغزاكى مەدەنىيەت مىراسلىرى» غا كىرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن شىنجاڭ پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىلمىي يىغىننى تەشكىللىدى ۋە مۇھىم سۆز قىلدى.

● ئاپتونۇم رايونىىزىمىزدىكى تەسىرى بىر قەدەر چوڭ بولغان ئىلمىي مۇكاپاتلاردىن «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»، «ئەركىن روزى نامىدىكى ئوبزور ئەدەبىي ئاخبارات مۇكاپاتى» قاتارلىق مۇكاپاتلارنى تەشكىللدى ۋە باھالاشقا قاتناشتى.

●2011- يىلى ئاپتونۇم رايونلۇق كۇتۇبخانىدا ھەر مىللەت ئاڭلىغۇچىلىرىغا «ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىكى بىباھا گۆھەر ــــ قۇتادغۇ بىلىك» تېمىسىدا ئىلمىي دوكلات بەردى.

●2012- يىلى 11- ئاينىڭ 12- كۈنى جۇگو سودا مىنىستىرلىكىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىزغا زىيارەت ۋە ئىلىم ئالماشتۇرۇشقا كەلگەن تۈركىمەنىستاننىڭ بىر قىسىم مىنىستىرلىرى ۋە مەدەنىيەت ئەمەلدارلىرىغا «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە ‹قۇتادغۇ بىلىك› دېگەن تېمىدا دوكلات بەردى ۋە مىھمانلارنىڭ يۈكسەك ئىتىبارىنى قوزغىدى.

●2012- يىلى 11- ئۆكتەبىر قازاقىستاندا ئاتاقلىق پىداگوگ، سابىق مائارىپ مىنىستىرى ئايشە كۆكباي قىزىنىڭ 70 يىللىقىنى قۇتلۇقلاش مۇناسىۋىتى ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق ئىلمىي كونفىرەنسىدە «زامانىيۋىلىك يولىدىكى پىداگوگىكا مائارىپى توغرىسىدا» نامدىكى ماقالىسىنى ئوقۇپ، پىداگوگىكا مائارىپى ھەققىدە ئۆزىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرغا قويدى.

(كېرىمجان ئابدۇرېھىمنىڭ شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ماقالىسى، بەيدۇ قامۇسى ۋە ئۇستاز ئازات رەھمىتۇللا سۇلتاننىڭ يېقىندا بەرگەن ئۇچۇرلىرىغا ئاساسەن تەييارلاندى)


بۈيۈك نىشانىم: ھەقىقەتتە مېڭىش

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26921
يازما سانى: 426
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7458
تۆھپە نۇمۇرى: 293
توردا: 5849 سائەت
تىزىم: 2011-1-19
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-18 06:04:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   بۇ تەرجىمھالىكەنغۇ،لىكسىيەسى قىنى؟

رەببىمدىن شۇنداق ئىمان ئارزۇ قىلىمەنكى ، ئىمانىم سەۋەبىدىن شۇنچىلىك قىيىن قىستاققا ئېلىنىۋاتقان بولساممۇ يەنىلا ھىچ تەۋرەنمەي بىر ئاللاھ دىن باشقا ئىلاھ يوق،مۇھەممەد ئۇنىڭ پەيغەمبىرىدۇر دەپ جان تەسلىم قىلىش.شۇ چاغدىلا ھەقىقى مۆئمىنلىكىمگە ئىشىنەتتىم.

يۇرت_ئوغلانى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34400
يازما سانى: 785
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6231
تۆھپە نۇمۇرى: 226
توردا: 143 سائەت
تىزىم: 2011-3-19
ئاخىرقى: 2012-12-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-19 04:29:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
لىكسىيەچۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29777
يازما سانى: 103
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5296
تۆھپە نۇمۇرى: 391
توردا: 1044 سائەت
تىزىم: 2011-2-9
ئاخىرقى: 2014-12-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-19 10:03:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
zohran1 يوللىغان ۋاقتى  2012-11-18 06:04 PM
بۇ تەرجىمھالىكەنغۇ،لىكسىيەسى قىنى؟

لىكسىيەگە سىلەرنى بارسۇن دەپ تەرجىمالىنى لىكسىيە ئورنىنى بالدۇر  يوللاپ قويۇپتۇ

تىرىشقان يەردە قالماس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29777
يازما سانى: 103
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5296
تۆھپە نۇمۇرى: 391
توردا: 1044 سائەت
تىزىم: 2011-2-9
ئاخىرقى: 2014-12-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-19 10:03:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
YURT OGLANE يوللىغان ۋاقتى  2012-11-19 04:29 AM
لىكسىيەچۇ؟

لىكسىيەگە سىلەرنى بارسۇن دەپ تەرجىمالىنى لىكسىيە ئورنىنى بالدۇر  يوللاپ قويۇپتۇ

تىرىشقان يەردە قالماس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68147
يازما سانى: 517
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4309
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 235 سائەت
تىزىم: 2011-12-2
ئاخىرقى: 2014-8-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-19 10:25:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
لېكسىيەنى ئاڭلىغۇم بار ئىدى..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87376
يازما سانى: 605
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 854
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 35 سائەت
تىزىم: 2012-11-18
ئاخىرقى: 2013-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-19 12:24:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
لېكسىيە قېنىدۇ

مۇنبەردە قالايمىقان پۈچەك ئىنكاس يازماڭ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81021
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3419
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 36 سائەت
تىزىم: 2012-6-3
ئاخىرقى: 2014-9-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-19 03:56:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
لېكىسىيەگە باردۇق دەپلا بارغىلى بولمايدۇ-دە، كىم سۆزلەيدۇ؟ نېمە تۇغرىلىق سۆزلەيدۇ؟،سۆزلىگۇچى نېمە ئىش قىلىدىغان ئادەم؟ دىگەن نۇقىتىلاردا قاتناشقۇچىلارغا ئەتراپلىق ئۇچۇر بېرىلىپتۇ. بەك مەمنۇن بولدۇم.
ئەمما ۋاقىت (سائەتى) يېزىلماپتۇ. ئۇيغۇردا ۋاقىت ھەقىقەتەن جىق بولسىمۇ،  بىر ئادەمنىڭ لېكسىيەسىنى بىر كۈن  ئاڭلىغۇدەك ۋاقىت يوق جۇمۇ... ھا ھا ھا  
ۋاقتىنى بىلىدىغانلار يوللاپ قويۇڭلار...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5257
يازما سانى: 54
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8584
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 148 سائەت
تىزىم: 2010-7-31
ئاخىرقى: 2015-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-19 04:54:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىمىغا مۇناسىۋەتسىز بولۇپ قالدى شۇنداق بولسىمۇ بىلمىگەننى سوراش ئەيىپ ئەمەس. بىلىدىغانلار ماڭا دەپ بەرسەڭلا.
بۇ ھىلىقى رايۇنىمىزدا يولغا قويۇلغان «قوش تىل» ئوقوتۇش لايىھىسىنى تۈزۈشكە يىتەكچىلىك قىلغانمۇ ياكى قاتناشقانمۇ ئىش قىلىپ رايۇنىمىزنىڭ «قوش تىل» ئوقوتۇش، مىللىتىمىزنىڭ بىلىم ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش قاتارلىق تەرەپلەردىن كۈچ چىقارغان مائارىپچىمىز مۇشۇ شۇمۇ.
(مەن رايۇنىمىزنىڭ «قوش تىل» ئوقوتۇش لايىھىسىنى تۈزۈش خىزمىتىگە ئازات سۇلتان كۆپ كۈچ چىقىرىپتىكەن دىگەن بىر خەۋەرنى ئاڭلىغان ئىدىم)
مۇشۇ ئىنكاسىم ئارقىلىق ئارىمىزدىكى مۇشۇنداق ياخشى كىشىلەرنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىنى ئۈمىت قىلىمەن.  

جاھاندا بىكارلىق تاماق يوق. ئەقلىڭنىڭ ئۈستىگە نەپسىڭ مىنىۋالمىسۇن.

باشقىلارغا تەبە

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18033
يازما سانى: 2343
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7575
تۆھپە نۇمۇرى: 306
توردا: 7694 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-19 10:33:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
لىكسىيەنى قارلۇق شىركىتىدە سۆزلەۋاتىدۇ. لىكىسەنىڭ ئۈن فىلىمى پات ئارىدا چىقىشى مۇمكىن.

ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقى بولسۇن.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش