بولسا itunesدېكى ئادرىسىنى قېتىپ قويسىڭىز تورداشلارغا تېخىمۇ قولايلىق بولاتتى
بۇ دېتاللارنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن spp storeدىن qarluqدەپ ئىزدىسەڭلار ھەممىسىنى قاتار قىلىپ تىزىپ بېرىدۇ.
دېتاللارنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ بېرەي
1-خاتىرەم دېتالى-ئىسمىدىنلا چىقىپ تۇرىدۇ، سىز بۇ دېتال ئارقىلىق ئۆز ئانا يېزىقىمىزدا ئىشلارنى، خەۋەرلەرنى خاتىرلىيەلەيسىز، يېڭى نەشرىدە ساقلاش ئىقتىدارى ۋە خەت رەڭگىنى ئۆزگەرتىش ئىقتىدارى قاتارلىق بىرقانچە ئىقتىدارى قوشۇلدى.
2-تاتلىق ئېلىپبە-بۇ دېتال ئۇيغۇر بالىلىرى ۋە باشقا مىللەت قېرىنداشلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىپبەسىنى ئۆگىنىشى ئۈچۈن چىقىرىلغان. لايىھەلىنىشى كۆركەم، ئىشلىتىشكە بەكلا قولايلىق، ئوماق پەرزەنتىڭىز ئىچىدىكى كارتون ۋە ناخشىلارغا مەپتۇن بولغاچ ئۆزىمۇ بىلمەي ئېلىپبەدىن ساۋادىنى چىقىرىپ كېتىدۇ. ھەرپلەرنى ئوقۇپ بېرىش، ئىزلاپ يېزىش ئىقتىدارى بار.
3-ئوكيان خەۋەرلىرى-ئۇيغۇر توربەتلىرى ئىچىدىكى ئەڭ سەرخىل خەۋەرلەردىن بەھىرلىنەي دېسىڭىز ئوكيان خەۋەرلىرىنى كۆرۈڭ. مۇنتىزىم تەرجىمانلار تەرجىمە قىلىدۇ. سۈپەتكە ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئەخلەت ئۇچۇرلاردىن ئەنسىرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
4-گۈدۈك-ئۇيغۇر تور دۇنياسىدىكى ئەڭ سەرخىللار توپلاشقان مىكرو بلوگنىڭ يانفون نۇسخىسى. سىز ئۆزىڭىز ئەگەشكەن گۈدۈكچىلەر يوللىغان ئۇچۇرلاردىن ھەرقانداق ۋاقىتتا بەھرىمان بولالايسىز، ئۆزىڭىزمۇ خالىغان ۋاقىت، خالىغان جايدا گۈدۈك يوللاپ ئەتراپىڭىزدىكى ئىشلاردىن گۈدۈكداشلارنى خەۋەردار قىلالايسىز.
5-سالام ئەلى-ھېلىقى دورامچۇق مۈشۈكنى ياقتۇرىدىغانلار كۆپقۇ دەيمەن، ئەلىمۇ دەل شۇنىڭدەك بىر دېتال، بىراق ئاۋازىڭىزنى دورىيالمايدۇ. ئۇ سىزگە راۋاپ چېلىپ بېرىدۇ، ھەرخىل قىزىقارلىق ئويۇنلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئاچچىقى كېلىپ قالسا پىچاق ئېتىپ ئىكرانىڭزنى چېقىۋىتىدۇ
6-شەخسلەر-بىلقۇت شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ چىقارغان دېتال. ئىچىدىكى ئۇيغۇر تارىخىدىكى مەشھۇر شەخسلەرنىڭ ئىش ئىزلىرى تونۇشتۇرىلىدۇ. بالىلارغىمۇ ماس كېلىدۇ، ئىچى پۈتۈنلەي كارتون سىزما بىلەن سۆزلەنگەن
7-دەستارپىچ-بۇ ئاتالغۇ بولسا ئۇيغۇر قەدىمكى زاماندىكى ئوردا كېيىم-كېچەكلىرىنى باشقۇرۇدىغان مەسئۇل ئەمەلدارنىڭ نامىدىن ئېلىنغان. ئۆزىڭىز رەسىمگە تارتىپ ياكى يانفوندا ساقلانغان رەسىملەرنى كىرگۈزۈپ ئۇنىڭغا ئۇيغۇر دوپتتا، تۇماقلىرىنى ياغلىق تەلپەكلىرىنى كەيدۈرەلەيسىز. ئىشلىتىش ناھايىتى قولايلىق.
8-ئوكيان لۇغىتى-جەمئىي 2خىل، بىرى ھەقلىق يەنە بىرى ھەقسىز. قوشتىللىق لۇغەت(ئۇيغۇرچە خەنزۇچە)
قارىساڭلار دېتاللارنىڭ سىن بەلگىسىمۇ ناھايىتى سىپتا لايىلەنگەن. بىر دېتالنى ياساپ چىقىشى ئۈچۈن بىرقانچە گۇرۇپپا تەڭ ھەمكارلىشىپ ئىشلەيدۇ. پىروگىراممىرلار كودىنى يازسا، گىرافىك سەنئىتىدىكى ماھىرلار ئۇنىڭ بېزەك ئىشلىرىنى قىلىدۇ. قارلۇقتا ئۇيغۇرنىڭ ئۇيۇشۇش، ئىتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىش روھى ھەقىقى ئەكىس ئەتۈرۈلگەن.
مېھمانلارغا رەھمەت